| ئىنساننىڭ ئۈزلۈكسىيز بىلىشكە موھتاجلىقى مائارىپنى بارلىققا كەلتۇرگەنلىكى بەرھەق . نۆۋەتتە نومۇر بالىلارنىڭ ئۈگىنىش نەتىجىسىنى باھالايدىغان بىردىن - بىر ئۆلچەم بولۇپ كېلىۋاتىدۇ . ساپا مائارىپ ئەندىزىسى "بالىلارنىڭ ئونۋېرسال ساپاسىنى ئۆستۈرۈش ئاساس ، بالىلارغا باھا بېرىشتە نومۇرلا ئەمەس ، بەلكى شۇ ئوقۇغۇچىنىڭ ئۈگىنىش جەريانىدا دۈچ كەلگەن مەسىلىلەرنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش پوزىتسىيىسىگە قاراش كېرەك " دەپ تەكرار تەكىتلەپ كېلىۋاتقان بولساقمۇ ، جەمئىيىتىمىزگە دىققىتىمىزنى ئاغدۇرساق بالىلارغا "دىئاگنۇز " قويۇشتا يەنىلا "ئاتام ئېيىتقان بايىقى " دىگەندەك نومۇر ئاساس بولماقىتا . قاراپ باقسا بالىلىرىمىز يەسلىدىن تارتىپ تاكى ئالى مەكتەپنى پۇتتۇرۈپ خىزمەتكە ئورۇنلاشقىچە ھەممىلا يەردە " نومۇر " بېسىمى ئىچىدە ياشايدىكەن ، چوڭلارنىڭ " سەن چوقۇم بىرىنچى بولۇشۇڭ كېرەك ، سىنىپ بويڭچىلا ئەمەس مەكتەپ بويىچە بىرىنچى بولۇشىڭ كېرەك ، بىر قىتىملا ئەمەس دائىم بىرىنچى بولۇشۇڭ كېرەك " دىگەندەك بىر تەرەپلىمە قاراش تۈپەيلى بالىلار شەنبە ، يەكشەنبە ، تەتىل ۋە باشقا ئارام ئېلىش كۈنلىرىنى تۈرلۈك كۇرسلار ، كۈچەيتىش سىنىپلىرى ۋە باشقا ماھارەت ئۈگىنىش بىلەن ئۆتكۈزىۋاتىدۇ ، بۇئېنىقلا بالىلارنىڭ قەلبىدە نومۇرغا نىسبەتەن ئۆچمەنلىك پەيدا قىلىدۇ . بالىل؛ئار ئاتا - ئانىسىنىڭ ئۆزلۈكسىز يوقىرلاۋاتقان نىشان كۆرسەتكۈچىسىنى قوغلىشىپ ھېرىپ ھالىدىن كېتىدۇ ، بۇنىڭ بىلەن بالىلارنىڭ روھى ھالىتىدە نورمالسىزلىق ككرۈلۈپ ، گۈزەل بالىلىقى تۈرلۈك غەم ئەندىشلەرنىڭ قورشاۋېغا چۈشۈپ قالىدۇ . پىسخكىسىدىمۇ نورمالسىزلىق ككرۈلۈشكە باشلايدۇ . ئامىرىكىلىق ئاتا - ئانىلار بالىلىرى بىلەن كۆرۈشكەندە : " قوزام ، بۈگۈن قانداق يېڭىلىق ياراتتىڭ " دەپ سورايدىكەن . بۇيەردىكى يىڭىلىق دىگەنلىك ئېھتىمال ئۇ مودىل ياغاچ ئويۇنچۇقنى تىزىپ ئويناشنىڭ بىرەر يىڭى ئۇسۇلىنى ئۈگىنىۋالغاندۇ ياكى بىرەر ھاشارەتنىڭ ئىسمىنى بىلۋالغاندۇ . بۇلار چوڭلارنىڭ نەزىرىدە ھېچكىمگە ئەرزىمەيدىغان كىچىك ئىش بولسىمۇ ، لىكىم بالىلارنىڭ نەزىرىدە كۇلۇمبۇنىڭ يېڭى قورۇقلۇقىنى تاپقىنىغا ئوخشاشلا ئىنتايىن چوڭ بىر ئىش . دىمەك ئامىرىكىلىق ئاتا- ئانىلار مانا مۇشۇنداق ئاددى بىر جۈملە سۆز ئارقىلق بالىلىرىنىڭ تىرىشچانلىقى ھەم ئىجاتچانلىقى قوزغايدۇ ، بىز بالا مەكتەپتىن كەلگەن ھامان " ھە ، بۈگۈنكى سىناقتا نەچچە نومۇر ئالدىڭ ؟ " دەپ سورايمىز . بالىلىرىمىز يوقىرى نومۇر ئالسا ئىزچىل يوقىرى نومۇر ئېلىشنى تەكىتلەشنى ، ئەگەر تكۋەن نومۇر ئالسا ئەدىپىنى بېرىشنى ئۇنتمايمىز . بۇيەردىكى تۈپ مەسلە : نومۇر مەقسەتمۇ ياكى ۋاستىمۇ ؟ دىگەن قاراشتىن ئىبارەت . نومۇر نىڭ مەقسەتكە ئايلىنىپ قىلىشى ئاتا- ئانىلارنىڭ ئىديەسىدىكى زور بىر ئۇقۇشماسلىق . ھەممىزنىڭ نەزىرىدە نومۇر دىمەك ئالى مەكتەپ ئىمتىھاندىنى ئۆتتى دىمەك ، ئىمتىھاندىن ئۆتتى دىمەك خىزمەت بار دىمەك ، خىزمەت بار دىمەك تۇرمۇش خاتىرجەم بولدى دىمەكتىن دېرەك بېرىدۇ ،بىز بارلىق تىرىشچانلىقىمىز ، بالىلارغا سالغان مەبلىغىمىزنىڭ ھەممىسى پەقەت مۇشۇ " تىنىچ تۇرمۇش " نى نىشان قىلغان ، شۇڭا ھەممەيلەن نومۇر ئۈچۈن كۆرەش قىلىدۇ . نىسپىيلىك نەزەريىسىنىڭ ئاساسچىسى ، دۇنياۋى داڭلىق ئالىم ئېينىشتىيىننىڭ تۆت يىشىدا تىلى چىققان ئىكەن . مەكتەپكە كىرگەندىن كىيىنمۇ ئۇ بىر دۆت ئوقۇغۇچى ئىكەن ، ئوقۇتقۇچىلار ئۇنى "كەلگۈسىدە چوقۇم يارىماس ئادەم بولىدۇ " دىگەنكەن ، ئەمما ئۇنىڭ ماشىنسازلىق ئىنژىنىرى بولغان دادىسى ئۇنى ئەيىبلىمەيلا قالماستىن ، ئۇنىڭ ئۆزىدە ئىشەنچ تۇرغۇزۇشقا ئىلھام بەرگەن . . ئېينىشتىيىننىڭ دادىسى ئۇنىڭ بىر قاپ ياغاچ كۇبىك ئېلىپ بېرىدۇ ، ھەمدە بىر ئائىلە كىشىلىرى ئۈستەلنى چۆرىدەپ ئېينىشتىيىننىڭ كوبىكنى قۇراشتۇرىشىغا قاراپ ئولتۇرىدۇ . ئېينىشتىيىن كوبىكنى ھەر بىر قىتىم قۇراشتۇرۇپ بولغاندا ، ھەممەيلەن قىزغىنلىق بىلەن چاۋاك چىلىپ ئۇنىڭغا ئىلھام بىرىدۇ . شۇنداق قىلىپ ئۇنىڭ ئۈزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى ئېشىپ ، ئاخىرى مەشھور ئالىم بولۇپ يېتىشىپ چىقىدۇ . بىزدە بالىلارغا تاپا - تەنە قىلىش كۆپ ، ئىلھام بېرىش ئاز ، ئۇلارنىڭ ئوي- پىكىر ، ھەۋىسنى تۇنجۇقتۇرۇش كۆپ ، قوللاش مەدەت بېرىش ئاز ، مەكتەپلىمىزدە بولسا كىتاپتا نىمە بولسا شۇنى ئەينەن يادلاشنى ، شۇ پىتى جاۋاپ بېرىشنى تەلەپ قىلىمىز ، ناۋادا بىرەر سۆز ، بىرەر جۈملە كىتاپتىكى بىلەن بىردەك بولمىسا ئۇ جاۋابىنى خاتا قىلىمىز . ئاتا- ئانىلار نومۇرنى شۇنداق قەدىرلەيدۇكى ، ئۇلار تۆۋەن نومۇردىن قورقىدۇ ، بالىلار نومۇر ئالالمىسا مەۋجۇدلۇق قىممىتى قالمايدىغاندەك بۆشۈكتىن تۆشۈككىچە ئايىغى چىقماس نومۇر ۋەھىمىسى ئاستىدا ياشايدۇ . داڭلىق كەشپىياتچى ئېدىسىنمۇ ئاران ئۈچ ئايلا مەكتەپتە ئوقۇيالىغان مىكرۇ سوفىت شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى بىل گايتسمۇ ئالى مەكتەپتىكى ئوقۇشنى تاماملىماي تۇرۇپلا ئۆز قىزىقىشى بويىچە مۇۋەپپىقىيەتكە ئېرىشكەن . ئېينىشتىيىن شۇنداق دەيدۇ ، " بىز نوقۇل مۇۋەپىپىقىيەت قازىنىش ئۈچۈنلا ئەمەس ، بەلكى قىممەتكە ئېگە كىشى بولۇش ئۈچۈن ياشىشىمىز كېرەك " بىز جان جەھلىمىز بىلەن قوغلىشىۋاتقان نومۇر بىر ۋاستە ، ئۇئادەمنىڭ بارلىقى ئەمەس ، تەقدىرى تېخىمۇ ئەمەس . بىزگە يوقىرى نومۇرلۇق تۆۋەن سەۋىيەلىك بالىلار كېرەكمۇ ياكى نومۇرى يوقىرى بولمىسىمۇ ئۆز قىممىتىنى تونۇپ يېتىپ قىممەت يارىتالايدىغان ئىجادچانلىققا ئېگە بالىلارمۇ ؟ بالىلارغا نومۇر ئارقىلىقلا باھا بېرىش ، نومۇرغا قاراپلا ئۇلارنىڭ تەقدىرىگە ھۆكۈم قىلىش ئىنتايىن مەسئوليەتسىز لىك . قىسقىسى ، بالىلار دا توغرا نىشان ، مۇستەھكەم ئېتىقاد تۇرغۇزۇپ ، ئۆزقىزىقىشى بويىچە تىرىشىشقا يېتەكلەش - دەل بىز ئىزدەۋاتقان مائارىپ ئىدىيەسدۇر . نومۇر بالىلارنىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەيدىغان بىردىن - بىر ئامىل بولۇپ قالمىسۇن .
|
|