كۆرۈش: 493|ئىنكاس: 3

تېلېفۇننى تىل ئۆگىنىشتە ئىشلىتىشكە دائىر مىساللار-2(رەسىملىك)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kichikoghul تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-6-7 13:35  

تېلېفۇننى ئۆگىنىشتە ئىشلىتىشكە دائىر ئەمەلىي مىساللار(4)


4.تېلېفۇننى تىل ئۆگىنىشتە ئىشلىتىش ئۇسۇللىرى-2

بىلكان كۆپ تىللىق لۇغىتىنىڭ 3.2 (بۇ نەشىرىنى ھازىر يېڭىدىن چىققان سىستېما نەشىرى ئاندىروئىد 4.4 كە ئوخشاش يوقۇرى يېڭى نەشىردىكى تېلېفۇنلار قوللىمايدۇ)ۋە 3.3 نەشىرى ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ پايدىلىنىۋاتقان قورال ئەپ. بۇ ئەپنى تېلېفۇن بىلەن سىغىم كارتىسى ئىككىسىدىن قايسىسىنىڭ سىغىمى كۆپ بولسا شۇنىڭغا قاچىلاشقا بۇيرۇق بېرىش كېرەك. بولمىسا،لۇغەت ئامبىرىنى ئوڭۇشلۇق قاچىليالمايدۇ. قاچىلاش تاماملانغان (应用程序己安装)دا تامام(完成)چېكىلمەي، ئېچىش(打开)نى چېكىلسە،ئاۋال «لۇغەت ئامبىرىنى تەييارلاۋاتىدۇ…» دېگەن ئۇچۇر،ئاندىن«ئەپنى قايتا قوزغىتىڭ!لۇغەت ئامبىرىنى چۈشۈرۈش تاماملاندى!»دېگەن ئۇچۇر چىقىدۇ.جەزىملەش چېكىلسە،بەش تىللىق لۇغەت نورمال ئېچىلىدۇ.


بۇ ھالەتتە باشقا تىلدىكى سۆزلەرنىڭ ئۇيغۇر تىلىدىكى تەرجىمىسىنى كۆرسىتىپ بەرسىمۇ،بىراق ئۇيغۇر تىلىدىكى سۆزنى يېزىپ باشقا تىلدىكى تەرجىمىسىنى ئىزدىگىلى بولمايدۇ.

بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ ياكى كۇنۇپكا تاختىسىدىن بىرەرنى قاچىلاشكېرەك.مەسىلەن: ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ 1.4.1قاچىلايلى. قاچىلاش تاماملانغاندا 打开چېكىلسە،ئۇيغۇرچە خەت كىرگۈزگۈچنى قوزغىتىش كۆزنىكى ئېچىلىدۇ.
بىرىنچى قەدەمدە ئۇيغۇرچە خەت كىرگۈزگۈچنى قوزغىتىپ،مەزكۇر خەت كىرگۈزگۈچنىڭ ئالدىدىكى كۆزنەككە توغىرا بەلگىسى ئۇرۇلۇپ بولغاندىن كېيىن چېكىنىپ،ئىككىنچى قەدەمدە ئۇيغۇرچە خەت كىرگۈزگۈچنى قوزغىتىپ(ھەر ئىككىلا قەدەمدە قوزغىتىش كۆزنىچېكىلىدۇ)،نۆۋەتتە خەت كىرگۈزگۈچمەكچى بولغان خەت كىرگۈزگۈچنى تاللاش كېرەك.قايسى تاللانسا،نۆۋەتتە شۇ كىرگۈزگۈچتە خەت يازغىلى بولىدۇ.باشقا كىرگۈچنى ئېھتىياجىمىز تۇغۇلغاندا ئالماشتۇرمىز.









كىرگۈزگۈچلەرنى ئالماشتۇرۇشقا قۇلاي بولسۇن ئۈچۈن ھەممىباب كىرگۈزگۈچ(0.67MultiLing 鍵盤)نى قاچىلاش كېرەك. بۇ كىرگۈزگۈچنىڭ بىرىنچى قۇردىكى ھەممىباب كىرگۈزگۈچنى قوزغىتىش ئارقىلىق ئىشلىتىلىدىغان بارلىق خەت كىرگۈزگۈچلەرنى تاللىغىلى بولىدۇ. ئىككىنچى قۇرىدىكى كىرگۈزگۈچنى ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق نۆۋەتتە ئىشلىتلىدىغان خەت كىرگۈزگۈچنى تاللىغىلى بولىدۇ. دېمەك،ئادەتتە خەت كىرگۈزگۈچنى ئالماشتۇرماقچى بولغاندا ھەممىباب كىرگۈزگۈچتىكى كىرگۈزگۈچنى ئالماشتۇرۇش رامكىسىى دائىم ئىشلىتىلىدۇ.


ئەگەر تېلېفۇنغا خەنزۇچە خەت كىرگۈزگۈچ搜狗手机输入法نىڭ  v2.0نەشىرىمۇ  قاچىلانغان بولسا خەت يېزىش ئورنى تاللىنىپ(چېكىلىپ) ئېكىراننىڭ يوقۇرى تەرىپى بارماق بىلەن تۆۋەنگە سىيرىلسە،كۇنۇپكا تاختىسى بىلەن 选择输入法(كىرگۈزۈش ئۇسۇلى)دېگەن خەتلەر كىچىكرەك كۆرۈنىدۇ. بۇلارنى چەكسەك،نۆۋەتتە قايسى خەت كىرگۈزگۈچ ئارقىلىق خەت يازىدىغانلىقىمىزنى سورايدۇ. ئۇنى تاللىۋېتىپ ئاندىن لۇغەت(ئۇچۇر ياكى تور يۈزى….)كە خالىغان يېزىقتا خەت يازساق بولىدۇ.


ئەگەر تېلېفۇن(ۋە تاختا كومپىيوتېر)ىمىزنىڭ سىستېما نەشىرى ئاندىروئىد4.1 ۋە ئۇنىڭدىن يوقۇرى بولسا ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچنىڭ  1.4.1نەشىرىنى قاچىلىماي(ياكى ئۆچۈرۋېتىپ)، Uyghurche Kirguzguch3.2.3نى قاچىلىساق،(ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچنىڭ بۇ نەشىردىمۇ قاچىلاپ بولۇپ ئاۋۋال ئۇيغۇرچە خەت كىرگۈزگۈچنى قوشىمىز،ئاندىن ئارقىغا چېكىنىپ ئۇيغۇرچە خەت كىرگۈچنى تاللايمىز.)خەت كىرگۈزگۈچلەرنى ئالماشتۇرۇش تېخىمۇ قولايلىق بولۇپ،ھەممىباب كىرگۈزگۈچنى قاچىلاشنىڭ زۈرۈريىتى يوق.











لۇغەت ئىشلەتكەندە ياكى باشقا خەت يازغاندا«ئۇ»،«U»،«»ۋە«En»نى تاللاش ئارقىلىق خەت كىرگۈچنى ئۇيغۇر كونا يېزىقى،ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى،خەنزۇ يېزىقى ياكى ئىنگلىز يېزىقىغا بىۋاسىتە ئالماشتۇرۇشقا بولىدۇ.

ئەگەر كۆزىمىز ئاجىز ياكى يېقىننى كۆرەلمەيدىغان كېسىلىمىز بولسا،لۇغەتنىڭ«تەڭشەش»كونۇپكىسىنى چېكىپ(بۇ كۇنۇپكا لۇغەتنى ئېچىۋېتىپ،تېلېفۇن ئېكىرانىنىڭ ئاستىدىكى سىزىقچىلارنى چەكسەك ئېچىلىدۇ)خەت چوڭلىقىنى ئۆزىمىز خالىغان چوڭلۇقتا تاللىۋالساق،ئۇيغۇرچە،خەنزۇچە خەت،پىنيىن ۋە تون بەلگىلىرىنى ناھايىتى ئېنىق كۆرەلەيمىز.





بەزىدە خەنزۇچە خەتلەرنى ئوقۇيالماي ھەم 拼音ئارقىلىق يازالماي قالغاندا قانداق قىلىمىز؟ خېلى نۇرغۇن خەنزۇچە خەت كىرگۈزگۈچ(ئەپ)لەرنىڭ بارماق بىلەن خەت يېزىش ئىقتىدارى بار.لۇغەت ئېچىلغاندا كۇنۇپكا تاختىسىنىڭ رەسىمىنى چېكىش ئارقىلىق خەت كىرگۈزۈش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ.
مەسىلەن : 手写چېكىلسە خەنزۇچە خەتنى بارماق بىلەن تېلېفۇن ئېكىرانىغا يازغىلى بولىدۇ. ئەگەر بېرىلگەن كۆزنەككە خەتنى پاتقۇزالماي قالغاندا،ئاستىدىكى تىك تۆت بۇلۇڭ شەكىلدىكى رامكا چېكىلسە،پۈتۈن ئېكىرانغا خەت يازغىلى بولىدۇ.




ئەگەر خەتنى تولۇق يېزىپ يېتىشىپ بولالماي قالغاندا،شۇ كىرگۈزگۈچتىكى تەڭشەش(设置)ئارقىلىققول بىلەن تەڭشەش(设置手写)ئېچىلىدۇ. ئاندىن سۈرەت پەرقلەندۈرۈش(识别速度)ئېچىلپ،سىيرىلمە تاياقچا تېز()تەرەپتىن ئاستا()تەرەپكە قارىتىپ سىيرىلدۈرىلىدۇ.خەتنى توم يېزىش ئۈچۈن سىيرىلمە تاياقچە ئىنىچكە()تەرەپتىن توم() تەرەپكە قاراپ سىيرىلدۈرىلىدۇ. بۇ چاغدا خەتنى بارماق بىلەن ئالدىرماي يازساقمۇ شۇ خەت،ئۇنىڭ پىنيىنى ۋە ئۇيغۇرچە تەرجىمىسنى بىلەلەيمىز.



(تېلېفۇنغا تولا ئويۇن چۈشۈردىغان)بەزىلەرنىڭ تېلېفۇندىكى بىلكان كۆپ تىللىق لۇغىتى تۇرۇپلا نورمال ئىشلىمەس بولۇپ قالىدۇ. بۇ بولسا لۇغەت ئامبىرىدىكى بىرقىسىم ھۆججەتلەرنىڭ يۈتۈپ كىتىشىدىن بولغان ئىش. ئوڭشاش ئۇسۇلى:  تېلېفۇن بىلەن سىغىم كارتىسىنىڭ بىرىنىڭ غول مۇندەرىجىسىدىكى SYS_AMBAR دېگەن ھۆججەتنى ۋە باشقا بىرقىسىم كېرەكسىز ھۆججەتلەرنى ئۆچۈرۈپ مەلۇم سىغىمدا بوشلۇق ھازىرلاپ بىلكان كۆپ تىللىق لۇغىتىنى قايتا قاچىلاش.  ئىچىدىكى بىرقىسىم ھۆججەتلەر يۈتۈپ كەتكەن ھۆججەت ئامبىرىSYS_AMBAR نى ئۆچۈرۋەتمەي بىلكان كۆپ تىللىق لۇغىتى قايتا-قايتا قاچىلانسىمۇ،لۇغەت يەنىلا نورمال ئىشلىمەيدۇ. لۇغەتنى قاچىلاش تاماملانغان (应用程序己安装)دا تامام چېكىلمەي،ئېچىش(打开)نى چېكىلسە،ئاۋال«لۇغەت ئامبىرىنى تەييارلاۋاتىدۇ…» دېگەن ئۇچۇر،ئاندىن«ئەپنى قايتا قوزغىتىڭ!لۇغەت ئامبىرىنى چۈشۈرۈش تاماملاندى!»دېگەن ئۇچۇر چىقىدۇ. «لۇغەت ئامبىرىنى تەييارلاۋاتىدۇ…» دېگەن ئۇچۇر،ئاندىن«ئەپنى قايتا قوزغىتىڭ!لۇغەت ئامبىرىن ىچۈشۈرۈش تاماملاندى!»دېگەن ئۇچۇرنىڭ چىقمىغانلىقى لۇغەت ئامبىرىنىڭ تەييارلانمىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ ھالدا قارىماققا نورمال قاچىلانغاندەك قىلغان بىلەن لۇغەت نورمال ئىشلىمەيدۇ.

توردا خەنزۇچە ئوقۇش،يېزىش ۋە سۆزلىشىشنى ئۆگىنىشكە دائىر يەنە نۇرغۇن ياخشى ئۇيغۇرچە ۋە خەنزۇچە ئەپلەر بار. قالغان ئەپلەرنى ئىشلىتىشنى مىسال كەلتۈرۈپ چۈشەندۈپ ئولتۇرمىساممۇ يوقاردا مەن مىسال كەلتۈرگەن ئەپلەرنى ئىشلىتەلىگەن ھەرقانداق بىر ئادەم،باشقا ئەپلەرنىمۇ چۈشۈرۈپ قاچىلاپ ئىشلىتەلەيدۇ.

ئەسكەرتىش: يوقارىكى تۆت قىسىملىك ماقالىدە مەن مىسال كەلتۈرگەن 19 ئەپنىڭ ئومۇمى سىغىمى ئاران MB 156كەلدى.دېمەك،تېلېفۇن ياكى سىغىم كاتىسىدا يېرىم جى ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ بوشلۇق بولسىلا يوقارقى بارلىق ئەپلەرنى بىرلا ۋاقىتتا قاچىلاپ بىمالال ئىشلەتكىلى بولىدۇ دېگەن گەپ.






ماقالىدە تىلغا ئېلىنغان خەنزۇچە ئەپلەرنى 百度نى ئېچىپ ئىزدىتىپ ھەقسىز چۈشۈرگىلى بولىدۇ. ئۇيغۇرچە ئەپلەرنىمۇ تۆۋەندىكى ئېلېكتىرون شىركەتلىرىنىڭ ئەپ بازىرىغا كىرىپ خالىغانچە ھەقسىز چۈشۈرگىلى بولىدۇ.
مۇئەللىم ئەپلىرى:   http://app.esir.com.cn/res_list_6_3_1.html
قارلۇق ئەپلىرى:     http://app.esir.com.cn/res_list_5_3_1.html
بېلكان ئەپ بازىرى:    http://bazar.bilkan.net/Home.aspx
ۋە قىياس ئەپ بازىرى،قۇتلان ئەپ بازىرى،زامانەم ئەپ بازىرى…..قاتارلىقلار.

يەنە ئەسكەرتىش:ئەپلەرنىڭ نەشىرى توختىماي يېڭىلىنىپ تۇرىۋاتقان بولغاچقا قانچە يېڭى نەشىرى چۈشۈرۈپ ئىشلىتىلسە،ئەپنىڭ تېخمۇ كۆپ ۋە تېخىمۇ يېڭى ئىقتىدارلىرىدىن پايدىلانغىلى بولىدۇ. مەن بۇ ماقالىنى يېزىپ بولۇپ تۆت ئاي ئۆتكەندىن كېيىن قارىسام بىرمۇنچە ئەپلەرنىڭ ئېقتىدارى تېخىمۇ كۆپىيىپتۇ ۋە قولايلىشىپتۇ.
ئەيىپكە بۇيرىمىغايسىلەر،يوقارقى ئاددىي ساۋاتلارنى كۆپ قىسىم تورداشلار بىلىسىلەر.  بىلمەيدىغانلارمۇ بار دەپ بۇ ماقالىنى شۇلارغا يازدىم. ناۋادا يولۇققان مەسلىلەر بولسا ئىنكاس يازساڭلار قولۇم كۆكسۈمدە.
2015-يىل 6-ئاي،  باي.


baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2015-6-8 09:46:49|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجىرىڭىزگە كۆپ تەشەككۇر، جاپا تارتىپىسز.
ۋاقتى: 2015-6-8 09:54:38|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجىرىڭىزگە كۆپ تەشەككۇر، جاپا تارتىپسز.
ۋاقتى: 2015-6-9 17:29:20يانفوندا يوللانغان|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ساقلاپ قۇيۇشقا تىگىشلىك ساۋات بوپتۇ.
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش