كۆرۈش: 409|ئىنكاس: 0

3g دېگەن نىمە؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
3- ئەۋلاد كۆچمە خەۋەرلىشىش تېخنىكىسى (3rd-generation,3G) دېگەنلىك بولۇپ، يۇقىرى سۈرئەتتە سانلىق مەلۇماتلارنى يوللاشنى قوللايدىغان خەۋەرلىشىش تېخنىكىسىنى كۆرسىتىدۇ. 3G مۇلازىمىتى ئارقىلىق بىرلا ۋاقىتتا ئاۋاز ۋە باشقا سانلىق مەلۇماتلارنىمۇ ئەۋەتىشكە بولىدۇ ئادەتتە سۈرئىتى نەچچە يۈز kbps تىن يۇقىرى بولىدۇ. نۆۋەتتە 3G نىڭ تۆت خىل ئۆلچىمى مەۋجۇت: CDMA2000,WCDMA,TD-SCDMA,WiMAX

ئېنىقلىما:

2-ئەۋلاد GSM, CDMA قاتارلىق سىفىرلىق يان تېلېفونلار(2G), ئەمدى 3G يان تېلېفونلىرىنى كۆرسىتىدىغىنى بولسا، سىمسىز ئالاقىلىشىش بىلەن خەلقئارالىق ئىنتېرنېتنىڭ بىرىكىشىدىن شەكىللەنگەن يېڭىچە بىر ئەۋلاد كۆچمە خەۋەرلىشىش سىستېمىسى، كەلگۈسىدىكى 3G كىشىلەر تۇرمۇشى بىلەن ئىنتېرنېتنى زىچ باغلاپ تۇرىدۇ. 2G بىلەن 3G نىڭ پەرقى بولسا، ئاۋاز ۋە سانلىق مەلۇماتلار، ئۈن - سىن قاتارلىقلارنىڭ يوللىنىش سۈرئىتى جەھەتتە پەرقلىنىدىغان بولۇپ، دۇنيا بويىچە  تېلېفون يىغىنى، ئېلېكترونلۇق سودا، تور بەت زىيارەت قىلىش قاتارلىق كۆپلىگەن مەزمۇنلىرى 2G گە قارىغاندا تېخىمۇ ياخشى ماسلىشىشچانلىققا ئىگە. بۇ خىل مۇلازىمەتنى تەمىنلەش ئۈچۈن ئىشخانا - ئۆي ئىچى - سىرتىدا ئوخشىمىغان ئۆلچەمدىكى سىمسىز تورلارنىڭ سانلىق مەلۇماتلارنى تېز سۈرئەتتە يوللاشنى قوللاش ئىقتىدارى بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك،  تۆۋەن ئۆلچىمى ئايرىم - ئايرىم ھالدا 2Mbps, 384kbps, 144kbps (بۇلار مۇھىتقا ئاساسەن ئۆزگىرىدۇ)
3G بولسا 3-ئەۋلاد خەۋەرلىشىش تورى بولۇپ، نۆۋەتتە دۆلەت ئىچىدە خەلقئارا تېلېگراف بىرلەشمىسى بېكىتكەن ئۈچ خىل ئۆلچەم بار. ئايرىم - ئايرىم ھالدا جۇڭگو تېلېگرافى CDMA200، جۇڭگو بىرلەشمە خەۋەرلىشىشى WCDMA، جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىشى TD-SCDMA، لېكىن GSM قوللىنىدىغىنى كۆپ خىل ئادرېس، ئەمما CDMA بولسا چاستوتا كۆپ خىللاشتۇرۇش تېخنىكىسى ئىشلىتىدىغان بولۇپ، ئىلغارلىق دەرىجىسى ۋە ئاۋازلىق ئاكتىپلاش دەرىجىسى ئەڭ ئاز بولغاندىمۇ GSM نىڭ ئۈچ ھەسسىگە يېتىدۇ. ئەسلىدە جۇڭگو بىرلەشمە خەۋەرلىشىشى CDMA نى جۇڭگو تېلېگرافىغا سېتىپ بەرگەن.كېيىن جۇڭگو تېلېگرافى CDMA نىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ كەڭ بەلۋاغلىق تور مۇلازىمىتىنى يولغا قويغان.
دۆلىتىمىز 1955- يىلى تۇنجى قېتىم تەقلىدى يان تېلېفون (1G) ياسىغان بولۇپ، پەقەت ئاۋازلىق پاراڭلىشىشقىلا بولاتتى. 1996- ~ 1997- يىللىرى 2-ئەۋلاد GSM、CDMA يانفونلىرىنى(2G) ياسىغان. لېكىن 3G بولسا 2009-يىلى ئاران تۇغۇلغان. لېكىن چەتئەللەردە 2002-يىلىلا بارلىققا كەلگەن. دۆلىتىمىز بۇ تېخنىكىنى 2003- يىلى تەتقىق قىلىشقا باشلاپ، 2009-يىلى رەسمىي بازارغا چىقارغان. نەزەرىيە جەھەتتىن چۈشۈرۈش چوققا قىممىتى 3.6Mbit/s قا يېتىدۇ، يوللاش سۈرئىتى بولسا 384kbit/s يېتىدۇ.
دىققەت: G3 بولسا 3G گە ۋەكىللىك قىلمايدۇ. بەلكى «Guide3» نىڭ قىسقارتىلمىسى بولۇپ، بۇ سۆزنىڭ ئىككى خىل مەنىسى بار. ئىسىم بولغاندا باشلامچى، يېتەكچى. پېئىل بولغاندا: باشلاش، يېتەكچىلىك قىلىش، ماسلاشتۇرۇش قاتارلىق مەنىلىرى بار. كۆچمە خەۋەرلىشىش مەنىسىنىڭ غەرىزىگە نىسبەتەن ئوچۇقلا قىلىپ ئېيتقاندا چوڭ جەھەتتىكى مەنىسى بولسا ئۆزى(جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىشى) باشلامچىلىق قىلىپ باشقا ئىككى شىركەتنىمۇ 3G دەۋرىگە باشلاپ كىردى.
3G نىڭ تەرەققىيات تارىخى
2000-يىلى 5-ئايدا خەلقئارا تېلېگراف ئىتتىپاقى 3- ئەۋلاد كۆچمە ئۇچۇر - ئالاقە مۇلازىمىتىنىڭ ئۆلچىمىنى ئېلان قىلدى. دۆلىتىمىز تاپشۇرغان TD-SCDMA، ئامېرىكىنىڭ CDMA2000، ياۋروپانىڭ WCDMA ئەڭ ئاساسلىق ئۈچ ئېقىمغا ئايلاندى.
2008-يىلى 5-ئاينىڭ 24-كۈنى سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى، دۆلەت تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتى، مالىيە مىنىستىرلىقى بىرلىكتە «تېلېگراف ئىشلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش دوكلاتى» نى ئېلان قىلىپ، جۇڭگو تېلېگرافىنىڭ جۇڭگو بىرلەشمە خەۋەرلىشىشىنىڭ CDMA تورىنى سېتىۋېلىشىنى(ئابۇنتلىرى ۋە كاپىتالى)، جۇڭگو بىرلەشمە خەۋەرلىشىش بىلەن جۇڭگو تور خەۋەرلىشىشنىڭ بىرلىشىشىنى(ئاساسلىق تېلېگراف كەسىپلىرى بىرلەشمە خەۋەرلىشىشكە قوشۇۋېتىلىدۇ)،  جۇڭگو تۆمۈر يول خەۋەرلىشىشىنىڭ جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىشكە قوشۇلۇشىنى رىغبەتلەندۈردى. شۇنىڭدىن بۇيان دۆلەت ئىچىدىكى ئەسلىدىكى بەش چوڭ خەۋەرلىشىش شىركىتى ئۈچكە ئۆزگەردى.
2008-يىلى  6-ئاينىڭ 2-كۈنى جۇڭگو تور خەۋەرلىشىش بىلەن جۇڭگو بىرلەشمە خەۋەرلىشىش شىركىتى رەسمىي بىرلەشكەنلىكىنى جاكارلىدى. ئوخشاش ۋاقىتتا جۇڭگو تېلېگرافى 110 مىليارد يۈەن باھا بىلەن بىرلەشمە خەۋەرلىشىشنىڭ CDMA تورىنى سېتىۋالغانلىقىنى جاكارلىدى.
2008-يىلى 7-ئاينىڭ 29-كۈنى جۇڭگو تېلېگرافى گۇرۇھى كەلگۈسى ئۈچ يىل ئىچىدە 80 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىپ CDMA كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى،  ھەمدە ئۈچ يىل ئىچىدە CDMA ئابۇنتلىرىنىڭ سانىنى 43 مىليوندىن 100 مىليونغا يەتكۈزىدىغانلىقىنى، ئۇ ۋاقىتتا جۇڭگو كۆچمە ئالاقە بازىرىنىڭ 15% نى ئىگىلەيدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
2008-يىلى 8-ئايدا سانائەت ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى «جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش گۇرۇھى شىركىتىنىڭ سودا خاراكتېردە ئىشلىتىش خىزمىتى تەستىقى» نى ئېلان قىل دۆلەت ئىچىدە TD تورى قۇرۇلۇشلىرىنى كەڭ تۈردە ئېلىپ بېرىشى ماقۇللاندى.
2008-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى جۇڭگو تېلېگرافى بىلەن جۇڭگو بىرلەشمە خەۋەرلىشىشى C تورىنى ئۈزۈشنى باشلاپ، 60 كۈندە تولۇق تاماملىدى.
2008-يىلى 1-ئاينىڭ 15-كۈنى يېڭى بىرلەشمە خەۋەرلىشىش شىركىتى رەسمىي يوسۇندا قۇرۇلدى.
2008-يىلى 12-ئاينىڭ 22-كۈنى جۇڭگو تېلېگرافى كۆچمە ئالاقە ماركىسى «تيەنيى(天翼)» نى ئېلان قىلدى، 189 نومۇر بۆلىكى رەسمىي يولغا قويۇلدى.

3G يان تېلېفونلىرى
3G يان تېلېفونلىرى ماھىيەتتە كۆچمە خەۋەرلىشىش تېخنىكىسىنىڭ ۋاسىتىچى ئۈسكۈنىسى بولۇپ، ئەمەلىيەتتە خەۋەرلىشىش ۋە كومپيۇتېر تېخنىكىسىنىڭ ئىنتايىن ئۇستىلىق بىلەن بىرلەشتۈرۈلگەن شەكلى ھېسابلىنىدۇ، شۇسەۋەبتىن بۇنداق يان تېلېفونلار بىلەن بۇرۇنقى يان تېلېفونلارنىڭ پەرقى ئىنتايىن چوڭ. بۇنداق يانفونلارنىڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى بولسا، ئېكرانى سۈزۈك، رەڭلىك ۋە سېزىمچان بولۇش، چوڭ بولۇش، كومپيۇتېردىكىدەك خەت يېزىش، رەسىم سىزىش، تورغا چىقىش ... قاتارلىق كۆپ خىل خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە.

تېلېگراف ئىشلىرىنى قايتا تەشكىللەش لايىھىسىگە ئاساسەن 3G ئۆلچىمى تارقىتىش شەكلى تۆۋەندىكىدەك بولغان: جۇڭگو ئۆزى تەتقىق قىلىپ چىققان TD-SCDMA جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىشكە بېرىلگەن، جۇڭگو تېلېگرافقا CDMA2000، جۇڭگو بىرلەشمە خەۋەرلىشىشى WCDMA ئېرىشكەن.
2009-يىلى 1-ئاينىڭ 27-كۈنى 14:30 دە، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى يۇقىرىقى ئۈچ شىركەتكە تارقىتىلغان 3G ئۆلچەملىرى جۇڭگونىڭ 3G دەۋرىگە كىرگەنلىكىنىڭ بەلگىسى بولدى دەپ ئېلان قىلدى.


دۆلەت ئىچىدىكى 3G كەسىپلىرى

جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىشنىڭ  3G كەسپى.  
  
1. يولغا قويغان ۋاقتى:  2008-يىلى 4-ئاينىڭ 1-كۈنى
2. تور ئۆلچىمى: TD-SCDMA (جۇڭگو ئۆزى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان)
3. تەمىنلىگەن كەسىپلىرى: سۈرەتلىك سۆزلىشىش، سۈرەتلىك سۆزلىشىش تولۇقلىما كەسپى، سۈرەتلىك سۆز قالدۇرۇش، سۈرەتلىك يىغىن، رەڭلىك قوڭغۇراق، تورغا چىقىش قاتارلىقلار
4. نومۇر بۆلىكى: 187، 188 (نومۇر ۋە كارتا ئالماشتۇرمايلا 3G كەسپىنى بېجىرگىلى بولىدۇ)
مەنىسى: G3 نىڭ مەنىسى يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكەندەك بولۇپ، ئەڭ مۇھىمى جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىشنىڭ جۇڭگو ئۆزى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان TD-SCDMA  غا ئىگە بولغانلىقىدا.
1. يولغا قويغان ۋاقتى: 2009-يىلى 5-ئاينىڭ 19-كۈنى
2. تور ئۆلچىمى: WCDMA بولۇپ، دۇنيادا ئەڭ كەڭ تارقالغان، 80% دىن يۇقىرى بازارنى ئىگىلەيدۇ
3. تەمىنلىگەن كەسىپلىرى: سۈرەتلىك سۆزلىشىش، سىمسىز تورغا چىقىش، تېلېفوندا تورغا چىقىش، يان تېلېفون تېلېۋىزىيىسى، يان تېلېفون ناخشا مۇزىكىسى، كۆپ خىل ئۇچۇر مۇلازىمەتلىرى قاتارلىقلار
4. نومۇر بۆلىكى: 186،185 بىرلەشمە خەۋەرلىشىش يىللىق پىلان بويىچە 2G+3G شەكىلدە 100 مىليارد يۈەن مەبلەغ سالىدۇ، نىسبىتى 4:6 بولىدۇ.)

بىرلەشمە خەۋەرلىشىشنىڭ 3G ماركىسى:
«ۋو(沃)» خېتى ئەمەلىيەتتە ئىنگىلىزچىدىكى «WO» شۇ بولۇپ، ھەيران قالغاندىكى ئىملىق سۆز. ئاساسلىق مەنىسى: يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق دۇنيانى ئۆزگەرتىش. شەكىل بولسا بىرلەشمە خەۋەرلىشىشنىڭ ئەسلىدىكى ماركىسىنىڭ بىر بۆلىكىدىن تۈرۈلگەن بولۇپ، باشتىن ئاخىرى تېرىشىپ يېڭىلىق يارىتىش ... قاتارلىق مەنىلىرى بار.
جۇڭگو تېلېگرافىنىڭ 3G كەسپى
1. يولغا قويغان ۋاقتى: 2009-يىلى 4-ئاينىڭ 6-كۈنى
2. تور ئۆلچىمى: CDMA2000$ s3 G4  
3. تەمىنلىگەن كەسىپلىرى: سىمسىز كەڭ بەلۋاغ تورى، يان تېلېفون كىنو - فىلىم مۇلازىمىتى، ناخشا - مۇزىكا، تيەنيى تۇرمۇشى، 189 خەت ساندۇقى، يەرشارى كۆزى ... قاتارلىقلار
4. نومۇر بۆلىكى: 180، 189، 133، 1539  

جۇڭگو تېلېگرافنىڭ 3G ماركىسى:
«تيەنيى(天翼)» ئىنگلىزچە يېزىلىشى e surfing بولۇپ، e نىڭ مەنىسى: ئۇچۇر، تور ۋە ئۇچۇر دەۋرىنىڭ قىسقارتىپ يېزىلىشى؛  e surfing نىڭ مەنىسى بولسا دولقۇنلاپ، جۇش ئۇرغان ئۇچۇر دەۋرى. بۇ سۆز  جۇڭگو تېلېگرافنىڭ خەۋەرلىشىش ساھەسىدىكى ئورنى ۋە تەرەققىياتىنىڭ كەلگۈسىگە بولغان ئىنتىلىشىنى تولۇق ئىپادىلەپ بەرگەن.

ئەمدى نەق گەپنىڭ ئۆزىگە كەلسەك، ھەر قايسى تۈردىكى 3G نىڭ قانداق پەرقلىرى بار؟
يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكەن ئۈچ خىل ئۆلچەمنىڭ ئىچىدە بىرلەشمە خەۋەرلىشىشنىڭ TD ئۆلچىمى جۇڭگو ئۆزى ياسىغاچقا قوللايدىغان ۋاسىتىچى ئۈسكۈنىلىرى ناھايىتى ئاز(30 ئەتراپىدا)،  شۇنىڭ ئۈچۈن كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتى كۆپلىگەن يان تېلېفون شىركەتلىرىگە غايەت زور تولۇقلىما(پۇل) بېرىش شەكلىدە تېلېفونلىرىنى TD ئۆلچىمىنى قوللاتقۇزىدۇ، لېكىن ئۇلار بۇ ئۇسۇلنى قاچانغىچە قوللىنالايدىغانلىقى تېخى قاراڭغۇ.
ئەمدى بىرلەشمە خەۋەرلىشىشنىڭ WCDMA ئۆلچىمىگە كەلسەك:
1. WCDMA ئۆلچىمى 2010-يىلى 2-ئايغىچە دۇنيادا 100 دىن ئارتۇق دۆلەتتە قوللىنىلىۋاتىدۇ.
قوللايدىغان ۋاسىتىچى ئۈسكۈنىلىرى(يان تېلېفون) 1000 دىن ئارتۇق(3.5G نىڭ HSPAنى قوللايدىغانلىرى 450 دىن ئارتۇق)، 258 خەۋەرلىشىش شىركىتىنىڭ WCDMA ئۆلچەمدىكى مۇلازىمىتى بار، ئابۇنت سانى 320 مىليون(داۋاملىق ئېشىپ بېرىۋاتىدۇ)، دۇنيا بازىرىدا 77% ئورۇننى ئىگىلەيدۇ. قوللايدىغان ۋاسىتىچى ئۈسكۈنىلىرىنىڭ(يان تېلېفون) سىرتقى شەكلى، ئىقتىدارى، باھاسى جەھەتتە ئالاھىدە ئورۇندا تۇرىدۇ(يەنى سىزنىڭ تاللاش ئوبيېكتىڭىز 1000 خىل ماركىلىق يان تېلېفون ئىچىدىن بىرنى تاللاش).  نوكىيا(NOKIA)، سونى ئېرىكسون(sony ercsson)، ئالما(Apple)، سامسۇڭ(SAMSUNG) قاتارلىق چوڭ يانفون شىركەتلىرىنىڭ ئەڭ ئالدى بىلەن ئويلىشىدىغان ئۆلچىمىمۇ دەل مۇشۇ. نۆۋەتتە جۇڭگودا WCDMA ئۆلچىمىدىكى يانفونلارنى ئىشلىتىۋاتقانلارنىڭ كۆپ ساندىكىسى دېڭىز مېلى(水货)ئالىدۇ.
2. WCDMA نىڭ تېخنىكىسى ئىلغار، سۈرئىتى تېز
3G نى ئىشلىتىشتىكى ئەڭ ئاساسلىق مەقسەت ھەرگىزمۇ تېلېفون ئۇرۇش - قوبۇللاش ئەمەس، بەلكى تورغا چىقىش، كىنو كۆرۈش، پاراڭلىشىش، تور ئويۇنلىرىنى ئويناش، خەۋەر كۆرۈش، تور بەتلەرگە چىقىش ... قاتارلىق تور بىلەن مۇناسىۋەتلىك قىسىملىرى ئەڭ مۇھىم. شۇنىڭ ئۈچۈن تور سۈرئەتنىڭ تېز - ئاستىلىقى تەبىئىيلا مۇھىم نۇقتا بولۇپ قالىدۇ. نۆۋەتتە تېلېگرافنىڭ CDMA 2000 ئىشلىتىدىغىنى EV-DO شەكلى، كۆچمە خەۋەرلىشىش TD-SCDMA نىڭ ئىشلىتىدىغىنى TD-HSDPA شەكلى، ھالبۇكى بىرلەشمە خەۋەرلىشىش WCDMA نىڭ ئىشلىتىدىغىنى بولسا HSPA شەكلى. (شەخسەن مەن NOKIA N85 دا كىنو كۆرسەم ئەڭ يۇقىرىسى 1.2 مېگابايتتىن چۈشكەن ۋاقىتلىرى بولغان).
3. يەر شارىلاشقان سەيرلەش(漫游)
چۈنكى WCDMA نى 100 نەچچە دۆلەتتە ئىشلەتكەچكە چەتئەلگە كۆپ چىقىدىغانلارغا ئىشلىتىشكە ئالاھىدە ماس كېلىدۇ.
WCDMA  بولسا 100 دىن ئارتۇق دۆلەت، 258 تور خەۋەرلىشىش شىركىتى، 320 مىليون ئابۇنت، دۇنيادىكى 3G بازىرىنىڭ %77 گە ئىگە.
CDMA 2000  بولسا 62 دۆلەت، 95 مىليون ئابۇنت، دۇنيادىكى 3G بازىرىنىڭ %23 گە ئىگە.
TD-CDMA بولسا تېخى چەتئەلدە تور خەۋەرلىشىش نۇقتىسى يوق.
4. WCDMA نىڭ تېخنىكىسى پىشىپ يېتىلگەن، 4G گە كۆتۈرۈلۈشكە ساناقلىقلا كۈنلىرى قالدى
3G نى ئىشلىتىدىغان كىشىلەرنىڭ بارغانسېرى كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ يۇقىرىدا ئېيتقان تېز سۈرئەتلىك تورلارمۇ بارا - بارا ئاستىلاشقا باشلايدۇ، بەلكىم قىستاڭچىلىق كېلىپ چىقىشىمۇ مۇمكىن. ئەگە ھازىرقى سۈرئەت بىلەن ماڭسا تەخمىنەن 2 ~ 1 يىلدىن كېيىن 4G ياكى  3.5G غا كۆتۈرۈش زۆرۈرىيىتى تۇغۇلىدۇ.
بۇ ئۈ خىل تور ئۆلچىمىنىڭ 4G ياكى  3.5G غا كۆتۈرۈشنىڭ قېيىنلىق دەرىجىسىمۇ ئوخشىمايدۇ. TD-SCDMA بولسا جۇڭگو ئۆزى ياساپ چىققان 3G ئۆلچىمى، تېخنىكا يادروسى ئاساسلىقى بۈيۈك تاڭ تېلېگراف شىركىتىنىڭ(大唐电信公司) قولىدا، دۇنيادا تېخىچە كەڭ دائىرىلىك ئىشلىتىلمىدى، كېيىنكى قېتىملىق تېخنىكا يېڭىلىنىشى ياكى ئابۇنتلىرىنىڭ تاللىشى بولسۇن ھەممىلا تەرەپتىن كېيىنكى ئىشلىرىنى مۆلچەرلەش قېيىن.
CDMA 2000 بولسا ئامېرىكا كۇئالكوم شىركىتى(美国高通公司) نىڭ پاتنىتلىق مەھسۇلاتى. گەرچە ئۇلار CDMA نى 3G غا كۆتۈرۈشتىكى يورۇق نۇقتا بولسىمۇ، لېكىن تېخنىكىغا نىسبەتەن چەكلەش تەرىقىسىدە مۇئامىلە قىلغاچقا،  UMB تېخنىكىسى كەڭ كۆلەملىك تەرەققىياتقا، مۇكەممەل كەسىپ زەنجىرى ۋە قۇرۇلمىسىغا ئېرىشەلمىدى. نۆۋەتتە CDMA غا سىلىنىۋاتقان مەبلەغ كۈنسېرى ئازايماقتا، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ CDMA ئۈسكۈنىلىرى شىركەتلىرىدىن موتورولا، شىمال تېلېگراف تورى،  ئالكاتېل - لۇسېنت (Alcatel-Lucent) قاتارلىق شىركەتلەر ئۆزلىرىنىڭ CDMA تارماقلىرىنى قىسقارتتى. ئەڭ ئاخىرىدا يۇقىرى ئۆتكۈزگۈچ شىركىتى UMB نى داۋاملىق ئېچىشنى توختاتقانلىقىنى جاكارلىدى.  ئەكسىچە WCDMA غا قارايدىغان بولساق 100 دىن ئارتۇق دۆلەت، 258 تور خەۋەرلىشىش شىركىتى، 320 مىليون ئابۇنت، دۇنيادىكى 3G بازىرىنىڭ %77 گە ئىگە بولدى. ئۇ CDMA2000 بىلەن ئۆز ئەۋزەللىكىنى بازار رىقابىتىدە تولۇق نامايان قىلىپ يورۇق نۇقتىغا ئايلاندى.  بولۇپمۇ 4G دەۋرىنىڭ قىستاپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، WCDMA دۇنيادىكى زور كۆپ ساندىكى خەۋەرلىشىش شىركەتلىرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى، ھازىر بىرلەشمە خەۋەرلىشىش ئاللىبۇرۇن 3.5G غا قاراپ ئىلگىرىلەپ بولدى(بەزى تورداشلار دىققەت قىلغان بولسا كېرەك، تېلېفوننىڭ سىگنال تاياقچىسى بار جايدا بەزىدە 3.5G دەپ كۆرۈنۈپ قالىدۇ).نۆۋەتتە 4G نىڭ  HSPA+ تېخنىكىسى ئاللىبۇرۇن ئاۋسترالىيە، كورېيە، سىنگاپور قاتارلىق جايلاردا قۇرۇلۇشقا باشلىدى، نەزەرىيە جەھەتتىن چۈشۈرۈش چوققا قىممىتى 21Mbps.

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش