كۆرۈش: 1046|ئىنكاس: 6

‹‹8-مارت›› خانىم-قىزلار بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!

 [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
<< 8-مارت >> خانىم-قىزلار بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!
(كېرىيە ناھىيە قاراقىر ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى: بۈۋىنىسا ئابدۇغېنى)

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! ھۆسنىدىن نۇر، ۋۇجۇدىدىن غۇرۇر تۆكۈلۈپ تۇرىدىغان؛ قەلبى دەريا،چېھرى نۇر-زىيا؛ ئەرلەرنىڭ تەختى، پەرزەنتلەرنىڭ رەختى، ئائىلىنىڭ بەختى گۈلچىراي سۆيۈملۈك خانىم-قىزلار، كۆيۈملۈك ئاياللار، ئانىلار، ھەممىڭلارنىڭ ئەزىز تىنىڭلارغا ساقلىق، قەلبىڭلارغا زىلال سۇدەك ئاقلىق، مېھىر-مۇھەببەتلىك ئائىلەڭلەرگە ئامانلىق ئەبەدىي يار بولسۇن!  105-قېتىملىق << 8-مارت >> خانىم-قىزلار بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!... ھەر بىر كۈنۈڭلار بايرامدەك ئۆتسۇن!...
   ئۆزى بىر گۈل، سۆزى بىر گۈل، ئاقكۆڭۈل، مۆھتەرەم خانىم-قىزلار، بىز يۈرەك پارىلىرىمىزنىڭ ئانىسى بولۇپلا قالماستىن، مىللەتنىڭمۇ،   ۋەتەن-خەلقنىڭمۇ ئانىسى.  زىممىمىزگە يۈكلەنگەن يۈك ئىنتايىن بۈيۈك.  بىر ئانىنىڭ قانداق بولۇشى شۇ ئائىلىنىڭ، شۇ ئائىلىدىكى كىشىلەرنىڭ قانداق بولۇشى بىلەن زىچ باغلىنىشلىق ئىكەنلىكى ھەممىمىزگە ئايان.  بىز ئاياللار ،بىز ئانىلار ئۆينىڭ گۈلى،بىز بولمىساق تۆكۈلمەس ئوچاقنىڭ كۈلى،مۇكەممەل بولماس ھاياتلىقنىڭ ھۇلى، ھەتتا ئىچ-ئىچىدىن ئېچىلىپ كۈلەلمەس ئۆيلىرىمىزنىڭ تۈۋرۈكى بولمىش ئەرلەر يۈرىكى...بىز ئانىلار بولمىساق ،ئوخشىماس قازاننىڭ بىر ۋاخ ئېشى، توختىماس كۆزلەرنىڭ ھەر چاغ يېشى... ئۆزگىچە گۈل-غۇنچىدەك، پاكىزە ھەم ئۈنچىدەك ئاياللار، ئانىلار، خانىم-قىزلار بولغاچقىلا،بۇ دۇنيا شۇنچىلىك گۈزەل،مەڭگۈ ئۈزۈلمەس داستان ھەم غەزەل،كۈنلەر ئۆتەر يېگەندەك قەن-ناۋات،ھەسەل...  
بىزئاياللار،بىز ئانىلار تەربىيلىگۈچى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئۆملۈك تۇغىنى مۇستەھكەم كۆتۈرۈپ، ئۆچلۈك ئوتىنى قىلچىمۇ قويماي ھەم  ئۆچۈرۈپ، ئاي-قوياشنى قەلبىمىزگە كۆچۈرۈپ، ئەقىل-پاراسىتىمىزنى ئىشلىتىپ، ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئۆچمەس، نۇرانە ئىزلىرىنى قىبلىنامە قىلىپ، ئىلىم-پەنگە تايىنىپ،سەھرا،يېزا-قىشلاقلىرىمىزغا،ئانا يۇرت-ماكانىمىزغا ئىلىم-مەرىپەت، ئىلغار مەدەنىيەت، غورۇر-سەمىمىيەت، بۇرچ-مەسئۇلىيەت، ئىناق جەمىئەت، بەخت-سائادەتنىڭ ئالتۇن ئۇرۇقلىرىنى  مېھىر-مۇھەببىتىمىز بىلەن تېرىپ، پەرۋىش قىلىپ؛ نادانلىق،قاششاقلىق، خۇراپاتلىق، ئىناقسىزلىق، ساۋاتسىزلىق، ھۇرۇنلۇق... قاتارلىق شۇمبۇيىلارنى قەھرى-غەزىپىمىز بىلەن يۇلۇپ تاشلاپ، ئانا يۇرتىمىز باغرىنى خۇشپۇراق گۈللەرگە پۈركەيلى!... ئىسمى-جىسمىغا لايىق، ئۆزى بىرگۈل، كۆڭلىمۇ، قىلغان ئىشىمۇ گۈل، ئۇز گۈل كىشىلەردىن بولايلى!...  ئىناق ئائىلە،ئىللىق تەربىيە مۇھىتى،گۈزەل يۇرت-ماكان بەرپا قىلىش جەھەتتىكى مەسئۇلىيىتىمىزنى تولۇق ئادا قىلىش ئۈچۈن ئىزدىنەيلى، تىرىشچانلىق كۆرسۈتەيلى!...  بۇنىڭ ئۈچۈن يۈكسەك مەسئۇلىيەتچانىق بىلەن ھاياتىمىزنى ھەسسىلەپ قەدىرلەپ،بۈگۈننى قولدىن بەرمەي،ئۆزىمىزنىڭ ھەر قايسى جەھەتتىكى ئاڭ-سەۋىيىمىزنى تېخىمۇ ئۆستۈرىشىمىز، مۇكەممەل بولۇشقا تىرىشىشىمىز  خۇددى ھاۋادەكلا ئىنتايىن زۆرۈر.
ئەقىللەرنى لال، كۆزلەرنى پال، يۈرەكلەرنى قامال قىلغۇچى زاتى ھىلال،دىلى زىلال،تىلى بال، ئاي يۈزلۈك،خۇمار كۆزلۈك،شىرىن سۆزلۈك، شەرمى-ھايالىق، ئەقلى-ۋاپالىق سۆيۈملۈك ئاياللار،ئانىلار،خانىم-قىزلار: بىباھا كىتابلارنى سېتىۋېلىش،ئوقۇش،ئۆمۈرلۈك ئۆگىنىش ئادىتىمىزگە،ئەتىۋارلىق ئۇدۇمغا ئايلانسۇن!...ئىش-ئىزلىرىمىز كۈرمىڭ يىل-زامانلاردىن كېيىنمۇ سۆيۈنۈش ئىلكىدە يادلانسۇن!...گىرىمسىز گۈزەللەر بولمىش تاغ كەبى يۆلەنچۈك ئەرلەر؛يۈرەك پارىمىز،بارىمىز بولمىش ئوماق پەرزەنتلەر ھەقىقىي بەختنىڭ لەززەتلىك تەمىنى تېتىسۇن!... بارچە مەۋجۇدات بىز ئاياللاردىن،ئانىلاردىن،خانىم-قىزلاردىن شادلانسۇن،  پەخىرلەنسۇن!...
بەختلىك ئائىلىلىرىمىزدە قازان-قۇمۇشلار تاراقشىپ، قاچا-قۇچىلارغا دەز كەتسە كەتسۇنكى، جاققۇ-جۇققىلار بولۇپ، نازۇك كۆڭۈللەرگە دەز كەتمىسۇن!...گۈلدەك پەرزەنتلىرىمىز تىرىك تۇرۇپ يىتىملىك كوچىسىدا تەلمۈرۈپ،تەمتىرەپ يۈرمىسۇن!...سەۋىر تېشى بىزگە مەڭگۈلۈك بەخت تېغى بولسۇن!... بەدبۇي تىكەنلىرىمىز بىلەن  ئەمەس، خۇش ئىپار گۈللىرىمىز بىلەن ئائىلىمىزنى، يۇرت-ماكانىمىزنى گۈللەندۈرۈش بىزنىڭ يۈكسەك نىشانىمىز بولسۇن!...چىن دوستلىرىڭلار گۈل ، بىدوستلىرىڭلار كۈل بولسۇن!... توغراق يېشى سېلەرگە ئەبەدىي يار بولسۇن!...

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1قىزغىنلىق +3تىللا +3تۆھپە +3شۆھرەت +3يىغىشسەۋەبى
كەۋسەر + 3 + 3 + 3 + 3بارىكاللا تېرىشىڭ!

باھا خاتىرىسى


baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2015-3-7 08:39:01|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مونبەردىكى بارلىق خانىم قىزلارنىڭ بايرىمىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن ،ئەھمىيەتلىك تىمىڭىزگە تەشەككۈرلەر
ۋاقتى: 2015-3-7 14:37:53|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆپ    رەھمەت  ،   ناھايتى   ياخشى  يېزىلغان   تەبرىك   سۈزىكەن  .ئاخشام   مۇشۇ   توغرسىدا    پەقەت     ماتىريال   تاپالماي     ،نەچچە   سائەت   ۋاقتم   كەتتى   نۇتۇق    ماقالسى   تەييارلاشقا  .   سىزنىڭ    ماقالىڭىزمۇ   بەك   ياخشى   چىقىپتۇ   .تەشەككۈر
ۋاقتى: 2015-3-7 21:05:13|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇنبىرىمىزدىكى بارلىق خانىم-قىزلارنىڭ يېتىپ كېلىش ئالدىدىكى بايرىمىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن.
ۋاقتى: 2015-3-7 23:06:48|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەخمەت سىزگە ،بەك ياخشى يېزىپسىز
ۋاقتى: 2015-3-8 02:26:18|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ياخشى تەييارلاپسىز ، ئەپسۇس كىچىكىپ كۆرۈپتىمەن ، ساقلىۋالدىم، رەھمەت سىزگە
ۋاقتى: 2016-3-15 16:02:31|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تەييارلاپسىز.رەخمەت سىزگە.
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش