| تەنتەربىيە چېنىقىشىنىڭ ئورگانىزىمىنىڭ ئاساسلىق سىستىمىلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا بولغان تەسىرى توغرىسدا ئادەم بەدىنى توقۇلما ئەزا ۋە سېستىمىلارنىڭ بىركىشىدىن تەشكىل تاپقان بىر پۈتۈن ئورگانىك گەۋدە بولۇپ، ئىلمى، سېستىمىلىق تەنتەربىيە چېنىقىشىنى قەتىئي داۋاملاشتۇرغاندا، ھەرقايسى توقۇلما، ئەزا ۋە سېستىمىلارنىڭ رولىنى ئۈنۈملىك ھالدا ياخشىلىغلى بولىدۇ، ياش-ئۆسمۈرلەر دەل ئۆسۈپ يېتلىشىنىڭ ئەۋجگە چىققان مەزگىلىدە تۇرغاچقا، تەنتەربىيەچېنىقىشىنى تېخمۇ كۇچايتىش لازىم. ئادەم بەدىندىكى ئەزالار ئايرىم-ئايرىم ھالدا ھەركەت، يۈرەك قان –تومۇرلىرى نەپەسلىنىش ھەزىم قىلىش، ئاجىرتىپ چىقىرىش، ئىچكى ئاجىراتما، كۆپىيىش،نىرۋا قاتارلىق 8چوڭ سېستىمىغا تەۋە بولۇپ بۇ يەردە تەنتەربىيە چېنىقىشىنىڭ ھەركەت سېستىمىسى، يۈرەك قان تومۇر سېستىمىسى، نەپەسلىنىش سېستىمىسى ۋە نىرۋا سېستىمىلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا بولغان تەسىرى توغرىسىدا نوختۇلۇق توختۇلۇپ ئۆتىمەن . دائىم دىگۈدەك ئىلمى ھەم سېستىمىلىق تەنتەربىيە چېنىقىشى بىلەن شۇغۇللانغاندا، ئادەم بەدىننىڭ سېرىتقى قىياپىتىنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ئادەم بەدىننىڭ ئىچكى فزولوگىيەلىك ئىقتىدارىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلىشىگە ئاكىتىپ تەسىر كۆرسەتكىلى بولىدۇ 1.تەنتەربىيە چېنىقىشىنىڭ ھەركەت سېستىمىسغا بولغان تەسېرى ،ھەركەت سېستىمىسى سۆڭەك .بوغۇم ۋە سۆڭەك مۇسكۇللردىن تەشكىل تاپىدۇ . (1) تەنتەربىيە چېنىقىشى موسكۇللارنى كۈچەيتىپ تەرەققى قىلدۇرىدۇ ئادەم بەدىننىڭ خىزمەت، ئۈگىنىش ۋە كۈندىلىك تۇرمۇش جەرىيانىدىكى ھەربىر ھەركىتى، سۆڭەك موسكۇللىرنىڭ ئۇزىراپ –قىسقىراپ سسۆڭەككە تەسىر قىلىشىدىن بارلىققا كېلىدۇ . ئەمما ئادەم بەدېننىڭ ھەربىر ھەركىتىنى بىر پارچە سۆڭەك موسكۇلى مۇستەقىل ھالدا ئورۇندىيالمايدۇ. ئۇنى نۇرغۇنلىغان مۇسكۇللار نىرۋا سېستىمىسىنىڭ ئىدارە قىلىشى ئارقىسىدا ، ئۆزئارا ماسلىشىپ ئورتاق ئەمەلگە ئاشۇردۇ . تەنتەربىيە چېنىقىشى بىلەن شۇغۇللانغان ۋاقىتتا، بولۇپمۇ بىر قەدەر جىددى بولغان ھەركەتلەرنى ئىشلىگەندە، پۈتۈن بەدەندىكى بارلىق موسكۇللار ئوخشاش بولمىغان دەرجىدە پائالىيەتكە قاتنىشىدۇ. موسكۇللارنىڭ ھەركەت مىقدارى قانچە چوڭ بولسا، مۇسكۇللاردىكى قىلدام تۇمۇرلار پۈتۈنلەي ئېچىلىپ قاننىڭ ئېقىش مىقدارى ئاشىدۇ. نەتىجىدە مۇسكۇللارنىڭ قان بىلەن تەمىنلىشى ياخشى بۇلۇدۇ. ۋاقىت ئۇزارغانسىرى مۇسكۇللارنىڭ ئاقسىل قاتارلىق ئۇزۇقلۇق ماددىلارنى سۈمۈرۈش ۋە زاپاس ساقلاش ئىقتىدارى ئۆزلۈكسىز كۈچىيىدۇ.مۇسكۇللارنىڭ تالالىرى تەدرىجى چۇڭىيىدۇ، مۇسكۇللارنىڭ ھەجىمىمۇ تەدرىجى ئاشىدۇ. مۇسكۇللار تەبئىى ھالدا تېخىمۇ يۇغىنايدۇ،مۇكەممەللىشىدۇ،تەرەققى قىلىپ كۈچىيىدۇ. (2) تەنتەربىيە چېنىقىشى سۆڭەكنىڭ تۈزۈلۈشىنى كۈچەيتىپ، سۈڭەكنىڭ ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۈتۈرىدۇ دائىم تەنتەربىيە چېنىقىش بىلەن شۇغۇللانغاندا، بەدەندىكى ماددا ئالمىشىش ياخشىلىنىپ، سۆڭەكنىڭ تۈزۈلۈشى ۋە ئىقتىدارىدا ئۆزگۈرۈش بارلىققا كىلىدۇ.بۇ ئالامەتلەر سۆڭەكنىڭ زىچ ماددىسى قېلىنلاپ سۆڭەكنى توملاشتۇرۇپ،سۆڭەك تەنچىلىرىنىڭ تىزىلىشى تارتىش كۈچى ۋە بېسىم كۈچىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن تېخىمۇ رەتلىكن ھەمدە قانۇنىيەتلىك بۇلۇپ ئۆزگۈرۈشىدە، سۆڭەك مۇسكۇللىرىنىڭ يۇغۇناپ كۈپۈپ چىقىشى قاتارلىقلاردا ئىپادىلىنىدۇ. بۇ ئۆزگۈرۈشلەر سۆڭەكنىڭ تېخىمۇ توملىشىپ قاتتىقلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ ھەمدە سۆڭەكنىڭ سۇنۇشقا،قايرىلىشقا ۋە بېسىلىشقا بولغان قارشىلىق ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ. تازا ئۈسۈپ يىتىلىۋاتقان ئۆسمۈر بالىلار ئۈچۈن ئېيىتقاندا دائىم ئىلمى بولغان تەنتەربىيە چېنىقىشى بىلەن شۇغۇللانغاندا، سۆڭەكنىڭ تۈزۈلىشىنى كۈچەيىتكىلى ، سۆڭەكنىڭ ئىقتىدارىنى يۇقۇرى كۈتۈرگىلى بۇلۇپلا قالماستىن بەلكى يەنە سۆڭەكنىڭ ئۆسۈشى، ئادەم بويىنىڭ ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بۇلىدۇ.دائىم تەنتەربىيە چېنقىشى بىلەن شۇغۇللانغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ بويىنىڭ ئېگىزلىكى دائىم تەنتەربىيە بىلەن شۇغۇللانمايدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭكىدىن ئىگىزرەك بولىدۇ.بۇ نۇرغۇن ئىلىم-پەن ئەمەلىيتىدە ئىسپاتلانغان. تەنتەربىيە مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ئالاھىدە تاللانغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ بەدىننىڭ توغرا كەسمە يۈزى ئادەتتىكى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلانىڭ بەدىنىگە سېلىشتۇرغاندا، تەنتەربىيە مەكتىپى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ بويىنىڭ ئۆسۈش نىسبىتى ئومۇمەن ئادەتتىكى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭكىدىن يۇقرى بولىدۇ. (3) تەنتەربىيە چېنقىشى بوغۇملارنىڭ مۇستەھكەملىكىنى كۈچەيتىدۇ ۋە ئەۋرىشىملىكىنى يۇقىرى كۆتۈردۇ دائىم تەنتەربىيە چېنقىشى بىلەن شۇغۇللانغاندا، بوغۇملارنىڭ ئەتراپىدىكى مۇسكۇل ۋە پەيلەرنىڭ كۈچىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ، بۇنىڭ بىلەن بوغۇملار تېخىمۇ چىڭىيدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بوغۇملارنىڭ ئەۋرىشىملىكى ۋە بوغۇم ئەتراپىدىكى مۇسكۇل، پەيلەرنىڭ سۇزۇلۇشچانلىقىمۇ يۇقىرى كۇتۇرلۇپ ۋە ياخشىلنىپ، بوغۇم ھەركىتىنىڭ دائىرىسى چوڭىيىدۇ. بوغۇملارنىڭ مۇستەھكەملىكى ۋە ئەۋرىشىملىكى كۈچەيگەندىن كىيىن ھەرخىل سىرىتقى زەخمىلىنىىش ۋە بوغۇمدا بۇلىدىغان كىسەللىكلەرنى ئازايىتقىلى بۇلىدۇ. 2.تەنتەربىيە چېنقىشىنىڭ يۈرەك – قان تومۇر سىستىمىغا بولغان تەسىرى يۈرەك –قان تومۇر سېستىمىسى يۇرەك ۋە قان تومۇرلاردىن تەشكىل تاپقان، ئۇنىڭ رولى قان ئايلىنىش ئارقىلىق، ئادەم بەدىنى ئىھتىياجلىق بولغان ئوكسىگىن ۋە ھەرخىل ئوزۇقلۇق ماددىلارنى ئۇزلۇكسىز تۈردە ھەرقايسى تۇقۇلما، ھۈجەيرىلەرگە ئەۋەتىپ بىرىش، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھەرقايسى توقۇلما، ھۈجەيرىلەر ماددا ئالماشتۇرۇش جەريانىدا ھاسىل قىلغان كاربون4 ئوكسىد ۋە كىرەكسىز ماددىلارنى ئۆپكە، بۆرەك، تىرە قاتارلىق ئەزالارغا ئەۋەتىپ بىرىپ، بەدەن سىرتىغا چىقىرىۋىتىشتىن ئىبارەت. تەنتەربىيە چېنقىشى يۈرەك ۋە قان تۇمۇرلارنىڭ ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش ۋە قان ئايلىنىشنىڭ سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتە ئاكتىپ رول ئوينايدۇ. (1) يۈرەكنىڭ تۈزۈلىشىنى ياخشىلاپ،يۈرەكنىڭ ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ دائىم تەنتەربىيە چېنىقىشى بىلەن شۇغۇللانغاندا، يۈرەكنىڭ قان بىلەن تەمىنلىنىشى ياخشىلىنىپ، قان-تومۇرلارنىڭ ئېلاستىكىلىقى كۈچىيىدۇ. يۈرەك موسكۇللارنىڭ قىسقىرىش كۈچې كۈچىيىدۇ، يۈرەكنىڭ ھەجىمى چوڭلاپ، ئېغىرلىقى ئاشىدۇ، يۈرەكنىڭ سىغىمچانلىقى تەدىرىجى چوڭلاپ بارىدۇ. ئادەتتە ياش قۇرامىغا يەتكەن ئادەملەرنىڭ يۈرىكىنىڭ ئېغىرلىقى 300گىرام ئەتىراپىدا بولىدۇ، يۈرىكىنىڭ سىغىمچانلىقى 760-780مىللىلىتىر، ھەر قېتىم سوققاندىكى چېقىرىش مىقدارى (يۈرەك ھەر قېتىم سوققاندا چىقارغان قان مىقدارى) 60-70مىللىلىتىر بولىدۇ. ئەمما دائىم تەنتەربىيە چېنىقىشى بىلەن شۇغۇللانغان كىشىلەرنىڭ بولسا ، يۈرىكىنىڭ ئېغىرلىقى 400-500گىرامغا يىتىدۇ، يۈرۈكىنىڭ سىغىمچانلىقى 1000مىللىلىتىردىن ئاشىدۇ، ھەر سوققاندىكى چىقىرىش مىقدارى 100مىللىلىتىرغا يىتىدۇ، تىنىچ ھالەتتە ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ يۈرىكى مىنۇتىغا 70-80قېتىم سوقىدۇ، دائىم تەنتەربىيە چېنىقىشى بىلەن شۇغۇللانغان كىشىلەرنىڭ 50-60قېتىم سوقىدۇ، مۇنەۋۋەر تەنھەركەتچىلەرنىڭ ئۇنىڭدىنمۇ تۆۋەن بولىدۇ، بۇخىل يۈرەك رىتىمىنىڭ تۆۋەن بولۇش ھادىسسى، تەنتەربىيە چېنىقىشى ئارقىلىق يۈرەك ئىقتىدارىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلگەنلىكىنىڭ ئىپادىسىدۇر.بۇ ھەرگىزمۇ تومۇرنىڭ سوقىشى قانچە ئاستا بولسا شۇنچە ياخشى بولىدۇ دىگەنلىك ئەمەس. ئەگەر تەنتەربىيە چېنىقىشىدىن ئەمەس، باشقا سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن يۈرەكنىڭ رېتىمى ئاستىلاپ كەتسە، بۇ ھەرگىز نورمال ھادىسە ھىساپلانمايدۇ. (2) قان-تومۇرلارنىڭ تۈزۈلۈشى ۋە ئىقتىدارىنى ياخشىلايدۇ ھەم يۇقىرى كۆتۈرىدۇ قان-تومۇرى قان ئېقىپ كىتىدىغان يول بولۇپ، دائىم تەنتەربىيە چېنىقىشى بىلەن شۇغۇللانغاندا، قان-تومۇرلىرىنىڭ ئېلاستىكىلىقى كۈچىيىدۇ، قان سۇيۇقلقى تومۇردىن ئېقىپ ئۆتكەندىكى سىرىتقى قارشلىق كۈچى كىچىكلەيدۇ، ئادەتتە ياش قۇرامىغا يەتكەن كىشىلەرنىڭ تىنىچ ھالەتتىكى قان بېسىمى 60- 80 ، ئەمما دائىم چېنىقىدىغان كىشىلەرنىڭ تىنىچ ھالەتتىكى قان بېسىمى ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭكىدىن تۆۋەن بولىدۇ، قىسقىرىش بېسىمى 85-105مىللىلىتىر سىماپ تۈۋرۈكىدىن تۆۋەن، كېڭىيىش بېسىمى شۇنىڭغا ماس ھالدا 40-60 مىللىلىتىر سىماپ تۈۋرۈكىدىن تۆۋەن بولىدۇ. 3. تەنتەربىيە چېنىقىشىنىڭ نەپەسلىنىش سېستىمىسىغا بولغان تەسىرى نەپەسلىنىش سېستىمىسى نەپەسلىنىش يولى (بۇرۇن، كىكىردەك، كاناي، كانايچە،)ۋە ئۆپكىدىن تەشكىل تاپىدۇ، ئۇنىڭ ئاساسىلىق ئېقتىدارى ئوكسىگىننى سۈمۈرۈش، كاربون4 ئوكسىدنى چىقىرىۋىتىشتىن ئىبارەت . تەنتەربىيە چېنىقىشى جەريانىدا،موسكۇللارنىڭ جىددى ھەركىتى تۈپەيلىدىن كۆپ مىقداردىكى ئوكسىگىن سەرىپ قىلىندۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا،توقۇلمىلاردا زور مېقداردىكى كاربون4 ئوكسىد پەيدا بولىدۇ. ھەركەتنىڭ ئېھتىياجىغا ماسلىشىش ئۈچۈن، نەپەسلىنىش سىستىمىسى ھەسسىلەپ خىزمەت قىلىشقا توغرا كىلىدۇ. ۋاقىت ئۇزارغانسىرى نەپەسلىنىش سېستىمىسنىڭ تۈزۈلىشى ۋە ئىقتىدارى ئاستا-ئاستا كۈچىيىدۇ ۋە يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ. شۇڭا تەنتەربىيە چېنىقىشى نەپەسلىنىش سېستىمىسىنىڭ ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتە ناھايىتى ياخشى رول ئوينايدۇ. (1) نەپەسلىنىش سېستىمىسىنىڭ تۈزۈلىشىنى ئېلگىرى سۈرىدۇ ۋە ياخشىلايدۇ دائىم تەنتەربىيە چېنىقىشى بىلەن شۇغۇللانغاندا، نەپەسلىنىش ئىقتىدارى كۈچۈيىدۇ، نەپەسلىنىش موسكۇللىرى كۈچى ئاشىدۇ. كۆكىرەك قەپىسى ھەركىتىنىڭ دائىرسىمۇ ماس ھالدا ئېشىپ بارىدۇ، بۇ ئاساسەن كۆكىرەك ئايلانمىسى ۋە نەپەسلىنىش پەرقى (تولۇق نەپەس ئالغاندىكى كۆكىرەك ئايلانمىسى بىلەن تولۇق نەنەپەس چېقىرغاندىكى كۆكىرەك ئايلانمىسىنىڭ پەرىقى )نىڭ ئېشىشىدا ئىپادىلىنىدۇ. كۆكىرەك ئايلانمىسى بىلەن نەپەسلىنىش پەرقى كۆكىرەك قەپىسىنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىش ئەھۋالى بىلەن نەپەسلىنىش ئەزالىرىنىڭ ئىقتىدارىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بىرەلەيدۇ. دائىم چېنىقىدىغان كىشىلەرنىڭ كۆكرەك ئايلانمىسى بىلەن نەپەسلىنىش پەرقى ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭكىدىن چوڭ بولىدۇ، تەنھەركەتچىلەرنىڭ كۆكىرەك ئايلانمىسى ئوخشاش ياشتىكى ئادەتتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭكىدىن 3-5مىللىمىتىر چوڭ بولىدۇ. ئەمما چېنىققانلارنىڭ 9-16مىللىمىتىر كىلدۇ. (2) نەپەسلىنىش ئىقتىدارىنى ئۈنۈملۈك ھالدا يۇقىرى كۆتۈرىدۇ نەپەسلىنىش ئىقتىدارىنىڭ ئۆزگۈرىشى ئۆپكە سىغىمچانلىقىنىڭ ئېشىشې ۋە نەپەسنىڭ چوڭقۇرلۇق دەرجىسىنىڭ چوڭيىشىدا ئىپادىلىنىدۇ. ئۆپكە سېغىمچانلىقىنىڭ چوڭ- كىچىكلىكى نەپەسلىنىش ئەزالىرىنىڭ خىزمەت ئىقتىدارىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.ئادەتتىكى ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئۆپكە سىغىمچانلىقى:ئوغۇل ئوقۇغۇچىلارنىڭ 2500-4000 مىللىلىتىر، قىز ئوقۇغۇچىلارنىڭ 2000-3000 مىللىلىتىر بولىدۇ. دائىم چېنىقىدىغان كىشىلەرنىڭ ئۆپكىسىنىڭ ئىلاستىكىلىقى ياخشى، نەپەسلىنىش موسكۇلىنىڭ كۈچى كۈچلۈك بولىدۇ. ئۆپكە سىغىمچانلىقى ئادەتتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭكىدىن 1000 مىللىلىتىر ئەتىراپىدا چوڭ بولىدۇ. نەپەسنىڭ چۇڭقۇرلۇق دەرجىسىنىڭ ئېششى، نەپەسلىنىش ئىقتىدارىنىڭ يۇقرى كۈتۈرۈلگەنلىكىنىڭ ئالامىتى بۇلۇپ، ئۇ ئۆپكىنىڭ يىتەرلىك ھاۋا ئالماشتۇرشىنىڭ كاپالىتى. ئادەتتىكى كىشلەرنىڭ نەپسى تىز ھەمدە جىددى بۇلۇپ تىنىچ ھالەتتە بىر مىنۇتتا تەخمىنەن 12-18 قېتىم نەپەس ئالدۇ.ئەمما دائىىم تەنتەربىيە چېنقىشىغا قاتنىشىدىغان كىشلەرنىڭ نەپسى، چۇڭقۇر ۋە ئاستا بۇلۇپ، بىر مىنۇتتا تەخمىنەن 8-12 قېتىم نەپەس ئالدۇ. نەپەسلىنىش مۇسكۇلىنى بىر قەدەر كۆپرەك دەم ئېلىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىدۇ. بۇ خىل پەرىق ھەركەت قىلغان ۋاقىتتا تېخىمۇ گەۋدىلىك ئىپادىلىنىدۇ. مەسىلەن، ھەركەت يۈكى ئوخشاش بولغان شارائىتتا (يەڭگىلرەك ھەركەت ئىشلىگەندە ) ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ نەپىسى ئېشىپ مىنۇتىغا 32 قىتىمغا يىتىدۇ. ھەر قېتىملىق نەپەس ئېلىش مىقدارى 300 مىللىلىتىر بولۇپ، ھەر مىنۇتلۇق نەپەس ئېلىش ئومۇمى مىقدارى9600 مىللىلىتىر بولىدۇ. ئەمما تەنھەركەتچىلەرنىڭ نەپىسى 1 مىنۇتتا 16 قېتىم ئەتىراپىدا بولىدۇ ،لىكىن ھەرقېتىملىق نەپەس ئېلىش مىقدارى 600مىللىلىتىر بولۇپ ،ھەر مىنۇتتىكى نەپەسلىنىشنىڭ ئومۇمى مىقدارى (600*16 ) 9600 مىللىلىتىر بولىدۇ. بۇ خىل ھادىسە شۇنى چۈشەندۈرۈپ بىرىدۇكى، مۇسكۇل خىزمىتى ئېھتىياجلىق بولغان ئوكسىگىن مىقدارى ئاشقاندا، ئادەتتىكى كىشىلەر نەپەسلىنىش قېتىم سانىنى ئاشۇرۇش ئارقىلىق ئوكسىگىنغا بولغان ئېھتىياجىنى قامدايدۇ،شۇڭا ئۇلار ھەركەت قىلغاندا دائىم نەپەس قىسلىدۇ. ئەمما دائىم چېنقىدىغان كىشىلەرنىڭ نەپەس ئېلىش ئېقتىدارى يۇقىرى بولغانلىقتىن، نەپەسنىڭ چوڭقۇرلۇق دەرجىسى ئاشىدۇ، ئوخشاش شارائىتتا نەپەس ئېلىش قېتىم سانى ئازراقلا ئاشۇرسا، ئوكسىگىن ئالماشتۇرۇشقا بولغان ئېھتىياجنى قامدىيالايدۇ، ئۇلار ئاسان چارچاپ قالماي خىزمەتنى ئۇزۇنغىچە داۋاملاشتۇرالايدۇ. 4.بەدەن چېنىقتۇرۇشنىڭ نېرۋا سىستىمىسىغا بولغان تەسىرى نېرۋا سىستىمىسى مەركىزى نىرۋا (مىڭە ؛يۇلۇن )ۋە ئۇنىڭ ئەتىراپىدىكى نېرۋىلاردىن ئىبارەت ئىككى قىسىمدىن تەركىپ.ئادەم بەدىندىكى ھەر قايسى ئەزا ۋە سىستىمىلارنىڭ پائالىيەتلىرنىڭ ھەممىسى نىرۋا سېستىمىسىنىڭ تەڭشىشى ئارقىسىدا ئېلىپ بېرلىدۇ . تەنتەربىيە چېنىقىشىنىڭ نېرۋا سېستىمىسىغا بولغان تەسىرى ئاساسەن نېرۋا سېستىمىسىنىڭ تەڭشەش ئېقتىدارىنى ياخشىلاش ۋە يۇقىرى كۆتۈرۈشتە گەۋدىلىنىدۇ. دائىم تەنتەربىيە چېنىقىشى بىلەن شۇغۇللانغان كىشىلەرنىڭ چوڭ مىڭە پوستىلىقى نىرۋ ھۈجەيىرىلىرىنىڭ غىدىقلىشى ،جانلىقلىقى ۋە چېدامچانلىقى يۇقىرى بولىدۇ .جانلىقلىقى يۇقىرى كۆتۈرۈلسە ،ئىنكاس قايتۇرۇشىمۇ شۇنچە تىز بولىدۇ .تەنھەركەتچى ياكى دائىم چېنىقىدىغان كىشىلەرنىڭ ھەركەت جەريانىدا ئادەتتىكى كىشىلەردىن چەبدەس ، سەزگۈر كۆرۈنۈشى ۋە ھەركەتلەرنى ماسلاشتۇرۇپ توغرا ئىشلىيەلىشىنىڭ سەۋەبىمۇ مۇشۇ يەردە ، ئۇنىڭدىن باشقا دائىم تەنتەربىيە چېنىقىشى ئېلىپ بارىدىغان كىشىلەر تەبىئىي مۇھىتتا دائىم قەھرىتان سوغۇق ۋە تومۇز ئىسسىقنىڭ غېدىقلاپ تۇرۇشىغا ئۇچىرايدۇ ،شۇڭا ئۇلارنىڭ ھەر خىل مۇھىت ئۆزگۈرۈشىگە ماسلىشىش ئېقتىدارى ۋە كىسەللىكلەرگە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىمۇ ئادەتتكى كىشىلەرنىڭكىدىن كۈچلۈك بولىدۇ . تەنتەربىيە چېنىقىشى نېرۋ سېستىمىسىنىڭ تەڭشەش ئىقتىدارىنى تەڭشەپ قالماستىن ، بەلكى يەنە كىشىلەرنىڭ خىزمەت ئۈنۈمىنى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگۈنۈش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتىمۇ ئاكىتىپ رول ئوينايدۇ . دىمەك: ئىلمى ھەم سىستىمىلىق تەنتەربىيە چېنقىشى بىلەن شۇغۇللانغاندا، ئادەم ئىچكى ئورگانىزىمىنىڭ ئاساسلىق سىستىمىللىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ياخشىلاپ، ئادەم بەدىننىڭ ساغلاملىقىنىڭ نورماللىقىغا كاپالەتلىك قېلىپ ھەركەت ،مەشىق ،ئەمگەك، كۈندۈلۈك تۇرمۇش پائاليەتلىرىنىڭ نورمال ئېلىپ بېرلىشىدا، شۇنداقلا ئادەم ئۆمۈرنىڭ ئۇزۇن بولىشىدا موھىم ئەھمىيەتكە ئىگە . پايدىلانغان ماتىريال: 1.جۇڭگۇ ئېنسىكلوپىدىيسى تەنتەربىيە ئاساسى ئىلمى 129-133-143-بەت 2.تۇلۇقسىز تەنتەربىيە ئوقۇشلۇقى.12-19بەتكىچە 3. تەنتەربىيە ئانتومىيسى 18-25-30-بەت
|
|