كۆرۈش: 282|ئىنكاس: 2

يۇقۇرى قان بېسىمى كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش

 [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئىلغار تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-12 23:18  

يۇقۇرى قان بېسىم كېسىلىنىڭ ھەرقايسى دۆلەت-رايۇنلاردىكى ۋە ئوخشىمىغان مىللەت ۋە ئىرقلار ئارىسىدىكى تارقىلىشى بىردەك ئەمەس،تەرەققى قىلغان دۆلەتلەردە تەرەققى قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە قارىغاندا كۆپ، دىڭىز بويى رايۇنلىرىدا ئىچكى قۇرۇقلۇققا قارىغاندا كۆپ،ئامېرىكىلىق قارا تەنلىكلەردە ئاق تەنلىكلەرگە قارىغاندا ئىككى ھەسسە كۆپ،تۇزنى كۆپ ئىستىمال قىلىدىغان مىللەتلەردە ئاز ئىستىمال قىلىدىغانلاردىن كۆپ.

         دۆلىتىمىزنىڭ 2002-يىللىق ساغلاملىق ۋە ئوزۇقلىنىش ئەھۋالىنى سىتاتىسكا قىلغاندا 18 ياشتىن يۇقۇرى چوڭلارنىڭ يۇقۇرى قان بېسىمىغا گىرىپتار بولۇش نىسبەتى %18.8 بولغان بولۇپ،دۆلىتىمىزدە تەخمىنەن 160 مىليوندىن ئارتۇق يۇقۇرى قان بىسىم بىمارى بار ئىكەن ،بۇلاردىن قان بىسمى يۇقۇرى ئىكەنلكىىنى بىلىىدىغانلار ئاران %50 ،داۋاملىق دورابىلەن داۋالانغانلار %10 ، قان بېسىمى كونتىرۇل قىلىنغانلار %6 ئىكەن، دىمەك %90 دىن ئارتۇق ئادەم داۋاملىق دورا بىلەن داۋالانمايدىكەن. يۇرەك قان تۇمۇر كېسەللىكلىرى ھازىرقى زامانىۋىي جەمىيەتتە ئۆلۈمنى كەلتۇرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەپلەر ئىچىدە ئەڭ ئالدىنقى سەۋەپ بولۇپ،يۇقۇرى قان بېسىم كىسىلى يۈرەك قان تۇمۇر كېسەللىلرىنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدىغان ئەڭ مۇھىم ئامىلدۇر. يۇقۇرى قان بېسىمىنىڭ ئەگەشمە كېسەللىكلىرى سەۋەبىدىن بولغان سەكتە ( مېڭە قاناش،مېڭە قان –تۇمۇرى تۇسۇلۇشتىن پالەچ بولۇش ) ھازىر كۆپ ئۇچرايدىغان كېسەللىكلەردىن بولۇپ قالماقتا،يۇقۇرى قان بېسىمىغا ئەگىشىپ كەلگەن تاجسىمان يۈرەك كېسىلىدىكى يۇرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى بىلەن ئۆلگۈچىلەر بارلىق يۈرەك كېسەللىكلىرى ئىچىدە ئۆلۈش نىسبىتى %50-70 بولماقتا،يۇقۇرى قان بىسىمىدىن مىڭە قاناش بۇلۇپ ئۆلۈپ كەتكەنلەر بىلەن تاجسىمان يۈرەك كېسىلىدىن يۇرەك مۇسكۇلى تېقىلمىسى بۇلۇپ ئۆلگۇچىلەرنىڭ ئۆلۇم سەۋەبى ئىچىدىكى نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى بۇلۇپ ، ئۆلۈمنى كەلتۇرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەپلەر ئىچىدە ئەڭ ئالدىنقى سەۋەپ بولۇپ قالدى،نۆۋەتتە كەڭ تارقالغان قەنت سىيىش كېسىلىمۇ يۇقۇرى قان بېسىم بىمارلىرىدا يۈزبىرىش نىسبىتى ئىنتايىن يۇقۇرى.مىڭە قان تۇمۇرلىرى قېتىشىش،ھامىلدارلىقتىكى يۇقۇرى قان بېسىمى ( ھامىلدارلىقتىن زەھەرلىنىش كېسىلى)،يۈرەك زەئىپلىششىش، بۆرەك زەئىپلىشىش قاتارلىقلارمۇ يۇقۇرى قان بېسىم بىمارلىرىدا دائىم كۆرىلىدىغان ئەگەشمە كىسەللەردۇر.

           ئۇيغۇرلارنىڭ يىمەك-ئىچمەك ئادىتىدە يۇقۇرى خولىستىروللۇق يىمەكلىكلەر ( تەركىۋىدە مايلىق قوي گۆشى ياكى ھايۋانات مېيى مول بولغان يىمەكلىكلەر ) نى ئىستىمال قىلىش باشقا مىللەتكەرگە قارىغاندا نىسبەتەن كۆپ بولۇپ،يۇقۇرى قان بېسىم بىمارلىرى يۇقارقى ئىستاتىسكىدىكى سانىلىق قىممەتتىن تېخمۇ كۆپ بولىشى مۇمكىن، يەنى نۇپۇس بۇيىچە نىسبەتلەشتۈرگەندە تەخمىنەن 2000000 ( ئىككى مىليون ) ئەتراپىدا يۇقۇرى قان بېسىم بىمارى بۇلۇشى مۇمكىن . يۇقۇر قان بېسىم كېسىلى بارلىق سوزولما كېسەللىكلەر ئىچىدە ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان ،خەلقنىڭ ھاياتى ۋە ساغلاملىقىغا غايەت زور زىيان سىلىۋاتقان كېسەللىكلەرىنىڭ بىرىدۇر.

          يېرىمىدىن كۆپرەك يۇقۇرى قان بېسىم بىمارلىرىدا دەسلىۋىدە ھىچقانداق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلمىگەچكە دورا ئىچىشكە ئەھمىيەت بەرمەيدۇ-دە ئاقىۋەتتە يۇقارقىدەك ئەگەشمە كېسەللىكلەرگە سەۋەپ بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە كۆپ قىسىم كىشىلەرنىڭ قان بېسىم كېسىلىگە بولغان چۈشىنىشى يىتەرسىز بولغاچقا دورا بىلەن داۋالانغۇچىلاردا  قان بېسىمى نورماللاشسىلا دورا ئىچىشىنى ئۈزۈپ قۇيۇش، كارى بولماسلىىقمۇ بۇ كېسەلنىڭ ئەگەشمە كېسەللىكرىنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەپ بولماقتا. بىلىش كىرەككى يۇقۇرى قان بېسىم كىسىلى بىرمەزگىل دورا ئىچىپ قان بىسىمى نورماللاشسىلا ساقىيىدىغان كېسەل ئەمەس، تۇرمۇش ئادىتىنى ياخشىلاش بىلەن بىرگە چوقوم ئۇزاق مەزگىل دورا ئىچىشنى داۋاملاشتۇرۇشى ھەتتا بىر ئۆمۆر دورا ئىچىپ داۋالىنىشى كىرەك ، شۇنداق بولغاندىلا يۇقۇرى قان بېسىم كېسىلىنىڭ ئەگەشمە كېسەللىكلىرىنىڭ ئۇنۇملۈك ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
ئەڭ ياخشى نورمال قان بېسىمى  120-80 ، ئۆلچەملىك  قان بېسىم 130- 85 ،نورمال يۇقۇرى بېسىم 140-90 گىچە  بۇنىڭدىن ئېشىپ كەتكىنى يۇقۇرى قان بېسىم ھېسپلىنىدۇ

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2014-4-4 23:35:00|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  2000000 مۇشۇ توپنىڭ ئىچىدە مەنمۇ بار . شۇڭا دىقەت قىلسام بولغۇدەك -ھە ؟ياخشى بولغان بىر ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالىكەن بۇ .
ۋاقتى: 2014-4-12 19:37:46|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تىما يوللاپسىز،رەخمەت سىزگە.
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش