كۆرۈش: 616|ئىنكاس: 4

مەكتەپ نىزامنامىسى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
مەكتەپ نىزامنامىسى

1.        باپ مەكتىپىمىزنىڭ ئەھۋالى
--مەركىزى باشلانغۇچ مەكتەپ -- يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ شەرقى شىمالىغا جايلاشقان بولۇپ،يىزىلىق ھۆكۈمەت بىلەن بولغان ئارلىقى 1.5 كىلومىتىر كىلىدۇ.مەكتىۋىمىز  1937-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ،1992-يىلى‹‹دولەت يېزا ئوتتورا-باشلانغۇچ مەكتەپ قۇرلۇشنى ئۆزگەرتىش››تۇرگە كىرگۇزۇپ 3دۇڭ 512كىۋادىرات مىتىر كىلدىغان ياخاچ بىتۇن قۇرۇلمىلىك قۇرلۇش سىلىنغان،بۇنىڭ ئىچدە 2دۇڭ ئوقۇتۇش سىنپى،1دۇڭ ئىشغانا سىلىنغان.2009-يىلى 3-ئايدا مەكتىۋىمىز يەنە‹‹دولەتنىڭ ئىككى ئاساسەن قۇرلۇش››تۇرگە كىرگۇزۇلۇپ 1دۇڭ 3قەۋەت 2003كىۋادىرات مىتىر كىلدىغان جازا قۇرۇلمىلىق ئۇنۋىرسال ئوقۇتۇش بىناسى سىلىندى.تۆت مەكتەپ بىرلەشتۇرلدى،مەكتەپ قۇرلۇش كۆلمى2003كىۋادىرات مىتىر ،ئوقۇغۇچى بىشغا توغرا كىلدىغان كۆلەم3.5كىۋادىرات مىتىر،مەكتەپتە بار سىنىپ سانى17بولوپ ئوقۇغۇچى سانى601نەپەر،ئۇنىڭ ئىچىدا قوش تىل سىنپى4.قوش تىل بويۇنچە تەربىلنىۋاتقان ئوقۇغۇچى116نەپەر:مەكتەپتىكى ئشچى-خىزمەتچلەر45نەپەر ئۇنىڭ ئىچدە مەخسۇس ئوقۇتقۇچى39نەپەر، ئوقۇتقۇچلاردىن تولوك كۇرۇس ئوقۇتۇش تارىخدىكلەر2نەپەر،مەخسۇس ئوقۇتۇش تارىخدىكلەر32نەپەر،ئوتتورا تىخنىكۇم مەدىنيەت سەۋيسىدىكلەر11نەپەر ئوقۇش تارىخدا لاياقەتلىك بولوش نىسبىتى100پىرسەنىت،باشلانغۇچ مەكتەپ ئالى دەرجىلىك ئوقۇتقۇچى4نەپەر،بىرنجى دەرجلىك ئوقۇتقۇچلار21نەپەر،ئىككىنجى دەرجىلىك ئوقۇتقۇچىلار 17،مەخسۇس ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كەسپى تىخنىكا بويۇنچە لاياقەتلىك بولوش نىسبىتى100پىرسەنىت.مەكتەپنىڭ قاتىق دىتال ئەسلھەلىرى بىرقەدەر مۇكەممەللەشكەن،تەبىئەت تەجىربىىخانىسى،كوپ ۋاستلىك ئوقۇتۇش ئۆيى،يىراق مۇساپىلىك ئوقۇتۇش ئۆيى،سەھيە-ساقلىقنى ساقلاش ئۆيى،تەنتەربىيە ئەسلھەلەر ئۆيى،مۇزىكا-گۇزەل سەنئەت ئۆيى،قىرائەتىغانا قاتارلىقلار بولوپ ئوقۇتۇش ئەسلھەلىرى ۋە تەنتەربىيە،موزىكا،ساقلقنى ساقلاش،ئەمگەك-تىخنىكا سايمانلىرنىڭ سەپلىنىشى ئاپتۇنۇم رايۇنىڭ 2-دەرجىلىك سەپلىنىشگە يەتكەن.
مەكتەپنىڭ ئىقتىساتچانلىق بىلەن ئىشلەپ،تىرشچانلىق بىلەن مەكتەپ باشقۇرۇش يىرى64مۇ، ھەربىر سىنىپقا 3.7مودىن توغرا كىلدۇ.مەكتەپ ئەخلاقى –تەربىيەنى ئاساس،ئوقۇتۇش سۇپتنى مەركەز،ئوقۇغۇچلارنىڭ يىڭلىق يارتىش روھي ۋە ئەمليەت ئىقتىدارنى يىتشتۇرشنى نوقتا قىلشتا چىڭ تۇرۇپ ئوقۇتقۇچىلار قوشۇن قۇرلىشنى ئەللاشتۇرۇپ ئوقۇتۇش ئىشلىرنى ئىلگىرى سۇرۇشنى تەرەقيات يولى قىلىپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىدىيە-ئەخلاق تەربىيسى ۋە پەزىلەت تەربىيسنى چىڭ تۇتۇپ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ خاراكتىرنىڭ تەرققى قىلشغا ئەھمىيەت بىرىپ ئۆزدىكى ئارتۇقچىلقنى جارى قىلدۇرشقا ئەھمىيەت بىرلدى.ئۇزاق مۇددەتلىك ئوقۇتۇش ئەملىيتى ئارقىلىق‹‹ئۇستۇنلىككە ئىنتىلىش،گۇزەلكنى سويۇش،ئەمىليەتچىل بولوش،ئالغا ئىلگىرلەش››تىن ئىبارات مەكتەپ ئىستىلى‹‹تىرشچان،ئىھتىياچان بولوش،ئوزنى بىغشلاش››دىن ئىبارەت ئوقۇتۇش ئىستىلى‹‹ئەستايدىل بولوش،كوڭول قويۇش،مەدىني بولوش،ئالغا ئىنتىلىش››دىن ئىبارەت ئۇگۇنىش ئىستىلى بەرپا قىلىندى.
تەربىلەش سەۋيەسى ۋە ئوقۇتۇش سۇپتى ئۇزلۇكسىز ئوستۇرلدى،مەكتەپ ئىلگىرى كىيىن بولوپ يۇقىرى تۆۋەن دەرجلىك ئورۇنلار تەرپدىن 2005-يىلى‹5تە ياخشى پارتىيە تەشكىلاتى›2008-يىلى ‹‹بىخەتەر مەدەنيەتلىك ئورۇن››‹‹تىنىچ-ئامان ئورۇن›› بولوپ باھالاندى.
2010- يىلى يېزا دەرىجىلىك ئىلغار ئورۇن ،2011- يىلى 3- ئايدا «ئۇلۇغ ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈش، گۈزەل يۇرت ماكان قۇرۇش» بويىچە قوش تىلدا نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسىدە مائارىپ ئىدارىسى تەرىپىدىن  مۇنەۋۋەر تەشكىللەش مۇكاپاتىغا ئىرىشتى.

2.باپ   يىتەكچى قائىدە
بىز دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك قانۇن نىزاملىرى ۋە مائارىپ مەمۇرى باشقۇرۇش ئورۇنلىرىنىڭ سىياسەت بەلگىلىمىلىرىنىڭ روھىغا ئاساسەن كوناشەھەر ناھيە تېرىم يىزا مەركىزى مەكتىپىمىزنىڭ ‹‹نىزامنامىسى›› نى تۈزۈپ چىقتۇق .
بىرنچى ماددا : مەكتەپ نامى: قەشقەر كونا شەھەر ناھيە تېرىم مەركىزى مەكتەپ
ئىككىنچى ماددا: مەكتەپ ئادىرسى: كوناشەھەر ناھيە تېرىم يىزا 2-كەنىت 2-مەھەلە
ئۈچۈنچى ماددا: مەكتەپ خاراكتىرى: 9 يىللىق مەجبۇرىي مائارىپ تۈزۈمىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپ
توتنچى ماددا: مەكتەپنىڭ ئاساسى نشانى:دۆلەتنىڭ مائارىپ فاڭجىنىنى ئومۇمىيۇزلۇك ئىزچىللاشتۇرۇپ ، دۆلەتنىڭ قانۇن-تۈزۈملىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك سىياسەت بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن ئوقۇتۇش ئىلىپ بىرىپ باشتىن ئاخىرى تەلىم تەربىيە بازىسىنىڭ پاكلىقىنى ساقلاپ سوتسىيالىستىك زامانىۋلاشتۇرۇش قۇرۇلىشى ئۈچۈن ياراملىق ئىز –باسارلارنى تەربىيلەش كەڭ خەلىقىنىڭ كۈتكەن ئۈمۈدىنى ئاقلاش .يۇقىرى دەرىجىلىك مەكتەپلەرگە ساپالىق ئوقۇغۇچىلار قوشۇننى يىتىشتۈرۈپ بىرىش .
بەشىنچى ماددا: مەكتەپ باشقۇرۇش نىشانى: ساپا مائارىپىنى يولغا قويۇشنى ئاساس قىلىپ، قوش تىل ئوقۇتۇشىنى ئومۇمىيۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ ،  مەكتەپنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇپ ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىجاد قىلىش روھى ۋە ئەمىلىي ئىقىتىدارىنى ھەقىقىي تۈردە يۇقىرى كۆتىرىپ، مەكتىۋىمىزنى «مۇھىتى گۈزەل، ئوقۇتۇش سۈپتى يۇقىرى، باشقۇرۇش ئەلا بولغان، ھەممە ئوقۇغۇچىنى ياراملىق قىلىپ تەربىيەلەيدىغان » زامانىۋى مەكتەپ قىلىپ قۇرۇپ چىقشتىن ئىبارەت.

3. باپ    مەكتەپنىڭ باشقۇرۇش ،باشقۇرۇلۇش قۇرۇلمىسى
ئالتىنچى ماددا: مەكتىۋىمىز يىزا دەرىجىلىك مەركىزى باشلانغۇچ مەكتەپ بولۈپ، كەسپى جەھەتتىن ناھيىلىك مائارىپ ئىدارىسى يېتەكچىلىك قىلىدۇ .مەكتىۋىمىزدە ئىلمى بۆلۈم، سىياسى بۆلۈم(ئەخلاق-تەربىيە بۆلۈمى)، ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانسى، مەكتەپ ئىشخانسى، مالىيە بۆلۈم قاتارلىق تەشكىلاتلاردىن تەشكىل تاپقان. «قاتلاملار بويىچە باشقۇرۇش،  ئىش تەقسىماتى ئىنىق بولۇش» پىرىنسىپىغا ئاساسەن، مەكتپە پارتىيە ياچىكسى رھبەرلىگىدىكى مەكتەپ مۇدىرى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمى بويىچە مەسئۇلىيەتنى ئىجىرا قىلىدۇ.
يەتتىنچى ماددا: مەكتەپ پارتىيە ياچىكا شۇجسى رەھبەرلىگىدىكى مەكتەپ مۇدىرى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمى، ئوقۇتقۇچىلارنى تەكلىپ قىلىش تۈزۈمى، ئىش ئۈنىمىنى سىناپ تەكشۈرۈش كۆرسەتكۈچ سىستىمىسى ۋە مۇناسىۋەتلىك تۈزۈملەر يولغا قويۇلغان .
مەكتەپ مۇدىرى تۆۋەندىكىدەك ھوقۇقلارغا ئىگە :
(1) مۇھىم ئىشلارغا نسبەتەن قارار چىقىرىش ھوقوقىغا ئىگە  بولۇپ، ھەر قايسى تەرەپلەردىكى پىكىرنى  يەكۈنلەپ، مەكتەپنىڭ مۇھىم بولغان مەمۇرىيى ئىشلارغا نسبەتەن ئەڭ ئاخىرقى قارار چىقىرىش ھوقوقىغا ئىگە.
(2) ۋەزىپىگە تەينىلەش، ۋەزىپىدىن قالدۇرۇشنى كۆرسىتىشىكە پىكىر بىرىش، ئىلمىي مۇدىرى نامزاتىنى كۆرستىش، بەلگىلىمە بويىچە ئوتتۇر قاتلام كادىرلىرنى ۋەزىپىگە قويۇش، ۋەزىپدىن ئىلىۋىتىش، ئوقۇتقۇچى، ئشچى-خىزمەتچىلەرنى تەكلىپ بىلەن ئىشلىتىش ھوقۇققا ئىگە.
(3) مالىيە ۋە ئاساسى قۇرلۇش رىمۇنىتىنى تەستىقلاش، مەكتەپ مالىيە ئىشلىرنى بىر قوللۇق باشقۇرۇپ، تەستىقلاش ، مەكتەپنىڭ رىمۇنىت تۈرنى بىكتىش ۋە بۇ تۈرنى ئىلىپ بىرىش ھوقۇقى بار.
سەككىزنچى ماددا: مەكتەپ مۇدىرى تۆۋەندىكىدەك مەجبۇرىيەتلەرنى ئىجىرا قىلىدۇ.
(1) توغرا بولغان مەكتەپ قۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، «ئاساسى قانۇن» ۋە «مائارىپ قانۇنى»غا رىئايە قىلىش، مەكتەپنىڭ تۈرلۈك قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئەمەل قىلىش، ئوقو-ئوقۇتۇش، تەلىم-تەربىيە  خىزمىتنى ئەستايدىل تەشكىللەش، قانات يايدۇرۇش، ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ قانۇنى ھوقۇق مەنپەتىنى قوغدايدۇ. مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇپ، قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەرنى چەكلەش تەربىيسىنى كۈچەيتىپ، سوتسىيالستىك مائارىپ بازىسىنىڭ پاكلىقىنى قوغدايدۇ.
(2) يۇقىرى دەرىجىلىك ئاساسلىق باشقۇرغۇچى تارماقلار ۋە مەكتەپ پارتىيە ياچىكسىنىڭ رەھبەرلىگى، يىتەكچىلىكى ۋە نازارىتىنى قوبۇل قىلىدۇ.
(3) تەربىيە كۆز قارشىنى ئۆزگەرتىپ، ساپا مائارىپنى ئومومىيۈزلۈك يولغا قويۇپ، ھەر قايسى بۆلۈم تارماقلار خىزمەتلىرىنى تەكشى، ياخشى ئىلىپ بىرىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەتراپلىق تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
(4) دىمۇگىراتىك مەركەزلەشتۇرۇش تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ، مەمۇرىيەت رەھبەرلىك كوللىكتىۋىنىڭ ئەقىل پاراسىتىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلەر ۋەكىلىنىڭ نازارىتىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىدۇ.
(5) ئوقۇتقۇچىلار قوشۇن قۇرلۇشى ۋە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئوقۇتۇش، تەلىم-تەربىيە سۈپىتنىڭ مۇھىم يۇقىرى كۆتىرلىشىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ.
(6) مەكتەپ ئىچىدىكى سىنىپ، ئوقۇتۇش ئەسىلھەلىرى، ئۈسكۈنە قاتارلىق قاتتىق دىتال قۇرلۇشىنى ئىلىگىرى سۈرۈپ، زامانىۋىلاشقان تەلىم-تەربىيە قەدىمىنى تىزلىتىدۇ.
(7) ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى قوللۇنۇپ، خەتەرلىك ھادىسىلەرنىڭ ئالدىنى ئىلىپ، ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ.
(8) ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتە پاك-دىيانەتلىك  بولۇشىنى ئۆزدىن باشلاپ، ئومومىلىقنى كۆزلەپ، ئىتتىپاقلىشىپ، ھەمكارلىشىپ، بىردەكلىنى ساقلايدۇ.
توققۇزنىچى ماددا: مەكتەپ پارتىيە ياچىكسى مائارىپ فاڭجىنى ۋە سىياسەتلىرنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئوقۇتۇش تەشكىللەشتىكى يادرولۇق،  نازارەتچىلىك ۋە كاپالەتلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، يۇقىرى دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتى تاپشۇرغان تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى ئورۇندىغاندىن سىرىت يەنە تۆۋەندىكىدەك ۋەزپىلەرنى ئورۇندايدۇ.
(1) پارتىيە تەشكىلىينى بىرلىك قىلغان پارتىيە، مەمۇرىيەت، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، ئىتتىپاق كومتىتى، پىئۇنىرلار باش ئەتىرتى قۇرۇپ،  ئاپراتلارنى تەڭ تۇتۇش، تەڭ باشقۇرۇپ، مەكتەپ ئەخلاق تەربىيە خىزمەت تۈزۈلمىسى ئورنىتىپ، پارتىيە تەشكىلىنىڭ جەڭگىۋارلىق قورغانلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرىدۇ.
(2) مەكتەپ كادىرلىرنى يتىشتۇرىدۇ، تەربىيەلەيدۇ، باشقۇرىدۇ ۋە نازارەت قىلىدۇ.
(3) مەكتەپنىڭ تەرەققىيات پىلانىغا نسبەتەن مۇھىم بۇلغان ئىسلاھات لايىھسى ۋە خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشىنى مۇناسىۋەتلىك يۆنىلىش ۋە سىياسەتلەرگە چىتلدۇرۇپ، ئومومىلىق بولغان چوڭ مەسىللەرگە قارىتا ئەستايدىللىق بىلەن مۇزاكىرە ئىلىپ باردۇ ۋە قارار چىقىرىدۇ.
ئونىنچى ماددا: ئوقۇتقۇچىلار ۋەكىللەر قۇرۇلتىي چوڭ يىغىنىنىڭ ئىجرا قىلىشقا تىگىشلىك ھوقۇقلىرى:
(1) مەكتەپ مۇدىرنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلاپ، مەكتەپ قۇرۇش جەھەتتىكى ئوي-پىكىرى، تەرەققيات پىلانى، ئىسلاھات لايھىسىى ۋە مالىيە خام-چوتى قاتارلىق چوڭ مەسىللەرنى مۇزاكىرە قىلىپ، پىكىرنى ئوتتۇرغا قويدۇ.
(2) ھەر مەۋسۇمدا ھەر قايسى بۆلۈم-ئىشخانىلارنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش دوكلاتىنى ئاڭلاپ، دىمۇگىراتىك باھالاش ئىلىپ بىرىپ، مەكتەپ رەھبەرلىك قوشۇندىكى رەھبىرى كادىلارنى نازارەت قىلىدۇ. مەكتەپ مۇدىرىغا ياكى يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرۇش ئورۇنلىرىغا تەكىلىپ-پىكىر بىرىپ، ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى ئۆستۈرۈش ياكى جازا بىرىش ھوقوقىنى يۇرگۈزسە بولىدۇ.
(3) مەكتەپ ئىش ئورنى مەسئۇلىيەت تۈزۈمى لايھىسى، سناپ تەكشۈرۈش لايھىسى ۋە مۇكاپات-جازالاش بەلگىلىمىسى ۋە تۈرلۈك قائىدە-تۈزۈملەرنى قاراپ چىقىپ تەستىقلايدۇ.

4. باپ    تەلىم تەربىيە خىزمىتى
ئون بىرنچى ماددا: مەملىكەتلىك مائارىپ مىنستىرلىكىنىڭ «باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرنى باشقۇرۇش قائىدە نىزامى» ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك مائارىپ تارماقلىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسىگە بىنائەن، مەكتەپ ئوقۇتۇش باشقۇرۇش خىزمىتى  بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.
ئون ئىككىنچى ماددا: مەكتەپ ئەخلاق تەربىيەنى ئاساس قىلشتا چىڭ تۇرۇپ، «باشلانغۇچ مەكتەپ ئەخلاق تەربىيە پرگراممىسى» شۇنداقلا مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلەرنى ئەستايدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەخلاق تەربىيە ئاپراتى ۋە خىزمەت تور قۇرلۇشىنى يەنىمۇ  بىر قەدەم ئىلگىرلىگەن ھالدا مەكتەپنىڭ ئەخلاق-تەربىيە خىزمتىنىڭ پىلانلىق، نىشانلىق، تەدبىرلىك ۋە ئۈنۈملۈك بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش.
(1) ئەخلاق تەربىيە خىزمىتنى ھەر قايسى پەن ئوقۇتۇشىغا ئورگانىك سىڭدۈرۈپ، «ئۈچنى قوغداپ، ئىككىگە قارشى تۇرۇش»نى دەرسخانىلاشتۇرۇشنى چىڭ تۇتۇپ، سىنىپ ئىستىلى ۋە مەكتەپ ئىستىل قۇرلۇشىنى كۈچەيتىش.
(2) مەكتەپنىڭ « باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار قائىدسى» نى يولغا قويۇپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، « باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرنىڭ كۈندىلىك ھەركەت ئۆلچىمى» ۋە «ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلرىنىڭ ئوقۇغۇچىلار  قائدىسى»نى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئادەتلەندۈرۈش تەربىيسنى كۈچەيتىش.
(3) قانۇن-تۈزۈم تەربىيىسنى كۈچەيتىپ، ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارنى يىتەكلەپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ، جىنايەت ئۆتكۈزۈشنىڭ ئالدىنى ئىلىش.
(4) ئائىلە باشلىقلىرى مەكتىۋى قۇرۇشنى ياخشى ئىشلەپ، جەمئىيەت تەربىيىسنى قانات يايدۇرۇپ، يىڭى  بولغان تەربىيە ئەندىزىسنى بەرپا قىلىش.
ئون ئۈچۈنچى ماددا: «دۆلەت بايرىغى قانۇنى»نى ئىزچىللاشتۇرۇپ، دۆلەت بايرىغنى چىقىرش، چۈشۈرۈش تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ، ھەر دۇشەنبە چوڭ كۆلەملىك  بايراق چىقىرش مۇراسىمى  ،ھەر كۈنى بايراقىلىنى چىقىرىپ چۈشۈرۈشنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرش.
ئون تۆتنچى ماددا: يىڭى دەرس ئۆلچىمى ۋە ئوقۇتۇش پىلانىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۈكىنى ئىغىرلاشتۇرۋەتمەسلىك.
ئون بەشىنچى ماددا: دەرسلىك ۋە ئۈگۈنىش ماتىريالىنىڭ مۇشىتىرى بولۇش خىزمىتىنى بىر تۇتاش باشقۇرۇش، مائارىپ ئىدارىسنىڭ تەلىۋى بويىچە خىزمەتلەرنى ئەستايدىل ئىزچىللاشتۇرۇشتا، ئىلمى  بۆلۈم ئۆزى مەسئۇل بولۇش، باشقىلارنىڭ ئۆز مەيلىچە مۇشىتىرى بولىۋالماسلىق، ھەم ئوقۇغۇچىلارغا زورلاپ ئۈگۈنىش ماتىريالى ساتماسلىق.
ئون ئالتىنچى ماددا: دەرسخانا ئوقۇتۇشنى مەركەز قىلىپ، ئوقۇتۇش تەجربىسى ۋە ئوقۇتۇش ئىسلاھاتى ئىلىپ بىرىپ، سۈپەت كۆزقارشى، سەرخىللاشتۇرۇش قاراشىنى تىكلەپ، ئوقۇتۇش سۈپىتنى تىرشىپ ئۆستۈرۈش.
ئون يەتتىنچى ماددا: مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش تەتقىقات گۇرۇپپىسنى بىرلىك قىلىپ، كۆللىتكپ دەرس تەييارلاش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، ئوقۇتقۇچىلارنى  ئوقۇتۇش ئىسلاھاتى ۋە مائارىپ تەتقىقات خىزمىتىگە ئاكىتىپلىق بىلەن قاتنىشىشىقا  تەشكىللەش ، ھەر بىر ئوقۇتقۇچى كەم بولغاندا بىردىن ئلىمى ماقالە تاپشۇرۇش.
ئون سەككىزنچى ماددا: مۇناسۋەتلىك بەلىگىلىمىلەرگە ئاساسەن، مەكتەپنىڭ تەنتەربىيە ۋە تازلىق خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلەپ، ساغلاملىق تەربىيسىنى قانات يايدۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ بەدەن ساپاسىنىڭ ساغلام ھالدا تەرەققىي قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش.
ئون توققۇزىنچى ماددا: ساپا مائارىپىنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىملىرىنى يولغا قويۇپ، ئوقۇغۇچىلارنى قەرەللىك ھالدا جەمئىيەت ۋە دەرسىتىن سىرتقى پائالىيەتلەرگە تەشكىللەپ، ئەمگەك تەربىيسى ئىلىپ بىرىش.
يىگىرمنچى ماددا: مەكتەپ قىشلىق ۋە يازلىق تەتىل،  دەم ئىلىش ۋاقتلىرىدىن پايدىلىنىپ قائىدىگە خىلاپلىق قىلىپ كوللىكتىپ دەرس تولۇقلاشقا، ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارنى كەمستىشكە يول قويماسلىق،
يىگىرمە بىرنچى ماددا: ئوقۇش تەۋەلىكنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، باشقا مەكتەپكە يۆتكەلگەن، مەكتەپتىن قايتقان، باشقا تەۋەلىكتىن كىلىپ ئوقۇۋاتقان، قايتا ئوقۇغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ رەسمىيەتلىرنى بىجىرشتە قاتتىق قول بولۇپ، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش، ئوقۇش پۈتتۇرۈش دىلومى تارقىتىش خىزمەتلىرىگە جىددى پوزۇتسىيە تۇتۇپ، ئوقۇغۇچىلار ئارخىپ باشقۇرۇش خىزمەتلىرنى ئىنتىزام تۈزۈمى بويىچە قاتتىق ئىجىرا قىلىش.
يىگىرمە ئىككنچى ماددا: ئوقۇتۇش ئۈسكۈنلىرنى ئەستايدىل باشقۇرۇپ، ئاكىتپ پايدىلىنىش، بولۇپمۇ «تۆت ئۆي»(كومپىيۇتىر مەشغۇلات ئۆيى، تەجىربىخانا، تىل ئوقۇتۇش ئۆيى، كۆپ ۋاستىلىق ئوقۇتۇش ئۆيى)نىڭ ئۈنۈملۈك ئىشلىتىلىشنى ياخشى جارى قىلدۇرۇش.
يىگىرمە ئۈچۈنچى: ئىلمى بۆلۈم  ئوقۇتۇشنىڭ تەرتىپلىك باشقۇرلىشغا مەسئۇل بولۇش، ئۆز مەيلىچە دەرس قالدۇرۇش ياكى دەرس ئالماشتۇرۇش ئەھۋاللىرنى قاتتىق چەكلەش. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئوقۇتۇش، تەلىم-تەربىيە خىزمىتىگە ئالاقىدار ماتىرياللىرنى توپلاش، ئارخىپلاشتۇرۇش خىزمىتنى ياخشى ئىشلەش.

5. باپ    مالىيە خىزمىتىنى باشقۇرۇش
يىگىرمە توتىنچى ماددا: مالىيە بۆلۈمىنىڭ خىزمەتلىرنى چوقۇم ئوقۇتۇش ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش، ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارغا خىزمەت قىلدۇرۇش كۆز قارشىنى تۇرغۇزۇپ، مۇلازمەت سەۋيىسىنى ئۆستۈرۈپ، تۈرلۈك قائىدە- تۈزۈملەرنى بىكىتپ، خىزمەتلەرنى سىستىملىق ئىلىپ بىرىش.
يىگىرمە بەشنچى ماددا: «ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ  مالىيە باشقۇرۇش تۈزۈمى» گە ئاساسەن، مالىيەگە بولغان باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، تىجەشلىك بىلەن  مەكتەپ باشقۇرۇش پىرنسىپ بويىچە مەكتەپ ئىچىنى كۆكەرتىش، قاتتىقلاشتۇرۇش ۋە رىمۇنىت قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش.«ئىككىنى كەچۈرۈم قىلىپ، بىردە تولۇقلىما بىرىش»تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۇرۇشنى چىڭ تۇتۇش.
يىگىرمە ئالتنچى ماددا: مەكتەپ ئوقۇغۇچىلاردىن ھەر قانداق ھەق يىغماسلىق.
يىگىرمە يەتتنچى ماددا: مەكتەپ قۇرلۇشلىرى ۋە مەكتەپ مۇلىكىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئومومنىڭ مۇلىكىنىڭ ئورۇنسز يۈتۈپ كىشى  ۋە ئىسراپ بولۇشنىڭ ئالدىنى ئىلىش. بۇزۇلغان مۇلۈكلەرنى تۆلەش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى يولغا قويۇش.
يىگىرمە سەككىزنچى ماددا: مالىيە خىراجەت باشقۇرۇش ئىنتىزامىغا قاتتىق ئەمەل قىلىپ، قەرەللىك ھالدا مەكتەپ ئىشلىرى، مالىيە ھىساۋاتىنى ئاممىغا ئاشكارلاش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، باشقۇرغۇچى ئورۇننىڭ تەكشۈرشى ۋە نازارىتىنى قوبۇل قىلىش.

6. باپ   مەكتەپ مۇھىتىنى باشقۇرۇش
ئوتتۇزنىچى ماددا: مەكتەپ ئەمىليىتىنى چىقىش قىلىپ، مەكتەپ قۇرلۇشىنى رىمىنىت قىلىشنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، پەسىللەرگە بۆلۈپ ئىلىپ بىرىپ، پاكىز، يىشللاشقان، گۈزەل مەكتەپ مۇھىتى بەرپا قىلىش.
ئوتتۇز بىرنچى ماددا:مۇكەممەل تازلىق تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى قۇرۇپ چىقىپ،  نازارەت قىلپ باھالاش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، زۆرۈر بولغان تازلىق ئەسلىھەلىرنى تولۇقلاپ، پاكىزە، رەتلىك بولغان خىزمەت، ئۈگۈنىش مۇھىتىنى تىرشىپ بەرپا قىلىش.
ئوتتۇز ئىككىنچى ماددا: بارلىق ئوقۇتقۇچىلار بىرلىكتە تىرىشىپ، ئۆز ئارا ھەمكارلشىپ، مەدەنيەتلىك، ساغلام، ئالغا ئنتىلىدىغان، ئىناق بولغان تەربىيە مۇھىتى بەرپا قىلىش.
ئوتتۇز ئۈچۈنچى ماددا: مەكتەپ مۇھىتىغا بولغان باشقۇرشتا قاتتىق بولۇپ، ساغلام بولغان مەكتەپ مەدەنيەت مۇھىتى تىرشىپ بەرپا قىلىش.
ئوتتۇز تۆتنچى ماددا: بارلىق ئوقۇتقۇچىلار ئۆزنىڭ ئەخلاق ساپاسى ۋە  ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيتىگە بولغان تەلەپنى كۈچەيتىپ، ئىناق بولغان كىشلىك مۇناسىۋەت ۋە ئىتتىپاقلىشىپ ئالغا ئىلگىرلەيدىغان، ھەمكارلشىپ ئىشلەيدىغان خىزمەت ۋە تۇرمۇش مۇھىتنى تىرشىپ قۇرۇپ چىقىپ، ئىناق مەكتەپ بەرپا قىلىش.
ئوتتوز بەشنچى ماددا: سىنىپ، ئىشخانا، يىغىن ئورونلىرى قاتارلىق جايلارنىڭ ئەينىكلىرى تولۇق ئۈستەل-ئورۇندۇقلىرى  رەتلىك، پاكىزە بولغان بولۇش، يورۇق بولغان بولۇش، ھەممە بۇيۇملار ئۆز جايغا رەتلىك قويۇلغان بولۇش.
ئوتتۇز ئالتنچى ماددا: مەكتەپ ئىچىدە ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلار ۋەلسپىت، موتوسىكىلىت قاتارلىق قاتناش قوراللىرنى كۆرسىتىپ بەرگەن ئورۇنغا رەتلىك قويۇش، سرتنىڭ ماشىنىسىنى كىرگۈزمەسلىك. مەكتەپ ئەتراپىدا بورتخانا، ئىلكىترلىك ئويۇنچۇقخانا، سىنئالغۇ ئورۇنلىرى قاتارلىق مەكتەپ ئوقۇتۇشىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان كۆڭۆل ئىچىش سورۇنلىرىنىڭ ئىچىلىشغا يول قويماسلىق.
ئوتتۇز يەتتىنچى ماددا: ئارقا سەپ بۆلۈمى بىخەتەرلىك ئامانلىق خىزمەت سالمىقىنى كۈچەيتىپ، ئوتتىن، ئوغردىن، توكتىن، زەھەرلىنشتىن ساقلىنىش، يوشۇرۇن ئاپەتنى ۋاقتىدا بايقاپ، بىر تەرەپ قىلىپ، مەكتەپتە خەتەرلىك ھادىسە يۈز بىرشنىڭ ئالدىنى ئىلىشقا كاپالەتلىك قىلىش.

7.باپ     ئوقۇتقۇچىلارنى باشقۇرۇش
ئوتتۇز سەككىزنچى ماددا: مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلار «ئوقۇتقۇچىلار قانۇنى» ۋە مۇناسىۋەتلىك قانۇندا بەلگىلەنگەن ھوقۇق مەنپەتىدىن بەھرىمان بولىدۇ. «ئوقۇتقۇچىلار قانۇنى»نى ۋە مۇناسىۋەتلىك قانۇندا بەلگىلەنگەن مەجبۇرىيەتلەرنى ئادا قىلىدۇ.
ئوتتۇز توققۇزىنچى ماددا: ئىش ئورنىنى قىزغىن سۆيۈپ، كەسپىنى قەدىرلەپ، مائارىپ قانۇن-تۈزۈملىرىگە ئەمەل قىلىپ، رەھبەرلەرگە بوي سۇنۇپ، سەمىمى خىزمەت قىلىدۇ.
قىرقىنچى ماددا: خىزمەت ئىنتىزامىغا ۋە مەكتەپ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئەمەل قىلىپ، كىينشتە رەتلىك، ھەركتى قائىدىلىك، سۆزدە ئىلمى بولۇشىنى ئۆزدىن باشلاپ، ياخشى بىر خەلق ئوقۇتقۇچىسىلىق ئوبرازىنى ساقلايدۇ.
قىرىق بىرنچى ماددا: ئىش ئورنى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى قاتتىق ئىجىرا قىلىپ، ئاڭلىقلىق بىلەن ياخشى ئىشلەپ، ئەستايدىل دەرس تەييارلاپ، كۆڭۆل قويۇپ دەرس ئۆتۈپ، ئورۇنلاشتۇرغان تاپشۇرۇقلارنى ئىنچىكىلىك بىلەن تەكشۈرۈپ، ئەستايدىل مۇزاكىرىگە تەشكىللەپ، خۇلاسە قىلىدۇ. يىل بىشىدىلا پىلان بولغان بولۇشنى، يىل ئاخىرىدا خۇلاسە بولغان بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.
قىرىق ئىككىنچى ماددا: مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ  بارلىق ھوقۇق مەنپەتىنى قوغدايدۇ. ئوقۇتقۇچىلارنى دۆلەت سىياسىتى بەلگىلەپ بەرگەن تەمىناتلاردىن بەھىرمان قىلىدۇ. تۆھپىسى بار ئوقۇتقۇچىلارنى تەقدىرلەيدۇ ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلارغا يوللاپ، مۇكاپاتلايدۇ.
قىرىق ئۈچۈنچى ماددا: ئوقۇتقۇچىلار چوقۇم زۆرۈر بولغا ئوقۇتقۇچىلار كەسپى ئەخلاق ئۆلچىمى ۋە ياخشى بولغان ئوقۇتقۇچىلار ئەخلاقىنى ھازىرلاش لازىم. ئاڭلىق ھالدا گەپ سۆزىگە، ئىش-ھەركىتىگە دىققەت قىلىش، ئوقۇغۇچىلارنى ھاقارەتلىمەسلىك، تەن جازاسى ۋە شەكلى ئۆزگەرگەن تەن جازاسى بەرمەسلىك، ئوقۇغۇچىلاردىن قالايمىقان ھەق ئالماسلىق، ئۈگۈنش ماتىريالى ياكى باشقا ماتىرياللارنى ئوقۇغۇچىلارغا ئىلشقا زورلىماسلىق، ئائىلە ئوقۇتقۇچىسى بولماسلىق، ئوقۇغۇچىلار ئاتا-ئانىسنىڭ مېھمان قىلىشنى قوبۇل قىلماسلىق، سىرىق مەزمۇندىكى نەرسىلەرنى كۆرمەسلىك، قىمار ئويىنماسلىق، زەھەر چەكمەسلىك، شۇنداقلا ھەر قانداق دىنى خوراپى پائالىيەتلەرگە قاتناشماسلىق لازىم.
قىرىق تۆتنچى ماددا: مەكتەپ دۆلەتنىڭ ئوقۇتقۇچىلار سالاھىيەت تۈزۈمى  ۋە ئوقۇتقۇچىلار كەسپى تىخنىكا باھالاش تۈزۈمىنى ئىجىرا قىلپ، ئوقۇتقۇچىلارنى ئىش ئورنىدا تەربىيىلەشكە ئىلھاملاندۇرىدۇ ياكى باشقا شەكىلدىكى تەربىيىلەشلەرگە قاتناشتۇرىدۇ.
قىرىق بەشنچى ماددا: ئوقۇتۇش نەتىجسى  كۆرنەرلىك ياكى مەكتەپكە شان-شەرەپ كەلتۈرگەن ئوقۇتقۇچىلارنى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلمىلەرنىڭ روھى بويىچە تەقدىرلەيدۇ.
قىرىق ئالتىنچى ماددا: «ئوقۇتقۇچىلار قانۇنى» ۋە «ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ كەسپى ئەخلاق ئۆلچىمى»گە خىلاپلىق قىلغان ئوقۇتقۇچىلار يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇن ۋە مەكتەپنىڭ ئالاقىدار تۈزۈملىرى بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.

8.باپ     ئوقۇغۇچىلارنى باشقۇرۇش
قىرىق يەتنچى ماددا: ئوقۇغۇچىلار قانۇندا بەلگىلەنگەن مائارىپ ئادىللىقىدىن بەھىرىمان  بولىدۇ.
قىرىق سەككىزنچى ماددا: ئەلا نەتىجىگە ئىرشكەن ۋە مەكتەپكە شان-شەرەپ كەلتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار تەقدىرلىنىدۇ.
قىرىق توققۇزىنچى ماددا: مەكتەپكە كىرىش شەرتى توشقان بىراق ئائىلسىدە ئىقىتىسادى قىينچىلىق ئىغىر بولۇش سەۋەپلىك ئوقۇيالمىغانلار «ئوقۇشقا ياردەم بىرىش» مىھىرى شەپقەت پائالىيەت شەكلى ئارقىلىق ياردەم مەبلىغى بىلەن تەمىنلىنىدۇ.
ئەللىكنچى ماددا: ئوقۇغۇچىلار تۆۋەندىكىدەك ھوقۇقلارغا ئىگە.
1) مەكتەپ باشقۇرۇش، ئوقۇتۇش خىزمىتى ۋە ئوقۇتقۇچىلار خىزمىتنى باھالاشقا قاتنىشىش ھوقۇقىغا ئىگە.
2) مائارىپ ئادىللىقىنى قوبۇل قىلىش، مۇكاپاتلاش-جازالاش ئىشلىرىدا ئادىل بولماسىلىقتەك ئەھۋاللارغا قارىتا مەكتەپ ئىچىدە پىكىر بىرىش ھوقۇقىغا ئىگە.
3) مەكتەپ ئورۇنلاشتۇرغان تۈرلۈك پائالىيەتلەرگە قاتنىشىش، مەكتەپ ئەسىلھەلىرنى ۋە كۈتۈپخانا كىتاپلىرنى ئىشلتىش ھوقوقىغا ئىگە.
4) ئۈگۈنىش نەتىجىسى ۋە ئەخلاقىغا باھالا بىرشتا، ئادىل باھاغا ئىرىش شۇنداقلا بەلگىلەنگەن ئوقوش تاماملاش گۇۋاھنامىسىغا ئىرىشىش ھوقوقىغا ئىگە.
ئەللىك بىرنىچى ماددا: ئوقۇغۇچىلار تۆۋەندىكىدەك مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلىدۇ.
1) دۆلەتنىڭ قانۇن، بەلگىلىمىلىرىگە  ۋە مەكتەپنىڭ تۈرلۈك قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئەمەل قىلىش.
2) ھەركەتتە مەدەنيەتلىك بولۇپ، ئۈستازلارنى ھۆرمەتلەش، ساقداشلار بىلەن ئىتتىپاق ئۆتۈشتەك ئىسل ئەخلاقى پەزىلەتىنى ھازىرلاش.
3) جاپاغا چىداپ تىرشىپ ئۈگۈنۈپ، بەلىگىلەنگەن ئۈگۈنىش ۋەزىپسىنى ياخشى ئادا قىلىپ، ياراملىق ئادەم بولۇشقا ئىرادە باغلاش.
4) مەدەنيەتلىك، ئىنتىزامچان بولۇش، خالىغان يەرگە تۈركۈرمەسلىك، قەغەز پارچىلىرى ۋە كىرەكسىز نەرسىلەرنى قالايمىقان تاشلىماسلىق، قالايمىقان خەت يازماسلىق، رەسىم سىزماسلىق، مەكتەپ ئىچىدە ۋەلسپىت مىنمەسلىك، گۈل-گىياھلىرىغا زىيان يەتكۈزمەسلىك، ئاشلىقىنى ئىسراپ قىلماسلىق، قوپال، سەت گەپلەرنى قىلماسلىق.

9. باپ     قۇشۇمچە قائىدە
ئەللىك ئىككىنچى ماددا: بۇ نىزامنامە مەكتەپ ئوقۇتقۇچى، ئشچى-خىزمەتچىلەر قۇرۇلتىيدا ماقۇللانغاندىن كىيىن، ناھىيلىك مائارىپ ئىدارىسىغا يوللۇنۇپ تەستىقلىنىدۇ.
ئەللىك ئۈچۈنچى ماددا: مەكتەپ مەزكۈر نىزامنامىغا ئاساسلىنىپ، تۈرلۈك قائىدە-تۈزۈملەرنى تۈزىدۇ.
ئەللىك تۆتنچى ماددا: مەزكۈر نىزامنامىدە ئەگەردە قانۇن، قائىدە-تۈزملەرگە ، مىزانلارغا ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلارنىڭ مۇناسىۋەتلىك سىياسەتلىرى بىلەن توقۇنۇشىپ قالىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلسە، بىردەك يۇقىرنىڭ قانۇن-تۈزۈم، مىزانلىرى ۋە سىياسەتلىرى ئاساس قىلىنىدۇ.
ئەللىك بەشنچى ماددا: مەزكۈر نىزامنامىگە نسبەتەن ھەر يىلدا بىر قىتىم مەكتەپ ئوقۇتقۇچى، ئشچى-خىزمەتچىلەر ۋەكىللىرنىڭ تۈزۈتۈش پىكىرى ئېلىنىپ، مۇكەممەللەشتۈرلىدۇ. ئوقۇتقۇچى، ئشچى-خىزمەتچىلەر ۋەكىللەر قۇرۇلتىيدا مۇزاكىرە قىلىپ ماقۇللانغاندىن كىيىن تۈزۈتۈش ئىلىپ بىرىلىدۇ.
ئەللىك ئالتىنچى ماددا: مەزكۈر نىزامنامە تەستىقلانغان كۈندىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

---- يىزا مەركىزى باشلانغۇچ مەكتەپ
2011-يىلى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى

چۈشۈرۈش مەنزىلى:

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 2قىزغىنلىق +8تىللا +8تۆھپە +8شۆھرەت +8يىغىشسەۋەبى
ئايرال + 4 + 4 + 4 + 4ياخشىكەن..!
ئامان + 4 + 4 + 4 + 4بارىكاللا تېرىشىڭ!

باھا خاتىرىسى


baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2014-12-14 18:52:03|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەكتەپ نىزانامىسى توغىرلىق قىسقىچە چۈشەنچە بىرىپ بۇرادەر  . سىز دىگەن ئۇقۇتقۇچىغۇ  دەيمەن
ۋاقتى: 2014-12-14 20:58:13|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشىمۇسىز سايىت ئەپەندى؟
خۇش كەپسىز، بايقاش مۇنبىرىگە كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا! مۇنبەرگە كىرىپلا پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە ياخشى ماتىرىيال يوللاپسىز، ئەجرىڭىزگە كۆپ رەھمەت.
ۋاقتى: 2015-5-12 11:26:23|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى ماتىرياللارنى ئېلىپ كەپسىز، رەھمەت سىزگە ...
ۋاقتى: 2015-5-12 16:44:11|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەكتىۋىمىزنىڭ ئەمىلي ئەھۋالىنى ياخشى تونۇشتۇرۇپىسز، ئەجىرىڭىزگە كۆپ تەشەككۇر.
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش