| بالا تۇغۇش ئىشخانىدىكى ئۈچ خىزمەتداش پاراڭلىشىپ قاپتۇ. بىرىنچىسى: - مېنىڭ ئايالىم يەڭگىشتىن بۇرۇن « ئاكا - ئۇكىلار » دېگەن كىتابنى ئوقۇيتى ، شۇڭا قوشكېزەك تۇغدى- دەپتۇ. ئىككىنچىسى : - مېنىڭ ئايالىم يەڭگىشتىن بۇرۇن « ئۈچ چاقماق ئوت » دېگەن كىتابنى ئوقۇيتى ، شۇڭا ئۈچكېزەك تۇغدى- دەپتۇ . ئۈچىنچىسى دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ ئۆيگە مېڭىشقا تەييارلىنىپتۇ ، ھەيران قالغان ئىككىسى نېمىش بولغىنىنى سورىغىنىدا : - مېنىڭ ئايالىم « ئەلىبابا ۋە قىرىق قاراقچى » نى ئوقۇپ قالغانتى- دېگىدەك . ---------------------------------------------- مىكياننىڭ ئاچچىقى بىر مېكيان خوراز بىلەن ئۇرۇشۇپ قېلىپ ئاچچىقىدا ئۆيدىن چىقىپ كېتىپ بىر ئاشخانىغا كىرىپتۇ. -مۇلازىم؟- دەپ ۋارقىراپتۇ مېكيان. -نىمە تاماق كەلتۈرەي؟- دەپتۇ مۇلازىم. - خوراز گۆشىدە قورۇلغان داپەنجىدىن بىرنى ... ---------------------------------- ما قىززىقكەن بىر توپ ئەر كىشى بىر سۇرۇندا ئۇلتۇرۇشۇپ قاپتۇ، بۇلارنىڭ ئىچىدە 20 ياشتىن تاكى 80 ياشقىچە كىشىلەر بار ئىكەن. ئۇلار بىر-بىرلەپ ئايالىغا «مەن سىزنى سۆيىمەن» دېگەن قىسقا ئۇچۇرنى يوللاپ جاۋابىنى بىلىپ باقماقچى بولۇپتۇ. 20 ياشلىق ئەرگە قايتقان جاۋاب: مەنمۇ سىزنى سۆيىمەن. 30 ياشلىق ئەرگە قايتقان جاۋاب: جېقراق ئىچىپ سالدىڭىزمۇ نېمە؟ 40 ياشلىق ئەرگە قايتقان جاۋاب: تېچلىقتۇ-ھە؟ 50 ياشلىق ئەرگە قايتقان جاۋاب: ئۇچۇرنى خاتا يوللاپ قويدىڭىزمۇ؟ 60 ياشلىق ئەرگە قايتقان جاۋاب: پىنسىيەگە چىقىپ سىزگە قىلىدىغان ئىش يوق بوپ قالدىمۇ نېمە، بۇندىن كېيىن بەدەن چېنىقتۇرۇڭ. 70 ياشلىق ئەرگە قايتقان جاۋاب: ئايالى ئېرىگە ئۇچۇر قايتۇرماستىن بىۋاستە ئوغلىغا تېلېفۇن قىلىپ دەپتۇ: داداڭنىڭ نەچچە كۈنلىكىلا قالغان ئوخشايدۇ بالام، ئاخىرەتلىكى ئۈچۈن تەييارلىق قىلىپ قويغىن. 80 ياشلىق ئەرگە قايتقان جاۋاب: ئايالى ئېرىگە ئۇچۇر قايتۇرماستىن ئۆز-ئۆزىگە سۆزلەپ دېگىدەك: ھەييي، بۈگۈن دېۋەڭلىك كېسىلىنىڭ دورىسىنى يېيىشنى ئۇنتۇپ قاپتۇ-دە! --------------------------------------------------- بىلەتچى يۇمۇرجان ئايالى بىلەن ئۆيگە قايتىپ كەپتۇ. ئايالى ئۆيگە كىرىپلا ئىشىكنى تاقىۋېتىپتۇ. يۇمۇرجان: -خوتۇن ئىشىكنى ئاچ، مەن تېخى كىرمىدىم.-دىسە، ئاپتۇبۇستا بېلەتچىلىك قىلىپ كۆنۈپ قالغان ئايالى: -ۋاي نېمىگە ۋارقىرايسەن، كەينىدىكىسىگە چىقمامسەن،-دەپتۇ. ----------------------------------------- قىلىقسىز خوشنا يۇمۇرجان: يىڭى كەلگەن خوشنام بەكلا ساراڭ ئادەمكەن، يىرىم كىچە بولغاندا ئىشكىمنى توختىماي قىقىۋەردى. دوستى: ھەقىقەتەن ناچار ئادەمكەن ئەمسە ئۇ، ساقچىغا مەلۇم قىلدىڭىزمۇ ؟ يۇمۇرجان: ياقەي، خوشنىدارچىلىقتا سەت بولمىسۇن دەپ بارابان مەشىقىمنى داۋاملاشتۇرۇۋەردىم. ------------------------------------------------------ ئالامەت تەرجىمە يۇمۇرجان قەشقەرگە كەلگەن ئىككى ئامىرىكىلىققا تەرجىمان بۇپ بىرىۋاتقان يىرىگە مەن بىرىپ قالتىمەن... تەڭ ئايلىنىپ يۈرۈپ، ئا ئىككى چەتئەللىك ھىلىقى يىڭى تۇغۇلغان ئوغۇل بالىنى بۇشۇككە بۆلەپ قويغاندا ئىشلىتىدىغان شۇمەكنى قولىغا ئىلىپ، خەنزۇچە: -بۇ نىمە؟- دەپ سورىغانتى، يۇمۇرجان بۇ نەرسىنى ئۆلچەملىك تەرجىمە قىلالماي مۇنداق چۈشەندۈردى: -جىگا دۇڭشىما.... خەنزۇ لاۋ رىن چۇۋ موخىيەن دا شىخۇۋ جياۋ غاڭزا، ۋىي زۇ رىن دا بالاڭ زىدا كا كاڭ زى دا پاڭ زا... ----------------------مەنبەسى: يۇمۇرۇم سالونى www.yumurum.com |
|