| 17.يامغۇردا قالغان ئانا 1.دەرس سائىتى:ئىككى سائەت 2.ئوقۇتۇش نىشانى: 1)تىكىستنى توغرا،راۋان،ھىسىياتلىق ئوقۇش. 2)تىكىست ۋەقەلىكىنى جانلىق بايان قىلىپ بىرەلەيدىغان بولۇش . 3)تىكىستنى ئانىنىڭ ئىنتايىن قەيسەر، جەسۇر ۋەتەن ئۈچۈن ھەر قانداق نەرسىنى قۇربان قىلىشتىن يانمايدىغان باتۇرانە روھىدىن ئۆگىنىش. 3.مۇھىم نوقتا: تىكسىتنى ھىھىياتلىق،جانلىق ئوقۇشنى ئۆگىنىۋېلىش قىيىن نوقتا: ئەينى ۋاقىتتىكى ئانىلارنىڭ قەسۇر قىياپىتىنى ھىس قىلىش،مەنىسى چوڭقۇر جۈملىلەرنى تەھلىل قىلالايدىغان بولۇش. 4.دەرس مەزمۇنى: بۇ تكىستە 1921-يىلى گىرتسىيە-ئەنگىليە بىرلەشما ئارمىيىسى ئىستانبول ۋە باشقا شەھەرلەرنى بېسىۋېلىپ،تۈركىيىنى مۇنقەرز قىلىش خەۋپىگە دۇچار بولىۋاتقاندا مۇستاپا كامالنىڭ بىر ئانىنىڭ ۋەتەننى مۇنقەرزلىكتىن،قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ئۆز بالىسىنىمۇ بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ،بالىسى بىلەن كارى بولماي،پۈتۈن ھۇجۇدى بىلەن ئۆزى ھەم بالىسىنى ئۇنتىغان ھالدا قۇرال-ياراقلارنى ۋاقتىدا يەتكۈزۈشنى نىغان قىلغان بۇ ئايالنىڭ ئىنتيىن قەيسەر،غەيرەتلىك،جاسارەتلىك ئۆز ئانا ۋەتىنى ئۈچۈن ھەر قانداق نەرسىنى قۇربان قىلىشتىن يانمايدىغان بىر جەسۇر ئانىنىڭ ھەقىقى قىياپىتى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەن. 5.ئوقۇتۇش ئۇسۇلى: 1)تىكىستنى ھىسىياتلىق ئوقۇتۇش 2)يىڭى سۆزلەرنىڭ مەنىسىنى چۈشەندۈرۈش. 3)ئوقۇغۇچىلار ئۆگەنگەن بىلىملىرىگە ئاساسەن ھىس قىلغانلىرىنى سۆزلەش. 7.ئوقۇتۇش جەريانى: 1)يىڭى دەرسكە باشلاپ كىرىش ساۋاقداشلار،مەن ئاخشام تىلىۋىزوردا شۇنداق تەسىرلىك بىر فىلىمنى كۆرۈپ شۇنداق تەسىرلىنىپ كەتتىم.بۇ فىلىمنى سۆزلەپ بىرەي،ئاڭلاشنى خالامسىلەر؟بۇ فىلىمدە بىر قەيسەر ئانىنىڭ يامغۇردىكى ئىش پائالىيىتى تەسۋىرلىنىپتۇ. ئۇنداقتا بۇ ئانا زادى قاندقا ئايال بىلگىڭلار بارمۇ؟ ئۇنداق بولسا ھەممىمىز بىرلىكتە 17.دەرس يامغۇردا قالغان ئانا دىگەن تىكىستنى ئېچىپ بىرلىكتە ئەستايىدىل ئوقۇپ باقايلى.ئوقۇغاندا مۇھىم سۆز جۈملىلەرنىڭ ئاستىغا سىزىق سىزىو ماڭايلى. مەن تىكىستنى ئوقۇشقا يىتەكلەيمەن. 2)تېمىنى چۈشەندۈرۈش:ئاۋۋال ئوقۇغۇچىلاردىن سورىلىدۇ.ئاندىن بۇ ھەقتە چۈشەنچە بىرىلىدۇ،يامغۇر قاتتىق يېغىۋاتقان ئەھۋال ئاستىدا ۋەتەننى قوغداش يولىدا ئالدىنقى سەپكە قۇرال-ياراغ يەتكۈزۈپ بىرىش ئۈچۈن بالىسىغىمۇ قارىماي كىتىۋاتقان ئانىنى تەسۋىرلىگەن تىكىست بولغاچقا بۇ دەرسكە يامغۇردا قالغان ئانا دەپ تىېما قويغان. 3)تىكسىتنى ئوقۇشقا يىتەكلەش. ئاۋۋال شەخسلەر بويىچە ھىسىياتلىق ئوقۇيدۇ.ئاندىن كوللىكتىپ پىرسۇناژلارغا ئايرىلىپ كوللىكتىپ ئوقۇشقا يىتەكلىنىدۇ. 4)يىڭى سۆزلەر مەنىسىنى چۈشىنىشكە يىتەكلەش. يىڭى سۆزلەر: مۇنقەرز- تاجاۋۇزچىلار- شىددەتلىك- ئەسكىرىي كۈچ- يىڭى سۆزلەرگە جۈملە تۈزەشكە يىتەكلەش تەسىرلىك - كۆزدىن كۈچۈرۈش- چىداپ تۇرالماي- 6.تىكىستنى ئابزاسلارغا بۆلۈش ۋە تەھلىل قىلىش بۇ تىكىست 3 ئابزاستىن تەركىپ تاپقان بولۇپ،1-ئابزاستا مەننىڭ شىۋىتسىيىدە تۇرغان ۋاقتىدا بىر ئىلمىي سۆھبەتكە قاتناشقانلىقى سۆزلەنگەن.2-ئابزاستا سۆھبەت يىغىنى ئاخىرلاشقاندىن كىيىن،باش ئەلچىنىڭ ياردەمچىلىرى ئېلىپ كەلگەن بىر كىنو فىلمىنى قۇيۇپ بەرگەنلىكى بۇ كىنونىڭ مەننىڭ ئىسىدىن خېلى ۋاقتىقىچە چىقمىغانلىقى سۆزلەنگەن.3-ئابزاستا بىر ئانىنىڭ قاتتىق يامغۇر يېغىۋاتقان ئەھۋال ئاستىدىمۇ ئۆز ۋەتىنىنى قوغداش ئۈچۈن ئەسكەرلەرگە قۇرال-ياراغ يەتكۈزۈپ بىرىش ئۈچۈن بالىسىغىمۇ قارىماي كىتىۋاتقانلىقى سۆزلەنگەن. 8.نىشاننى سىناش مەشىقى: ئانىنىڭ«بالام ئۆلۈپ كەتسە،يەنە تۇغۇلۋالسام بولىدۇ،ئەمما ۋەتەنى قايات تۇغقىلى بولمايدۇ!»دىگەن سۆزگە قاندقا قارايسىز؟ 9.ھىسىيات تەربىيىسى: ساۋاقداشلار،ئەينى ۋاقىتتىكى ئاشۇ قەيسەر ئانىلارنىڭ روھىنى ئۆزىمىزگە ئۈلگە قىلىپ،مۇشۇنداق ئەچزەل ياخشى شارائىتتا بۇشاشماي تىرىشىپ ئۆگىنىپ ئۆز ۋەتىنىمىز ئۈچۈن بىر كىشلىك ھەسسە قوشاق ئەشۇ قەيسەر ئانىلارنىڭ ئوبرازىنى تېخىمۇ ياخشى نامايەن قىلغان بولىمىز. 10.تاپشۇرۇق: ۋەتەن ئەل-يۇرت توغرىسىدا ماقال-تەمسىللەردىن تېپىپ كىلىش 11.دوسكا لاھىيىسى: تىما: 1921-يىلى رەسىم مۇھىم سۆز-جۈملىلەر:- مۇنقەرز،تاجاۋۇزچىلار، شىددەتلىك . 12.دەرستىن كىيىنكى ئويلىنىش:
2-سائەتلىك ئۆگىنىش نىشانى: 1.تىكىستنى ھىسىياتلىق ئوقۇش ئاساسىدا مەزمۇننى ئىگەللەش. 2.مەنىسى چوڭقۇر جۈملىلەرنى تەھلىل قىلالايدىغان بولۇش. 3.ئاپتورنىڭ چىن ھىسياتىنى ، ئاشۇ ئانىغا بولغان چوڭقۇر تەشەككۈرىنى بىلدۇرۇش ھەمدە شۇ ئانىنىڭ قەيسەر ، مەردانە ، ۋەتەنپەرۋەر رەھىدىن ئۈگۈنىش ئىستىكىنى قوزغاش. مۇھىم نۇقتا : بىر قىسىم ئاچقۇچلۇق سۆز-جۈملىلەرنىڭ مەنىسنى چوڭقۇرلاپ چۈشۈنۈش . قىيىن نۇقتا : ئاپتور كۆرسىتىپ بەرمەكچى بولغان چوڭقۇر پىكىرنى ھىس قىلىش . 3.كۆرسەتمە : كىتاپ ، رەسىم ، پىرويىكسىيە ئاپپىراتى 1. نىشانىنى ئەمىللەشتۈرۈش باسقۇچى : 1) مۇھىم سۆز- جۈملىلەر تەھلىل قىلىشقا يىتەكلىنىدۇ . نىمە ئۈچۈن ئانا «بالام ئۆلۈپ كەتسە يەنە توغىۋالسام بولىدۇ ، ئەمما ۋەتەننى قايتا تۇققىلى بولمايدۇ !» دەيدۇ . 2)بۇ ئايالنىڭ شۇنداق دىگىنى توغرىمۇ ؟ نىمە ئۈچۈن ؟ 3)بۇ ئايالنىڭ سۆزىدىن بۇ ئايالنىڭ قانداقلىقىنى بىلىۋالدىڭىز ؟ 4)سىز ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىچىدىمۇ بۇرۇن مۇشۇنداق ئۇلۇغ ئاياللار بارمىتى ؟ ئۇلار كىملەر ؟ 5)تىكىستنى ئوقۇغاندىن كىيىن قانداق تەسىراتقا كەلدىڭلار ؟ 6)سىلەر بۇ ئانىغا نىمە دىگىڭلار كىلىۋاتىدۇ ؟(دەپتەرگە يازىدۇ ) تاپشۇرۇق : يىڭى دەرىس گۈزەل تەڭرىتاغ دەرىسىگە ئائىت ماتىريال توپلاپ كىلىڭلار . 1› دوسكا لاھىيسى مۇھىم جۈملىلەر يىزىلىدۇ. دەرىستىن كىيىنكى ئويلىنىش
|
|