كۆرۈش: 298|ئىنكاس: 0

تېلېفۇننى ماتېماتىكا ئۆگىنىشتە ئىشلىتىشكە دائىر مىساللار(رەسىملى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kichikoghul تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-6-7 13:43  

تېلېفۇننى ئۆگىنىشتە ئىشلىتىشكە دائىر ئەمەلىي مىساللار(2)

2. تېلېفۇننى بالىلارنىڭ ماتېماتىكا ئۆگىنىشىدە ئىشىلتىش ئۇسۇللىرى

ماتېماتىكا ئۆگىنىشتە تۆۋەندىكىدەك ئەپلەرنى تېلېفۇنغا قاچىلاپ بەرگەندە بالىلارنىڭ ياش قورامى ۋە قىزىقىش ئالاھىدىلىكىگە ماس كېلىدۇ.ئۆگىنىش ئۈنىمىمۇ ناھايىتى يوقۇرى بولىدۇ:
سان تونۇش: بۇ ئەپتە بالىلارغا بىردىن يىگىرمىگىچە بولغان سانلارنى ئاۋازلىق ۋە ئوبرازلىق ھالدا ئوقۇش،يېزىش ۋە ساناق سانلار ئۆگىتىلىدۇ. ئالمىنىڭ سانى ۋە ئوقۇغان ساننىڭ قايسى ئىكەنلىكىنى تاپىدىغان سان تاللاش ئويۇنىمۇ بار.








چوڭ كىچىكلىكىنى سېلىشتۇرۇش: بۇ ئەپتە بالىلارغا سانلارنىڭ نېمە ئۈچۈن بىر-بىرىدىن چوڭ ياكى كىچىك بولىدىغانلىقىنى ئۆگىتىلىدۇ.قايسى سان چوڭ بولسا شۇ تەرەپ بېسىلىشى كېرەك. توغىرا ھۆكۈم قىلىنسا يارايسىز دەپ ماختايدۇ.خاتا ھۆكۈم قىلىنسا،ئېغىزىنى ئۆمچەيتىدۇ،كۆزىنى  چەكچەيتىدۇ.





بالىلار ھېساب مەشىقى: بۇ ئەپتە ئون ئىچىدىكى قوشۇش ئۆگۈتىلىدۇ. Pilay بېسىلسا ھېساپ بېرىلىدۇ.جاۋابنى بېسىپ بولغاندىن كېيىن Yesبېسىلسا،جاۋاب توغىرا بولسا«بەك ئەقىللىق ئىكەنسىز»دەپ ماختايدۇ. جاۋاب خاتا بولسا«خاتا بولۇپ قالدى»دەپ ئەسكەرتىدۇ. جاۋاب سان قايتا بېسىلسا بولىدۇ.






بالىلار ماتېماتىكىسى: بۇ ئەپتە ①بىردىن يىگىرمىگىچە سانلارنى تونۇش خەنزۇچە ئاۋازدا رەسىمگە بىرلەشتۈرۈلۈپ ئۆگىتىلىدۇ. ②شەيئىنىڭ سانى قانچە ئىكەنلىكى مەشقلەندۈرۈلىدۇ. ③قوشۇش ۋە ئېلىش ئوبرازلىق رەسىمگە بىرلەشتۈرۈلۈپ مەشقلەندۈرىلىدۇ.












تۆت ئەمەل مەشىقى:بۇ ئەپتە ئون ئىچىدىكى،يىگىرمە ئىچىدىكى ۋە يۈز ئىچىدىكى سانلار گورۇپپىسى بويىچە قوشۇش،ئېلىش،كۆپەيتىش،بۆلۈشتىن ئىبارەت تۆت ئەمەلنى ۋە ئارىلاش ئەمەللەرنى ھېسابلاش ئۆگۈتىلىدۇ.بىر قوشۇلغۇچى،كېمەيگۈچى،كېمەيتكۈچى،بىر كۆپەيتكۈچى،بۆلۈنگۈچى ۋە بۆلگۈچى سانلارنى تېپىشقا دائىر مەشقلەرمۇ خېلى بار.




ئاۋازلىق ھېساب مەشىقى: بۇ ئەپتە قايسى ئەمەل چېكىلسە،ئاۋال ئىشلەيدىغان ھېساب بېرىلىدۇ. جاۋابى چېكىلىپ بولوپ تەڭ بەلگىسى چېكىلسە،جاۋابى توغىرا بولسا«توغىرا»دەيدۇ.جاۋابى خاتا بولسا ئۆچۈرۋېتىپ توغىرا جاۋابنى چەكمىگۈچە ھېچنىمە دېمەيدۇ.





(ماقالىنىڭ داۋامى بار)








baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش