| ئەخلاق تەربىيە خىزمەت پىلانى
ماركىسىزىم-لىنىزىم ماۋزىدۇڭ ئىددىيسى دىڭشىاۋپىڭ نەزەريىسى جاڭزىمىننىڭ ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش ئىددىيسى،پارتىيىنىڭ ئىددىيۋى لۇشىيەنى،باش شۇجى خوجىنتاۋنىڭ «مەملىكەتلىك قورامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئىددىيە ئەخلەق قۇرلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش»توغرىسىدىكى بىر قانچە پىكىرنى ئىزچىللاشتۇرۇپ،ماركىسىزىم-لىنىزىم،ماۋزىدۇڭ ئىددىيسى تۆت ئاساسى پىرىنسىپتا چىڭ تۇرۇپ،ماركىسىزىملىق دۆلەت قارشى،مىللەت قارشى،دىن قارشى،تارىخى قاراش،مەدەنىيەت قارشى ئاتىزىمنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىپ پەن تىخنىكا مەدەنىيەت بىلىملىرىنى تارقىتىپ خۇراپاتلىققا قارشى تۇرۇپ ئىددىينى ئازات قىلىپ،مەكتىپىمىزنىڭ سىياسىي ئىددىۋى خىزمەت تۈزۈلمىسىنى مۇستەھكەملەپ، سوتسىيالىستىك مائارىپنىڭ مۇستەھكەم بازىسىغا ئايلاندۇرۇش نىشانىغا يىتىش ئۈچۈن 1-ئوقۇتقۇچى- ئوقوغۇچىلارغا ماركىسىزملىق بەش قاراش تەربىيسى،ئاتىزىم تەربىيسى،مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيسى،ئۈچنى سۆيۈش تەربىيسى،ئۈچدىن ئايرىلالماسلىق تەربىيسى،تۆتنى تونوش تەربىيسىنى كۈچلۈك ئىلىپ بىرىپ ساغلام بولغان كەيپىيات ياراتتۇق. 2-ئوقۇغۇچىلارغا بولغان ماركىسىزملىق بەش قاراش تەربىيسىنى قاراتمىلىق ئىلىپ بىرىش ئارقىلىق دىننىڭ مائارىپقا سىڭىپ كىرىپ ئوقوتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىددىيسىنى چىرىتىپ ئوقۇتۇش تەلىم-تەربىيە تەرتىۋىنى قالايمىقان قىلىشنىڭ ئالدىنى ئالىمىز. 3-ئوقوتقۇچى-ئوقوتقۇچىلارغا بولغان تەربىينى كۈچەيتىپ بىر گە قارشى تۇرۇش ئىككىگە ئەھمىيەت بىرىش ،ئۈچنى ئىلگىرى شۈرۈش ئۈگۈنۈشىنى داۋاملىق بوشاشتۇرماي ئىلىپ بارىمىز. 4.«پارتىيىنىڭ مىللى دىننى سىياسىتى ۋە دۆلەتنىڭ قانۇن نىزاملىرىنى ئۈگىنىش تەربىيە پائالىيىتى››نى چوڭقۇر ئىلىپ بىرىپ ، يىزىشقا تىگىشلىك تەسىرات، كىتاپ ئوقۇش خاتىرىسى، سۆز قىلىش تىزىسى ۋە ئانالىز ماتىرىيالى قاتارلىقلارنى ئۈگىنش ماتىرىياللىرىنىڭ مەزمۇنىغا بىرلەشتۈرۈپ، ئۆزىمىزنىڭ خىزمەت ئەمەلىيىتىمىزگە چوڭقۇر تەدبىقلاپ،سۈپەتكە كاپالەتلىك قىلغان ئاساستا يىزىش ئارقىلىق ئۈگىنىش تەربىيە پائالىيىتىنىڭ ھەقىقى ئۈنۈمىنى قولغا كەلتۈرىمىز. 5- ھەر ھەپتىنىڭ بىرىنجى كۈنى بايراق چىقىرىش مۇراسىمىغا بىرلەشتۈرۈپ ئوقوغۇچىلارغا ئەخلاق تەربىيە ئىلىپ بىرىشنى تۈزۈملەشتۈرىمىز.بايراق ئاستىدا ئوقوتقۇچى-ئوقوغۇچىلار قەسەم بىرىش پائالىيتى داۋاملىق ئىلىپ بارىمىز. 6-ئەخلاق مۇدىرنىڭ يىتەكچىلىگىدە ئوقوغۇچىلارغا15كۇندە بىرقىتىم كوللىكتىپ ئەخلاقى تەربىيە ئلىپ بىرىشنى ئشقا ئاشۇرىمىز. 7-سىنىپ مۇدىرلىرى سىنىپ يىغىنىغا بىرلەشتۈرۈپ ئوقۇغۇچىلارغا ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيىسى ،مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيىسى،مۇقىملىق ،بىخەتەرلىك تەربىيىسى،دىننىي پائالىيەتلەرگە قاتناشماسلىق تەربىيىسى ،ۋەزىيەت تەربىيىسى ،قانۇن –تۈزۈمنى كۈچەيتىش تەربىيىسىنى ھەر ھەپتىدە بىر سائەتتىن بىر ماۋسۇمدا ھەربىر سىنىپ 18قىتىمدىن مەكتەپ بويىچە جەمئىي 288سائەت سىنىپ يىغىنى ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارغا تەربىيە ئىلىپ بارىمىز.ھەر ئايدا بىر قىتىم نۇقتىلىق سىنىپ يىغىنى ئىچىشنى ئەمەللەشتۈرىمىز. جەمئىي 64 سائەت نۇقتىلىق سىنىپ يىغىنى ئىچىشنى ئەمەللەشتۈرىمىز. 8- ماۋسۇمدا 2قىتىم سىنىپ مەسئۇلىنى تەربىيلەش ئىلىپ بارىمىز،بۇ ئارقىلىق سىنىپ مەسئۇلىنىڭ مەسئۇلىيەتچانلىق ئىڭىنى كۈچەيتىمىز. 9-بۇ بىر ماۋسۇم جەريانىدا مەكتەپ بويىچە 1830 قىتىم ئائىلە زىيارىتى، 1970 قىتىم ئوقۇغۇچىلار بىلەن سۆھبەت،650 قىتىم ئوقۇتقۇچىلار بىلەن سۆھبەت ئىلىپ بىرىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپكە تۇراقلىشىش ،ئوقۇتۇش سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتىرىشكە ئاساس سالىمىز. 10-بۇ بىر ماۋسۇم جەريانىدا 32 قىتىم ئاتا-ئانىلار سۆھبەت يىغىنى ئىچىپ ،ئاتا-ئانىلار بىلەن مەكتەپ ئارىسىدىكى ئۆز-ئارا چۈشەنچىنى ئايدىڭلاشتۇرىمىز. 11-مەكتەپ بويىچە ئايدا بىر قىتىم چوڭ تازىلىق تەكشۈرۈپ ،تازىلىقى ياخشى بولغان سىنىپ ۋە ئىشخانىلارنى ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن ئىلھاملاندۇرىمىز. 12-ھەرقايسى سىنىپلارنىڭ دەرسكە قاتنىشىش ،ئىنتىزام ،تازىلىق ۋە ئىجتىمائىي پائالىيەتلەردىكى نەتىجىلىرى ھەر ھەپتىدە بىر قىتىمدىن خۇلاسىلىنىپ نەتىجىسى ياخشى بولغان سىنىپلارنى قىزىل تاختا ئارقىلىق رىغبەتلەندۈرىمىز،ناچار بولغان سىنىپلارنى قارا تاختا ئارقلىق ئاگاھلاندۇرۇش بىرىمىز. 13-ئوقۇغۇچىلارغا قاراتمىلىق بولغان ھالدا ئىلىم –پەنگە ئىشىنىش،خوراپاتلىققا قارشى تۇرۇش تەربىيىسى كۈچەيتىلىپ ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ دىنغا ئىشىنىش،دىننىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىش ،دىننىي تەلەم-تەربىيە ئىلىش قىلمىشلىرى قەتئىي چەكلىنىپ ،زامانىۋى مەدەنىيەت تارقاتقۇچىلاردىن قىلىپ تەبىيلەيمىز. 14.مەكتىپىمىزدە ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپ فۇرمىسى كىيىشىنى ئىزچىل ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، مەكتىۋىمىزدە باش كىيىم كىيمەسلىك مەسىلىسنى ئاساسەن ھەل قىلىمىز. 15-ھەر ئايدا بىرقىتىم ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئەخلاق تەربىيىگە مۇناسىۋەتلىك ماتىرىياللىرىنى خۇلاسە قىلىىپ ئاشكارىلايمىز. 16-قىز ئوقۇغۇچىلارغا بولغان تەربىينى تىخىمۇ كۈچەيتىش ئۈچۈن ، ھەر ئايدا بىرقىتىم قىز ئوقۇغۇچىلارغا ئىدىيە-ساغلاملىق تەربىيىسى ئىلىپ بىرىلىدۇ. 17-15كۈندە بىرقىتىم ئىتتىپاق-پىئونىرلار پائالىيىتىنى پىلان بويىچە ئىلىپ بىرىش كاپالەتگە ئىگە قىلىنىپ ،ئەترەت پائالىيىتىگە بىرلەشتۈرۈلۈپ شەكلى ھەرخىل ،مەزمۇنى مول بولغان ئەدەبىيات-سەنئەت ،تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىنى ئىلىپ بارىمىز. 18- ھەر ئايدا بىرقىتىم ئوقۇغۇچىلارغا نوپۇس مەدەنىيىتىنى مەكتەپلەرگە كىرگۈزۈش بويىچە بىر سائەتتىن دەرس ئۆتىمىز 19.قانۇن تۈزۈمگە مەسئۇل مەكتەپ مۇدىرىنىڭ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارغا بولغان لىكسىيىىسى ۋە «ئالتىنى مەكتەپكە كىرگۈزۈش››نى چىڭ تۇتۇپ، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ قانۇن-تۈزۈمگە بولغان تونۇشىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، مەكتىپىمىزدە قانۇن-تۈزۈمگە خىلاپ قىلمىشلارنىڭ يۈز بىرىشنىڭ ئالدىنى ئالىمىز. 20-ماۋسۇم ئاخىرىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەخلاقى باھالىنىپ ئاتا-ئانىلارغا خەۋەردار قىلىمىز.ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئاتا-ئانىلار تەتىلنى ساغلام ئۆتكۈزۈش توغرىسدا قاتلاممۇ-قاتلام مەسئۇلىيەتنامە ئىمزالايمىز .ئەخلاق تەربىيە خىزمىتىدە سىياسىي-ئىددىيىۋى خىزمەت بارلىق خىزمەتلەرنىڭ مۇھىمى دەپ قارىلىپ ، سىياسىي-ئىددىيىۋى خىزمەتنى ياخشى ئىشلەيمىز.
|
|