كۆرۈش: 356|ئىنكاس: 1

11.ئاماننىسا

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
11.ئاماننىسا
1-سائەت
ئوقۇتۇش نىشانى:
1.تىكىستنى توغرا.راۋان،ھىسياتلىق ئوقۇيالايدىغان بولۇش.
2.تىكىستتىكى يىڭى سۆزلەرنىڭ مەنىسىنى چۈشىنىۋېلىش ۋە بۇ سۆزلەرگە ئېغىزچە جۈملە تۈزەلەيدىغان بولۇش.
3.مۇقامشۇناس ئاماننىساخاننىڭ ئىش-ئىزلىرى بىلەن تونۇشۇش ۋە ئاماننىساخانغا بولغان چوڭقۇر ھۆرمىتىنى ئىپادىلەش
مۇھىم نوقتا:
1. تىكىستنى توغرا،راۋان،ھىسىياتلىق ئوقۇيالايدىغان بولۇش
2.تېكىستتىكى يىڭى سۆزلەرنىڭ مەنىسىنى چۈشۈنىۋېلىش ۋە بۇ سۆزلەرگە ئېغىرچە جۈملە تۈزەلەيدىغان بولۇش
قىيىن نوقتا:
يىڭى سۆزلەرنىڭ مەنىسىنى چۈشۈنىۋېلىشتا قىينىلىدۇ.
دەرس مەزمۇنى:
بۇ تىكىستتە مۇقامشۇناس شائىرە ئاماننىساخاننىڭ بالىلىق ۋاقتىدىكى بىر ۋەقە سۆزلەنگەن بولۇپ،بۇنىڭدا نورۇز بايرىمىغا ساناقلىقلا كۈن قالغاندا ئاماننىساخاننىڭ دادىسىنىڭ ئاتتىن يېقىلىپ كىتىپ ئاماننىساخاننى مۇقام ئۆگىنىشكە ئاپىرالمىغانلىقى لېكىن ئاماننىساخانننىڭ ئۆزى يالغۇز شۇنچە ئۇزاق يولنى پىيادە مېڭىپ بېرىپ مۇقام ئۆگەنگەنلىكى ۋە دادىسىنى داۋالىتىش ئۈچۈن تىۋىپ چاقىرىپ كەلگەنلىكىدەك قەيسەر روھى شۇچە جاپالارنى يىڭىپ مۇقامنى زور ئىشتىياق بىلەن ئۆگەنگەنلىكى ۋە ئۇ ئىيتقان مۇقام نورۇز بايرىمىدىكى كۆرەكتە خەلقنى ھاڭ-تاڭ قالدۇرغانلىقىدەك ۋەقە سۆزلەنگەن.
ئوقۇتۇش ئۇسۇلى:
تىكىستنى ئوقۇتۇش(ئىختىيارى ئوقۇش.شەخىسلەر بويىچە ئوقۇش،كوللىكتىپ ئوقۇتۇش،،روللارغا بۈلۈنۈپ ئوقۇش)
كۆرسەتمە:
مۇقامشۇناس شائىرە ئئاماننىساخاننىڭ رەسىمى،مۇقامدىن ئارىيە ئېلىپ ئىشلەنگەن ئېلىكتىرونلۇق ئوقۇتۇش ۋاستىلىرى
ئوقۇتۇش جەريانى:
1.يىڭى دەرسكە باشلاپ كىرىش
*ساۋاقداشلار،سىلەر مۇقام ئاڭلاشنى ياخشى كۆرەمسىلەر؟ئۇنداقتا مەن سىلەرگە مۇقامدىن ئارىيە ئېلىپ كىردىم ئاڭلاشنى خالامسىلەر؟(مۇقام قۇيۇپ بىرىمەن)
*بۇ مۇقاملارنى كىمنىڭ رەتلىگەنلىكىنى بىلەمسىز؟
*شۇنداق،بۇ مۇقاملارنى مۇقامشۇناس شائىرە ئاماننىساخان رەتلەپ بىزگە قالدۇرۇپ كەتكەن.ئۇنداقتا ئاماننىساخاننىڭ بالىلىق ۋاقتى بىلەن تونۇشقۇڭلار بارمۇ؟
*بۇ سائەتتە بىز ئاماننىساخاننىڭ بالىلىق ۋاقتى سۆزلەنگەن بىر ۋەقە بىلەن تونىشىمىز.تونۇشقۇڭلار بارمۇ؟
2.تىما چىقىرىپ تىما ھەققىدە چۈشەنچە بىرىمەن.
ئۆتكەن سائەتتە مەن سىلەرگە ئامانىساخان ھەققىدە ماتېريال توپلاپ كىلىڭلار دىگەن،توپلاپ كەلدىڭلارمۇ؟
(توپلاپ كەلگەن ماتېريالنى ئوقۇتىمەن)
ئاماننىساخان ھەققىدە چۈشەنچە بىرىمەن
3.تىكىستنى ئوقۇشقا يىتەكلەش.
ئامانىساخاننىڭ بالىلىق چاغلىرى قانداق ئۆتكەندۇ؟تىكىستنى ئوقۇپ باقايلى.
*ئىىتىيارى ئوقۇش
*شەخىسلەر بويىچە ئوقۇش
*كوللىكتىپ ئوقۇتۇش
*روللارغا بۈلۈنۈپ ئوقۇش
4.يىڭى سۆزلەرنىڭ مەنىسىنى چۈشىنىشكە يىتەكلەش
ساناقلىقلا-ئاز قالغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ.
پوتلا چىقارغان-بىخ چىقارغان
تەسكىن تاپتى-كۆڭلى جايىغا چۈشۈش
ھەيرانۇ ھەس قالدۇرۇش-تاڭ قالدۇرۇش
5.بۇ سۆزلەرگە جۈملە تۈرۈشكە يىتەكلەيمەن.
نىشاننى سىناش مەشىقى:
يىڭى سۆزلەرگە جۈملە تۈزۈتكۈزۈپ باقىمەن.
ھىسىيات تەربىيىسى:
سىز بۇ تىكىستنى ئوقىغاندىن كىيىن قانداق ھىسىياتقا كەلدىڭىز؟ئۆز-ئارا مۇنازىرلىشىپ باقايلى.
تاپشۇرۇق:
ئاماننىساخان ھەققىدە بۈەۈن بىلىۋالغانلىرىڭىزنى ئاتا-ئانىڭىزغا،دوستلىرىڭىزغا سۆزلەپ بىرىڭ.
دوسكا لاھىيىسى:
11.ئاماننىسا
يىڭى سۆزلەرنىڭ مەنىسى يېزىلىدۇ.رەسىم چاپلىنىدۇ.
ساناقلىقلا-ئاز قالغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ.
پوتلا چىقارغان-بىخ چىقارغان
تەسكىن تاپتى-كۆڭلى جايىغا چۈشۈش
ھەيرانۇ ھەس قالدۇرۇش-تاڭ قالدۇرۇش
10.دەرستىن كىيىنكى قايتا ئويلىنىش:


11.ئامانىسا
2-سائەت
ئوقۇتۇش نىشانى:
1.تىكىستنى توغرا،راۋان،ھىسىياتلىق ئوقۇيالايدىغان بولۇش.
2.مۇھىم سۆز-جۈمىلەر تەھلىلى ئارقى؛ىق تىكىست مەزمۇنىنى ئىگەللەش
3.مۇقامشۇناس ئاماننىساخاننىڭ ئىش-ئىزلىرى بىلەن تونۇشۇش ۋە ئاماننىساخانغا بولغان چوڭقۇر ھۆرمىتىنى ئىپادىلەش
4.ئامانىساخاننىڭ قەيسەر،تىرىشچان،جاپادىن قورقمايدىغان ئىسىل خىسلىتىنى ئۆزىگە ئۈلگە قىلىش ھەققىدە تەربىيە ئىشلىنىدۇ.
مۇھىم نوقتا:
1.تىكىستنى توغرا،راۋان،ھىسىياتلىق ئوقۇيالايدىغان بولۇش.
2.مۇقامشۇناس ئاماننىساخاننىڭ ئىش-ئىزلىرى بىلەن تونۇشۇش ۋە ئاماننىساخانغا بولغان چوڭقۇر ھۆرمىتىنى ئىپادىلەش
قىيىن نوقتا:
مۇھىم سۆز جۈملىلەرنى تەھلىل قىلىشتا قىينىلىدۇ.
دەرس مەزمۇنى:
بۇ تىكىستە مۇقامشۇناس شائىرە ئامانىساخاننىڭ بالىلىق ۋاقتىدىكى بىر ۋەقە سۆزلەنگەن بولۇپ،بۇنىڭدا نورۇز بايرىمىغا ساناقلىقلا كۈن قالغاندا ئامانىساخاننىڭ دادىسىنىڭ ئاتتىن يىقىلىپ كىتىپ ئاماننىساخاننى مۇقام ئۆگىنىشكە ئاپىرالمىغانلىقى لېكىن ئامانىساخاننىڭ ئۆزى يالغۇز شۇنچە ئۇزاق يولنى پىيادە مېڭىپ بېرىپ مۇقام ئۆگەنگەنلىكى ۋە دادىسىنى داۋالىتىش ئۈچۈن تىۋىپ چاقىرىپ كەلگەنلىكىدەك قەيسەر روچى شۇنچە جاپالاردىن يىڭىپ مۇقامنى ئىشتىياق بىلەن ئۆگەنگەنلىكى ۋە ئۇ ئىيتقان مۇقام نورۇز بايرىمىدىكى كۆرەكتە پۈتۈن خەلقنى ھاڭ-تاڭ قالدۇرغانلىقىدەك تەسىرلىك ۋەقە سۆزلەنگەن.
ئوقۇتۇش ئۇسۇلى:
*سۇئاللار ئاساسىدا دەرس مەزمۇنىنى ئىگەللەش
*مۇھىم جۈملە تەھلىلى ئارقىلىق دەرس مەزمۇنىنى ئىگەللەش
*4كىشلىك گۇرپپىدا تەھلىل ئېلىپ بېرىش
كۆرسەتمە:
مۇقامشۇناس شائىرە ئاماننىساخاننىڭ رەسىمى،مۇقامدىن ئارىيە ئېلىپ ئىشلەنگەن ئىلىكتىرونلۇق ئوقۇتۇش ۋاستىلىرى.
ئوقۇتۇش جەريانى:
دەرسكە باشلاپ كىرىش
ئۆتكەن سائەتتە بىز شائىر ئاماننىساخاننىڭ بالىلىق ھاياتى تەسۋىرلەنگەن تىكىستنى ئوقۇشنى ئۆگەنگەن ۋە بۇ تىكىستتىكى يىڭى سۆزلەرنىڭ مەنىسىنى چۈشىنىۋالغان ئىدۇق.بۇ سائەتتە بىز تىكىست مەزمۇنى ئۈستىدە چوڭقۇر تەھلىل ئېلىپ بارايلى.
* ئاماننىساخاننىڭ مۇقام ئۆگىنىشكە باشلىغان
ۋاقتى قانچە ياش مەزگىلى ئىكەن؟
* ئاماننىساخاننىڭ 10 ياش مەزگىلىدىن باشلاپ مۇقام ئۆگىنىشكە لاپتۇ.سىزچۇ سىز مۇشۇ بالىلىق ۋاقتىڭىزدا بىرەر ھۈنەر ياكى بىرەر نەرسە ئۆگىنىشكە قىزىقىپ باقتىڭىزمۇ؟قانداق قىيىنچىلىقلارنى قانداق يەڭدىڭىز؟
* ئاماننىساخان مۇقام ئۆگىنىشكە باشللاپتۇ.ئۇ مۇقام ئۆگىنىش جەريانىدا قانداق قىيىنچىلىقلارغا ئۇرىغاندۇ؟بىلىشكە قىزىقامسىز؟
*قىدىرخان ئۇستاز ئاماننىساخانغا مۇقام ئۆگىتىشكە باشلاپتۇ.بۇلار نىمىگە تەييارلىق قىلىۋاتقاندۇ؟
*مۇشۇ يىلدا بىر ئۆتكۈزىلىدىغان كۈي-مۇقامچىلار كۆرىكىگە پەقەت ساناقلىقلا كۈن قاپتۇ.ئۇستازى تازا جىدىيلىشىۋاتقاندا ئاماننىساخان مۇقام ئۆگىنىشكە كېلەلمەپتۇ.نىمە ئۈچۈندۇر؟
*لېكىن ئاماننىساخان بۇتالاي قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ يەنىلا ئۇستازنىڭ قېشىغا مۇقام ئۆگىنىشكە كەپتۇ.نەچچە كۈننىڭ ياقى ئاماننىساخاننى تۆت كۆز بىلەن كۈتىۋاتقان قىدىرخان ئۇستاز ئاماننىساخاننى كۆرۈپ قانداق ھېسياتتا بولدى؟
**نىمە ئۈچۈن ئۇستازنىڭ يۈزى ئاپتاپتەك نۇرلىنىپ كېتىدۇ؟
*«شۇنچە ئۇزاق يولنى پىيادە بېسىپ كەلدىڭىزمۇ؟» سىز مۇشۇ جۈملىدىن نىمنى ھېس قىلدىڭىز؟
*«ئات ئۈركۈپ كېتىپ دادامنىڭ پۇتى چىقىپ كېتىپتۇ»دېدى ئاماننىسا كۆڭلى يېرىم ھالدا.مۇشۇ جۈملىنى سىز ئاماننىسانىڭ كۆڭلى يېرىم بولغان ھىسياتىنى ئىپادىلەپ ئوقۇپ بىرىڭە؟
*«ئات ئۈركۈپ كىتىپ دادامنىڭ پۇتى چىقىپ كىتىپتۇ»دېدى ئاماننىسا كۆڭلى يېرىم ھالدا.مۇشۇ جۈملىنى سىز ئاماننىسانىڭ ككڭلى يېرىم بولغان ھىسىياتىنى ئىپادىلەپ بىرىڭە؟
*«ئۇلار بىر كۈن بېرىلىپ قىلدى.بىراق،ئۇستاز شاگىرتنىڭ ئىپادىسىدىن تازا رازى بولۇپ كىتەلمىدى.»بۇ جۈملىدىن سىز نىمىنى ھىس قىلدىڭىز؟ئاماننىسا نىمە ئۈچۈن ئۇستازىنى رازى قىلالمىغاندۇ؟(4 كىشلىك گۇرپپىدا تەھلىل قىلدۇرىمەن)
*ئۇنداقتا سىز ئامانىساخاننىڭ دادىسىدىن ئەنسىرەپ ياخشى مەشق قىلالمىغان مۇشۇ ئىش-ھەركىتىدىن سىز ئاماننىساخانغا بىر باھا بېرىپ بېقىڭە؟
*ئاماننىسا ئۆزىنىڭ ئاماننىساخانغا دادىسىدىن ئەنسىرەپ ياخشى مەشىق قىلالمىغانلىقىنى ھىس قىلىپ قانداق قىلماقچى بولدى؟
*«تولۇق  ئاي كۆكنىڭ قەرىگە چىققان چاغدا ئاماننىساخان ئۆيىگە قايتىپ كەلدى.»سىز مۇشۇ جۈملىدىن نىمىنى ھىس قىلدىڭىز؟
*ئاماننىساخاننىڭ كۈيۈمچانلىقىنى ھىس قىلىپسىز.سىزمۇ ئاتا-ئانىڭىزغا كۈيۈمچانلىقىڭىزنى ئىپادىلەپ بىرەر  ئىش قىلىپ باقتىڭىزمۇ؟ئەگەر قىلىپ باقمىغان بولسىڭىز بۇنىڭدىن كىيىن قانداق قىلىشنى ئويلاۋاتىسىز؟
*ئاماننىساخان تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارنى يىڭىپ ئاخىرى كۈي مۇقامچىلار كۆرىكىدە قانداق نەتىجىگە ئىرىشتى ؟
*ئەگەر ئاماننىساخان قىيىنچىلىقلار ئالدىدا باش ئىگىپ بەل قۇيىۋەتكەن بولسا، قانداق ئاقىۋەت كىلىپ چىققان بولاتتى؟ تەسەۋۋۇر قىلىپ بېقىڭە؟
*ئامانىساخان بۇ كۆرەكتە ئالغان مۇكاپاتىنى نىمىگە ئىشلەتمەكچى بولدى .سىز بۇنىڭدىن نىمىنى ھىس قىلدىڭىز؟
*ئامانىساخاننىڭ مۇشۇنداق نەتىجىگە ئىرىشىشىگە نىمە سەۋەبچى بولدى؟
* سىز بۇ تىكىستنى ئوقۇغاندىن كىيىن قانداق ھىسىياتقا كەلدىڭىز؟3-4 جۈملىگە يىغىنچاقلاپ يېزىپ بېقىڭە؟
*خۇلاسە:«شۇنداق جاپانىڭ تىگى ئالتۇن» دوسكىغا بۇ ماقالىنى چاپلايمەن،ئەگەر بىزدە تىرىشچانلىققا بولىدىكەن،بىز ھەرقانداق قىيىنچىلىقلارنى يىڭىپ ئكزىمىز كۆزلىگەن نىشانغا يىتەلەيمىز.شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزىمىزدە جاپاغا چىداش روھىنى يىتىلدۈرىشىمىز،ئۆزىمىزنىڭ كەلگۈسى نىشانى ئۈچۈن تىنماي ئىزدىنىشىمىز،تىرىشىشىمىز لازىم.چۈنكى،غەلبە تىرىشقانلارغا مەنسۇپ.شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۆزىمزىنىڭ مەشھۇر كىشىلىرىمىزنى مەڭگۈ ئەستىن چىقارماسلىقىمىز،ئۇلارنىڭ ئىسىل ئەنئەنىسىگە  ۋارىسلىق قىلىشىمىز،ئۇلارنىڭ بىزگە قالدۇرۇپ كەتكەن ئىسىل مەدەنىي مىراسلىرىمىزنى كۆز قارچۇغىمزىنى ئاسرىغاندەك ئاسرىشىمىز ۋە قوغدىشىمىز ،ئۇنىڭغا ۋارسىلىق قىلىشمىز كىرەك.
6.نىشاننى سىناش مەشىقى:
دەرس مەزمۇنىغا سىڭدۈرۋېتىلدى.
7.ھىسىيات تەربىيىسى:
ئەگەر بىزدە تىرىشچانلىققلا بولىدىكەن بىز ھەرقانداق قىينچىلىقلارنى يىڭىپ ئۆزىمىز كۆزلىگەن نىشانغا يىتەلەيمىز.شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزىمزىدە جاپاغا چىداش روھىنى يىتىلدۈرىشىمىز ،ئۆزىمزىنىڭ نىشانى كەلگۈسى ئۈچۈن تىنماي ئىزدىنىشىمىز،تىرىشىشىمىز لازىم.چۈنكى غەلبە تىرىشقانلارغا مەنسۇپ.شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۆزىمزىنىڭ مەشھۇر كىشىلىرىمىزنى مەڭگۈ ئەستىن چىقارماسلىقىمىز،ئۇلارنىڭ ئىسىل ئەنئەنىسىگە  ۋارىسلىق قىلىشىمىز،ئۇلارنىڭ بىزگە قالدۇرۇپ كەتكەن ئىسىل مەدەنىي مىراسلىرىمىزنى كۆز قارچۇغىمزىنى ئاسرىغاندەك ئاسرىشىمىز ۋە قوغدىشىمىز ،ئۇنىڭغا ۋارسىلىق قىلىشمىز كىرەك.
8.تاپشۇرۇق:
ئامانىساخانغا بولغان چوڭقۇر ھۆرمەت ھىسياتىڭىزنى ئىپادىلەپ بىر ئابزاس يېزىپ كىلىڭ.
9.دوسكا لاھىيىسى:
11.ئاماننىسا
   ئاماننىسا        جاپاغا چىدايدىغان
                تىرىشچان
   كۈيۈمچان
  قەيسەر
جاپانىڭ تىگى ئالتۇن

10.دەرستىن كىينكى قايتا ئويلىنىش:


baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2014-10-21 16:44:48|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ دەرس تەييارلىقىنى خېلى جاپا تارتىپ تەييارلاپسىز.مېنىڭچە ئوقوتۇش نىشانىنى ھەربىر سائەتكە ئايرىم قىلىپ يازغان بولسىڭىز تېخىمۇ ياخشى بولاتتىمىكىن دەپ ئويلاپ قالدىم.
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش