دۈشەنبىلىك يۇمۇرلار بىر بالا دايىم دانىخورەكنى سىقىدىكەن .ئانىسى ئۇنىڭغا كايىپتۇ : _سىقما ،سىقىۋەرسەڭ داغ بولۇپ قالىدۇ . كەچتە بۇ بالا ئايغا قاراپ ئۇھ تارتىپتۇ : _ئاي بىچارىمۇ دانىخورەكنى سىقىپتىكەن_دە !
***********
دادىسى بازاردىن سېتىۋالغان بىر ئويۇنچۇقنى ئۈيىگە ئەكىلىپتۇ_دە ،بەش بالىسىنى چاقىرىپ مۇنداق دەپتۇ: _كىم ئانىسىنىڭ گېپىنى بەك ئاڭلايدۇ،ئانىسى بىلەن تاكاللاشمايدۇ ،ئانىسى تاپشۇرغان ئىشنى ياخشى قىلىدۇ ؟شۇ بالا بۇ ئويۇنچۇقنى ئوينىيالايدۇ .بەش بالا بىردەم جىم-جىتلىققا چۆككەندىن كېيىن ھەممىسى تەڭلا بىر ئېغىزدىن : _دادا بۇ ئويۇنچۇقنى سىز ئوينىسىڭىز بولغۇدەك ،_دەپتۇ .
*********
ئىككى بالا باققۇچى ئۆز خوجايىنلىرى توغرىسىدا مۇڭدىشىپ قاپتۇ . بالا باققۇچى ئا : _مەن تۇرۇۋاتقان ئۆيدىكى خانىم بەك ياخشى، مۇئامىلىسىمۇ ئوبدان ،بىراق ئەپەندىم بەك ئەسكى. بالا باققۇچى ب : ئۇ قانداق ئەسكى ؟ بالا باققۇچى ئا : دائىم ئاچچىقلايدۇ ،ھە دىسىلا مىنى تىللايدۇ . بالا باققۇچى ب: ئۇنداقتا، سەن قىينىلىپ قاپسەن _دە ! بالا باققۇچى ئا : مەنمۇ بوش كەلمەيمەن ،ئۇنىڭغا شورپا ئەكىرىدىغان چاغدا قاچىسىغا تۈكۈرۈپ قويىمەن ،يەنە تېخى يۈز لۇڭگىسىگە شىلىم سۈرۈپ قويىمەن .
*********
ئاتا -بالا مال بازىرىغا بېرىپتۇ . بالا : دادا ،چوڭلار نىمىشقا قوينىڭ دۈمبىسىگە شاپىلاقلاپ ،قۇيرىقىنى تۇتۇپ باقىدۇ ؟ ئاتا : ئۇلار سېتىۋالىدىغان قوينىڭ سىمىز -ئۇرۇقلىقىنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن شۇنداق قىلىدۇ . بىر نەچچە كۈندىن كىيىن بالا ھاسىراپ -ھۆمىدىگىنىچە دادىسىنىڭ يېنىغا يۈگرەپ بېرىپتۇ-دە _ _چاتاق بولدى ،دادا ،پوچتالىيون ئاكاش ئاچامنى سېتىۋالىدىغان ئوخشايدۇ ،ئۇ ئاچامنىڭ ئۇرۇق -سىمىز لىكىنى بىلىپ بېقىۋاتىدۇ .
***********
بىر ھورۇن قىز زادىلا يۇيۇنمايدىكەن ،كىيىملىرىنىمۇ يۆتكىمەيدىكەن ،بىر كۈنى ئاپىسى مىھمان چاقىرىپتۇ ۋە قىزىغا : _قىزىم ،يۈز -كۆزلىرىڭنى پاكىزراق يۇغىن ،كىيىملىرىڭنى ئالماشتۇر ،_دەپتۇ .قىزى : _ئاپا ،مىھمانلار كەلمەي قالسا مىنىڭ يۇيۇنۇپ ،كىيىنىشلىرىم بىكارغا كەتمەمدۇ ؟_دەپتۇ .
************
دوختۇر : _ساڭا ئالدىنقى قېتىم يېزىپ بەرگەن دورا قانداقراقكەن ،پايدىسى بولدىمۇ ؟ ئاغرىق : _بەك ياخشى ئىكەن ،تاغام مىنىڭ شۇ دورامنى خاتا ئىچىۋېلىپ ،ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئۆلۈپ كەتتى .ھازىر مەن ئۇنىڭ مال -دۇنياسىنىڭ ۋارىسى بولۇپ قالدىم .
***********
تالىپ : ئايالىڭىز قانداق چاغدا ئاز سۆزلەيدۇ ؟ ئۆمەر : 2-ئايدا . تالىپ : نېمىشقا ؟ ئۆمەر : 2- ئاي 28 كۈنلۈك ئەمەسمۇ .
***********
ئا : دوختۇرنىڭ دېشىچە ،ئۇرۇقلاشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى سۇ ئۈزۈش ئىكەن . ب: بۇ گەپكە تازا ئىشەنگىلى بولمايدۇ ،كۈن بۇيى سۇدا ياشايدىغان كىتلارنىڭ بىرسىمۇ ئۇرۇق ئەمەسقۇ ؟!
***********
مەلۇم شېركەتنىڭ لىدىرى ياش خىزمەتچىلەرنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا : _توي قىلمىغان قىزلىرىم بار ،ئۇلارنى ياتلىق قىلغاندا بىر ئۆلۈشتىن تويلۇق سوۋغا بىرىمەن . 30 ياشلىق قىزىمغا 10 مىڭ يىۆەن ،35 ياشلىق قىزىمغا 50 مىڭ يىۈەن ،40 ياشلىق قىزىمغا 100 مىڭ يىۈەن ،بېرىمەن .ئۇلار بىلەن توي قىلغان يىگىت ھەرگىز زىيان تارتمايدۇ ،_دەپتۇ . بۇ چاغدا بىر خىزمەتچى ئورنىدىن تۇرۇپ : _لىدىر ،50 ياشلىق قىزىڭىز بارمۇ ؟_دەپ سوراپتۇ .
***********
زىراپە مايمۇنغا ياتلىق بوبتۇ . بىر يىلدىن كىيىن زىراپە ئاجرىشىشنى تەلەپ قىلىپ مايمۇنغا : _ئېگىز -پەس سەكرەپ يۈرۈشۈڭنى ئەمدى كۆرگۈم يوق ! _دەپتۇ .مايمۇنمۇ كۆڭلىدىكىنى دەپتۇ : _ئاجراشساق ئاجىرىشايلى ،سۆيۈشۈش ئۈچۈن دەرەخكە چىقىۋىرىپ ئەمدى ھاردىم ،_دەپتۇ .
**********
بىر كۈنى بىر دېھقان ئېشىكىنى يېتىلەپ شەھەرگە كىرىپتۇ ،بىرۆيلەن دېھقاننى ئەخمەق قىلىش ئۈچۈن : _تاماق يىدىلىمۇ ؟_دەپ سوراپتۇ . دېھقان : _ يىدىم ،_دەپ جاۋاپ بىرىپتۇ . _ سىلىدىن سورىمىدىم ،ئېشەكتىن سوراۋاتىمەن ،_دەپتۇ ھېلىقى .ئادەم . دېھقان ئېشىكىنى قامچىلاپ : _شەھەردە تۇققىنىڭ بارلىقىنى نىمىشقا ماڭا دىمىدىڭ ؟_دەپتۇ .
***********
يىگىت : سىز مىنىڭ قوياشىم ،يۇلتۇزۇم ........... قىز : ماڭا مۇھەببەت ئىزھار قىلىۋاتامسىز ياكى ئاستورونومىيەدىن دەرس بىرىۋاتامسىز ؟
************
ئوغلى : ئاپا ،كۇپتىكى سۈتنىڭ ئىچىدە چاشقان تۇرىدۇ . ئاپىسى : ئېلىپ تاشلىۋەتكەنسەن ؟ ئوغلى : ياق ،مۈشۈكنى سېلىپ قويدۇم .
مەنبەسى : مىسرانىم مۇنبىرى |