كۆرۈش: 946|ئىنكاس: 2

كومپىيۇتېر كاشىلىلىرىدىن ھەر خىل سۇئال-جاۋاپلار(2)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
سۇئال :مەن كومپيۇتېرىمغا ھازىر بار بولغان 160GB   لىق قاتتىق دىسكىنى ئېلىۋىتىپ ،يېڭىدىن ئالغان «خىتاچى » نىڭ 500GB  لىق قاتتىق دىسكىسنى سەپلىگەن ئىدىم.كومپيۇتېرىمدا ھېچقانداق ئىنكاس بولمىدى .بئىوس كۆزىكىىمۇ ئېچىلمىدى .كونا –يېڭى ئىككىلا قاتتىق دىسكىنى سالسام ،نورمال قوزغالدى.لىكىن،يېڭى دىسكا كۆرۈنمىدى .كومپيۇتېرىمنىڭ ئاساسىي تاخىتىسىKN9S     نىڭ كۆتۇرلمە تىپى بولۇپ      500GB    لىق قاتتىق دىسكىنى قوللىشى كېرەك ئىدى.بۇ زادى نېمە ئۇچۈن؟



   جاۋاپ:كۆتۈرۈلمە تىپلىق KN9S ئاساسىي تاختا orce550 F n تىپلىق ئۈزەكلەر گۇرۇپپىسىدىن تۈزۈلگەن بولغاچ ،سىزنىڭ بۇ SATA 3Gb\s  ئېغىزلىق  500GB  خىتاچى قاتتىق دىسكىنى دەخىلىسز قولللىشى كېرەك ئىدى.ئەگەردە ئۇلىنش ياكى تەڭشەشتە مەسلە بولمىسا ،بۇنداق ئەھۋالنىڭ يۈز بىرىش ئېھتىماللىقى يوق دىيەرلىك .شۇڭا تەكىلىپىم،ئامال قىلىپ بىئوس تەڭشىكىگە كىرىپ ،بۇرۇن ساقلاقىلق بىئوس تەڭشىكىنكى ئەلالاشتۇرۇپ كۆرۈڭ.ھەمدە تۆت دانە  SATA2  ئېغىزنىڭ ھەممىسىنىڭلا ئوچۇق ياكى ئوچۇق ئەمەسلىكىنى تەكشىۈرۈڭ .شۇنداقلا،ئاساسىي تاختىدىكى ئوخشىمىغانSATA ئېغىزلىرىنى بىر-بىرلەپ سىناپ بېقىڭ .يەنە بولمىسا،قاتتىق دىسكىنىڭ سىگنال سىمى ۋە توك مەنبە سىمىنى ئالماشتۇرۇپ كۆرۈڭ.شۇ تەرىتىپ بويىچە بىر-بىرلەپ سىناپ جەزىملەشتۈرۈڭ.



2.قاتتىق دىسكا تېمپۇراتۇرسىى ئۆرلەپ كەتكەنلىكتىن شاۋقۇن پەيدا بولۇش.



   سۇئال:يېقىندىن بويان ،كومپيۇتېر  ساندۇقىدىن كىلىدىغان شاۋقۇن ئاۋاز چوڭىيىپ كېتىۋاتقاندەك قىلغاچقا ،ساندۇقنى ئېچىپ،سوۋۇتقۇچقا سىلىقلاش مېيى تولۇقلاپ باقسام  ھىچ ئۈنۈمى بولمىدى .شۇنىڭدىن كېيىن ،«قاتتىق دىسكا قاراۋۇلى »دەيدىغان يۇمشاق دېتالنى قاچىلاپ تەكىشۈرۈپ باقسام،قاتتىق دىسكىنىڭ تېمپۇراتۇرسىنىڭ 53سىلسىيە گرادۇس ئىكەنلىكى ۋە سوۋۇتۇش شارائىتىنى ياخشىلاش كېرەكلىكى مەلۇم بولدى .تەخسىر،كومپيۇتېرىمنىڭ قاتتىق دىسكىسى قىزىپ كەتسىمۇ ،شاۋقۇن پەيدا بولامدۇ؟ شۇنداقلا ،قاتتىق دىسكا تېمپراتۇرىسىنى تۆۋەنلىتىشنىڭ قانداق ياخشى ئامالى بار؟



   جاۋاپ:ئادەتتىكى ئەھۋالدا ،قاتتىق دىسكا تېمپراتۇرىسىنىڭ كومپيۇتېر ساندۇقىدىن كېلىدىغان شاۋقۇن بىلەن بىۋاستە باغلىنىشچانلىقى يوق.ناۋادا  CPU  شامالدۇرغۇچىغا سىلىقلاش مېيى تۇلۇقلاپمۇ ئۈنۈمى بولمغان بولسا ،شامالدۇرغۇچنڭ كاردىن چىقىشىغا ئاز قالغانلىقىنى چۈشەندۇرۇپ بېرىدۇ.بۇ خىل ئەھۋالدا ،ئەڭ ياخىشى سوۋۇتۇش شامالدۇغۇچىنى تېگىدىن بىراقلا  يېڭىغا ئالماشتۇرۋەتكەن تۈزۈك.تەكلىپىم،سوۋۇتۇش شىلەنكىسى قوشۇلغان مىس تەگلىك سوۋۇتقۇ ئىشىلتىڭ .ئۇنىڭ سوۋۇتۇش رولى چوڭ بولغاندىن سىرىت يەنە ،شاۋقۇن ئاۋازىمۇ يوق دىيەرلىك .شۇنداقتىمۇ يەنىلا قاتتىق دىسكىنىڭ تېمپراتۇرىسى يۇقىرى بولىۋەرسە ،يەنە ئايرىم بىر شامالدۇرغۇچنى سېتىۋىلىپ  كومپيۇتېر ساندۇقى ئالدى قىسىمغا قاتتىق دىسكىغا توغىرلاپ ئورىنىتڭ .شامال قاتتىق دىسكا يۈزنى سىپاپ  ئۆتىدىغان بولسۇن.شۇ ئارقىلىق قاتتىق دىسكا تىمپۇراتۇرىسىنى ئوندىن ئونبەش سىلسىيە گىرادۇسقىچە تۆۋەنلىگەن بولسۇن.



3.كونا ئاساسىي تاختا قوش مەركەزلىك بىر تەرەپ قىلغۇچنى قوللامدۇ؟



  سۇئال:مەندە بىر كومپيۇتېر بار،ئىچىكى بىر تەرەپ قىلغۇچىسى CeleronD346 ،ئاساسىي تاختا خواشو  P5AD2-E  ،ھازىر كومپيۇتېرىمنڭ سۇرئىتى تولىمۇ ئاستا تويۇلغاچقا ،بىر تەرەپ قىلغۇچنى يېڭى چىققان  قوش مەركەزلىك بىر تەرەپ قىلغۇچقا ئالماشتۇرۋىتەيمىكىن دىگەن ،بۇنداق قىلىشقا بولامدۇ؟



   جاۋاپ:.ئاساسىي تاختا قايسى خىل تۈردىكى بىر تەرەپ قىلغۇچلارنى قوللايدىغانلىقىنى بىلمەكچى بولساق،شۇئاساسىي تاختىدىكى ئۈزەكلەر توپى ۋە بىئوس ئۇچۇرىغا ئاساسەن ھۆكۈم قىلماي بولمايدۇ.ئەڭ ئاددى ئۇسۇل شۇ ئاساسىي تاختىنى ئىشلەپچىقارغان زاۋۇتنىڭ تور بىتىگە كىرىپ ،شۇتىپتىكى ئاساسىي تاختا قوللايدىغان بىر تەرەپ قىلغۇچلارنىڭ تىزىملىكىگە قاراپ بېقىش كېرەك.سىز ئىشلىتىۋاتقان خۇاشو ئاساسىي تاختىسىغا دائىر خۇاشو تور بېتىدە ئۈزەكلەر توپىنىڭ چەكلىمىسى تۈپەيلى شۇخىل ئاساسىي تاختىغا قوش مەركەزلىك بىر تەرەپ قىلغۇچ ئىشلەتكلى بولمايدىغانلقى ئەسكەرتىلگەن .لىكىن ئۇ  LGA775    ئېغىزلىق   P4  تىپىدىكى بىر تەرەپ قىلغۇچلارنى قوللايدىكەن .ياخىشىسى سىز بىراك مال بازىردىن ئىككنچى قوللۇق     P4  تىپىدىكى بىرتەرەپ قىلغۇچلارنى ئېلىپ سەپلەڭ.



4.كونا پرىنتېر نېمە ئۈچۈن  رەڭداننى تونۇمايدۇ؟



  سۇئال: مېنىڭ كانون     IP1000    پرىنتېرىم ھەمىشە رەڭداننى تونۇمايدۇ،مەن مۇناسىۋەتلىك تېخنىك خادىملارنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە تەڭشەپ كۆرگەن بولساممۇ يەنىلا پرىنتېر رەڭداننى نورمال تونۇمايۋاتىدۇ.تەخىسىر،بۇ نېمە ئۈچۈن  ؟



  جاۋاپ: كانون IP1000   پرىنتىېر بىر قەدەر كونا تىپتىكى پرىنتېرغا تەۋە بولۇپ،ئۇزاق مۇددەت ئىشلىسە رەڭدان دەتلىشىش ياكى خوراشتىىن تىگىشش ياخىشى بولماسلىقتەك ئەھۋاللار يۈز بېرىدۇ.رەڭ پۇركۇش بېشىنىڭ سىگىنال سىمى ئۇزاق مۇددەت قاتىلىشىپ يەنە  تۈزلىنىش جەريانىدا سىم بەلبىغى يېرىلىش ياكى رەڭدان قاچىلايدىغان  ئوقۇرنىڭ خورىشى تۇپەيلى رەڭدارنىڭ تېگىشلىك ئورۇنغا جايلىشالماسلىقى قاتارلىق ئامىللار كېلپ چىقىپ سىز ئېيتىقاندىكىدەك ئەھۋاللار يۈز بېرىدۇ.تەكلىپىم،رەڭداننڭ ئەسلى زاۋۇتتىن چىققان رەڭدان ياكى ئەمەسلىكىنى ،رەڭداننىڭ رەڭ ئوقۇرىغا ياخىشى جايلاشقان جايلاشمىغانلىقى ۋە ئۇنىڭدا داتلىشش ،خوراشتەك ئەھۋاللارنىڭ بار يوقلىقىنى تەكشىۈرۈپ كۆرۈڭ.ئەگەر داتلاشقان يەرنى بايقىسىڭىز ئۆچۈرگۈچكە ئوخشاش نەرسە بىلەن سۈرۈتۈڭ ،داغ قونغان مەينەت ئورۇننى بايىقىسىڭز سۇرۇتۇپ تازىلاپ كۆرۈڭ.يەنىلا بولمىسا سىگىنال سىم بەلبىغىنىى تەكشۇرۈڭ،ئەگەر يېرىلىغان ياكى   سۇنغانلقىنى بايىقىسىڭىز مەخسۇس رېمۇنىت ئورۇنلىرىغا ئاپىرىپ سىگنال سىم بەلبىغنى  ئالماشتۇرغۇزۇڭ.چۈنكى IP1000 پرىنتىېرنىڭ يىلى خېلى ئۇزىراپ كەتكەن بولغاچ ،ئادەتتە زاپچاسلىرىنى تاپماقمۇ تەس،شۇنداقلابىر قەدەر قىممەت بولۇشى مۇمىكىن .يەنە تەكلىپىم ،پرىنتىېر دىن  يېڭىدىن بىرنى سېتىۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ.



5.لەپىتوپ  كوميۇتېر نېمە ئۈچۈن ئۆزلىكىدىن ئۆچۇپ قالىدۇ؟



   سۇئال:مەن بىر يېڭى لەپتوپ كومپيۇتېر سېتىۋالغان ئىدىم .ئىشلەتكلى بىر ھەپتە بولماي تۇرۇپ چاتاق چىققىلى تۇردى.ئۇنىڭغا تەگمەي تۇرغان ۋاقىت 20مىنۇتتىن ئېشىپ كەتسىلا،ئۇ ئۆزلىكىدىن ئۆچۇپ قالىدۇ.پەقەپ قوزغىتىش كۇنۇپكىسىنى يەنە بىر قېتىم باسقاندىلا ئېكىران ئاندىن يورۇيدۇ.بۇ زادى قانداق ئىش؟



جاۋاپ:ئېيىتقىنىڭىزغا ئاساسلانغاندا ،سىزنىڭ لەپتوپ كومپيۇتېرىڭىزدا چوقۇم ئۇخلاشقا كىرىش ئىقىتىدارى قوزغىتىلغان ئىكەن .ئەگەر سىز بۇ ئىقىتىداردىن بىزار بولغام بولسىڭىز ،ئېكران يۈزىدىكى بوش ئورۇندا مائوسنىڭ ئوڭ تەرىپىنى چېكىپ ،تەۋەلىكى 属性ئاندىن ئېكىران قوغىداش پروگراممىسى 屏幕保护程序نى ئېچىڭ .ئۇنىڭ ئىچىدىكى توك مەنبە   电源    نى ئاچسىڭىز ،ئۇخلاش休眠 چىقىدۇ. بۇيەردىن ئۇخلاشنى قوزغىتىش  启动休眠  نىڭ ئالىدىكى توغرا بەلگىسنى ئېلىۋىتىپ ،ساقلاپ چىكىنىڭ .مەسلە ھەل بولىدۇ.



6.قانداق قىلغاندا يانفۇننىڭ ئاۋارىچىلىقىدىن ساقلانغلى بولىدۇ؟



  سۇئال:بەزى چاغلاردا كەيىپىم چاغ ئەمەس ياكى باشقا ئىش ئۈستىدە ئالدىراش تۇرغنىمىدا يانفۇنۇم سايراۋىرىپ تازا بىئارام قىلىدۇ.يانغۇنۇمنى ئېتىپ قۇيۇشقا ئەسلى كۆڭلۇم ئۇنمايدۇ.قانداق قىلغاندا يانفۇننى ئېتىپ قويمايمۇ باشقىلارنىڭ بىھۇدە ئاۋارە قىلىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ؟



جاۋاپ:باشقىلار يانفونىڭىزغا تېلفۇن قىلسا يانفۇنىڭىز داۋامىلق ئالدىراش ياكى «بۇنداق نومۇر يوق»دەپ چىقىدىغان قىلغلى بولىدۇ.ئۇسۇلى يانفۇندا    «#999999*21**      »نى كىرگۈزۈپ ،ئاندىن ئۇلاش كۇنۇپكىسىنكى بېسىۋىېتىڭ ،ئىش تامام تېلفۇن كەلسە داۋامىلق «ئالدىراش» يا بولمىسا «بۇنداق نومۇر يوق!» دەپ چىقىۋىرىدۇ.تېلفۇن ئالغۇڭىز كەلگەندە «  #21##    »نى بېسىۋىتىڭ .شۇزامان نورمال ھالەتكە قايىتىدۇ.باشقىلار سىزنىڭ نومۇرىڭىزدىن گۇمانلانسا نەق مەيداندا تېلفۇن ئۇرۇپ سىناپ بېرىڭ .بۇ خىل ئۇسۇل بىلەن ھەم باشقلارنىڭ نارازىلقىدىن ساقلانغىلى ھەم تېلفۇن ھەققىنى تىجگىلى بولىدۇ.



7. Excel دا گورزىنتال  جەدىۋەلنى تىك ھالەتكە ئۆزگەرتىشنىڭ ئەپلىك ئۇسۇلى  بارمۇ؟



سۇئال:تەخىسر،Excelدا گورزىنتال جەدۋەلنى ئاددى ئۇسۇلدا تىك ھالەتكە ئۆزگەرتكلى بولامدۇ؟مەن مەزمۇنى كىسىپ ئېلىپ يەنە چاپلاپ تازا ھاردىم .بىراقلا ئۆزگەرتىش ئۇسۇلى بولسا ياخشى بولاتتى .



جاۋاپ: Excelدىكى جەدىۋەلنى ئاۋال دائىرە ھاسىل قىلىپ تاللاڭ ،ئاندىن مائوسنى بوش يەرگە توغىرلاپ تۇرۇپ  ئوڭ تەرەپ كۇنۇپكىسىنى بېسىڭ .كۆرۇنگەن تاللاپ تۇرۇپ چاپلاش( 选择性粘贴 )نى چەكىسىڭىز يەنە بىر كۆزنەك ئېچىلىدۇ.ئايلاندۇرۇش (转置)نىڭ .ئالدىغا بەلگە قويۇڭ ۋە مۇقىملاڭ.نەتىىجىدە گورزىنتال جەدىۋەل تىىك ھالەتكە ئۆزگىرەيدۇ.ئىش تامام .كۆچۈرۈپ چاپلاشنىڭ ھاجىتى قالمايدۇ.



8.نېمە ئۈچۈن كومپيۇتېر قېپىدىن توك قاچىدۇ؟



  سۇئال:كومپيۇتېر قېپىنىڭ ھەر قانداق يېرىگە قول تەككۈزسەملا توك تەپكەندەك سېزىمەن ،قورقۇنۇچلۇق ئىش.ھەتتا توك  قەلىمنى تەككۈزۈپ باقسام چىرىقى يېىنۋاتىدۇ،بۇ نېمە ئىش؟ئەجەبا كومپيۇتېر شۇنچە خەتەرلىك بۇيۇممۇ؟



  جاۋاپ:ئېيتقىنىڭىزغا ئاساسلانغاندا ،كومپيۇتېر قېپىدىن توك  قاچقان ئەمەس،ئەكىسچە كومپيۇتېر قېپىنى رادىئاتىسيدىن ھاسىل بولغان زەرەتلىك توك قاپلاپ كەتكەن .ھەقىقىەتەن توك قاچقان بولسا ،سىز شۇ كومپيۇتېردىن پايدىلىنىپ مۇشۇ خەتنى يېزىپ ئولتۇرۇشىڭىز ئەسلا مۇمكىن ئەمەس ئىدى .مەسلە ،سىز ئىشلەتكەن توك مەنبە تاختىسىغا يەر سىمى ئۇلانمىغان ياكى يەر سىمى ئۇلىنش ياخشى ئەمەس،يەر سىمى تىگىشمىگەن .ھەل قىلىش ئۇسۇلى توك مەنبە تاختىسىدىكى يەر سىم ئۇچىنى تەكشۇرۇپ ،ئۇنىڭ داۋاملىق مۇقىم ئۇلىنىشىنى كاپالەتلەندۈرۈڭ.بۇنداق قىلىشنىڭ كومپيۇتېرىڭىزنىڭ ئىچكى قىسىمىدىكى ئۈزەكلەر ئۈچۈنمۇ پايدىسى چوڭ .كومپيۇتېردىن ئۇزاق ۋاقىت كاشلىسىز پايدىلناي دىسىڭىز ،يۇقىرقى ئۇسۇلدا يەر سىمىنڭ ئۇلىنشىغا  تولۇق كاپالەت  قىلغىنىڭز ياخشى.



9.قانداق قىلغاندا ئوپىتىك دېسكدىنمۇ خوددى بارماق دېسكىغا  ئوخشاش پايدىلانغلى بولىدۇ؟  



سۇئال:ھازىر DVDدېسكا ئويغۇچ ۋە ئوپتىك دېسكىلار كۈندىن –كۈنگە  ئەرزانلىشىپ  بېرىۋاتىدۇ.ناۋادائادەتتكى ئوپتىك دېسكىدىن  بارماق دېسكىغا ئوخشاش خالغانچە ماتىريىال كۆچۇرۇپ ۋە ئۆچۈرۈپ پايدىلانماقچى بولساق قانداق قىلىش كېرەك؟



جاۋاپ:ئەمەليەتتە ،بۇ خىل ئىقىتىدارنىWindows Winsta ۋە Windows7لەرنى ئۆزىدە ھازىلغان ئوپىتىك دىسكا قويغۇچنىڭ ئاپتوماتىك  قويۇش ئىقىتىدارنى چەكىلۋىېتىپ ،دېسكا قويغۇچقا بىر دانە ئوپىتىك دېسكا سسېلپ ،كۆرۈنگەن رەسىمنى قوش چەكسەك ،«ئوپىتىك دېسكىدىن قانداق پايدىلىنىسىز؟»(您如何使用此光盘 )



دەيدىغان كۆزنەك ئېچىلدۇ.«بۇ يەردە بارماق دىسكىدىن پايدىلىنمەن »(类似USB闪存驱动器 )نى تاللاپ كېيىنكى قەدەمگە ئۆتسەك ،خۇددى بارماق دېسىكىدىكىگە ئوخشاش دېسكىنى فورماتلاش باسقۇچىغا كىرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن خۇددى بارماق دىسكىدىكىگە ئوخىشاش ھۆججەتلەرنى كۆچۇرگىلى  ۋە ئۆچۈرگىلى بولىدىغان بولىدۇ.ئەگەر بۇ خىل ئۇسۇلنى تۇنجى قېتىم ئىشلىتىش بولسا مۇشۇ خىل ئۇسۇلدا فورماتلاش ئېلىپ بېرش كېرەك.كىين قايتا ئىلشلەتكەندە فورماتلاش ھاجەتسىز .دىققەت قىلىدىغان يېرى ،ئوپىتىك دېسكىدا مەلۇم ھۆججەتلەر بار ھالەتتە ئۇقۇشماستىن  فورماتلىۋەتكەندە گەرچە مەلۇم قىسمنى فورماتلاپ بولغىنى بىلەنمۇ يەنىلا فورماتلاپ  بولغاندىن كىيىن بۇرۇنقى ھۆججەتلەردىن قايتا پايدىلانغلى بولمايدۇ.شۇڭا بىر قېتىم فورماتلاپ  ئىشلەتكەن ئوپىتىك دېسكىنى قارغۇلارچىسغا قايتا فورماتلىۋېتىشتىن ساقىلنش كېرەك.



10.ئەقلى ئىقىتىدارلىق بىر تەرەپ قىلغۇچ دەپ نېمىگە ئېيىتىمز؟



سۇئال:ئىنتېل شىركىتى ھازىر كەڭ كۆلەمدە ئەقلىي ئىقىتىدارلىق بىر تەرەپ قىلغۇچنى تەشۋىق قىلىۋاتىدۇ.مەن بۇ ئەقىلىي ئىقىتىدارلىق بىر تەرەپ قىلغۇچنىڭ ھىچقانداق بىر ئارتۇقچلىقىنى بايىقىمىدىم .بۇنى نېمە ئۈچۈن ئەقىلىي ئىقىتدارلىق بىر تەرەپ قىلغۇچ دەپ ئاتايمىز؟شۇنداقلا بۇخىل  ئەقىلىي  ئىقىتىدارلىق بىر تەرەپ قىلغۇچنىڭ ئىشلەتكۈچلەر ئۈچۈن قانداق رولى بار؟



جاۋاپ:  Intel شركىتى يېڭىدىن بازارغا سالغان ۋە تىپىدىكى بىر تەرەپ قىلغۇچلارغا ھەقىقەتەن ئەقىلىي ئىقىتىدارلىق بىر تەرەپ قىلغۇچ TuboBoostTehnology”ئورۇنلاشتۇرۇلغان .بۇ خىل بىر تەرەپ قىلغۇچ سېستىمىسنىڭ يورۇش ئەھۋالغا ئاساسەن ،ئىچكى بىر قىسىم خىزمەت چاستوتىسغا قارىتا تەڭشەش  ئېلىپ بېرىپ ،سۇرئەتنى يۇقىرىلىتىش ۋە توك تىجەشنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ.يەنە ئۇنىڭدىن باشقا ،تەشۋىقات ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن بىر قىسم يېڭى ئىقىتىدارلار قوشۇلغان بىر تەرەپ قىلغۇچلارغىمۇ ئۇمۇمىلاشتۇرۇپ .ئەقىلىي ئىقىتىدارى بىر تەرەپ قىلغۇچ دەپ نام بېرىلىگەن.


باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1قىزغىنلىق +4تىللا +4تۆھپە +2يىغىشسەۋەبى
بايقاش + 4 + 4 + 2很給力!

باھا خاتىرىسى


baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2011-7-29 11:32:46|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كومپيۇتېر ئىشلىتىش جەرىيانىدا نۇرغۇن ئىسسىق-سۇغۇقلارنى باشتىن كەچۈرۈپسىزدە.....  چوڭلار بىكار سۆزلىمەيدۇ.. تەجىربە ساۋاقلىرىڭىزنى بىرگە يەتكۈزۈپ تۇرارسىز.. ھە!
ۋاقتى: 2011-8-12 11:54:20|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالامەت ياخشى تېمىكەن بۇ، بولسا مۇشۇنداق مەزمۇنلارنى كۆپرەك يوللاپ تۇرسىڭىز. بىلمىگەننى بايقاشتىن بىرگە ئۈگەنسەك
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش