كۆرۈش: 406|ئىنكاس: 1

32 ھەرپ قۇشۇغى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئىلغار تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-5 10:19  

ئانا تىل 32 ھەرىپ قۇشۇغى


1. ئا
(ئانا تىلىم) ئانامدۇر،
ئاسراي ئالتۇن ئانامنى،
ئالغا ئاتلاپ ئارمانسىز،
ئاقلاي ئارزۇ-ئارماننى.
2. ئە
(ئەجدات تىلىم) ئەزەلدىن،
ئەزىزلەشكە ئەرزىيدۇ،
ئەدەپ-ئەخلاق ئەسكەرتىپ،
ئەنبەرلەردەك ئەۋجىيدۇ.
.3. ئې
(ئېرپان تىلىم) ئېقىنى،
ئېرىق-ئېرىق ئېقىشار،
ئېڭىن ئېچىپ ئېچىشىپ،
ئېلىم-ئېھسان ئېيتىشار.
4. ئى
(ئىلىم تىلىم) ئىسىلدۇر،
ئىللىتىدۇ ئىقلىمنى،
ئىزدىنىدۇ ئىزلاردىن،
ئىلگىرلىتىپ ئىلىمن
5. ئو
(ئويغاق تىلىم) ئورۇنلۇق،
ئويغىتىدۇ ئوسالنى ،
ئويغىتىدۇ ئوۋلاردا،
ئويغانمىغان ئوغالنى.
6. ئۆ
(ئۆزلۈك تىلىم) ئۆزلۈكتە،
ئۆرلەلەيدۇ ئۆملۈكتە ،
ئۆچۈرۈلمەس ئۆرنەكتەك،
ئۆتمەيمىزمۇ ئۆملۈكتە.
7. ئۇ
(ئۇيغۇر تىلىم) ئۇنتۇلماس،
ئۇيغۇرۇمدۇر ئۇيۇلتاش،
ئۇيغۇرلارغا ئۇياتتۇر،
ئۇتۇقسىزلىق ئۇ ئۇخلاش.
.8. ئۈ
(ئۈلگە تىلىم) ئۈزدۈرەر،
ئۈمىتلەردىن ئۈمىتلەپ ،
ئۈگۈنۈشتە ئۈزەيلى،
ئۈلگىلەردىن ئۈنچىلەپ.
.9. ب
(بۇغداي تىلىم) بايلىقتۇر،
بېرەر بىلىم  بەتمۇ-بەت ،
( بۇلبۇل تىلىم) باھاردۇر،
بېرەر بىزگە بەرىكەت
..10. س
(سۇلتان تىلىم) سىماھى،
سۇلتان سىياق سالاپەت ،
سالتانىتى ساناقسىز،
سوغاتلايدۇ سائادەت
.11. د
(دانا تىلىم) دېڭىزدەك،
دۇنيالارنى دېرەكلەر.
دانالارنىڭ داناسى،
دىلنى دەريا-دېڭىز دەر
.12. ف
(فونتان تىلىم) فونتاندەك،
فونتانلايدۇ فونتاندەك ،
فۇنكىتسىيە فورمۇلا،
فىزىكىدا فونتاندەك
.13. گ
(گۆھەر تىلىم) گۈزەلدۇر،
گۈللىتىدۇ گۈلىستان،
گۈلبېغىدا گۈلزارلىق،
گۈللىنىدۇ گۈلبوستان.
14. غ
(غەزەل تىلىم) غەزەللەر،
غەلىبىلىك غەيرەتنى ،
غورۇرلارنى غىدىقلاپ ،
غەمسىزلىتەر غۇربەتنى.
15. خ
(خۇشخۇي تىلىم) خىسلەتلىك،
خەتنى خەتلەر خىلمۇ-خىل ،
خۇشخۇي خەلقىم خەۋەرلەر،
خوشاللىقتىن خىلمۇ-خىل.
16. ھ
(ھېكمەت تىلىم) ھەقىقەت،
ھىكايەتلەر ھاياتلىق ،
ھەققانىيەت ھارماستۇر،
ھەقىقەتتۇر ھەقچىللىق.
17 . ج
(جانلىق تىلىم) جىلمىيىپ،
جانلاندۇرار جاھاننى ،
جاھالەتنى جانسىزلاپ،
جانلاندۇرار جان-جاننى .
18  . ك
(كۈيچى تىلىم) كۈيلەيدۇ،
كائىناتنى كۈيىدە ،
كىتاپ كۆرگەن كۆرىدۇ،
كەلگۈسىنى كۆزىدە.
19. ق
(قارچۇق تىلىم) قاناتىم،
قەدىرلەيمەن قەلبىمدە ،
قورقماسلارنى قوللايمەن،
قېزىپ قۇتتىن قەسىدە.
20. ل
(لېرىك تىلىم) لېرىكا،
لايىق لالە-لىباسقا،
لەنەتلەرگە لايىقتۇر،
لايغەزەلدەك لىڭتاسما .
21. م
(مەزمۇت تىلىم) مېھنەتكەش،
مۇشەققەتكە مۇڭلانماس ،
مېھنەتسىزلەر مۈدۈرۈپ،
مەڭگۈ مەغرۇر ماڭالماس .
22 . ن
(نۇرلۇق تىلىم) نۇرىدىن،
نۇرلىنىدۇ نەۋباھار ،
نۇرلىنىدۇ نەۋرۇزدا،
نەزمە، نەغمە-ناۋالار.
23. پ
(پارلاق تىلىم) پەخرىمدۇر ،
پەزىلەتتە پەرىشتە ،
پىتنە-پاسات، پەتىۋا،
پارلىيالماس پەلەكتە .
24  . چ
(چولپان تىلىم) چاقنايدۇ،
چېھرى چىراق چۇغلۇقتەك ،
چەكسىزلىكتە، چىنلىقتا،
چاقناۋاتقان چولپاندەك.  
25. ر
(راۋان تىلىم) رەنادەك،
روشەنلىكنى راۋالار ،
راۋالانسا روشەنلىك ،
روھسىزلارمۇ روھلىنار .
26 . ت
(تۇلپار تىلىم) تىلسىمدۇر،
تىلسىماتنى تىترىتەر ،
توسقۇنلاردا توختىماي،
توسقۇنلارنى تىزگىنلەر.
27 . ۋ
(ۋارىس تىلىم) ۋەزنىڭدىن،
ۋۇجۇد ۋىجدان ۋولقانلار ،
ۋۇجۇدىڭدىن ۋارىسقا،
ۋارىسلىغىن ۋارىسلار .
28  . ش
(شۇڭقار تىلىم) شۇڭغۇيدۇ،
شىجائەتلىك شىرلاردەك ،
شانۇ-شەۋكەت شەرھىلەر،
شاپائەتچى شاھلارەك .
29 . ي
(يۈرەك تىلىم) ياشنىسۇن،
يوقاتمايلى يۈرەكنى ،
ياشنىتايلى يىلمۇ-يىل،
يالقۇنجاپلا يۈرمەكنى.
30. ز
(زىبا تىلىم) زەپەرلىك،
زوراي زامان زىمىنغا ،
زەرەپشاننى زىبانى،
زەنجىرلىگىن زېھىنغا.  
31. ژ
(ژانىر تىلىم) ژانىردەك،
ژانىرلايدۇ ژورنالنى ،
ژانىرلانسا ژورناللار،
ژانىرلايمىز ژانىرنى.
32  . ڭ
ياشنا تىلىم ياشناڭلار،
پارلا تىلىم پارلاڭلار ،
قاراڭغۇدا قالماڭلار،
ئۆزلۈكىڭدە ئۆرلەڭلار.
مەنبە: ساقلىۋالغانلىرىم

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2014-6-5 10:29:39|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى شېئىركەن . ئانا تىل بىباھا گۆھەردۇر . رەخمەت .
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش