كۆرۈش: 548|ئىنكاس: 2

سىنىپ مۇدىرى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەڭ يېقىن ئادىمىمۇ؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
سىنىپ  مۇدىرى  ئوقۇغۇچىلارنىڭ  ئەڭ  يېقىن  ئادىمىمۇ؟

ئەخلاقلىق ھەم قابىلىيەتلىك كىشىلەرنى تەربىيەلەش مائارىپنىڭ تۈپ مەقسىتى، دەۋرنىڭ تەلىپى. ھازىر پەن – تېخنىكا ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ، جەمئىيەتنىڭ ئۆزگىرىشى تېز بولۇۋاتىدۇ، بولۇپمۇ مەدەنىيەت كۆپ خىللىشىۋاتىدۇ، تۈرلۈك ئىدىيەلەر ئۆزئارا گىرەلىشىۋاتىدۇ ۋە توقۇنۇشىۋاتىدۇ. شۇڭا، مائارىپ بۇ خىرىسلارغا يۈزلىنىپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى مائارىپنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارنى توغرا دۇنيا قاراش، كىشىلىك قاراش، قىممەت قارىشى تۇرغۇزۇشقا يېتەكلىشى كېرەك. ئېلىمىز مائارىپى خەلقنىڭ مائارىپتىن نەپ ئېلىش تەلىپىگە تېخى تولۇق ماسلىشىپ بولالمىدى، ئەخلاقىي جەھەتتىن تەربىيەلەشكە قارىغاندا ئەقلىي جەھەتتىن تەربىيەلەشكە، پەزىلەتكە قارىغاندا نومۇرغا بەكرەك ئەھمىيەت بېرىلىۋاتىدۇ. ئەخلاقىي تەربىيە مەكتەپلەردە يالغۇز سىنىپ مۇدىرىنىڭلا ئىشى بولماستىن، بەلكى بارلىق ئوقۇتقۇچى – خىزمەتچىلەرنىڭ ئىشى. ئەلۋەتتە، بۇنىڭدا سىنىپ مۇدىرىنىڭ مەسئۇلىيىتى تېخىمۇ چوڭ.
ئۇنداقتا سىنىپنىڭ تەشكىللىگۈچىسى، يېتەكچىسى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇستازى، دوستى ھېسابلانغان سىنىپ مۇدىرى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەڭ يېقىن ئادىمىمۇ؟ ئوقۇغۇچىلار سىنىپ مۇدىرىغا ئەڭ چوقۇنىدۇ،سىنىپ مۇدىرىنى ئۆزلىرىنىڭ خۇشاللىقى ۋە قايغۇسىغا تەڭ ئورتاقلىشىشنى خالايدۇ. ئۇنداقتا قانداق قىلغاندا سىنىپ مۇدىرى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەڭ يېقىن ئادىمى بولالايدۇ؟

1 . ئوقۇغۇچىلارغا كۆيۈنۈشى كېرەك. ھەر بىر ئوقۇغۇچىغا ئادىل مۇئامىلە قىلىشى، كەمسىتمەسلىكى، ئوقۇغۇچىلارنى دەرىجىگە ئايرىماسلىقى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ خاراكتېرىگە ھۆرمەت قىلىشى، ئوقۇغۇچىلارنى ھاقارەتلەيدىغان، غۇرۇرىغا تېگىدىغان سۆزلەرنى قىلماسلىقى كېرەك.

2 . ئوقۇغۇچىلارنى ئۆز ئىختىيارىغا قويۇۋېتىش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزلىرىگە سىنىپ پائالىيىتىنى تەشكىللەتكۈزۈش، ئۇلارنىڭ ئىجادچانلىقىنى جارى قىلدۇرۇش، مۇستەقىل ئىشلەش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشى كېرەك. يېڭىلىق يارىتىش روھى ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈپ، ئۇلاردا ئۆزىگە ئىشىنىدىغان، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزىدىغان ۋە قىيىنچىلىقنى يېڭىدىغان ئىرادە تۇرغۇزۇشى كېرەك.

3 . ئەھمىيەتلىك پائالىيەتنى تەشكىللەپ، ئوقۇغۇچىلارنى شۇ پائالىيەتتە ئۆسۈپ يېتىلدۈرۈش كېرەك. ئوقۇغۇچىلار پائالىيەتتە دۇنيانى، جەمئىيەتنى، ئۆزىنى تونۇپ، ھەمساۋاقلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ، ھەمكارلىشىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئوقۇغۇچىلاردا بۇ ئارقىلىق خىزمەتكە بولغان مەسئۇلىيەتچانلىق، باشقىلارنى ھۆرمەتلەشتەك ئىجتىمائىي پەزىلەت يېتىلدۈرگىلى بولىدۇ.

مەنبە: جۇڭگو  ئۇيغۇرچە  رادىيو  تورى  

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2015-6-9 13:20:26|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى ماقالىكەن . ماڭا تەسىر قىلدى
ۋاقتى: 2015-6-9 16:18:48|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىلىپتۇ، ئوقۇتقۇچىلار بىر قېتىم ئوقۇپ بىلىۋالسا بولغىدەك.
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش