كۆرۈش: 578|ئىنكاس: 0

بىر كۈنلۈك خىزمەت تۈزۈمى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
                           ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ بىر كۈنلۈك خىزمەت تۈزۈمى

خىزمەتنىڭ دائىملىق قائىدىلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇش بولسا، ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ كەسپى خىزمىتىنىڭ مۇھىم كاپالىتى؛ ياخشى بولغان دائىملىق باشقۇرۇش قىياپىتى، بىر مەكتەپنىڭ باشقۇرۇش سۈپىتىنى ئۆلچەيدىغان بەلگىلەرنىڭ بىرى. ھازىرقى زامان ئۇقۇتۇش تەرەققىياتىنى ئارقا كۈرۈنۈش قىلىپ، قانۇن بۇلىدىكەن ئەمەل قىلىش ، قائىدە بۇلىدىكەن ئاساس قىلىش دىگەن پىرىنسىپقا ئاساسەن ، ناھىيەمىزدىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بىر كۈنلۈك خىزمەت تەرتىپى تۈزۈپ چىقىلدى.
1.ئەتگەنلىك پائالىيەت
(1)ئوقۇتقۇچى چوقۇم ئەتتىگەندە ۋقتىدا ئىشقا چۇشۇشى، ئالاھىدە ئەھۋالغا يۇقۇلۇپ ۋاقتىدا مەكتەپكە كىلەلمىسە، خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشقا قۇلايلىق بۇلۇش ئۈچۈن ۋاقتىدا مەكتەپ مەسئۇلىغا تېلفۇن قىلىپ خەۋەرلەندۇرۇش لازىم.
(2)يىتەكچى رەھبەر ، نۆۋەتچى ئوقۇتقۇچى 30 مىنۇت بۇرۇن مەكتەپكە كىلىشى، سىنىپ مۇدىرلىرى 20 مىنۇت بۇرۇن مەكتەپكە كىلىشى ، ئوقۇتقۇچىلار 10 مىنۇت بۇرۇن مەكتەپكە كىلىشى ، مەكتەپكە كەلگەندىن كېيىن دەرھال ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەتتىگەنلىك ئۆگىنىش تازلىقىنى كۆزدىن كەچۇرۇشى، مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش  ھەم قائىدە بۇيىچە ئىشخانا تازلىقىنى پاكىزە قىلىش لازىم.
(3)بارلىق ئوقۇتقۇچىلار بايراق چىقىرىش مۇراسىمىغا دەل ۋاقىتىدا قاتنىشىشى لازىم، ناۋادا ئائىلە باشلىقلىرى سۆھبەتلەشكىلى كېلىپ قالسا ، سىرىتقا چىقىپ مەكتەپكە مۇناسىۋەتلىك ئىش بىجىرسە، تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش توغرا كەلسە ئالاھىدە خىزمەت قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىنىپ شۇ  نۆۋەتچى ئوقۇتقۇچى ياكى يوقلىما قىلىدىغان خادىمغا ئۇقتۇرۇپ قۇيۇش لازىم.
(4)ئەتىگەنلىك ئۆگىنىشتە دائىملىق تەربىيە ئېلىپ بېرىلىشى، ياكى ئوقۇغۇچىلارنى مۇناسىۋەتلىك پائالىيەتلەرگە تەشكىللىشى، ھەر قانداق خادىم مەكتەپنىڭ رۇخسىتىسىز ئەتىگەنلىك ئۆگىنىش ۋاقتىنى قىسۋالماسلىقى، ئىگەللىۋالماسلىقى لازىم.
(5)كېيىم – كېچەك مەدەنى يارشىملىق بۇلۇشى، روھى كەيپىياتى ياخشى بۇلۇشى، نورمال خىزمەتكە  كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن خىزمەت كۈنلىرىدە ھاراق ئىچمەسلىگى لازىم.
. دەرس ۋاقتى
(1)ئوقۇتقۇچى مۇناسىۋەتلىك مەشخۇلات تەلىپى ۋە مەكتەپ مۇدىرىنىڭ خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن ، شۇ كۈنلۈك ئوقۇتۇش ۋەزىپىسىنى ئەستايىدىل تاماملىشى، ئوقۇتۇش جەريانىدا ئوقۇتقۇچىنىڭ ئەمىلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن تەربىيە بىرىشى، ئۇقۇغۇچلارنىڭ ئۆگىنىش پەرقى بۇيىچە يىتەكچىلىك قىلىشى ، ئۆزنىڭ كەيپىياتىنى ۋاقىتىدا تەڭشەپ، ئوقۇغۇچىلارغا مۇۋاپىق بولمىغان تەربىيە سۆز ھەركەتتە بۇلۇشتىن ساقلىنىشى، دەرسخانىدا ئوقۇتقۇچىنىڭ ئاۋازى جاراڭلىق بۇلۇشى، ھەر ۋاقىت ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەركەت ئۆلچىمىنىڭ قېلىپلىشىشىغا يىتەكچىلىك قىلىشى، تېلفۇننى ئاۋازسىز ھالەتكە تەڭشەپ قۇيۇشى، دەرسخانىدا تېلفۇن ئالماسلىق ۋە ئۇرماسلىق لازىم.
(2)نۆۋەتچى ئوقۇتقۇچى نۆۋەتچىلىك ئورنىغا ۋاقىتىدا بېرىشى، بەلگىلىمە بۇيىچە چارلاپ قوغداش ئېلىپ بېرىشى نۆۋەتچىلىك بەلگىسىنى تاقاشى، تەققى-تۇرقى ۋە ئىش ھەركەتلىرى مۇۋاپىق بۇلۇشى ، بالىق ئۇقۇتقۇچىلار كۈزتىش دائىرىسىدە ئۇقۇغۇچىلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە يىتەكچىلىك قىلىش قوغداش مەسئۇلىيىتى بار، ياخشى بولمىغان ئىشلارنى بايقىغان ھامان دەرھال بىر تەرەپ قىلىش ، ئوقۇغۇچىلار پائالىيەت سورۇنلىرىدا تاماكا چەكمەسلىك لازىم.
(3)ئوقۇتقۇچى خىزمەت ۋاقىتىدا ئىمكانقەدەر سىرىتقا ئاز چىقىشى، سىرىتقا چىقىش ۋاقتى يېرىم سائەتتىن ئېشىپ كەتسە ئاڭلىق ھالدا رۇخسەت سورىشى، خىزمەت ۋاقتىدا پىرىنسىپ جەھەتتىن ئۇرۇق – تۇققان ياكى دوست– بۇرادەرلىرىنى قۇبۇل قىلماسلىقى، پەۋقۇللاددە زۆرۈريەت تۇغۇلسا ۋاقىتنى ئاڭلىق كونتۇرۇل قىلىش لازىم.
(4)ئوقۇتقۇچىلار مەكتەپتىكى ۋاقتىدا ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئۈسۈپ يىتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان، مەكتەپنىڭ جەمئىيەتتىكى ئوبىرازىغا تەسىر يەتكۈزدىغان سۆز ھەركەتتىن ساقلىنىشى، ئامال بار ئۆلچەملىك تەلەپپۇزدا سۆزلىشىشى، كېيىم-كېچەكلىرى رەتسىز، ھەركىتى چېچىلاڭغۇ بۇلۇشتىن، خىزمەت ئۈستىلىگە پارچە-پۇرەت يىمەكلىكلەرنى دۆۋلىۋېتىشتىن، توپلۇشۇپ قۇرۇق پاراڭ سېلىشتىن ساقلىنىشى، ئۇقۇغۇچىلارغا كۈيۈنۈش پۇسىتىسىيىسىدە مۇئامىلە قىلىشى، ياخشى بولغان ئۇقۇتقۇچىلىق كەسپى-ئەخلاق ساپاسىنى نامايەن قىلىپ، ئۇقۇغۇچىلارنى ھاقارەتلەيدىغان سۆز ھەركەتلەرنىدىن تەدىرجى ساقلىنىش لازىم.
(5)سىنىپ مەسئۇلى ۋە دەرس ئوقۇتقۇچىلىرى ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرىستىن سىرتقى ئارام ئېلىش ۋاقتىدا قەرەلسىز سىنىپقا كىرىپ تەرتىپ ئىنتىزامنى تەكشۇرۇشى، ئۇقۇغۇچىلارنىڭ تازلىقنىڭ پاكىز، ئۇقۇتۇش قۇراللىرىنىڭ رەتلىك، سۇ توكنى تىجەپ، مەدىنىي ئارام ئېلىشقا يىتەكچىلىك قىلىش لازىم.
(6)ئوقۇغۇچىلار پائالىيىتىنى تەشكىللەش مەكتەپ خىزمىتىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى بۇلۇپ، ئوقۇتقۇچىلار پائالىيەت جەريانىنى ئۇقۇ-ئۇقۇتۇشنىڭ بىر قىسمى دەپ قاراپ،   ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە قوغداشقا ئالاھىدە دىققەت قىلىشى، پائالىيەت جەريانىدا ئوقۇتقۇچىلار خالىغانچە ئايرىلىپ كەتمەسلىگى، شەخسى ئۇيۇن- تاماشا بىلەن شۇغۇللانماسلىغى، قۇرۇق پاراڭ سالماسلىغى لازىم.
(7)يىغىن ئېچىش، ئۆگىنىش قاتارلىق پائالىيەتلەردە، ئوقۇتقۇچى ئالدىن خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇشى ، ۋاقىتىدا قاتنىشىش، يىغىن ۋاقىتىدا باشقا ئىشلار بىلەن شۇغۇللانماسلىقى، يىغىن ئۈنۈمىگە كاپالەتلىك قىلىش لازىم.
3. چۈشلۈك پائالىيىتى
(1)ئوقۇتقۇچى چۈشتە ئۇقۇغۇچىلارنى ۋاقىتىدا قويۇپ بىرىشى، سىنىپ مەسئۇلى مەسئۇل بۇلۇپ مەكتەپ سىرتىدىكى بەلگىلەنگەن ئورۇنغا ئاپىرىپ قۇيۇپ بىرىشى، نۆۋەتچى ئوقۇتقۇچى ئۇقۇغۇچى بەلگەنگەن ئۇرۇنغىچە بېرىپ تەكشۈرۈپ خاتىرلىشى، ئوقۇتقۇچى ھەر قانداق سەۋەپ بىلەن ئوقۇغۇچىلارنى ئېلىپ قالماسلىغى، پەۋقۇللادە ئەھۋال بولسا چۇقۇم ئوقۇغۇچىلارغا ھەمراھ بۇلۇشى ھەمدە ئاۋال ئائىلە باشلىقلىرىغا خەۋەر قىلىشى، تاماقتىن كېيىن ئايرىم كونسۇلتاتسىيە ئورۇنلاشتۇرسا بولىدۇ.
(2)چۈش ۋاقتى ئوقۇتقۇچىلار ئۈزنىڭ ۋاقتىنى ئەركىن ئورۇنلاشتۇردىغان ۋاقىت، لىكىن مەكتەپتە ئارام ئالدىغان ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇتقۇچىلىق ئوبرازىغا دىققەت قىلىشى، مۇشۇ خىزمەت تۈزۈمىنىڭ 4-ماددىسىغا تۇلۇق رىئايە قىلىش لازىم. سىنىپ مەسئۇلى ۋە دەرس ئوقۇتقۇچىسى بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئىچىدە سىنىپقا كىرىشى لازىم.
(3)نۆۋەتچى ئوقۇتقۇچى نۆۋەتچىلىك ئورنىغا ۋاقتىدا كېلىپ،مەكتەپنى چارلاپ، نۆۋەتچىلىك قوغداش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، يۇشۇرۇن خەۋپ-خەتەرنىڭ تۈز بېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش لازىم.
4.چۈشتىن كېيىن مەكتەپتىن قويۇپ بېرىش
(1)سىنىپ مەسئۇلى ھەر كۈنى بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا ئوقۇغۇچىلارنى قويۇپ بىرىشكە مەسئۇل بۇلىدۇ. سىنىپنىڭ شۇ كۈنلۈك ئەھۋالىدىن كىچىك خۇلاسە قىلىشى ، ھەر قايسى پەن ئوقۇتقۇچىلىرى بىلەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئائىلىسىدە ئىشلەيدىغان تاپشۇرۇقى ھەمدە ئائىلە تۇرمۇش يىتەكچىلىگى توغۇرسىدا ماسلاشتۇرۇش ئېلىپ بېرىشى لازىم.نۆۋەتچىلىك ۋە كېيىنكى كۈندىكى ئەتتىگەنلىك مۇزاكىرە ۋە تازلىقنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇشى ھەمدە توك ئۈسكۈنىلىرىنى توكتىن ئۈزۈپ، ئىشىك-دەرىزىلەرنى ياخشى تاقاپ، ئوقۇغۇچىلارنى بىخەتەر مەكتەپتىن ئۇزىتىپ قويغاندىن كېيىن ئاندىن ئۆزى مەكتەپتىن ئايرىلىش لازىم.
(2)مەكتەپتىن  قويۇپ بەرگەندىن كېيىن ئايرىم كونسۇلتاتسىيە قىلىش توغرا كەلسە سىنىپ مەسئۇلى ۋە نۆۋەتچى ئوقۇتقۇچى ئوزارا ھەمكارلىشىپ ،ماسلىشىپ ياخشى ئىشلىشى،ئوقۇتقۇچى ئىشتىن چۈشۈپ مەكتەپتىن ئايرىلغاندىن كېيىنمۇ مەسئۇل بولغان سىنىپتا  ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپتە قېلىپ قېلىشى قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ . ئايرىم كونسۇلتاتسىيە قىلىش ۋاقتى ئۇزۇنراق بولسا(مەكتەپتىن قايتىش ۋاقتىدىن 10مىنۇتتىن ئېشىپ كەتسە)ئوقۇتقۇچى ئائىلىسىگە ئاپىرىپ قۇيۇشى ياكى ئاتا-ئانىسىنىڭ كىلىپ ئېلىپ كېىتىشىنى ساقلىشى، نۆۋەتچى رەھبەر ياكى نۆۋەتچى ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنى ئۆيىگە قايتۇرۇشقا مەسئۇل بۇلۇش لازىم.
5 . دەرستىن سىرىتقى ۋاقىت
ئىشخانىمۇ-ئىشخانا كىرىپ-چىقىپ يۇرمەسلىگى، ئىشخانىدا ئىتتىپاقلىققا پايدىسىز گەپ-سۆزلەرنى قىلماسلىقى ، ئائىلە ئىشىنى ئىشخانىغا سورەپ كەلمەسلىگى، خىزمەت ۋاقىتىدا قارت، شاھمات ئوينىماسلىقى، توردا پاراڭلاشماسلىقى ، ئۇيۇن ئوينىماسلىقى ۋە كىنو كۆرمەسلىگى لازىم.
6. كونسۇلتاتسىيە
دەرس ئوقۇتقۇچىلىرى ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارغا ۋاقىتىدا كونسۇلتاتسىيە ئېلىپ بېرىشى،ئوقۇتقۇچى كونسۇلتاتسىيە ۋاقىتىنى ئۆزى تەڭشىشى ،ئۆزى بىلەن يات جىنىستىكى ئوقۇغۇچىلارغا ئىشخانىدا ئايرىم كونسۇلتاتسىيە ئېلىپ بارماسلىقى لازىم.
7. مەكتەپ باشقۇرۇش
مەكتەپ رەھبەرلىك قاتلىمىدىكى خادىملار،يىتەكچىلەر(دەيبەر) 24سائەت بارلىق ئورۇننى تەكشۈرشى ۋە مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈش خاتىرلىرىنى تۇلۇق قالدۇرشى ھەمدە  كېيىنكى ھەپتىنىڭ بىرىنچى كۈنى دەرس ئارلىقىدىكى گىمناستىكا ۋاقتىدا خۇلاسىلەش بااھلاش ئېلىپ بېرىشى لازىم.
8.مۇھىت تازلىقى
خىزمەت ئۈستىلى تارتمىلىرىدىكى ماتىرياللارنى رەتلىك قۇيۇشى، خىزمەت ئۈستىلىنىڭ ئۈستىنى  پاكىز تۇتۇشى،ئىشلىتىپ بولغان مەتىرياللارنى ئوز ئورنىغا رەتلىك قۇيۇشى، خىزمەت ئۈستىلىگە بېزىلدىغان بۇيملاردىن باشقا نەرسىلەر قۇيۇلماسلىقى، خىزمەت ئۈستىلىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن ئورۇندۇقنى جايىغا قويىدىغان ياخشى ئادەتنى يىتىلدۇرۇش لازىم.

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش