كۆرۈش: 303|ئىنكاس: 0

خەت يېزىش ئوقۇتۇشىنىڭ ئاساس مائارىپتىكى ئورنى ۋە قىممىتى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئىلغار تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-7 11:33  

« ئۇچۇر دەۋرى » دەپ تەرىپلىنىۋاتقان بۈگۈنكى دەۋردە كىشىلەر كومپىيۇتېردا خەت يېزىشقا ئادەتلىنىپ، قولدا خەت يېزىش سۇسلىشىۋاتىدۇ. مۇشۇنداق شارائىتتا كەڭ ئوقۇتقۇچىلارغا نىسبەتەن خەت يېزىش ئوقۇتۇشىنىڭ ئورنى ۋە ئەھمىيىتىگە بولغان تونۇشىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش زۆرۈر بولۇپ قالدى. بۇ ماقالىدا خەت يېزىش ئوقۇتۇشىنىڭ تىل-ئەدەبىيات دەرسىدىكى ئورنى ئوخشاش بولمىغان نۇقتىلاردىن تەھلىل قىلىنىپ، خەت يېزىش ئوقۇتۇشىنىڭ ئوقۇغۇچىلار تەرەققىياتىغا بولغان قىممىتى قىسقىچە ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ.
   كومپىيۇتېر بىلەن ئىنتېنېت تورى كىشىلەرنىڭ ئائىلە ۋە خىزمەت ئورنىدا بارغانسېرى ئومۇملىشىپ، « ئۇچۇر دەۋرى » دەپ تەرپلىنىۋاتقان بۈگۈنكى دەۋرىدە قول بىلەن خەت يازىدىغان پائالىيەتلەرنىڭ ئورنىنى كومپىيۇتېر ئۈستىگە ئېلىۋاتىدۇ، تۇرمۇش ۋە خىزمەتلەردىكى خەت يېزىش، يېزىق ئارقىلىق ئالاقىلىشىش ئىشلىرى ئاپتوماتىكلاشتۇرۇلۇپ، قول بىلەن خەت يازىدىغان كىشىلەر تەدرىجى ئازىيىۋاتىدۇ، شۇنداقلا كىشىلەرنىڭ خەت يېزىشقا بولغان قارىشىدىمۇ ئۆزگىرىش بولۇۋاتىدۇ، يەنى بەزى كىشىلەر قول بىلەن خەت يېزىقشا قارىغاندا كومپىيۇتېردا خەت يېزىش ھەم قولايلىق، ھەم تېز، ھەم سۈپەتلىك، شۇڭا بالىلارنىڭ ساۋادى چىقىپ بولغاندىن كېيىن، ئۇلارغا خەت يېزىشنى داۋاملىق مەشىق قىلدۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق، بالىلار كومپىيۇتېردا خەت ئۇرۇشنى ئۆگىنىۋالسا ئۆزىنىڭ ھۆددىسىدىن ياخشى چىقىپ كېتەلەيدۇ، دەپ قاراپ، قول بىلەن خەت يېزىشقا ئېتىبارسىز قارايدىغان ئەھۋال شەكىللىنىۋاتىدۇ. بۇ خىل قاراش بىر قىسىم ئاتا-ئانا، ھەتتا ئوقۇتقۇچىلاردىمۇ مەۋجۇد. بۇنىڭدىن كېيىن خەت يېزىش ئوقۇتۇشىنىڭ راستىنلا قىممىتى بولمامدۇ؟ تۆۋەندە مۇشۇ مەسىلىنى چۆرىدىگەن ھالدا خەت يېزىش ئوقۇتۇشىنىڭ ئاساس مائارىپتىكى، بولۇپمۇ تىل-ئەدەبىيات دەرسىدىكى ئورنى ۋە قىممىتى ھەققىدە بەزىبىر كۆز قاراشلىرىمنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كەسپداشلار بىلەن ئورتاقلاشماقچىمەن:
1. خەت يېزىش ئوقۇتۇشىنىڭ تىل-ئەدەبىيات دەرسىدىكى ئورنى
  1) ئاساس مائارىپ دەرس ئىسلاھاتىدىن خەت يېزىش ئوقۇتۇشىغا نەزەر
   ھەممىمىزگە ئايان، 2001- يىلى ئېلىمىزدە يېڭى بىر نۆۋەتلىك دەرس ئىسلاھاتى رەسمىي يولغا قويۇلدى، يېڭى دەرس ئىسلاھاتىنىڭ پروگرامما خاراكتېرلىك يېتەكچى ھۆججىتى بولغان «ئاساس مائارىپ دەرس ئىسلاھاتى پروگراممىسى» دىكى « دەرس ئىسلاھاتىنىڭ نىشانى » دېگەن قىسىمدا « يېڭى دەرسنىڭ تەربيىلەش نىشانى ... ئوقۇغۇچىلارنى ... جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىدىغان، ئۆمۈرلۈك ئۆگىنىشكە ماس كېلىدىغان ئاساسىي بىلىم ۋە ماھارەتكە ئىگە ... كىشىلەردىن قىلىپ چىقىشى لازىم. » دېيىلگەن. بىر مىللەتنىڭ تىل-يېزىقى شۇ مىللەت مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، ئۇيغۇر يېزىقىنى ئۆگىنىش مىللىي مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىشنىڭ ئەڭ گەۋدىلىك ئىپادسى. چۈنكى بىر مىللەتنىڭ تىل-يېزىقىغا شۇ مىللەتنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى مۇجەسسەملەنگەن بولىدۇ. مىللىي مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش ئۈچۈن مىللىي مەدەنىيەتنىڭ روشەن بەلگىسى بولغان تىل-يېزىقنى ياخشى ئۆگىنىش كېرەك. شۇڭا ئانا تىل-يېزىقنى ئۆگىنىش مىللىي مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىشتىكى ئەڭ ئەقەللىي، ئەڭ مۇھىم ئىشتۇر. مۇشۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، خەت يېزىشنى ئۆگىنىش جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىشتا بېسىپ چوقۇم ھازىرلاشقا تېگىشلىك بولغان ھەم يېتىلدۈرۈش زۆرۈر بولغان بىر خىل قابىلىيەت ۋە ئۆگىنىش مەزمۇنىنىدۇر.
   ئۇنىڭدىن باشقا «ئاساس مائارىپ دەرس ئىسلاھاتى پروگراممىسى» نىڭ « دەرس قۇرۇلمىسى » قىسمىدا ناھايىتى ئېنىق قىلىپ، « باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ يۇقىرى يىللىقلىرىدا ئەخلاق ۋە جەمئىيەت، تىل-ئەدەبىيات ( خەت يېزىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ) ... قاتارلىق دەرسلەر تەسىس قىلىنىدۇ. » دەپ كۆرسىتىلگەن. بىر پۈتۈن دەرس ئىسلاھاتى دەرس قۇرۇلمىسىدا « تىل-ئەدەبىيات ( خەت يېزىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ) ... قاتارلىق دەرسلەر تەسىس قىلىنىدۇ » دەپ، خەت يېزىشنىڭ ئالاھىدە تەكىتلىنىشى ئاساس مائارىپ ئىسلاھاتىدا خەت يېزىش ئوقۇتۇشىنىڭ قانچىلىك مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.
   2) « تىل-ئەدەبىيات دەرس ئۆلچىمى » دىن خەت يېزىش ئوقۇتۇشىغا نەزەر
   دەرس ئۆلچىمى ــــ دەرسلىك تۈزۈش، ئوقۇتۇش ۋە باھالاشنىڭ ئاساسى، شۇنداقلا دۆلەتنىڭ دەرسنى باشقۇرۇش ۋە باھالىشىدىكى ئاساس، ئۇ دۆلەتنىڭ ئوخشىمىغان باسقۇچتىكى ئوقۇغۇچىلارغا بىلىم ۋە قابىليىەت، جەريان ۋە ئۇسۇل، ھېسسىيات پوزىتسىيىسى ۋە قىممەت قارىشى قاتارلىق جەھەتلەردىن قويغان ئاساسىي تەلىپىدىن ئىبارەت. يېڭى دەرس ئىسلاھاتى يولغا قويۇلۇشتا ئالدى بىلەن ھەر بىر پەن دەرسىنىڭ دەرس ئۆلچىمى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. « تىل-ئەدەبىيات دەرس ئۆلچىمى » دە تىل-ئەدبىيات دەرسىنىڭ خاراكتېرى، نىشانى ۋە دەرسىنى يولغا قويۇش ھەققىدىكى تەكلىپلەر يېڭى دەرس ئىسلاھاتىنىڭ روھىغا ماسلاشتۇرۇلغان، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىشى چىقىش قىلىنغان، دەۋر ئالاھىدىلىكى گەۋدىلەندۈرگەن، تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىنىڭ قانۇنىيىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇلغان ھالدا ئوتتۇرىغا قويۇلدى. « تىل-ئەدەبىيات دەرس ئۆلچىمى » دىكى باشقا مەزمۇنلارغا قارىمىساقمۇ « دەرس نىشانى » قىسمىدىكى مەزمۇنلارغا قارىغىنىمىزدا خەت يېزىش ئوقۇتۇشىنىڭ « تىل-ئەدەبىيات دەس ئۆلچىمى » دە قانچىلىك مۇھىم ئورۇنغا قويۇلغانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز. «ئومۇمىي نىشان » نىڭ ئۈچىنچىسىدە « ئۆز مىللىتىنىڭ تىل-يېزىقىنى قىزغىن سۆيۈش ھېسسىياتىنى، تىل-ئەدەبىيات ئۆگىنىش ئىشەنچىسىنى ۋە ياخشى ئۆگىنىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش، تىل-ئەدەبىياتنى ئۆگىنىشنىڭ ئاساسىي ئۇسۇلىنى ئىگىلىتىش. » دېيىلگەن. بۇ نىشاندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ھەر بىر نۇقتىدىن خەت يېزىش ئوقۇتۇشىنىڭ تىل-ئەدەبىيات دەرسىدىكى مۇھىم ئورنىنى ھېس قىلالايمىز. «ئومۇمىي نىشان » نىڭ ئالتىنچىسىدە تېخىمۇ كونكرېتلاشتۇرۇلغان ھالدا مەخسۇس خەت يېزىش جەھەتتىكى نىشان ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، «خەتنى ئىملا قائىدىسى بويىچە توغرا، رەتلىك، پاكىز، كۆركەم يازالايدىغان بولۇش ھەمدە بەلگىلىك يېزىش سۈرئىتىگە ئىگە بولۇش » دەپ كۆرسىتىلگەن. « تىل-ئەدەبىيات دەرس ئۆلچىمى » دە « ئومۇمىي نىشان » دىن باشقا يەنە باسقۇچ نىشانىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، مەجبۇرىيەت مائارىپىدىكى توققۇز يىل تۆت باسقۇچ  ( بىرىنچى ئۆگىنىش باسقۇچى 1-، 2- يىللىق؛ ئىككىنچى ئۆگىنىش باسقۇچى 3-، 4- يىللىق؛ ئۈچىنچى ئۆگىنىش باسقۇچى 5-، 6- يىللىق؛ تۆتىنچى ئۆگىنىش باسقۇچى 7-، 8-، 9- يىللىق ) قا ئايرىلىپ، ھەر بىر ئۆگىنىش باسقۇچىدا بەش سەھىپە بويىچە كونكرېت نىشان تەلىپى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ھەر بىر ئۆگىنىش باسقۇچىدىكى بىرىنچى سەھىپىدە دەل خەت يېزىشقا ئائىت نىشاندۇر. دېمەك، « تىل-ئەدەبىيات دەرس ئۆلچىمى » دىكى ئومۇمىي نىشان، بولۇپمۇ باسقۇچ نىشانىدىن خەت يېزىش ئوقۇتۇشىنىڭ تىل-ئەدەبىيات دەرسىدە ئالاھىدە ئورۇنغا قويۇلغانلىقىنى ئېنىق كۆرۈۋالالايمىز.
   3) ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساپا تەرەققىياتىدىن خەت يېزىش ئوقۇتۇشىغا نەزەر
   خەتنى توغرا، رەتلىك، پاكىز، چىرايلىق يېزىش ۋە خەت يېزىش سۈرئىتىنى تېزلىتىش يېزىق ئارقىلىق پىكىر ئالماشتۇرۇشنىڭ ئاساسىي كاپالىتى، خەت يېزىش بىر تۈرلۈك مۇھىم تىل-ئەدەبىيات قابىليىتى بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساۋادىنى چىقىرىشتىكى ئەڭ مۇھىم بىر مەزمۇن ۋە ساۋاد چىقىرىش قەدىمىنى تېزلىتىش،  مۇستەھكەملەشتىكى مۇھىم ۋاستە؛ خەت يېزىش ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىل-ئەدەبىيات ۋە باشقا دەرسلەرنى ياخشى ئۆگىنىشىنىڭ، شۇنداقلا ئۆمۈرلۈك ئۆگىنىش قابىلىيىتىنى يېتىلدۈرۈشنىڭ ئاساسى؛ ئانا تىل-يېزىقىنى قىزغىن سۆيۈش، ياخشى بولغان خەت يېزىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش، خەت يېزىشقا ماھىر بولۇش ھەمدە ھۆسنخەت ئەسەرلىرىدىن دەسلەپكى قەدەمدە زوقلىنىش قابىليىتىگە ئىگە بولۇش نۆۋەتتە ھەر بىر ئادەم ھازىرلاشقا تېگىشلىك ئاساسىي ساپا، شۇنداقلا ئاساس مائارىپ دەرس ئىسلاھاتىنىڭ مۇھىم نىشانىنىڭ بىرى. ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، خەت يېزىش ئوقۇغۇچىلار كۈندىلىك ئۆگىنىشتە ئايرىلالمايدىغان ھەم ھازىرلاش زۆرۈر بولغان مۇھىم تىل-ئەدەبىيات قابىلىيىتى ھېسابلىنىدۇ.

   2. خەت يېزىش ئوقۇتۇشىنىڭ تىل-ئەدەبىيات دەرسىدىكى قىممىتى
خەت يېزىش ئوقۇتۇشى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساۋادىنى چىقىرىش قەدىمىنى تېزلىتىپ، ھەرقايسى پەن دەرسلىرىنى ياخشى ئۆگىنىش ئۈچۈن ئاساس يارىتىدۇ.
   ھەممىمىزگە مەلۇم، تىل ــــ ئىنسانلارنىڭ ئەڭ مۇھىم ئالاقە قورالى، يېزىق بولسا تىلنى خاتىرىلىگۈچى يازما بەلگىلەر سىستېمىسى. ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپكە كىرىپ تىل-ئەدەبىيات دەرسىدە ھەرپلەرنى تونۇشى ۋە خەت يېزىشنى ئۆگىنىشى، جۈملىدىن ساۋادىنى چىقىرىشى ئۇلارنىڭ باشقا پەن دەرسلىرىنى ئۆگىنىش، كېيىنكى تەرەققىيات ۋە خىزمەتلىرىدە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئېلىپبە ئوقۇتۇشى قانۇنىيىتى ۋە جەريانى نۇقتىسىدىن ئېيتساق، ھەرپ تونۇش بىلەن يېزىش بىر-بىرىگە زىچ باغلىنىپ كەتكەن بولۇپ، بىر-بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ھەرپ تونۇش جەريانىدا يېزىشنى ئۆگىنىش بولىدۇ، ھەرپنى يېزىش جەريانىدا ھەرپنىڭ ئوقۇلۇشى، شەكلى، يېزىلىش ئۇسۇلى قاتارلىقلارنى تولۇق تونۇش تېخىمۇ مۇستەھكەملىنىدۇ. شۇڭا خەت يېزىش ساۋاد چىقىرىشتىكى مۇھىم ۋاستىدۇر. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساۋادى چىقىپ، مەلۇم دەرىجىدە كىتاب ئوقۇش ۋە خەت يېزىش قابىليىتىگە ئىگە بولغاندىن كېيىن، تىل-ئەدەبىيات دەرسىنى ۋە باشقا دەرسلەرنى ئۆگىنىشكە پۇختا ئاساس سېلىنغان بولىدۇ.
     2) خەت يېزىش ئوقۇتۇشى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياخشى بولغان ئۆگىنىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشكە تۈرتكە بولىدۇ.
   ياخشى بولغان ئۆگىنىش ئادىتى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش ۋەزىپىسىنى ئوڭۇشلۇق ئورۇندىشى، ئۆگىنىش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشىنىڭ زۆرۈر ئالدىنقى شەرتى بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارغا ئۆمۈرۋايەت مەنپەئەتلىنىدىغان بايلىقتۇر.
   (1) خەت يېزىش ئوقۇغۇچىلانىڭ كۆزىتىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرىدۇ. ئوقۇغۇچىلار ھەرپ ئۆگىنىش باسقۇچىدا ھەرپلەرنىڭ شەكلى ۋە يېزىلىش ئۇسۇلىنى ئىگىلەشتە كۆزىتىشتىن ئايرىلمايدۇ. « ج ، چ ، خ » ھەرپلىرىنى ئۆگىنىشتە بۇ ئۈچ ھەرپنىڭ يالغۇز شەكلى، باش شەكلى، ئوتتۇرا شەكلى ۋە ئاياغ شەكىللىرىدىكى ئوخشاشلىق ۋە پەرقنى ئىگىلەش مۇھىم نۇقتا ھېسابلىنىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا بۇ ئۈچ ھەرپتىكى قاش ئەگمىنىڭ قۇردىكى ئورنى ۋە يېزىلىش ئۇسۇلى بىلەن يا ئەگمىنىڭ قۇردىكى ئورنى ۋە يېزىلىش ئۇسۇلىنى ئىگىلەش ھەم شۇ ئاساستا ئۇلارنى قۇرغا چۈشۈرۈپ، توغرا، چىرايلىق يېزىشنى ئۆگىنىش ھەم مۇھىم نۇقتا ھەم قىيىن نۇقتا ھېسابلىنىدۇ. مۇشۇ مۇھىم ۋە قىيىن نۇقتىلارنى ھەل قىلىشتا ئوقۇغۇچىلار ئوقۇتقۇچىنىڭ يېتەكچىلىكىدە بۇ ھەرپلەرنى ۋە ئۇلارنىڭ ھەر خىل شەكىللىرىنى تەپسىلىي كۆزىتىدۇ. شۇ جەرياندا بۇ ھەرپلەرنى توغرا تونۇش ۋە يېزىش ئاساسىغا ئىگە بولۇش بىلەن بىرگە، كۆزىتىش قابىلىيىتىمۇ بەلگىلىك دەرىجىدە يېتىلىدۇ ۋە تەرەققىىي قىلىدۇ.
   (2) خەت يېزىش ئوقۇغۇچىلانىڭ ئەستايىدىللىق پوزىتسىيىسىنى يېتىلدۈرىدۇ.
   «خەتنى ئىملا قائىدىسى بويىچە توغرا، رەتلىك، پاكىز، كۆركەم يازالايدىغان بولۇش ھەمدە بەلگىلىك يېزىش سۈرئىتىگە ئىگە بولۇش » خەت يېزىش ئوقۇتۇشىنىڭ ئاساسىي تەلىپى. ئوقۇغۇچىلار ئوقۇتقۇچىنىڭ يېتەكچىلىكىدە خەتنى توغرا، رەتلىك، پاكىز، كۆركەم يېزىش ئۈچۈن ھەرپلەرنىڭ قۇرۇلما ئالاھىدىلىكى ۋە يېزىلىش ئۇسۇلىنى ياخشى ئىگىلىگەن ئاساستا تەكرار يېزىپ مەشىق قىلىدۇ، خەتنىڭ ئۆلچەملىك بولۇشى، ئىملا خاتالىقى بولماسلىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىدۇ. مۇشۇ جەرياندا تەبئىي ھالدا ئوقۇغۇچىلاردا مەيلى خەت يېزىشتا بولسۇن ياكى باشقا ئىش قىلىشتا بولسۇن بىر خىل ئەستايىدىل، تەلەپچان بولۇشتەك ئادەتنى يېتىلدۈرىدۇ.
   (3) خەت يېزىش ئوقۇغۇچىلانىڭ جاپاغا چىداپ، قېتىرقىنىپ ئۆگىنىش ئادىتىنى يېتىلدۈرىدۇ. خەت يېزىشنى ئۆگىنىش ئوقۇغۇچىلارغا نىسبەتەن گەرچە زېرىكىشلىك، جاپالىق جەريان بولسىمۇ، لېكىن ئوقۇغۇچىلار ئۆزىنىڭ خەت يازالايدىغان بولغانلىقىنى كۆرگىنىدە، ئۆزى يازغان چىرايلىق خەتتىن ئاتا-ئانىسى، ئوقۇتقۇچى ۋە ساۋاقداشلىرى زوقلانغان ۋاقىتتا مۇۋەپپىقىيەت شادلىقىغا ئېرىشىپ، ئۆگىنىش ئىشەنچى ئاشىدۇ، تېخىمۇ چىرايلىق خەت يېزىش ئۈچۈن جاپالىق مەشىق قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئوقۇغۇچىلاردا ئاستا-ئاستا جاپاغا چىداپ، قېتىرقىنىپ ئۆگىنىش ئادىتى يېتىلىدۇ.
   3) خەت يېزىش ئوقۇتۇشى ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەپەككۇرىنى تەرەققىي قىلدۇرىدۇ.
   تەپەككۇر تىلدىن ئايرىلمايدۇ، تىل ــــ تەپەككۇرنىڭ ماددىي پوستى، يېزىق ـــــ تىلنىڭ يازما بەلگىلەر ئارقىلىق ئىپادە قىلىنىشى، خەت يېزىش تىلدىن ئايرىلمايدۇ، شۇڭا خەت يېزىشمۇ بىر خىل تەپەككۇر جەريانى بولۇپ، خەت يېزىش قابىليىتىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلشى جەريانى تەبىئىي ھالدا تەپەككۇر قابىلىيىتىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈش جەريانى بولىدۇ. ھەرپ ئۆگىنىش باسقۇچىدا ئوقۇتقۇچىلار بەزىدە ئۆگەنمەكچى بولغان ھەرپنىڭ شەكلىنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەستە ياخشى تۇتۇۋېلىشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن ھەرپنىڭ شەكلىنى ئوقۇغۇچىلارغا تونۇشلۇق بولغان شەكىللەرگە ئوخشىتىپ چۈشەندۈرۈش ئۇسۇلىنى قوللىنىدۇ. مەسىلەن، « ي » ھەرىپىنى ئۆگىتىشتە بىر يىلاننى « ي » ھەرىپىنىڭ يالغۇز شەكلىگە ئوخشىتىپ، تولغۇنۇپ تۇرغان، تۆۋەن تەرىپىدە ئىككى دانە تۇخۇم تۇرغان كۆرۈنۈشتىكى رەسىمنى كۆرسىتىپ، « ي » ھەرپىنى تونۇشقا يېتەكلەيدۇ. ئوقۇغۇچىلار ھەرپنى يېزىشنى ئۆگىنشتە دەرسلىكتە بېرىلگەن ئۈلگىلەرنى ئىزلاپ يېزىش ياكى ئوقۇتقۇچىنىڭ يازغىنىغا قاراپ تەقلىد قىلىپ يېزىشنى مەشىق قىلىدۇ. مۇشۇ پائالىيەتلەرنىڭ ھەممىسىدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوبرازلىق تەپەككۇرى ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ، شۇنداقلا ئوبرازلىق تەپەككۇرى تەدرىجىي تەرەققىي قىلىدۇ.
   ئوقۇغۇچىلار ھەرپلەردىن پايدىلىنىپ، سۆزلەرنى، جۈملىلەرنى يېزىشتا ھەرپلەرنىڭ قايسى خىل شەكلىنى يېزىش ۋە قانداق ئۇلاپ يېزىش، يازغىنىنى ئوقۇش ۋە مەنىسىنى چۈشىنىش قاتارلىق مەسىلىلەر ئۈستىدە تەبىئىي ھالدا ئويلىنىدۇ. بۇ ئويلىنىش جەريانىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئابىستىراكىت تەپەككۇرى تەرەققىي قىلىدۇ. ئوقۇغۇچىلار خۇشخەت يېزىشنى، ھۆسنخەت يېزىشنى ئۆگىنىش جەريانىدا خەتنى قانداق قىلىپ كۆركەملەشتۈرۈش، قايسى نۇسخىدا يېزىش ۋە قانداق شەكىل چىقىرىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزىدۇ. بۇ جەريان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىجادىي تەپەككۇرىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
   4) خەت يېزىش ئوقۇتۇشى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئانا تىل-يېزىقىغا بولغان مۇھەببىتىنى كۈچەيتىدۇ.
   خەت يېزىشنى ئۆگىنىش  باشقىلارنىڭ يازغان خېتىنى كۆرۈش، ئۆزى چىرايلىق دەپ قارىغان خەتلەرگە تەقلىد قىلىپ يېزىش پائالىيىتىدىن ئايرىلمايدۇ. خەت يېزىش ئوقۇتۇشىدا مەيلى خۇشخەت بولسۇن، مەيلى ھۆسنخەت بولسۇن، ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارغا چىرايلىق يېزىلغان، ئادەمگە گۈزەللىك تۇيغۇسى بېرىدىغان، زوقلاندۇرىدىغان، كۆركەم خەتلەرنى كۆرسىتىشنى ئاساس قىلىدۇ. ئوقۇغۇچىلار چىرايلىق يېزىلغان خەتلەردىن يېزىقىمىزنىڭ گۈزەللىكىنى، جەلپ قىلىش كۈچىنى ھېس قىلىپ، يېزىقىمىزغا بولغان پەخىرلىنىش تۇيغۇسى شەكىللىنىپ، يېزىقىمىزغا بولغان مۇھەببىتى كۈچىيىدۇ.  
   5) خەت يېزىش ئوقۇتۇشى ئوقۇغۇچىلارنىڭ گۈزەللىكتىن زوقلىنىش قابىليىتىنى يېتىلدۈرۈش ۋە ئادىمىيلىك پەزىلىتىنى تاۋلاشقا پايدىلىق.
   خۇشخەت ۋە ھۆسنخەتنى سەنئەتنىڭ بىر خىل شەكلى دېيىشكە بولىدۇ. ياخشى يېزىلغان خۇشخەت ۋە ھۆسنخەت ئەسەرلىرى خۇددى گۈزەل رەسىملەرگە ئوخشاش ئادەمگە ئىستېتىك زوق بېغىشلايدۇ. ئوقۇغۇچىلار خۇشخەت ۋە ھۆسنخەت يېزىشنى ئۆگىنىش جەريانىدا گۈزەللىكتىن زوقلىنىشى چوڭقۇرلۇشىدۇ، شۇنداقلا ئانا تىل-يېزىقىغا بولغان مۇھەببىتى كۈچىيىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن ئېيتقاندا، ھۆسنخەت ئەسەرلىرىدە يېزىلىدىغان تىل ماتېرىيالى ئادەتتە ھېكمەتلىك سۆز، ماقال-تەمسىل، پەلسەۋىلىكى كۈچلۈك قىسقا شېئىر قاتارلىق نادىر ئەدەبىي ئەسەرلەر بولىدۇ. بۇ تىل ماتېرىياللىرىدىكى ئىدىيىۋى مەزمۇن ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۇرمۇش قارىشى، دۇنيا قارىشى، قىممەت قارىشىنى توغرىلىشىغا، نېمىنىڭ گۈزەل، نېمىنىڭ رەزىل، نېمىنىڭ ھەق-نېمىنىڭ ناھەق، نېمىگە ئىنتىلىش، نېمىدىن يىرگىنىش مەسىلىلىرىدە توغرا تاللاشنى تۇرغۇزۇپ، ھېسسىيات پوزىتىسىيىسىنى، ئادىمىيلىك پەزىلىتىنى تاۋلاشقا ئاكتىپ تەسىر كۆرسىتىدۇ. دېمەك، خۇشخەت ۋە ھۆسنخەت يېزىشنى ئۆگىنىش ئوقۇغۇچىلارنى گۈزەل خەت نۇسىخىلىرىدىن ۋە شۇ خەتلەردە ئىپادە قىلىنغان گۈزەل ھېسسىياتتىن زوقلىنىش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەپ، ئۇلارنىڭ گۈزەللىكتىن زوقلىنىش قابىليىتىنى ۋە ئادىمىيلىك پەزىلىتىنى يېتىلدۈرىدۇ.
   ئەلۋەتتە، خەت يېزىش ئوقۇتۇشىنىڭ قىممىتى يۇقىرىلار بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ. دەرس ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، ساپا مائارىپىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش تەكىتلىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ئوتتۇرا ۋە باشلانغۇچ مەكتەپتىكى بارلىق ئوقۇتقۇچىلار، بولۇپمۇ تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرى خەت يېزىش ئوقۇتۇشىنىڭ ئورنى ۋە قىممىتىنى چوڭقۇر تونۇپ، خەت يېزىش ئوقۇتۇشىنى ياخشى ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىل-ئەدەبىيات قابىليىتىنى، ئومۇمىي ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە، مىللىي ئەنئەنە ۋە مەدەنىيەتكە ۋارسلىق قىلىپ، ئانا-تىل-يېزىقىنى قىزغىن سۆيۈشكە، ئوقۇغۇچىلارنىڭ يوشۇرۇن قابىلىيىتىنى ئېچىشقا ئالاھىدە تىرىشىشى كېرەك.
   پايدىلانمىلار :
   1. « يېڭى دەرسكە يۈرۈش » شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتى 2002- يىلى نەشرى.
   2. « تىل-ئەدەبىيات دەرس ئۆلچىمى » شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتى    2003- يىلى نەشرى
   

  

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش