| يادىڭدىمۇ سۇللىرى سۈزۈك ، بىز سۇ ئىچكەن ھېلىقى بۇلاق.؟ ئىزدەشكەنغۇ بەختىمىز ئۈچۈن، ھەر ئىككىمىز بىرگە تۆت قۇلاق.
دېگەن ئىدىڭ بەختى كىلەرمىش، تېپىۋالسا كىشى تۆت قۇلاق. كېتەر ئىمىش قايغۇ-ئازاپلار، شۇ ئىنساندىن يىراق،بەك يىراق.
تۆت قۇلاققا باغلانغان ئۈمىد، قەلبىمىزگە يېقىلغان چىراق. تاپقان ئىدۇق بىللە ئايلىنىپ، ئىزدەشكەنتۇق ئۇزاق بەك ئۇزاق.
ئەپسۇس ،مانا ئايرىلىپ كەتتۇق، ئېچىشتۇرار قەلبىمنى پىراق. قىنى بەختىم،قىنى شاتلىقىم ؟ نىچۈن كەتتى ئامەتلەر يىراق.
خاتىرەمنىڭ ئارىلىقلىرىدا، قۇرۇپ قالغان تالاي تۆت قۇلاق. بىلەلمىدىم مېنى ئالدىغان، سۆزلىرىڭمۇ ياكى كۆپ قۇلاق.
شىنجاڭ ئاياللىرى ژۇرنىلى 2011-سانىدىن ئېلىندى. |
|