| ئادەم بەدىنىدىكى قان تومۇرلارنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلىقى تەخمىنەن 96 مىڭ كىلومېتىر كېلىدىكەن. ئادەم بەدىنىدىكى قان تومۇرلاردا ھەر سېكۇنتتا 15 مىليون قان ھۈجەيرىسى پەيدا بولىدىكەن. بىر ئادەم ھەر كۈنى تەخمىنەن 25 مىڭ قېتىم كۆزىنى چىمچىقلىتىدىكەن . ئادەم بىر قېتىم قوشۇمىسىنى تۈرسە 43 پارچە مۇسكۇل، بىر قېتىم كۈلسە 17 پارچە مۇسكۇل ھەرىكەتلىنىدىكەن. ئادەم بەدىنىدىكى قان ئادەم بەدىنىنىڭ تەخمىنەن 4دىن بىرىنى ئىگەللەيدىكەن. ئادەمنىڭ تىرنىقى بىر يىلدا تەخمىنەن 6 سانتىمېتىر ئۆسىدىكەن. ھەر بىر ئادەمدە تەخمىنەن 200 مىڭ تال چاچ بولىدىكەن، ھەر كۈنى تەخمىنەن 40 سانتىمېتىر ئۆسىدىكەن. قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ ئۈچىيىنىڭ ئۇزۇنلىقى شۇ ئادەمنىڭ بوي ئىگىزلىكىنىڭ 4 ھەسسىگە، بوۋاقلارنىڭ ئۈچىيىنىڭ ئۇزۇنلىقى بوۋاقلار بوي ئىگىزلىكىنىڭ 6 ھەسسىگە تەڭ كېلىدىكەن. ئوتتۇرا ياشلىقلارنىڭ مۇسكۇلى بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ تەخمىنەن 40 پىرسەنتىنى ياشلارنىڭ مۇسكۇلى بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ 25 پىرسەنتىنى ئىگەللەيدىكەن. بەدىنى نورمال ئوتتۇرا ياشلىقلارنىڭ ھەر مىنۇتىغا نەپەس ئېلىشى تۇمۇرنىڭ سوقۇش قېتىم سانىنىڭ تۆتتەن بىرىگە تەڭ كېلىدىكەن. مەسىلەن:بىر ئوتتۇرا ياشلىق كىشىنى مىنۇتىغا 18 قېتىم نەپەس ئالىدۇ دېسەك ئۇنداقتا، ئۇنىڭ تۇمۇرىنىڭ ھەر مىنۇتىغا سوقۇش قېتىم سانى تەخمىنەن 72 قېتىم بولىدۇ. ‹كىچىك ئوقۇرمەنلەر› ژورنىلىنىڭ 2010-يىللىق 9-سانىدىن |
|