بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئايرال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-3-19 13:09
 كومپىوتېرىڭىزنىڭ سېستىما خەت نۇسخىسىنى خالىغانچە ئۆزگەرتىۋېلىڭ
دىتال ھەققىدە: مەزكۇر دىتال ئارقىلىق كومپىيوتېرىڭىزنىڭ خەت نۇسخىسىنى ئۆزىڭىز خالىغان خەت نۇسخىسى ۋە خەت شەكلىگە ئالماشتۇرالايسىز، ھەتتا خەتنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى رەڭگى، تەگىلىك رەڭگى قاتارلىقلارنى، مائوسنىڭ ھەركەت ئۈنىمى، ئۈستەل يۈزى، تىزىملىك ... قاتارلىق تۈرلەرنىمۇ ماس ھالدا ئۆزگەرتىش مەقسىتىگە يىتەلەيسىز. مەشغۇلات تەرتىۋى ئاددي بولۇپ، كومپىيوتېردىن ئاز-تولا ساۋادى بارلا بىمالال ئىشلىتەلەيدۇ. شۇنداقتىمۇ، بىر قۇر چۈشەندۈرۈپ ئۆتەي: 1.ئالدى بىلەن دىتالنى چۈشۈرۈپ پىرىستىن يىشىمىز. 2.muapanelناملىق ھۆججەتنى قوش چىكىمىز. 3.چىققان دىئالوگ رامكىسىدىن 字体دىگەن تۈرنى تاللايمىز. 4.ئېچىلغان تىزىملىكتىن (字体)نىڭ ئاستىدىكى ئورۇندىن بەلگىلىمەكچى بولغان خەت نۇسخىسىنى تاللايمىز ۋە确定نى بېسىپ مەشغۇلاتنى تاماملايمىز.
ئەگەر سىز خەتنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى، رەڭگى، سايە ئۈنىمى، مائوسنىڭ ھەركەت ئۈنىمى، ئۈستەل يۈزى، تىزىملىك ... قاتارلىق تۈرلەرنى ئۆزگەرىتمەكچى بولسىڭىز، مۇناسىپ تۈرلەرنى تاللاپ ئۆزىڭىز خالىغانچە بىكىتسىڭىز بولىدۇ. قالغىنىنى ئۆزىڭىز سىناپ كۆرۈڭ!!!
ئىجرا مۇھىتى: winxp win7 سىزگە ئامەت تىلەيمەن!!!
چۈشۈرۈش ئادرىسى: 系统字体设置.zip(253.75 KB, چۈشۈرۈش سانى: 67, باھاسى: 2 دانەتىللا) |