| چاچ چۈشۈش كومپيۇتېر بىلەن مۇناسىۋەتلىكمۇ ؟

ھازىر كومپيۇتېر ئىشلىتىۋاتقانلار بارغانسىرى كۆپىيىۋاتىدۇ ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە چىچى چۈشۈپ كەتكەنلەرمۇ ئاز ئەمەس ، شۇنىڭ بىلەن كىشىلەر كومپيۇتېر رادىئاتسىيىسىنىڭ چاچ چۈشۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشىدىن ئەنسىرىمەكتە . بۇ مەسىلىگە نىسبەتەن ھازىرغىچە تېخى ھېچقانداق ئىلمى تەكشۈرۈش ئىسپاتى يوق . نۇرغۇنلىغان فىزىكىلىق ئامىللار چاچنىڭ چۈشۈشى ۋە ئۆسۈشىگە ھەقىقەتەن تەسىر كۆرسىتىدۇ . مېدىتسىنادا قوللىنىدىغان رادىئوئاكتىپ نۇر بىلەن داۋالاش چاچ چۈشۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ، لىكىن كومپيۇتېر رادىئاتسىيسى ئادەم بەدىنىنىڭ فىزىئولوگىيە جەھەتتىكى نورمال بەرداشلىق بېرىش دائىرسى ئىچىدە بولۇپ ، كىسەللىك ۋە چاچ چۈشۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرالمايدۇ . كومپيۇتېر ئىشلىتىۋاتقانلار ئىچىدە چىچى چۈشۈپ كەتكەنلەرنىڭ بىر قەدەر كۆپ بولۇشىدىكى سەۋەب ، ئۇلارنىڭ كومپيۇتېر مەشغۇلات ۋاقتى بىر قەدەر ئۇزۇن ، دىققىتى يۈكسەك دەرىجىدە مەركەزلەشكەن بولۇپ ، ۋاقىت ئۇزارغانسىرى مىڭىنىڭ غىدىقلىنىشى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى ئۆرلەيدۇ ، چاچنىڭ ئۆسۈشىگە ئالاقىدار ئىچكى ئاجرالمىلارنىڭ ئىقتىدارى قالايمىقانلىشىدۇ ، تېرە ياغ بىزى ئاجرالمىلىرى كۆپلەپ ئاجىرىلىپ چىقىدۇ ، تۈك خالتىسى ناھايتى ئاسانلا توسۇلۇپ ، چاچنىڭ ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلىنىشى توسالغۇغا ئۇچرايدۇ ، شۇنىڭ بىلەن چاچنىڭ چۈرۈكلىكى ئىشىپ ئاسانلا چۈشۈپ كىتىدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن چاچ چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئىلىشتىكى مۇھىم ھالقا يەنىلا مىڭىنى ئىلمى ئىشلىتىش . بۇنىڭ كونكىرىت تەدبىرلىرى تۆۋەندىكىدەك : 1. كومپيۇتېر ئىشلىتىدىغان ۋاقىتنى مۇۋاپىق تەڭشەش . ئادەتتىكى ئەھۋالدا ھەر يىرىم سائەتتە بىر قىتىم ئارام ئىلىش ، كومپيۇتېر ئېكرانىدىن ئايرىلىپ بىر قانچە مىنۇت يىراقلارغا قاراش ، بويۇننى ھەرىكەتلەندۇرۈش ياكى بىر قانچە مىنۇت كۆز يۇمۇۋىلىش . 2. يىتەرلىك ئۇخلاشقا كاپالەتلىك قىلىش . مەيلى خىزمەت قانچىلىك ئالدىراش بولىشىدىن قەتئىينەزەر كۈندىلىك ئۇخلاش ۋاقتى سەككىز سائەتتىن كەم بولسا بولمايدۇ ، ئۇندىن باشقىچە ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ئۇيقۇنىڭ سۈپىتىگە ئەھمىيەت بىرىپ ، چوڭ مىڭىنىڭ تېرە قەۋىتىدىكى قاننىڭ ئايلىنىشىنى مۇۋاپىق تەڭشەشكە ئىمكانىيەت يارىتىش . 3. باش قىسمىنى ئۇۋلاشتەك ياخشى ئادەتنى يىتىلدۈرۈش . ھەر كۈنلۈكى ئەتتىگەن ، چۈش كەچتە ئۈچ قىتىم چېكە ۋە چوققىنىڭ دەل ئوتتورسىدىكى بەيخۈي پەللىسىنى ئۇۋۇلاش ، ھەمدە كۆرسەتكۈچ بارماق بىلەن چېكە ۋە باشنىڭ دەل ئوتتورسىنى بويلاپ ئالدىدىن كەينىگە ئايلاندۇرۇپ ئۇۋۇلاش ، قېتىم سانى قانچە كۆپ بولسا شۇنچە ياخشى . 4. تىنىچ ئولتۇرۇپ خىيال سۈرۈش . ئەڭ ياخشىسى ھەر كۈنلۈكى 20 ~ 30 مىنۇت ۋاقىت چىقىرىپ ، تىنىچ ئولتۇرۇپ تۇرمۇشتىكى مەنىلىك ئىشلارنى خىيال قىلىش ، ئۆزىنىڭ نەپەس ئېلىش رىتىمىنى زەن قويۇپ ئاڭلاش ، بەدەن ھالىتىگە چەك قويۇلمايدۇ ، ئولتۇرسىمۇ ، ياتسىمۇ پەقەت ئۆزى راھەت ھېس قىلسىلا بولىدۇ . 5. يىمەك - ئىچمەك قۇرۇلمىسىنى مۇۋاپىق تەڭشەش . ئادەتتىكى يىڭى كۆكتات ، مېۋە - چېۋە ۋە تەركىۋىدىكى ۋىتامىن مول بولغان يىمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستىمال قىلىش ، قارا ئاشلىقنى كۆپرەك ، مايلىق ، تاتلىق ۋە ئاچچىق غىدىقلىغۇچى يىمەكلىكلەرنى ئازراق ئىستىمال قىلىش . 6. چاچنى ئىلمى ئۇسۇلدا ئاسراش . چاچنىڭ چۈشۈشىدىكى سەۋەپ — تېرە ياغ بىزى ئاجرالمىلىرى كۆپلەپ ئاجىرىلىپ چىقىپ ، تۈك خالتىسى ئاسانلا توسۇلۇپ قالغانلىقتىن بولغاچقا ، چاچنى داۋاملىق ئىلىمان سۇدا يۇيۇش ، سۇنىڭ تىمپىراتورىسى 40 گىرادوس ئەتراپىدا بولسا بولىدۇ . 7. ئىشقارلىق دەرىجىسى يۇقىرى بولغان چاچ يۇيۇش سۇيۇقلىقىنى ئىشلىتىشتىن ساقىلىنىش كېرەك . ئادەتتە تېنى بىر قەدەر ئاجىزلار مۇۋاپىق مىقداردىكى بۆرەك قۇۋەتلەندۈرگۈچى دورىلارنى ئىستىمال قىلىپ بەرسە بولىدۇ . ئەگەر بەدەن ساپاسى ياخشى ، لېكىن ئېغىز پۇراش ، ئېغىز ئاچچىق بولۇش ، كاناي ، تىل قۇرغاقلىشىش ئالامىتى كۆرۈلگەنلەر بەدەندىكى ماينى يوقىتىدىغان دورىلارنى ئىستىمال قىلىسا بولىدۇ . |
|