| نۇرغۇنلىغان تورداشلار يېشىۋىتىلگەن ياكى ئورۇقلىتىۋىتىلگەن xpياكىwindows7مەشغۇلات سېستىمىسىنى قاچىلاپ ئىشلىتىدۇ. نەتىجىدە ئەلكاتىپ ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ ياكى پېرىنتېرلارنىڭ قوزغىتىش پىروگىراممىلىرىنى قاچىلاش جەريانىدا i386 ھۆججىتىنى تاپالماسلىق سەۋەپلىك «قاچىلاش مەغلۇپ بولدى، ئوپتىك دېسكىنى دىسقا ئوقۇغۇچىقا سېلىپ قايتا سىناڭ » دېگەن ئۇچۇر چىقىۋېلىپ ، ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ بېشىنى قاتۇرىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى، يېشىۋىتىلگەن ياكى زىيادە ئورۇقلىتىۋىتىلگەن سېستىمىلاردا i386 ھۆججەت قىسقۇچى يۇيۇلۇپ كەتكەنلىكتىن بولۇپ، تۈۋەندىكى ھۆججەتنى چۈشۈرۈپ ساقلاپ قويۇپ، ئەگەر يۇقارقىدەك مەسلىگە دۇچ كەلگەندە بىۋاستە مۇشۇ ھۆججەت قىسقۇچنى كۆرسىتىپ بەرسىڭىز بىھۇدە ئاۋارىچىلىقلاردىن خالى بولالايسىز. قېنى ئەمسە ، تۈۋەندىكى ئادرىستىن چۈشۈرۈۋېلىڭ !
i386.zip(3.96 MB, چۈشۈرۈش سانى: 41) |
|