بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئىلغار تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-6-5 22:41
سوئال لايىھەلەش، دەرسخانا ئوقۇتۇش ئۈنۈمى
مەزكۇر ماقالىدە، باشلانغۇچ مەكتەپ تىل – ئەدەبىيات دەرسخانا ئوقۇتۇشىدا ئوقۇتقۇچى لايىھەلىگەن سوئاللار ئوقۇغۇچىلارنى تەپەككۇر ۋە پىكىر قىلىشنىڭ كەڭ دۇنياسىغا باشلاپ كىرىشتىكى «بۆسۈش ئېغىزى» بولۇپ ھېسابلىنىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ ھەمدە دەرسخانا ئوقۇتۇشىدىكى سوئاللارنى لايىھەلەشتە دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلار ۋە سوئال لايىھەلەش ئۇسۇللىرى بىلەن سوئالنى ئوقۇتۇش جەريانىدا ئىشلىتىش تەدبىرلىرى كونكرېت شەرھىيلىنىدۇ
ئېينىشتىيىن: «مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويۇش، كۆپ ھاللاردا مەسىلىنى ھەل قىلىشتىنمۇ مۇھىم» دېگەنىدى. سوئال سوراش تەپەككۇرنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى، سوئال سوراش يېڭىلىق يارىتىشنىڭ مەنبەسى، ئوقۇغۇچىنى گۇمانىي خاراكتېرگە ئىگە قىلىپ تەربىيىلەش - تەربىيىلىيەلمەسلىك تەپەككۇر قىلىش قابىلىيىتىنى يېتىلدۈرۈشنىڭ ئاچقۇچى. جۈملىدىن تىل – ئەدەبىيات دەرسخانا ئوقۇتۇشىدا ئوقۇغۇچىلاردىن سورىلىدىغان سوئاللار ئۈستىدە ئەتراپلىق ئىزدىنىش ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەپەككۇر يولىنى ئېچىشنىڭ بىر خىل ۋاسىتىسى، دەسلەپكى قەدىمى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى، دەرسخانا ئوقۇتۇشىدا سوئال سوراش ئوقۇتۇش مەزمۇنىنىڭ مۇھىم بىر قىسمى بولۇپ، بۇنىڭغا ھەرگىز سەل قاراشقا بولمايدۇ. ئەگەر بۇ مەسىلىگە ئەھمىيەت بېرىلمىسە، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەپەككۇر يولى ئېتىلىپ قېلىش ھادىسىسى زورىيىپ، ئوقۇتۇش ئۈنۈمى زور دەرىجىدە توسالغۇغا ئۇچرايدۇ. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، سوئال دەرسخانا ئوقۇتۇشىدا تەپەككۇرنىڭ ئاچقۇچى بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارنى تەپەككۇر ۋە پىكىر قىلىشنىڭ كەڭ دۇنياسىغا باشلاپ كىرىشتىكى «بۆسۈش ئېغىزى» بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. لېكىن دەرسخانىدا سورالغان سوئاللار مۇۋاپىق، ئۈنۈملۈك بولمىسا، ئۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋاقتىنى ئىسراپ قىلىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس، مېنىڭچە، دەرسخانىدا سورىلىدىغان سوئال تۆۋەندىكىدەك بىرقانچە تەلەپكە ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك: 1. سوئال لايىھەلىگەندە ئوقۇغۇچىلارنى چۈشىنىشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش كېرەك. باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بىلىم ئېلىشقا ھېرىسمەن كېلىدۇ، ۋەقە ۋە ھادىسىلەرنى ھېس قىلىش ئىقتىدارى بىرقەدەر كۈچلۈك بولىدۇ، ئۇلار تېتىك، شوخ بولۇپ، يېڭى شەيئىلەرگە ھەۋەس قىلىدۇ. ئۈستۈنلۈك تالىشىشقا خۇشتار، ھەۋىسى كۈچلۈك، خىرىس خاراكتېرىنى ئالغان پائالىيەتلەرگە ئامراق بولىدۇ، ئۆگىنىش پوزىتسىيىسى ئاكتىپ، قاتنىشىش ئېڭى كۈچلۈك بولىدۇ، بىراق، ئۇلار دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرەلمەيدۇ، تەسۋىرىي ئەستە قالدۇرۇش قابىلىيىتى بىرقەدەر كۈچلۈك، ئەمما، لوگىكىلىق يەكۈنلەش قابىلىيىتى بىرقەدەر ئاجىز بولىدۇ. ئۇلار شەكلى كۆپ خىل، بىۋاسىتە كۆرسىتىلىدىغان جانلىق ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى ياقتۇرىدۇ. دەرسخانا ئوقۇتۇشىدا ياخشى لايىھەلەنگەن سوئاللار ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاكتىپلىقىنى قوزغاشتا ئالاھىدە رول ئوينايدۇ.شۇڭا، سوئال لايىھەلىگەندە ئوقۇغۇچىلارنى ياخشى چۈشىنىش ۋە بايقاش، قايسى ئوقۇغۇچىنىڭ بىلىش سەۋىيىسىنىڭ يۇقىرىلىقى، قايسى ئوقۇغۇچىنىڭ بىلىش سەۋىيىسنىڭ تۆۋەن ئىكەنلىكىنى ئالدىن كۆرۈپ يېتىش ۋە توغرا دىئاگنوز قويۇش كېرەك. شۇنداقلا سوئاللارنىڭ قىيىن، ئوڭايلىق دەرىجىسى بويىچە ئوبيېكتىنى توغرا تاللاپ، دەل جايىغا تەگكۈزۈشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. ئۇنداق بولمىغاندا، دەرسخانا كەيپىياتىدا بىر خىل ئوڭايسىزلىق ھالەت شەكىللىنىپ قالىدۇ. 2. ئوقۇتقۇچى سورىلىدىغان سوئاللار ئۈستىدە كۆپرەك ئىزدىنىش كېرەك. بىرىنچى، دەرسلىكنى ئەتراپلىق تەتقىق قىلىش. ئوقۇتقۇچى دەرسكە كىرىشتىن ئاۋۋال ئۆتۈلمەكچى بولغان دەرسنىڭ ماھىيىتىگە چوڭقۇر چۆكۈپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەپەككۇرىنى قوزغىتىشقا ئەڭ مۇۋاپىق كېلىدىغان، ئوقۇغۇچىلارغا يۈزلىنەلەيدىغان، ئىلمىيلىكى ۋە ئېغىر - يېنىكلىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىشتىكى كونكرېت ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان، ئوقۇغۇچىلارنى جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە بولغان سوئاللارنى تەييارلاشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. ئىككىنچى، مەقسىتى ئېنىق، تىلى ئاددىي بولۇش. ئوقۇتقۇچى سوئال سورىغاندا، ئوقۇتۇش نىشانى بويىچە سوئال لايىھىلىشى، ئوتتۇرىغا قويغان سوئال كونكرېت، ئېنىق، قاراتمىلىقى كۈچلۈك بولۇشى كېرەك. قارىغۇلارچە سوئال سوراشقا بولمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، سوئال سورىغاندا سوراش سۈرئىتى تەكشى، سۆزى ئېنىق، ھەر بىر ئوقۇغۇچى ئاڭلىيالىغۇدەك دەرىجىدە بولۇشقا دىققەت قىلىشى كېرەك. ئۈچىنچى، سوئاللارنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قارىتا پەرقلەندۈرۈش. سورىغان سوئال بەك ئاددىي بولۇپ قالسا، ئوقۇغۇچىلار ھېچقانداق كۈچ سەرپ قىلمايلا، جاۋاب تاپالايدۇ – دە، ئوقۇغۇچىلارنىمۇ مەسىلىلەرگە قارىتا قىزىقىشى ۋە ئىزدىنىشى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ. ئەكسىچە سوئال بەك قىيىن بولۇپ كەتسە، ئوقۇغۇچىلار ئۈمىدسىزلىنىپ، سوئالنى ئويلاشقىمۇ پېتىنالمايدۇ. شۇڭا، ئوقۇتقۇچى سوئال لايىھىلىگەندە قىيىن – ئاسانلىق دەرىجىسىنى ياخشى ئىگىلەش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، سوئال سورىغاندا، يەنە ئوبيېكتنى ياخشى تاللاش كېرەك. بەزى سوئاللار كوللېكتىپقا يۈزلىنىشى، يەنە بەزى سوئاللار ئوبيېكتقا يۈزلىنىشى كېرەك. قىيىنراق سوئاللار ئۆگىنىشتە ياخشى ئوقۇغۇچىلارغا، ئاسانراق سوئاللار ناچارراق ئوقۇغۇچىلارغا قارىتىلىشى كېرەك. شۇنداق قىلغاندا بارلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاكتىولىقىنى قوزغىغىلى بولىدۇ. تۆتىنچى، تېيىزلىقتىن چوڭقۇرلۇققا ئۆتۈش. ئوقۇتقۇچى لايىھىلەپ تەييار قىلغان سوئاللارنى سوراشتىن ئىلگىرى تەھرىرلەش ئېلىپ بېرىشى، سوئاللارنى پەلەمپەيسىمان شەكىلدە ئاساندىن قىيىنغا، تېيىزلىقتىن چوڭقۇرلۇققا ئايرىۋېلىشى كېرەك. مۇشۇنداق سوئال سورىغاندا، ئوقۇغۇچىلارنى دەرىجىمۇ دەرىجە ئىلگىرىلىتىشكە پايدىلىق بولۇپلا قالماستىن، يەنە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇنىۋېرسال تەھلىلى قىلىش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ. بەشىنچى، سوئال ئىلمىي ۋە كونكرېت بولۇش. ئىلمىي بولۇش سوئالنىڭ توغرىلىقىغىلا ئەمەس، بەلكى سوئالنىڭ ئېغىر – يېنىكلىكىگە، ئوقۇغۇچىلارنىڭ سەۋىيەسىگە ماس كېلىش – كەلمەسلىكىگە قارىتىلغان. سوئال ئوقۇغۇچىلارنىڭ سەۋىيەسىدىن ھالقىپ كەتسە، ئوقۇغۇچىلارنىڭ «ھەزىم قىلش ئىقتىدارى» چەكلىمىگە ئۇچراپ، ئوقۇغۇچىلاردا ئاسانلا زېرىكىش كەيپىياتىنى پەيدا قىلىپ قويىدۇ. بۇ خىل ھادىسە ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرسكە چوڭقۇرلاپ كىرىش ئاكتىپچانلىقىنى بوغۇپ قويىدۇ. ئالتىنچى، سوئالنىڭ مىقدارى بەك كۆپ، ئۈنۈمى ئاز بولۇشتىن ساقلىنىش. دەرسخانا ئوقۇتۇشىدا ئوقۇغۇچىلاردىن كۆپ سوئال سوراش، ئوقۇغۇچىلارنى كۆپرەك ھەرىكەتلەندۈرۈش دەرس ئىسلاھاتى تەلەپلىرىنىڭ بىرى. سوئال ئاھاڭىدا ئېيتىلغان، سوئال مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان، ئاخىرىغا سوئال بەلگىسى قويۇلغان جۈملىلەرنىڭ ھەممىسىلا سوئال بولىۋەرمەيدۇ. سورىلىدىغان مەزمۇن چوقۇم نىشانلىق، مەقسەتلىك بولۇشى، ئوقۇغۇچىلارنى ئىلھاملاندۇرىدىغان، ھەرىكەتلەندۈرىدىغان خاراكتېرگە ئىگە بولۇشى لازىم. يەتتىنچى، سوئال ئىجادىي بولۇشى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەقىل بۇلىقىنى ئېچىشى. ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەپەككۇرىنى قوزغاشقا تۈرتكە بولالمىغان ۋە قاراتمىلىقى يوق سوئاللار ئوقۇتۇش ئۈنۈمىگە پايدىسىز. شۇڭا، تەكىتلەش زۆرۈركى، ھە دېسە بىر ياكى بىرقانچە سوئالنى سوراۋېرىپ، يېڭىلىقى، ئىجادىيلىقى بولمىغان سوئاللار بىلەن ئوقۇغۇچىلارنى قايمۇقتۇرۇپ، ئۇلاردا زېرىكىش تۇيغۇسى پەيدا قىلىپ قويۇشتىن ساقلىنىش لازىم. 3. سوئاللار ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىجادىي تەپەككۇر قىلىش قابىلىيىتىنى ئېچىشى كېرەك. بىرىنچى، يېتەكلەش خاراكتېردىكى سوئاللارنى سوراش. ئوقۇتۇش مەزمۇنىدىكى مەنىسى بىرقەدەر قىيىن سۆز – ئاتالغۇلار، ماقال – تەمسىل ۋە ئىدىئوملارنىڭ مەنىسىنى چۈشەندۈرۈشتە ۋە ئەسەر تەھلىلىدە، يېتەكلەش خاراكتېرىدىكى سوئاللارنى سوراش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ جاۋابىغا ئاساسەن ئوقۇتقۇچى ئومۇملاشتۇرۇپ بېرىشى كېرەك. يېتەكلەش خاراكتېرىدىكى سوئاللار ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەپەككۇر قىلىش، تەھلىل قىلىش ۋە ئىپادىلەش قابىلىيىتىنى يېتىلدۈرۈشتە، شۇنداقلا تىل بايلىقىنى ئاشۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئۈچىنچى، قوزغىتىش خاراكتېرىدىكى سوئاللارنى سوراش. ئوقۇتۇش مەزمۇنىدىكى مۇھىم ۋە قىيىن نۇقتىلارنى ھەل قىلىشتا قوزغىتىش خاراكتېردىكى سوئاللارنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىيىن مەسىلىلەر ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزۈش، مۇھاكىمە قىلىش ۋە مەسىلىلەرنى ئورتاق ھەل قىلىش ئاكتىپلىقىنى قوزغاپ، ئوقۇتۇش نىشانىنى ئوڭۇشلۇق ھەل قىلشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. قوزغىتىش خاراكتېرىدىكى سوئاللار ئوقۇغۇچىلارنى قىيىن مەسىلىلەر ئۈستىدە قايسى نۇقتىدىن قانداق پىكىر قىلىشقا يېتەكلەش، ئوقۇتقۇچىنىڭ يېتەكچىلىك رولى بىلەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاساسىي گەۋدىلىك رولىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. تۆتىنچى، گۇمانلاندۇرۇش خاراكتېرىدىكى سوئاللارنى سوراش. ئوقۇتۇش مەزمۇنىدىكى ئوقۇغۇچىلار بىردەك چۈشىنىپ كېتەلمەيدىغان نۇقتىلارنى گۇمانلاندۇرۇش خاراكتېرىدىكى سوئاللارنى سوراش ئارقىلىق ھەل قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىلىم دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، يېڭى مەسىلىلەرنى بايقاش قابىلىيىتىنى يېتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. گۇمانلاندۇرۇش خاراكتېرىدىكى سوئاللار ئوقۇغۇچىلارنى گۇمانىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ يوللىرى ئۈستىدە ئىزدىنىشكە يېتەكلەشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. بەشىنچى، رىغبەتلەندۈرۈش خاراكتېرىدىكى سوئاللارنى لايىھەلەش. ئوقۇتۇش جەريانىدا رىغبەتلەندۈرۈش خاراكتېرىدىكى سوئاللارنى سوراش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ پىكىر قىلىش ئاكتىپلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە، تەتبىقلاش، ئىجاد قىلىش ۋە يېڭىلىق يارىتىش قابىلىيىتىنى يېتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. ئالتىنچى، سېلىشتۇرۇش خاراكتېرىدىكى سوئاللارنى سوراش. ئوقۇتۇش مەزمۇنىدىكى خاراكتېرى، ئالاھىدىلىك ئوخشاش ياكى يېقىن كېلىدىغان ئۇقۇم – چۈشەنچىلەرنى سېلىشتۇرۇش خاراكتېرىدىكى سوئاللارنى سوراش ئارقىلىق ھەل قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇقۇم – چۈشەنچىلەر ئوتتۇرىسىدىكى ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىك، ئوخشاشلىق ۋە پەرقلەرنى ئايرىش، پەرقلەندۈرۈش قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. يەتتىنچى، مۇستەھكەملەش خاراكتېرىدىكى سوئاللارنى سوراش. يېڭى دەرسنى باشلاشتىن ئىلگىرى ۋە دەرس ئاخىرىدا مۇستەھكەملەش خاراكتېرىدىكى سوئاللارنى سوراش ئارقىلىق ئالدىنقى سائەتتىكى دەرس مەزمۇنى بىلەن يېڭى دەرس مەزمۇنى ئوتتۇرىسىدىكى باغلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش، يېڭى دەرس ھەققىدىكى چۈشەنچىسىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش، شۇنداقلا يېڭى مەسىلىلەرنى بايقاش، ھەل قىلىش قابىلىيىتنى يېتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. 4. سوئال قويۇلىدىغان پەيتىنى ئوبدان تاللاش كېرەك. سوئال ناھايىتى ياخشى بىر پەيتتە، مۇۋاپىق ئۇسۇلدا ئوتتۇرىغا قويۇلسا، ئۇ ھالدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ دىققىتىنى ناھايىتى تېزلىكتە بۇراشقا، ئۇلارنى ئۆگىنىشكە جىددىي سەپەرۋەر قىلىشقا ناھايىتى زور ياردىمى بولىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى بىلىم ئېلىشقا يۈزلەندۈرگىلى، يېتەكلىگىلى بولىدۇ. شۇنداقلا مۇۋاپىق پەيتتە سوئال سوراش ــ ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلار ئوتتۇرىسىدا ھېسسىيات ۋە پىكىر ئالماشتۇرۇش، ئۇلارنىڭ مەسىلىلەرنى ئورتاق ھەل قىلىش ئاكتىپلىقىنى قوزغاش، جانلىق دەرسخانا كەيپىياتى يارىتىش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەپەككۇر يوللىرىنى ئېچىپ، تەپەككۇر ئۇسۇلى ۋە ئۇنىۋېرسال قابىلىيىتىنى يېتىلدۈرۈش جەھەتتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. 5. سوئال سوراش ۋە جاۋاب بېرىشنى كۆپ خىل شەكىلدە تەشكىللەش كېرەك. بىرىنچى، يۈزتۇرانە يېتەكلەپ، ئىناق كەيپىياتتا سوئال سوراش. ئوقۇتقۇچى سوئال سورىغاندا، پوزىتسىيىسى قىزغىن، سەمىمىي، ئىناق كەيپىياتتا بولۇپ، ئوقۇغۇچىلاردىكى قورقۇش پىسخىكىسىنى يوقىتىش كېرەك. ئوقۇغۇچىلار جاۋاب بېرىپ بولغاندىن كېيىن چوقۇم ئاكتىپ باھا بېرىشى، ئىمكانقەدەر نەتىجىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە ئوقۇغۇچىلارنى ئايرىم – ئايرىم ئىلھاملاندۇرۇپ، ئۇلارنى ئۆز پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا جۈرئەت قىلالايدىغان، جاۋاب بېرىش ئاكتىپلىقىنى قوزغىيالايدىغان قىلىش كېرەك. ئىككىنچى، سوئال سورىغاندا ئاغزاكى سوئال سوراش شەكلىنى ھەمدە كىتاب يۈزىدە سوئال سوراش شەكلىنى ياكى ھەر ئىككىلىسىنى بىرلەشتۈرۈش شەكلىنى قوللانسىمۇ بولىدۇ، ئوقۇتقۇچى سوراپ ئوقۇغۇچى جاۋاب بەرسىمۇ، ئوقۇغۇچى سوراپ ئوقۇتقۇچى جاۋاب بەرسىمۇ بولىدۇ. يەنە ئېلېكترلەشكەن ئوقۇتۇش ۋاسىتىلىرى ۋە خىلمۇ خىل ئوقۇتۇش قوراللىرىدىن پايدىلانسىمۇ بولىدۇ. ئۈچىنچى، ئوقۇغۇچىلار دەرسخانىدا ئۆزئارا سوئال قويۇپ، مۇزاكىرە قىلىشنى قانات يايدۇرۇش. دەرسخانىدا ئۆزئارا سوئال قويۇپ، مۇلاھىزە قىلىشنى قانات يايدۇرغاندا بىرنەچچە ئوقۇغۇچى سوئال قويۇش، قالغان ئوقۇغۇچىلارنى سوئاللارنى چۆرىدىگەن ئاساستا پىكىر قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش، ئۇلارنىڭ تالاش- تارتىشلىرىغا ھۆرمەت قىلىش، سوئال- جاۋابلىرى ئورۇنسىز بولۇپ قالسىمۇ ئەيىبلىمەسلىك، سەۋرىچان بولۇش، ئەگەر ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرى جاۋاب بېرەلمىسە ئوقۇتقۇچى جاۋاب بېرىش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنى يېتەكلەشكە كۈچ چىقىرىشى لازىم. شۇنداق قىلغاندا ئۇلارنىڭ سوئال قويۇپ جاۋاب بېرىش ئاكتىپلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ. تۆتىنچى، ئوقۇغۇچىلار خاتالىق سادىر قىلغاندا ئۇلارنى مەسىلىلەرنى ئۆزلىرى بايقاشقا، تۈزىتىشكە يېتەكلەپ، خاتالىقنى تۈزىتىشتىكى تەشەببۇسكارلىقنى ئوقۇغۇچىلارغا بېرىش. ئوقۇغۇچىلار سوئال قويۇش، جاۋاب بېرىش، پىكىر قىلىش جەريانىدا ئۇلارنى خاتالىقىنى تۈزىتىشىگە رىغبەتلەندۈرۈشى، ئوقۇتقۇچى تۈزىتىشكە، توغرىلاشقا ئالدىراپ كەتمەسلىكى لازىم. 6. تىل – ئەدەبىات دەرسخانا ئوقۇتۇشىدا ئۆلچەملىك جاۋابقا قارىغۇچلارچە چوقۇنۇشتىن ساقلىنىش لازىم. تىل – ئەدەبىيات بىلەن تۇرمۇشتىن ئىبارەت بىر گەۋدىنىڭ ئىككى گەۋدىگە پارچىلىنىپ كېتىشى كۆپلىگەن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تىل – ئەدەبىيات بىلەن رېئاللىقنى باغلاپ تەھلىل قىلالمىغانلىقى، كىتابتىن ھالقىپ چىقىپ تىل – ئەدەبىايتنىڭ بىپايان زېمىنى بولغان رەڭگارەڭ تۇرمۇش دېڭىزىغا بۆسۈپ كىرىپ ئەركىن مۇلاھىزە يۈرگۈزەلمىگەنلىكىنىڭ نەتىجىسى. دەرسلىك ئوقۇتقۇچىنىڭ ئاساسىي قورالى، بۇ قورالدىن قوراللىنىشقا بولىدۇ، لېكىن قارىغۇلارچە چوقۇنۇشقا بولمايدۇ. ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇستەقىل ۋە ئىجادىي قاراش يېتىلدۈرەلمەسلىكىدىكى سەۋەبنى تەھلىل قىلىپ كۆرگىنىمىزدە، ئۇنى ئاساسلىقى مائارىپنىڭ «نۇقسان» لىرىدىن ئىزدىسەكمۇ، مۇھىمى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كۆز ئالدىدىكى دەرسلىك بىلەنلا چەكلىنىپ قېلىش ياكى ئۇنىڭغا بېقىنىپ قېلىش «پاجىئەسى» دىن ئىزدىسەكمۇ بولىدۇ. ئوقۇغۇچىلار ئائىلىدە ئاتا – ئانىلارنىڭ، مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قاتمۇ قات بېسىمى ئاستىدا دەرسلىكتىكى ئۆلچەملىك جاۋابلارنى يادلاپ، ئىمتىھانغا تاقابىل تۇرۇپ كەلدى. ئاشۇ ئۆلچىەملىك جاۋابلاردىن ھالقىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ جاۋابى ئىنكار قىلىندى. بۇ خىل «كىتاببازلىق» قىلىش، ئۆلچەملىك جاۋابقا چوقۇنۇش خاھىشى ئوقۇغۇچىلارنىڭ قول سېلىپ ئىشلەش، ئۆز ئالدىغا ئىجادىي تەپەككۇر قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش روھىنى چەتكە قېقىپ، ئۇلارنىڭ تەپەككۇرىنى بوغۇپ قويدى. شۇنىڭ بىلەن يېڭىلا مەكتەپكە كىرگەندە تەبىئەت دۇنياسى ئۈستىدىكى سىرلار ئۈستىدە خىلمۇ خىل سوئاللارنى قويىدىغان بالىلار بارا – بارا ئويلىغانلىرىنى دادىل ئوتتۇرىغا قويالمايدىغان، ئەركىن پىكىر قىلالمايدىغان بولۇپ قالدى ھەم ئوتتۇرىغا قويسىمۇ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ «كىتابىڭنى ئۆگىنىپ بولغىنە» دېگەن رەدىيەسى بىلەن تەپەككۇرى بىخ ھالىتىدە «بوغۇۋېتىلدى». كېسىپ ئېيتىشقا بولىدۇكى، ئۆلچەملىك جاۋاب تەپەككۇرنىڭ بىرىنچى دۈشمىنى. شۇڭا، تىل – ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىدا قارىغۇلارچە كىتابقىلا چوقۇنۇشتىن ساقلىنىش لازىم. 7. ئوقۇغۇچىلارغىمۇ سوئال سوراش مۇھىتى ھازىرلاپ بېرىش ۋە سوئال سوراش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىش كېرەك. تىل- ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىدا ئوقۇتقۇچى يېتەكچىلىك ئورنىدا تۇرۇپ ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوقۇغۇچىدىن سوئال سورىشى بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئوقۇغۇچىنىڭ ئوقۇتقۇچىدىن سوئال سورايدىغان ياخشى بىر سوئال سوراش مۇھىتى بەرپا قىلىشى زۆرۈر. كېسىپ ئېيتىشقا بولىدۇكى، مەسىلە پەيدا بولمىغان ۋە پەيدا بولغان مەسىلىنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ قول سېلىپ ئىشلەپ مۇستەقىل ئىزدىنىشى ياكى ئوقۇتقۇچى بىلەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەمكارلىقى ۋە ياكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆز ئارا ھەمكارلىقى ئارقىلىق ھەل قىلىنىپ، پەيدا بولغان مەسىلىنى ھەل قىلىش جەريانى تاماملانمىغان دەرس مەغلۇپ بولغان دەرس بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ مەسىلىنى پەقەت ئوقۇتقۇچىنىڭ سوئالى ياكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ سوئال قويۇشى بىلەنلا ۋۇجۇدقا كەلتۈرگىلى بولىدۇ. بۇ خىل مۇھىت ھازىرلانغاندا، مۇنازىرە تۈسىنى ئالغان ئەڭ ياخشى دەرسخانا كەيپىياتى يارىتىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىل- ئەدەبىيات دەرسىگە بولغان قىزغىنلىقىنى ئاشۇرغىلى، شۇنداقلا ئوقۇغۇچىنىڭ تەپەككۇرىنى ئېچىپ، مۇستەقىللىق قارىشىنى شەكىللەندۈرگىلى بولىدۇ. شۇڭا، ئوقۇغۇچىلارنى پائال پىكىر قىلىشقا، گۇمانلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا، سوئال سوراشقا، ئوخشىمىغان پىكىرلەرنى بايقاشقا ئىلھاملاندۇرۇش كېرەك. ئوقۇغۇچىلار سوئال سورىغاندا ئۇلارنىڭ قويغان سوئاللىرىنىڭ چوڭقۇر ۋە چوڭقۇر بولماسلىقى، تېمىدىن يىراقلاپ كېتىشى ياكى يېقىنلىشىشىدىن قەتئىينەزەر ئۇلارنى ئەيىبلىمەي، ئۇلارنىڭ ئويلىغانلىرىنى دەپ بېقىشقا ئىلھاملامدۇرۇش كېرەك. شۇنداق قىلغاندا ئوقۇغۇچىلار پىكىر قىلىشقا جۈرئەت قىلالايدۇ. ئەگەر بىر قېتىم ئەيىبلەپ قويساق كېيىنكى سائەتلىك دەرستە ئۇلارنىڭ پىكىر قىلىش ئاكتىپلىقى بوشىشىپ، پىكىر قىلىشتىن ۋاز كېچىدۇ. شۇڭا، ئۇلارنى «ياخشى سۆزلىدىڭىز، پىكرىڭىز ئورۇنلۇق بولدى» دېگەنگە ئوخشاش رىغبەتلەندۈرۈش ئۇسۇللىرى بىلەن رىغبەتلەندۈرۈپ تۇرۇش لازىم. قىسقىسى، سوئال سوراش ئوقۇغۇچىلارنى تەپەككۇر قىلىشقا يېتەكلەشتە بىۋاسىتە قۇلايلىق ئۇسۇللارنىڭ بىرى، شۇنداقلا ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوقۇغۇچىلار بىلمىگەن ئۇچۇرلارنى قوبۇل قىلىشىدىكى بىر خىل ئۈنۈملۈك ۋاسىتىدۇر. ئوقۇتقۇچى سوئال سوراشتىكى مەقسەتنى ئېنىق ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىشى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ پىسخىك ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن مۇۋاپىق سوئال سوراش شەكلىنى تاللىشى لازىم. سورىلىدىغان سوئاللار ئالدىن تەييارلانغان، ئوقۇتۇش مەزمۇنى بىلەن زىچ ئالاقىدار يېڭى، قىزىقارلىق، ئويلاندۇرۇش خاراكتېرىگە ئىگە بولۇشى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ سەۋىيىسىگە ماس كېلىدىغان، ئۆگىنىش ئاكتىپلىقىنى قوزغايدىغان، تەپەككۇر ئۇسۇلى ۋە ئۇنىۋېرسال قابىلىيىتىنى يېتىلدۈرۈشكە پايدىلىق بولىدىغان بولۇشى، سوئال سوراشتا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى ئاساس قىلىش، ھەر بىر ئوقۇغۇچىنىڭ خاراكتېرى، سەۋىيىسىنى ئىگىلەش، ئۇلارنىڭ ئىقتىدارىنى توغرا مۆلچەرلەشكە دىققەت قىلىش، ئوخشاش بولمىغان سەۋىيىدىكى ئوقۇغۇچىلارغا قاراتمىلىقى بولغان ئاساستا ئوخشاش بولمىغان چوڭقۇرلۇقتىكى سوئاللارنى قويۇش، شۇنداقلا سوئاللارنى قىزىقارلىق قىلىپ سوراشقا، سوئال سوراشتا ئوقۇغۇچىلارنى ئاساسىي گەۋدە قىلىشقا، ئىلھام بېرىش شەكلىدە سوئال سوراشقا، تارقاق شەكىلدە سوئال سوراپ سوئالنىڭ ئىخچام بولۇشىغا، سورالغان سوئالنىڭ بىر پۈتۈنلۈكىگە ئىگە بولۇشقا دىققەت قىلىش كېرەك. ئوقۇغۇچىلار جاۋاب بەرگەندە ئوخشىمىغان پىكىر، قاراشلارغا ئادىل، توغرا باھا بېرىش ھەم ئوقۇتۇش ۋاقتىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
|