باشلانعۇچ مەكتەپ پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ 2014- يىللىق كەسپتىكى ناتوغرا ئىستىللارنى تۈزىتىش پىلانى كەسپتىكى ناتوغرا ئىشلارنى تۈزىتىش ئوقۇتقۇچىلار ئارىسىدىكى ناتوغرا ئىستىللارنى تۈزىتىپ، ئوقۇتقۇچىلار كەسپىي ئەخلاقىنى تەكىتلەپ، ئۆزى ئۈلگە بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۇچۇن توۋەندىكى خىزمەتلەرنى تىرشىپ ياخشى ئىشلەيمىز. كونكىرت خىزمەتلەرتوۋەندىكچە: 1. ئوقۇتقۇچىلار ئارىسىدىكى ھەشەمەتچىلىك، بۇزۇپ –چېچىش، كەيپى- ساپاغا بېرىلىش قاتارلىق خاھىشلارنى ۋاقتىدا بايقاپ ۋە تۈزىتىپ، بۇ خىل خاھىشلارنىڭ يامراپ كېتىشىنىڭ ئالدى ئېلىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھەر قانداق ئىشتا ئۆزىنىڭ سالاھىيىتىنى ئۇنتۇلۇپ قالماسلىقىغا ئاساس سېلىنىدۇ. 2. مالىيە خادىملىرىغا بولغان باشقۇرۇش ۋە نازارەتچىلىك كۈچەيتىلىپ، مالىيە خادىملىرىنىڭ مەكتەپ مۈلكىنى بۇزىۋىتىشى، يوقىتىۋىتىشى، مەكتەپكە بىھۇدە زىيان سېلىشىنىڭ ئالدى ئېلىنىپ، ئۇلارنىڭ ئىستىل جەھەتتە چىرىكلىشىشى ئۈنۈملۈك توسىلىدۇ. 3.بەنزە ئەزالىرىغا بولغان باشقۇرۇش كۈچەيتىلىپ، ئۇلارنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلەردىكى ئۈلگىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، كەسپتىكى ناتوغرا ئىستىللارنىڭ بەنزە ئەزالىرىنىڭ ئارىسىدا كۆرۈلۈپ قېلىشىنىڭ ئالدى ئېلىنىدۇ. يەنى بەنزە ئەزالىرى ئارىسىدا ئۆز خىزمەت قولايلىقىدىن پايدىلىنىدىغان، لىبرالىزىملىق قىلىدىغان، بىيۇكىراتلىق قىلىدىغان، يېقىنلىرىغا چاپان ياپىدىغان، شەخسىي ئۆچىنى ئالىدىغان، ئايرىمىچىلىق قىلىدىغان ، بىر- بىرىگە چاپان ياپىدىغان، بىر- بىرىگە پۇرسەت يارىتىپ بېرىدىغان، تۈۋەننى بېسىپ، يۇقىرىنى ئالدايدىغان، ئاممىغا ياخشىچاق بولىدىغان ئىدىيىلەر ۋە تۆرىچىلىك ئىدىيىسى قاتارلىقلار تۈزىتىلىپ، بۇنداق ئىدىيىلەرنىڭ يامراپ، ئامما ئارىسىدا يامان تەسىر پەيدا قىلىشىنىڭ ئالدى ئېلىنىدۇ. 4. ئوقۇتقۇچىلارغا قارىتا ئالدى بىلەن ئادەم تەربىيلەش ئىدىيىسىنى توغرىلاش، ئادەم تەربىيلەشتە كەسپىي ئەخلاققا رىئايە قىلىش تەلىپى قويۇلۇپ، ئوقۇتقۇچىلار كەسپىي ئەخلاقى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىش- ھەركىتىنى ئۆلچەيدىغان ئۆلچەم قىلىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئوقۇتقۇچىلار ئارىسىدىكى تۈرلۈك باھانىلەر بىلەن پۇل يىغىدىغان، ئوقۇغۇچىلار ۋە ئائىلە باشلىقلىرىغا تۈرلۈك نامۇۋاپىق تەلەپلەرنى قويىدىغان، ئاتا- ئانىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ئوقۇتۇشقا سۆرەپ كىرىدىغان، ئوقۇغۇچىلاردا روھىي بېسىم ھاسىل قىلىپ قويىدىغان،ئوقۇغۇچىلارنى ئۆزىنىڭ شەخسىي ئىشىغا بۇيرۇيدىغان، ئائىلە ئەمگەكلىرىگە سالىدىغان، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا- ئانىلىرىدىن بالىلىرىنى باھانە قىلىپ قەرز ئالىدىغان ئىشلارنىڭ سادىر بولىشىنىڭ ئالدى ئېلىنىدۇ، شۇنداقلا بۇنداق ئەھۋاللار سادىر بولسا، قاتتىق بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.
باشلانعۇچ مەكتەپ پارتىيە ياچېيكىسى. 2014-يىلى 8- ئاي |