| ئۇزۇن بوپ كەتتى مۇشۇ بايقاش تورىنى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ماتىريال ئىزدەيدىغان كۆڭۈلدىكىدەك مائارىپ بايلىق ئامبىرى دەپ قاراپ ئىزچىل پايدىلىنىش ھەمدە ھەر ۋاقىت دىققەت نەزەردە بولۇپ ، ئانچە مۇنچە يېڭىلىق ۋە ئەسەر بايلىقلاردىنمۇ تەڭ بەھىرلىنىپ كېلىۋاتىمىز ، ئەمما لېكىن ۋە بىراق بىر ئېغىز سۆزنى قەتئىي ئېيتقۇملا باركى ھەرگىزمۇ كۆڭلۈمنىڭ قېتىدا ساقلاپ يېتىۋەرگۈم يوق قەدىرلىك تورداشلار ......
دائىم مۇھىم ماتىرياللار لازىم بولۇپ قېلىپ بايقاش تورىغا كىرسەم ھەممىسى ئاساسەن qiannao.com تورىغا يوللانغانلىقىنى كۆرىمەن ، ئەمما لازىم بولغاندا چۈشۈرەي دىسەم قەتئىي مۇمكىن ئەمەس ھەرگىزمۇ چۈشۈرەلمەيۋاتىمەن ھەم چۈشكىسىمۇ كەلمەيدىكەن ئۇ خەقلەرنىڭ ھەقسىز بوشلۇقلىرىغا يوللانغان نەرسىلەر شۇ سەۋەبتىن تورداشلاردىن ئاددىي بىر ئۆتۈنۈشۈم مۇمكىن بولسا مۇشۇ شىنجاڭ رايونىدا بولۇپ خوتەن دىيارىدىكىدەك تور چەكلەنگەن رايوندىكىلەر بىمالال ئېچىش پۇرسىتىگە ئىگە بولغان تور بوشلۇقلىرىغا ماتىريال يوللىساڭلار ، يەنە بىرسى يوللىغان ماتىريالغا ھە دىسىلا تەڭگە قويۇپ چەكلىمە قويۇۋەتمىسەڭلەر ، لازىملىقلار ئىزدىگەن نەرسىسىنى ۋاقتىدا تاپسا ، باش قېتىنچىلىقىنى ۋاقتىدا ھەل قىلىپ مائارىپنىڭ تۈگىمەس دەپتەر خىزمىتىنىڭ جاپاسىدىن ئازراق بولسىمۇ يۈكى يەڭگىللەپ ئازادلىققا چىقسا تورنىڭ پايدىسىنى ھەم ھۇزۇرىنى ھەممەيلەن سۈرسەك دىگەن ئويدىمەن .........
كەمىنە ئۆزۈممۇ بىر تور بىكەت ئاچقۇچى ھەم كېرىيە لەنگەر يېزىسىنىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا ئۆزلۈكسىز تۆھپە قوشىۋاتقان ياش ئوقۇتقۇچى ، مۇمكىن بولسا مەنمۇ راۋۇرۇس ئەقلىي ئىقتىدارلىق چۈشۈرۈش بېكىتىدىن بىرنى ئاچقۇم بار ھەم تۇتۇش قىلىۋاتىمەن ، پات يېقىندا تورداشلار ھۇزۇرىغا سۇنۇپمۇ قېلىشىم مۇمكىن ، ئاخىرىدا دەيدىغىنىم تورداشلارنىڭ ئۆز ئارا تېخىمۇ ئىناق بولۇشىنى ، ئۆز ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش قوللاش ئىشلىرىدا تېخىمۇ دادىل ھەم كەڭ قورساق بولىشىنى چۈن كۆڭلۈمدىن ئۈمىد قىلىمەن ............... |
|