كۆرۈش: 258|ئىنكاس: 0

ئەپچىلەم بىلەن سەلەيباينىڭ كېيىنكى قىسمىتى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئەپچىلەم بىلەن سەلەيباينىڭ كېيىنكى قىسمىتى
(ئۇيغۇرخەلق چۆچىكى«ئۆجمە سايىسى»نىڭ داۋامى)

  ئەلقىسە،سەلەي بايپۇل-پۇچەك،ئاشلىق-تۈلۈك،چاگىن-چاھارپاي ۋە بىرقىسىم دېھقانچىلىق سايمانلىرىنى ئېلىپ،خوتۇن—بالىلىرىنى ھارۋىلارغا سېلىپ ئۆي-ماكان ۋە ئەل-جامائەتنى تاشلاپ ياققايۇرتلارغا راۋان بولۇپتۇ.
   ئەمدى باينىڭ ئۆجمىسىلا ئەمەس،ئۆي-ئىمارەت ۋە باغ-ۋارانلىرىنىڭ ھەممىسى ئەپچىلەملەرگە ئوڭچەقاپتۇ.ئەپچىلەملەر ئۆجمە سايىسىنى تاشلاپ باغنى ماكان قىلىپتۇ.باغدىن ئادەملەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەپتۇ. پۈتۈن ياز،كۈز ۋە باغدىكى مەي باغلاپ پىشقان مېۋىلەر تۈگەپ سۇغۇق كىرگۈچە باغدا مەشىرەپ قايناپتۇ. ئېرىق چېپىش،ئۆستەڭ رېمونتلاش ۋە كېلەر يىلنىڭ غېمىنى قىلىش ھېچكىمنىڭ خىيالىغا كىرىپ چىقماپتۇ.
  شۇ يىلى قىش بەكمۇ سۇغۇق بولۇپتۇ.مەھەللىدىكىلەر سەلەي باينىڭ بېغىدا ئوينىغان مەشىرەپلىرىگەبۇرنى-قۇلقىغىچە تويۇپتۇ. قىشنى بىر ئاماللار قىلىپ چىقىرىپتۇ. ئەمما يېڭى بۇغدايغا ئۇلاشقىچە نۇرغۇن ئائىلىلەرنىڭ ئۈزۈك-تۈلۈكى تۈگەپ مەھەللىنى ئاچارچىلىق ۋەھىمىسى قاپلاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئەپچىلەمنىڭ  دوست-بۇرادەرلىرىنىڭ ھەممىسى جان بېقىش يولى ئىزدەپ مەھەللىنى تاشلاپ سەرسان بولۇپ چىقىپ كېتىپتۇ. ئىككىنچى يىلى يازدا ئەپچىلەممۇ سەلەي بايدىن غەنىمەت ئالغان ئۆيىدە نامراتلىق،ئاچلىق ۋە كېسەللىك جېنىغا پېتىپ چولاق راۋابنى قۇچاقلىغان پېتى ئۇ دۇنياغا راۋان بولۇپتۇ. نامازغاكەلگەن ئەل- جامائەت قارىغۇدەك بولسا بۇ قورۇدا ئەينى ۋاقىتتىكى باراقسان ئۆجمىلا ئەمەس،باغ-ۋارانلاردىكى تۈرلۈك تۈمەن مېۋىلىك دەرەخلەرنىڭمۇ ھەممىسى قۇرۇپ قاخشال بولۇپ قالغان ئىكەن.
    شۇنداق قىلىپ سەلەي باينىڭ قورۇجاي،باغ-ۋارانلىرى تەل-تۈكۈس خارابىلىققا ئايلىنىپتۇ. يىللارنىڭ ئۆتۈشى ۋەيۇرت-ماكانىنى تاشلاپ چىقىپ كېتىغانلارنىڭ كۆپىيىشى بىلەن سەلەي باينىڭ قورۇسىدىن باشلانغان خارابىلىق تېخىمۇ كېڭىيىپ ئون يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە پۈتۈن يۇرت سايىدايدىغان بىر تۈپمۇ دەرەخ تاپىقىلى بولمايدىغان تاشلاندۇق ماكانغا ئايلىنىپ قاپتۇ. كىشىلەر تۇغۇلۇپ ئۆسكەن يۇرت-ماكانىنى تاشلاپ تەرەپ-تەرەپكە خۇددى قۇمدەك چېچىلىپ كېتىپتۇ. ئۇلار ئۆزلىرى بارغانلىكى يۇرتتا بىكار ۋاقىتلىرىدا دائىم ئەپچىلەم ئىسىملىك راۋاپچى يىگىتنىڭ سەلەي ئىسىملىك پىىخسىق باينىڭ ئۈجمىسىنىڭ سايىسىنى سېتىۋېلىپ،ئۇنى قانداق باپلاپ ئۆي-ماكانىنى تاشلاپ چىقىپ كېتىشكە مەجبۇرقىلغانلىقىنى ھېكايە قىلىشىپتۇ.     
    شۇنىڭ بىلەن بۇ ھېكايە ئەۋلاتمۇ-ئەۋلاد داۋاملىشىپ كەمبەغەللەرنىڭ بايلارنى مەسخىرە قىلىپ،ئۆزلىرىگە تەسەللى بېرىغان  كاتتا ئەرمىكىگە ئايلىنىپ قاپتۇ.
    ئەمدى سەلەيبايغا كەلسەك،ئۇ خوتۇن بالىلىرى بىلەن ھارۋىدا قىرىق كېچە—كۈندۈز يول يۈرۈپ قىرىق بىرىنچى كۈنى بىر تاغدىن ھالقىپ ئۆتۈپ ئىككى قىرغىقىدا تۈرلۈك—تۈمەن ئۈسۈملۈكلەرياپ-يېشىل كۆكلەپ تۇرغان كىچىكرەك بىر دەرياغا دۇچ كېلىپتۇ. سەلەي باي ئات-ئۇلاغلىرىنى ھارۋىدىن چىقىرىپ سۇغۇرۇپ ئوتقا قويۇپ بەرگەندىن كېيىن كەتمەننى ئېلىپ ئاۋۋال كىچىكرەك بىر ئورەك كولاپتۇ. ئاندىن تىندۇرۇپتۇ. ئورەك تولۇپتۇ.بىراق كولىغاندا ئالغان توپا ئېشىپ قاپتۇ.
   —مۇشۇ يەرگەماكانلىشىمىز!— دەپتۇ ئۇ كۆز يېشىنى ئېقتىپ ئولتۇرغان خوتۇن-بالىلىرىغا. سەلەي بايخام سېمىز ئوغلى بىلەن كارىز كولاپ لاي ئىتىپ،كېسەك قويۇپ، بىر ئايغا يەتمىگەنۋاقىت ئىچىدە دەريا ياقىسىدىكى تۆپىلىككە ئۈچ ئېغىزلىق بىر ئۆي ئۈندۈرۈپتۇ. شۇيىلى ئۇلار دەريا ياقىسىدىكى ئۆيىدە بېلىق گۆشىنى ئاساسلىق ئوزۇق قىلىپ مال-چارۋىلىرىنى بېقىپ خاتىرجەم ياشاپتۇ. كۈزنىڭ ئوتتۇرلىرىدا سەلەي باي خوتۇنى بىلەن قىزىنى ئوغلىغا ئامانەت قالدۇرۇپ ئۆزى بىرەر يۇرت بولۇشى مۇمكىن دەپ ئويلىغان يۆنىلىشكەقاراپ ئات سېلىپتۇ. كەچ كۈز كىرىپ دەريا بۇيىغا خېلىلا سوغۇق چۈشكەن بىر ئەتىگىنى سەلەيباي ئۈچ نەپەر مەدىكار بىلەن كۆچەت بېسىلغان بىر ھارۋىنى ئېلىپ خوتۇن-بالىلرىنىڭ كۆز ئالدىدا پەيدا بولۇپتۇ.
   شۇ كۈنى كۆچەت تىكىپ سۇ باشلاش بىلەن كۈن ناھايىتى تېزلا ئولتۇرۇپ قاراڭغۇ چۈشۈپتۇ. ئەتىسىدىن باشلاپ مەدىكارلار يەنە بىر ھەپتە سەلەي باينىڭ يېتەكچىلىكىدە قىر سېلىش،ئېرىق چېپىش بىلەن مەشغۇل بولۇپتۇ. سەلەي بايلار ئاخىرى ئۆزلىرى قىر سالغان ناھايىتى كۆپبوز يەرلەرگە سۇ باشلاپتۇ. ئىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن داستىخان ئۈستىدە سەلەي باي مەدىكارلارنىڭ ئىش ھەققىنى دىيىشكىنى بويىچە بېرىپ،ئەتيازلىققا يەنە كېلىشىنى تاپىلاپ چىرايلىق ئۇزۇتۇپ قويۇپتۇ.
    كېيىنكى يىلى ئەتيازدا سەلەي باينىڭ باغقا ۋە ئىشىكلىرىنىڭ ئالدىغا تىككەن بارلىق كۆچەتلىرىنىڭ ھەممىسى شۇنداق ياخشى كۆكلەپتۇ. بۇ قېتىم سەلەي باي ئىشىكىنىڭ ئالدىغىلائەمەس،ئۆزى ياسسىغان  يول بويىغىمۇ نەچچەيۈز تۈپ ئۆجمە كۆچىتى تىككەن ئىكەن. مەدىكار ئىشلەيدىغانلارمۇ خېلىلا كۆپىيىپتۇ.ئۇلاردىن بەزىلىرى سەلەي بايغا ئوخشاش دەريا بويىدىن بوز يەر ئېچىپ تېرىقچىلىق قىلىپتۇ،ئۆي-ماكان سېلىپتۇ.مال-چارۋا بېقىپتۇ. سەلەي باينىڭ بۇيرىقى بويىچە باغ بىنا قىلىپ ئىشىكلىرىنىڭ ئالدىغا ئۆجمە كۆچىتى تىكىپتۇ….
   ئون يىلغايەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە بۇ خىلۋەت ماكاندا بىردىنلا ئادەملەر كۆپىيىپ،يېڭى بىربوستانلىق پەيدا بولۇپتۇ. بۇ بوستانلىقنى مەيلى بۇ يەردىكىلەر بولسۇن ياكى سىرتتتىن كېلىپ كېتىدىغانلار بولسۇن بىردەك«ئۈجمىلىك»دەپ ئاتىشىدىكەن.ئۆجمىلىكنىڭ ئۆجمىلىرى غېرىب-مۇساپىرلارنىڭلا ئەمەس،ئۇچار قۇشلارنىڭ ناھايىتى ئامىراق ئۇزۇقى ئىكەن. قېرىپ مۆكچىيىپ قالغان سەلەي باي دائىم ئۆزىنىڭ نەۋرە-چەۋرىلىرىگە ۋە بۇمەھەللىدىكى باشقا بالىلارغا ئۆجمە دەرىخىنى كەسسە،ئۆجمە شېخىنى سۇندۇرسا يامان بولىدىغانلىقى ھەققىدە نەسىھەت قىلىدىكەن.
مەنبەسى :  ئۆزۈم

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش