ئەخەت تۇردىنىڭ « ھايات شۇنداق » رومانىدىن ئېلىنغان جۈملىلەر مەن يېقىندا يازغۇچىمىز ئەخەت تۇردىنىڭ « ھايات شۇنداق » ناملىق ئەسىرىنى ئوقۇپ تۈگەتكەن ئىدىم . شۇڭا بۇ روماندىكى شەخسەن ئۆزۈم ياقتۇرغان سۆز-جۈملىلەرنى ۋە شېئىرلارنى تەۋپىقداشلار ھوزۇرىغا سۇندۇم . قېنى ئەمىسە باشلامدۇق؟ ھايات شۇنداق . ئۇنىڭدا ياشاۋاتقان ھەرقانداق ئادەم —— مەيلى ئۇ شاھ ۋە گاداي بولسۇن ، مەيلى ئۇ ئوڭ ياكى ساراڭ بولسۇن ، مەيلى ئەر ياكى ئايال بولسۇن ، —— ئۆزىگە خاس نام ۋە ئىز قالدۇرىدۇ . ھاياتتا ئۆتمۈش بىلەن ھازىر ،گۈزەللىك بىلەن رەزىللىك ، يورۇقلۇق بىلەن قاراڭغۇلۇق ، بايلىق بىلەن گادايلىق ، پاكلىق بىلەن چىرىكلىق ، سەمىمىيلىك بىلەن ساختىلىق ، مۇھاببەت بىلەن نەپرەت بىر -بىرىگە كەسكىن سېلىشتۇرۇلغان ھالدا مەۋجۇت بولىدۇ . مانا شۇلارنىڭ يېغىندىسى ھاياتنىڭ ھەقىقىتى دەپ ئاتىلىدۇ . ——— «ھايات شۇنداق » كۈندۈزنىڭ پېشىگە ئىسىلغان كېچە ، كۈنگەي ھەم تەسكەيلىك ، ئوڭ-تەتۈر ئالەم ! تۇغۇلغان شۇ كۈندىن تاكى ئۆلگۈچە ، مىڭ ئۆلۈپ -تىرىلەر ھايات ۋە ئادەم . شادلىققا مىنگەشكەن ھەسرەتلەر ھامان ، بەختكە ھەمراھدۇر ھەر مۈشكۈل قەدەم ! ——— « ھايات شۇنداق » ئادەم بالىسى تۇغۇلىدۇ ، ئۆلىدۇ . ئەمما ئۇنىڭ سۆز-ھەرىكىتى قالىدۇ . ئۆزى ئالەمدىن ئۆتسىمۇ ، ئىنساننىڭ نامى مەڭگۈ كىشىلەر ئارىسىدا ياشايدۇ . نامىڭنىڭ ئۇلۇغ ياكى ئابدۇيلۇق ؛ نەپرەتلىك ياكى بەتبەخت بولۇشىنى ئۆزۈڭ بەلگىلەيسەن ! ——— « ھايات شۇنداق 6-بەتتىن » شېئىر دېگەن شېئىر ! ئۇ سېنىڭ روھىي دۇنيايىڭنىڭ بۇلىقى ! شېئىر —— قىز ئەمەس ، بەلكى قىز تۇيغۇسىنىڭ بۇلاقتىكى شولىسى ! شېئىر —— تىنىچ كۆل ئەمەس ، بەلكى ئۆركەش ياساپ ئېقىۋاتقان شوخ ئېقىن ! شېئىر —— مۇزىكىسىز ، ئاجايىپ بىر سىمفونىيە ! شېئىر —— قۇشلارنىڭ سايرىشىمۇ ئەمەس ، قوزا-ئوغلانىڭ سەكرىشىمۇ ئەمەس ، بەلكى ئېگىز -قىيا تاغلارنىڭ ھۆركىرىشى ، دېڭىزلارنىڭ نەرە تارتىشى ، يەر-زېمىننىڭ چايقىلىشى ! ——— « ھايات شۇنداق 16-بەتتىن » ۋىجدان ئەخلاقىي ئاڭ . ۋىجدان دېگەن ئەخلاقنىڭ قاراۋۇلى . ئۇ ئادەمنىڭ ۋۇجۇدىدا يېتىشتۈرۈدىغان ئىجتىمائىي ئەخلاقىي ھېسسىيات ، ئۇ ئادەمنىڭ قەلبىدە تۇرىدىغان سادىق قاراۋۇل . ئۇ ھەممىشە سەمىمىيلىك بىلەن پوستا تۇرىدۇ . بىزنى نورمال ئەخلاقىي پرىنسىپلاردىن چەتنىگەندە ، چەكلەپ تۇرىدۇ !... لېكىن ئۇمۇ شەخسىي مەنپەئەتنىڭ توپا- تۇمانلىرى بىلەن كۆمۈلۈپ قالىدۇ . بۇمۇ خۇددى جەڭدىكى كۈچ سېلىشتۇرمىسىغا ئوخشايدۇ . ——— « ھايات شۇنداق 26-بەتتىن » دۇنيادا ئۆزىنى بىلگەندىنمۇ ئۇلۇغ ئىش بارمۇ ؟ ئۆزىنى بىلمەسلىك ، باشقىلارنىمۇ بىلمەسلىك —— تۇرمۇشتىكى ئەڭ چوڭ بەختسىزلىك ! ——— «ھايات شۇنداق 27-بەتتىن » ئىككى يېرىم مىنوت ئۆمۈر كۆرەر ئىنسان : بىر مىنوت كۈلكە بىلەن ، بىر مىنوت ھەسرەت بىلەن ، يېرىم مىنوت كېتەر سۆيگۈ بىلەن . ———« ھايات شۇنداق 31-بەتتىن » ۋاقىت —— ئۆزىنى سەمىمىي ،قىزغىن سۆيگەن كىشىلەرنىڭ ئۈمىدىنى ھەرگىز يەردە قويمايدۇ . دەل ئاشۇ ۋاقىت ——ئۆمرىنىڭ كۆپ قىسمىنى شاگىرتلىق ، نىمكارلىق ، ھامماللىق ، قاراۋۇللۇق بىلەن ئۆتكۈزگەن گوركىينى ئاخىر سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مەشھۇر يازغۇچىسى قىلىپ يېتىشتۈرگەن ..... ——— « ھايات شۇنداق 32-بەتتىن » بىر دانىشمەن ھىندى مۇنداق دېگەن : « دۇنيادا ئالتە نەرسىنىڭ قەدىر - قىممىتى بولمايدۇ : بۇلۇتنىڭ سايىسى ، ئەخمەقنىڭ دوستلۇقى ، ۋاپاسىزنىڭ مۇھەببىتى ، ئۆتۈپ كەتكەن بايلىق ، مۇستەبىت ھاكىم ، ساختا شان - شۆھرەت ! » ——— « ھايات شۇنداق 39-بەتتىن » گېنرىخ گېينى مۇنداق دېگەن : « مەن ئازغىنە چىنلىق ، ياخشىلىق ، گۈزەللىك بىلەن بەخىتلىك ئائىلە قۇرۇشنى خالايمەنكى ، بىر پاتمان ئۆي جازىللىرى بىلەن مەززىسىز ئائىلە قۇرۇشنى خالىمايمەن ! » دېگەندەك بەختلىك ياشاش ئۈچۈن ئادەمدە ئالدى بىلەن ياشاش جاسارىتى بولۇشى كېرەك . بۇنداق جاسارەت ۈولماي تۇرۇپ ، بەختلىك ياشايمەن ، دېيىش قۇرۇق خىيال بولۇپ قالىدۇ . ——— «ھايات شۇنداق 39-بەتتىن » لەتىپە : بىر كۈنى ، بىر ئادەم ئۆستەڭ ياقىلاپ كېتىۋېتىپ ، بىر شەيتاننىڭ پۇتىنى سۇغا چىلاپ ئويناپ ئولتۇرغانلىقىنى كۆرۈپتۇ - دە ،ھەيران بولۇپ ، ئۇنىڭدىن سوراپتۇ : —— ھەي ، مەلئۇن ، سەن تىنىم تاپماي پىتنە- پاسات تېرىپ ، كىشىلەرنى يولدىن ئازدۇرۇپ ، پاراكەندىچىلىك سالاتتىڭ ، لېكىن يېقىندىن بېرى نېمە ئۈچۈن ئۆز كەسپىڭنى قىلماي ، بىكار تەلەت بولۇپ قالدىڭ ؟ شەيتان ناھايىتى مەمنۇنىيەت بىلەن مۇنداق جاۋاپ بېرىپتۇ : ——يېقىندىن بېرى ، ئادەمزات ئىچىدىن مېنىڭ كەسپىمنى قىلىدىغانلار چىقىپ قالدى . شۇڭا ، مەن خاتىرجەم دەم ئېلىۋاتىمەن ! ... » ——— « ھايات شۇنداق 44-بەتتىن » تۇرمۇشتا ھامان ئاشۇنداق ئىت خۇيلۇق ئادەملەر بولىدۇ . ئۇلار خۇددى سېسىق قىغ ئاستىدىن ئۈنۈپ چىققان كۆك ئوتقا ئوخشاش ، ئەتراپقا ئۆزىنىڭ بەتبۇي پۇراقلىرىنى چېچىپ تۇرىدۇ . ئۇلار ئوچۇق ئاسماندا چاقماق چاقتۇرۇشقا ئامراق ، ھۆل كېسەكتىن ئوت چىقىرىشقا ئۇستا . ئۇلار مانا شۇنىڭ بىلەن ئۆزلىرىگە تەسەللىي تاپىدۇ ، قىتىغۇر كۆڭۈللىرىنى ئاۋۇتىدۇ ! ....بۇ خۇددى يىلان ئۆزىنىڭ ئەگرىلىكىنى كۆرمەي ، تۆگىنىڭ بوينىنى ئەگرى دېگەندەكلا بىر ئىش ! ... ——— « ھايات شۇنداق 54~53 بەتتىن » ئەمەل ئورۇندۇقى سىز ئويلىغاندەك ئۇنچە ۋاپادار ئەمەس . بۈگۈن سىزنىڭ ئاستىڭىزدا بولسا ، ئەتە باشقىنىڭ تېگىدە بولىدۇ ! ئىشقىلىپ ، ئۇ —— بىر ئادەمگە تالىق ئەمەس ، ئايلىنىپ يۈرىدىغان نەرسە ! پەقەت بىلىملا خۇددى سىزنىڭ يەتتە ئەزايىڭىزدەك ئۆزىڭىزگە تالىق ، سىز بىلەن مەڭگۈ بىللە يۈرىدۇ ! ئۇنى بىرى تارتىۋالايمايدۇ ، ئوغرىمۇ ئوغرىيالمايدۇ ! ——— « ھايات شۇنداق 64-بەتتىن » پىسخولوگىيە كىشىلىك تۇرمۇشتىن ئايرىيالمدۇ . قەيەردە ئىشسان بولىدىكەن شۇ يەردە پىسخىلوگىيە بار ، جەمئىيەتتىكى ئادەملەر خىلمۇخىل بولىدۇ ، ئۇلارنىڭ پىسخىك پائالىيىتىمۇ غەلىتە - غەلىتە ، مۇرەككەپ بولىدۇ . ئادەمنىڭ نىيىتى ئوخشىمايدۇ ، سىياقىمۇ ئوخشىمايدۇ ..... ئادەمنىڭ ئىچكى پائالىيىتى خۇددى ئامېرىكا يازغۇچىسى مارك تىۋىن : « ھەر بىر ئادەم گويا بىر ئاي ، ئۇنىڭ يورۇق تەرىپى بار ، كىشىگە زادى كۆرسەتمەيدىغان قاراڭغۇ تەرىپىمۇ بار » دېگەندەك سىرلىق تۈس ئالغان بولىدۇ .... ——— « ھايات شۇنداق 84-بەتتىن » مېنىڭچە ، بىر ئادەمنىڭ غايىسى پەقەت تارىخىي تەرەققىيات يۆلىنىشىگە ئۇيغۇن بولغاندىلا ، ئۇ ئىلمىيلىققا ئىگە بولالايدۇ ، رېئاللىققا ئايلىنىدۇ . سىز بىر ئىجتىمائىي جەمئىيەتتە ياشاۋاتىسىز . ئۆزىڭىزنى ھەرقانچە ئەركىن ، يۈگەنسىز تۇتىمەن ، دېگىنىڭىز بىلەنمۇ ئەمەلىيەتتە ئۇنداق بولايمايسىز . چۈنكى ، ئادەمنى ھەمىشە رەڭگارەڭ ئارغامچا ، كۆزگە كۆرۈنمەس زەنجىر-كىشەنلەر چۈشەپ تۇرىدۇ . نېمىشقا دەمسىز ؟ چۈنكى ، ئادەم مۇرەككەپ ئىجتىمائىي تۇرمۇش ئىچىدە ، ھەرخىل شەيئىلەرنىڭ سىرلىق مۇناسىۋەتلىرى ئارىسىدا ياشايدۇ . ھايات تولى ئاچال ۋە ئۆتكەللەر بىلەن تولغان بولىدۇ . ئۇنىڭدىن باشقا ، سىزنى ھەمىشە ئەخلاق مىزانلىرى ، جامئەت پىكىرىنىڭ غايىبانە تورلىرى قورشاپ تۇرىدۇ ! .... ——— « ھايات شۇنداق 96-بەتتىن » قەدەمدە ئۆتكەن بىر يازغۇچى : « مۇھەببەت —— يوق ۋە ئەمەلگە ئاشمايدىغان نەرسىنى خالاشتۇر » دېگەنىكەن . ——— « ھايات شۇنداق 97-بەتتىن » گىيوگونىڭ مۇنداق بىر مەشھۇر سۆزى بار : « ھايات —— گۈل ، مۇھەببەت ئۇنىڭ شىرنىسى » ——— « ھايات شۇنداق 103-بەتتىن » دۇنيادا ئاجايىپ ئىشلار بولۇپ تۇرىدۇ . بەزى ئىشلاردىن ئانچە خاوا بولۇپ كەتكۈلۈك ئەمەس ! شۇنداق ئادەملەر باركى ، پەن ۋە ئىجادىيەت ساھەسىدە ئۆزلىرىدىن ئۈزۈپ كەتكەن ، ئورۇن ۋە ھۆرمەتتە ئۆزلىرىدىن ئۈستۈنرەك بولغان كىشىلەرنى ناپاك ۋە سۇيقەستچى دەپ ھېسابلايدۇ ، مەنسەپپەرەس ۋە ئالدامچى ، دەپ ئويلىشىدۇ . بۇنىڭلىق بىلەن ئۇلار ئۈزۈپ كېتىۋاتقانلارنىڭ يولىنى توسۇپ قالالمىسىمۇ ، خۇددى پىستە كۈچۈكلەردەك يىراقتا تۇرۇپ ، ئانچە - مۇنچە قاۋاپ قويىدۇ . بۇ قاۋاشمۇ ئەمەلىيەتتە ، ئۇلانىڭ ئۆزىگە بەرگەن تەسەللىسى ، خالاس ! بۇ خۇددى ئىتنى قاۋىدى ، دەپ ئۆلتۈرۋەتكىلى بولمايدىغانغا ئوخشاشلا بىر ئىش ! ... ——— « ھايات شۇنداق 140- بەتتىن » مايمۇندىن ئۆزگىرىپ ئادەم بولغۇچە ، بەش مىليون يىل كېرەك ( بۇ بىر ھەقىقەت ) . ۋە لېكىن ، ئادەمدىن مايمۇن بولماققا ، بىر شېشە ھاراق بەس ، ئۇنۇتما پەقەت ! ——— « ھايات شۇنداق 155-بەتتىن » ئاياللارنىڭ ئۆزىنى تەقدىم قىلىش ھېسابىغا قانداقتۇر بىر نەرسىلەرگە ئېرىشمەكچى بولغان ۋاقتى —— دەل ئۇنىڭ ئەڭ رەزىللىككە يۈزلەنگەن ۋاقتى بولىدۇ . بۇنداق ئاياللاردا مۇھەببەت ، نازاكەت ، ھايا ۋە پاكلىق بولمايدۇ . مەنپەئەت ئۇنىڭ بىردىنبىر « مۇھاببەت » ئۆلچىمى بولۇپ قالىدۇ . ——— « ھايات شۇنداق 208-بەتتىن » ھەي ياش بەندىلىرىم ، ئېسىڭلاردا بولسۇنكى ، ئوڭاي قولغا كەلگەن نەرسىنىڭ ئېتىبارى بولمىغاندەك ، يەڭگىللىك بىلەن بەخش قىلىۋەتكەن مۇھەببەتنىڭمۇ قەدىر - قىممىتى بولمايدۇ !.... ——— « ھاايات شۇنداق 216-بەتتىن » كىشىنىڭ ساڭا يېلىنىدىغان ۋاقتى ——— سەندىن ئاجىز چېغى ، سېنى تەلمۈرتىدىغان ۋاقتا ——— سەندىن كۈچلۈك چېغى . ——— «ھايات شۇنداق 230-بەتتىن » توۋا ،ھەسەتخورلۇقمۇ بىر خىل كېسەلدەك ، ئادەم ۋۇجۇدىدا پات- پات قوزغىلىپ تۇرسا كېرەك ! بۇنداق كېسەلگە مۇپتىلا بولغان ئادەم ئۆزىدىن سەل - پەل ئۈستۈنرەك تۇرىدىغان ھەرقانداق ئادەمگە ئۆچلۈك قىلىدىغان ئوخشايدۇ . بويى بىت يۈز ئاتمىش تۆت سانتىمېتىر كېلىدىغان ناپولېئونمۇ ئۆزىدىن ئېگىز بىر مارشالغا خېلى ئاچچىق بىلەن : « گەرچە سەن مەندىن بىر غېرىچ ئېگىز بولساڭمۇ ، ئەمما زۆزۈر تېپىلسا ، مەن بۇ پەرىقنىمۇ يوقىتالايمەن ! » دەپتىكەن . شۇنىڭغا قارىغاندا ، ھەسەتخور كىشىلەر ئومۇمەن ئىچى يامان كەلسە كېرەك . پىسخولوگىيە نۇقتىسىدىن قارىغاندا ، ئىچى يامان ئادەمنىڭ كۆزى كىچىك بولىدۇ ، دۇنيا شۇنچە كەڭ بولسىمۇ ،ئۇلار كەڭلىك ھېس قىلمايدۇ . ئۇلارنىڭ كۆزىگە بۇ دۇنيادا ئۆزىدىن باشقا ئادەم كۆرۈنمەيدۇ ، پۈتۈن شان - شەرەپ ، پۈتۈن سەلتەنەت ، پۈتۈن نام - ئاتاقنىڭ ئۆزىگە —— پەقەت بىركا ئۆز نامىغا مەنسۇپ بولىشىنى ئويلايدۇ ۋە شۇ يولدا جان تىكىپ كۈرەش قىلىدۇ ! .... ——— « ھايات شۇنداق 240-بەتتىن » ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن ھازىر مۇشۇ يەرگىچە يېزىپ تۇراي ، داۋامىنى پات ئارىدا يازىمەن ! |