كۆرۈش: 14278|ئىنكاس: 18

[مۇھاكىمە]ئۇچۇرلاشقان ئوقۇتۇشنى قانداق ئېلىپ بارىمىز؟

 [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
مىللى مائارىپىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تىنىمسىز تۆھپە قوشۇۋاتقان جاپاكەش ئوقۇتقۇچى-ئۇستازلارغا ئالى ئىھتىرام!

ئەسكەرتىش: بۇ دۆلەت دەرىجىلىك تەتقىقات مۇھاكىمە تېمىسى بولۇپ، ئاساسى مائارىپ باسقۇچىدىكى  ئۇچۇرلاشقان ئوقۇتۇش بايلىقىنىڭ قۇرۇلۇش سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ۋە ئوقۇتۇش بايلىقىغا بولغان ئېھتىياجىنى تەكشۈرۈپ ،تەتقىقات يۆلىنىشىنى توغرا  تۇرغۇزۇش شۇنداقلا ئۇچۇرلاشقان ئوقۇتۇش خىزمىتىنى قانداق قىلغاندا تېخىمۇ ياخشى ئېلىپ بارغىلى بولىدىغانلىقى، قانداق قىلغاندا ئەمىلىي ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدىغانلىقى توغرىسىدا ئاساسى قاتلامدىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ پىكرىنى ئېلىش مەقسىتىدە يوللاندى. شۇڭا تورداشلارنىڭ ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىپ ئاكتىپلىق بىلەن پىكىر-قاتناشتۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

1. سىز ئوقۇ-ئوقۇتۇشتا قانداق قوش تىل ئوقۇتۇش بايلىقلىرىنى ئىشلىتىسىز؟  
2. ھازىر سۈئىي ھەمرا ئاقىلىق تارقىتىلۋاتقان مائارىپ بايلىقلىرى بىزنىڭ ئەمەلىي ئوقۇتۇشىمىزغا ماسمۇ؟ بۇ جەھەتتە قانداق مەسىلىلەر بار؟
4. يەنە قايسى خىلدىكى قوش تىل ئوقۇتۇش بايلىقلىرىغا ئىھتىياجلىق؟
5. بۇ بايلىقلار قانداق ئۇسۇل ئارقىلىق سىزگە يەتكۈزىلىشىنى ئۈمىد قىلىسىز؟ -- تور سۇپىسىدىن پايدىلىنىپ چۈشۈرۈش، كۆپ ۋاستىلىق ئوپتىك دىسكىدىن پايدىلىنىش، سۈنئى ھەمرادىن پايدىلىنىپ يەتكۈزۈلىشىنىمۇ؟
4.ئۇچۇرلاشقان ئوقۇتۇش بايلىقلىرىدىن تېخىمۇ ياخشى پايدىلىنىش ئۈچۈن قانداق تەدبىرلەرنى بەلگىلىسەك  مۇۋاپىق؟

تېمىنى يوللىغۇچى: غەربىي شىمال ئۈنۋىرسىتىتىدىن ئارزۇ.

ئەگەر بۇ تېمىغا ئاكتىپلىق بىلەن ئۇچۇرلاشقان ئوقۇتۇش توغرىسىدا ئەمەلىي تەكلىپ-پىكىرلەرنى بەرگۈچىلەرگە 10 تىللا مۇكاپات بېرىلىدۇ.-- بىكەت باشلىقىدىن.

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2014-3-16 13:43:57|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن  پىكىر بىرىپ باقاي  :
بىزنىڭ  مەكتەپ  ناھىيە  مەركىزىدىن  ئانچە  يىراق بولمىغان  بىر يىزىدا  ، مەكتىمىز  ناھىينىڭ  ئاۋانگارت  ئوقۇتۇش سۇپىتى ياخشى بولغان  باشلانغۇچ ئوقۇتۇش  نۇختىسى  ... يۇقاردا  ئىيتىلغان  يىراق مۇساپىلىق  ئوقۇتۇش  ئۇسكۇنلىرىمىز  تولۇق  2006- يىللىرى  ئەتراپىدا  سەپلەپ بىرىلگەن ... شۇ  دەۋىرلەردە  بىرمەزگىل  قىزغىن  ئىشلىتىلىپ  ھەرخىل  ئوپتىك دىسكىلار  پايدىلىنىش  قىممىتىدە  چۇشۇرۇلگەن  ، 1000 پارچىغا  يىقىن  دەرىسلىك  ماتىريالى  چۇشۇرۇلگەن  ئىدى  ...  بىراق  2 يىل  ئۆتە  ئۆتمەيلا  ئۇ  ئىشخانا  بىلەن  ھىچكىمنىڭ  كارى بولمىدى   چۇنكى  شۇ  ئوقۇتۇش  ئۇسكىنىسىنىڭ  تەكشۇرۇش  گورۇپپىسى  چىقسىلا   بىرئاز  تەييارلىق قىلىپلا  كۆزىنى  بوياپ  يولغا سالدۇق  ... ئۇنىڭ  ئۇستىگە  ئوقۇتقۇچىلارنىڭمۇ  دائىم  ئۇ  پىلاستىنكىلارنى كۆرۇپ  ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشقا  ۋاقىت ياكى شارائىت  يار بەرمىدى ... چۇنكى  تۇتامغا چىقمايدىغان  نۇرغۇن  كەسپىي ماتىرياللار  ھەقىقەتەن  كىشىنى بىزار  قىلاتتى ... گىپىمنى يىققاندا  بىزنىڭ  رەھبەرلىك  كوللىكتىپىمىز  بىز  ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يۇكىنى  ئىغىرلىتىشنىلا  پىلانلىغاندەك  مائارىپ ياكى ئەۋلاتلار بىلەن  ئازراقمۇ  كارى بولمىدى ... شۇۋەجىدىن  ئوقۇتقۇچىلاردا   ئىزدىنىش  ، تەرەققىي قىلىش  ، يىڭىلىق  يارتىش  ، يىڭىچە  ئۇسۇللارنى ئۈگۈنۈپ  ئوقۇغۇچىلارغا   ئەتراپلىق بىلىم يەتكۇزۇش دىگەن نەرسە  قالمىدى  ...
   مىنىڭچە  بولغاندا  : يۇقارقى  ئۇسكىنىدىن پايدىلنىش  ياخشى  :  مەيلى  خەنزۇ  تىلىدا  بولسۇن ياكى  ئۆزىمىزنىڭ تىلىدا بولسۇن  ئۆزىمىز  دەرىس بىرۋاتقان  تەۋەلىك بويىنچە  شۇلارنىڭ  يۇقىرى  ۋە  بىزگە  ماس بولغان  ئوقۇتۇش  ئۇسۇللىرىنى  ئۆگەنسەك  مىنىڭچە  ياخشى  بولىدۇ !  لىكىن باشلىقلىرىمىز  بىزلەرگە  شارائىت  يارتىپ بىرشى  كىرەك  ئەلۋەتتە  ...
1- سۇئالغا  جاۋاپ  : سىز ئوقۇ-ئوقۇتۇشتا قانداق قوش تىل ئوقۇتۇش بايلىقلىرىنى ئىشلىتىسىز؟  
بىزنىڭ  مەكتەپتە  قوشتىل  دىگەن  ئۇقۇم  ھەممە  پەننى  خەنزۇتىلدا  ئۆتۇش  ئەدەبىيات  دەرسىنى  ئانا تىلدا  ئۆتۇش  دەيدىغان بىرىىل خاتا  چۇشەنچە  بولغانلىقتىن  بىز  ھازىر  ئاساسەن  كۆپ ۋاستىلىق  ئوقۇتۇش  ئۇسكۇنسىدىن پايدىلنىپ  课件 ياساپ ، دەرىس تەييارلىقىنى  خەنزۇچە  قىلىپ  ، دەرىسنى  خەنزۇچە  ئۆتۇشكە  تىرشىۋاتىمىز ( ئەلۋەتتە  بۇ  بىزنىڭ  ئاتالمىش  باشلىقلىرىمىزنىڭ  نەزىردىكى  قوشتىل ، بىز  ئوقۇتقۇچىلار  بۇنداق قارمايمىز )  يۇقارقى  مەخسەتكە يىتىش  ئۇچۇن  ئاساسلىقى  توردىن يەنى  يۇز گىرادۇس تورىدىن  ئىچكىردىكى  ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ دەرىس تەييارلىق ۋە  课件 لىرىنى  ھەم  ئوقۇتۇشتا  پايدىلانغان بارلىق  ئۇسۇللىرىنى  قارۇغۇلارچە  دوراپ  كىلۋاتىمىز ...
2- ھازىر سۈئىي ھەمرا ئاقىلىق تارقىتىلۋاتقان مائارىپ بايلىقلىرى بىزنىڭ ئەمەلىي ئوقۇتۇشىمىزغا ماسمۇ؟ بۇ جەھەتتە قانداق مەسىلىلەر بار؟
  ھازىر  نىملەر  تارقىتىلۋاتىدۇ  ئۇنىڭدىنمۇ  خەۋرىمىز يوق !  چۇنكى  2008- يىللىرىدىن تارتىپلا  بۇ  ئۇسكىنلەرگە  ھىچكىم كۆڭۇل بولمەس بوپ كەتتى  ...  بىراق بۇرۇنقى  ۋاقىتتا  مەن  خىلى  پايدىلانغان  بۇ  دەرىسلىكلەردىن  ... شۇنىڭغا  قارتا  ئىيتقاندا  مىنىڭچە بىزنىڭ  ئوقۇتۇش  رايۇنىمىزغا  (1)- دىن  شارائىت جەھەتتىن ماس كەلمىدى  ... چۇنكى  ئۇ  ئىچكىردىكى  نۇختىلىق  مەكتەپلەرنىڭ  ئەڭ يىڭى  ئۈلگىلىك  دەرىسلىرى  بولۇپ  پايدىلانغان نۇرغۇن  ئۇقۇتۇش  ئۇسكۇنلىرى بىزدە  يەنە ساقلاپ تۇرساق  10 يىللاردا  بار بوپ قالا  !
(2)- دىن     مىللىي خاسلىق ۋە تەرەققىيەتىمىزغا  ماس كەلمىدى : چۇنكى  ئۇ دەرىسلىكلەردە  ئۇلارنىڭ  مىللىي  ئۆرۇپ  ئادەت  ۋە  رايۇن  ئالاھىدىلىكىنى چىقىش  قىلغان بىرقىسىم  دەرىسلىكلەر بولۇپ  بىز بۇلارنى قارۇغىلارچە   بۇ رايۇندىكى  بالىلارغا  سۆزلىسەك ياكى  فىلىم كۆرسەتسەك  بالىلارنىڭ  ئىنكاسى  ياخشى بولمىدى ...   ھەربىر سائەتلىك دەرىسنى  ئۇلاردەك  ئۆتىشىمىزمۇ ھەم مۇمكىن  ئەمەس  ..
3- يەنە قايسى خىلدىكى قوش تىل ئوقۇتۇش بايلىقلىرىغا ئىھتىياجلىق؟ 4- بۇ بايلىقلار قانداق ئۇسۇل ئارقىلىق سىزگە يەتكۈزىلىشىنى ئۈمىد قىلىسىز؟ -- تور سۇپىسىدىن پايدىلىنىپ چۈشۈرۈش، كۆپ ۋاستىلىق ئوپتىك دىسكىدىن پايدىلىنىش، سۈنئى ھەمرادىن پايدىلىنىپ يەتكۈزۈلىشىنىمۇ؟
مىنىڭچە  قوشتىل  ئوقۇتۇش  بايلىقلىرى  بىزگە كىرەك  ئەمەس  ،  كىرەك بولغاندىمۇ   ئۆز  رايۇنىمىزدىكى قوشتىل  ئوقۇتۇش  بايلىقلىرى  كىرەك  ... مەسلەن  ئۇرۇمچى بىزنىڭ  مائارىپىمىزنىڭ  باشلامچىسى بولۇش سۇپىتى بىلەن  ھەرقانداق  ئوقۇتۇش  ئۇسكۇنسى ۋە  ئۇسۇللىرى  ئادەم بايلىقى ۋە شارائىت  جەھەتتىن  پىشىپ يىتىلگەن  ئۇنىڭ  ئۇستىگە  ئۆزىمىزنىڭ  ئىلغار  ئوقۇتقۇچىللىرىمىزنىڭ  ئوقۇتۇش مىتودىنى ئۈگەنسەك  ئۇنۇم جەھەتتىن تىخىمۇ ياخشى ... رايۇن ئالاھىدىلىكى  بار بولغان بولسا  ھەرتەرەپلىمە  پايدىلىنىش  قىممىتى  تىخىمۇ يۇقىرى بولغان بولىدۇ دەپ قارايمەن ...   مەسلەن :  يىراق مۇساپىلىق  ئوقۇتۇشىتىن  پايدىلاندى دىگەندىمۇ  ئىچكىردىكى  تەرەققىياتى  بەك يۇقىرى بولغان  ۋە  باشقا مىللەت  ۋە باشقا رايۇن  ئالاھىدىلىكىنى  چىقىش قىلغان دەرىسلىكلەرنى  ئۇگەنمەستىن  ، ئۇرۇمچىدە  ئۆزىمىزنىڭ  ئىلغار  ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىدىن  پايدىلنىپ  سۇرەتلىك  ماتىريال توپلاپ  كەڭ  كۆلەمدە تارقىتىپ  پايدىلىنىلسا  ئۇنىمى  ئەڭ ياخشى  بولىدۇ !!!
   لىكىن  بىزنىڭ بۇيەرلەردە   دەرىسلىك كىتاۋىمىزمۇ تولۇق  قولىمىزغا  چىقمايدۇ ... خەنزۇتىلى  ، ماتىماتىكا  ، ئەدەبىيات  دەرىسلىكلىرى  بىرقەدەر تولۇق  ، باشقىسى بولسا  ئاساسەن  تولۇق  ئەمەس  ،،چۇنكى   بىزنىڭ  باشلىقلىرىمىزغا   ئاشۇ  3 پەن  ئوقۇتۇش سۇپىتىلا بولسا  بولدى  ،،،باشقا   دەرىسلەرنىڭ  ئۆتىلىشى  ھاجەتسىز  ....
  مىسالى  : مەن  گۇزەل -سەنئەت  ئوقۇتقۇچىسى  لىكىن  كەسپىمنى  تولۇق بىر  ماۋسۇمبىرىپ باققىنىم يوق ... 10 يىلدىن بۇيان  6  قىتىم  6- يىللىق  ئوقۇغۇچىللىرىنى  ئوقۇش  پۇتتۇردۇم  ... بەرگەن دەرىسلىرىم بولسا  ماتىماتىكا  ، ئەدەبىيات  ، ئەخلاق  ، مۇزىكا  ، تەبىئەت  دىگەندەك  بولدى  ... مانا  مۇشۇ  ماۋسۇمدىمۇ  4- يىللىقنىڭ  5 سائەت  ماتىماتىكىسىنى  بىرىپ  قوشۇمچە  10 سەئەت  كەسپىي دەرىس  بىردىغان بولدۇم !!! مەن مۇشۇنىڭدىن خۇشال  ھازىر  !!!  

       ئاساسلىق   دىمەكچى بولغىنىم  : باشقۇرۇش  خادىملىرىمىزنىڭ ساپاسى تۆۋەن  ...ئىددىيە  ئىچىلمىغان  ، بىسىم  يۇقىرى  ، ئۆزى  بولسا  ھەممە خىزمەتنى  ئادەتتىكى  ئوقۇتقۇچىلارغا  بۆلۇپلا ۋىتىپ  ، مەسئۇلىيەت سۇرۇشتۇرگەنگە  ئامراق  ، ئوقۇتۇش  سۇپىتى بىلەن ئەسلا  كارى يوق  ... كىم  شۇلارنى  ۋاي دىسە  شۇنىڭ  ھەممە  ئىشلىرى  ياخشى  بولمىسا  مانا  ماڭا  ئوخشاش  10 يىل  جاپالىق  ئىشلەپ  نىمە دىسە  شۇنى  قىلىپ بىرىپمۇ   ئۇنۋان  ئالالماي  ، مۇئاشىنى ھەممىدىن تۆۋەن  ئىلىپ تىخى  ساقمۇ  ئالالماي  يۇرگىنى يۇرگەن  ... بۇ توغرىسىدا سۆزلىسەم  گەپ  تۇگۇمەس  10  يىللىق  ئۆمرۇمگە  ئىچىم  ئاغرىيدۇ  ...
    مۇشۇنداق تۇرسىمۇ  يەنە  بىزدە  ئىزدىنىش  ، تىرشىش  ، ئەستايىدىللىق  ۋە  كەسپىي روھ  بولسىنمۇ !!!  

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1تىللا +10يىغىشسەۋەبى
بايقاش + 10

باھا خاتىرىسى

ۋاقتى: 2014-3-14 18:24:09|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
1. بىزنىڭ مائارىپىمىزدا قوشتىل ئوقۇتۇش بايلىقلىرى .ئىنتايىن كەمچىل، ھەتتا يوق دىيەرلىك،
2. ھازىرقى سۇنئى ھەمرا تارقىتىۋاتقان مائارىپ بايلىقلىرى ھەممىسى دىگۈدەك خەنزۇ تىلىدا تارقىتىلىدۇ، بۇنى چۈرۈپ ئىشلىتىدىغانلار ساناقلىقلا، ھەتتا بەزى مەكتەپلەرنىڭ ئۈسكۈنىلىرى كىرەكتىن چىقىپ، نۇرمال ئىشلەتكىلى بولمايدۇ.
3. مۇمكىن بولسا بىزنىڭ مائارىپ بايلىقلىرىمىز ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە، بولسا، قوللىنىشىمىزغا كۆپ پايدىسى بولغان بولاتتى، مەكتەپلىرىمىزدە بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلىرىمىز ئامالسىز قوشتىل ئوقۇتقۇچىسى بولغانلىقتىن، خەنزۇتىلىدىكى ماتىرياللاردىن پايدىلىنىشتا قىينىلىپ قالىدۇ.
4.ماتىرياللار تور سۇپىسىغا يوللانسا، بارلىق ئوقۇتقۇچىلار خالىغان ۋاقىتتا پايدىلىنالايدۇ.
5. مۇنتىزىم شەكىلدىكى قوشتىل مائارىپ مۇلازىمەت ئامبىرى قۇرۇپ، كەڭ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ پايدىلىنىشىغا سۇنۇش، مۇمكىن بولسا تەتقىقات شەكىلدىكى مۇنبەر قۇرۇپ، قوشتىل ئوقۇتۇش جەھەتتە يولۇققان مەسىللەر ۋە پايدىلىنىش ماتىرياللىرى جەھەتتە ئۆز-ئارا پىكىرلىشىش ۋە ئالماشتۇرۇش ئىلىپ بىرىلسا ئۈنۈمى بىر قەدەر ياخشى بولاتتى.

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1تىللا +10يىغىشسەۋەبى
بايقاش + 10ياخشىكەن..!

باھا خاتىرىسى

ۋاقتى: 2014-3-14 20:32:11|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ بايلىقلارنىڭ تور سۇپىسىدىن پايدىلىنىپ يەتكۈزۈلىشىنى ئۆمۈت قىلىمەن .
ۋاقتى: 2014-3-14 23:58:56|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزنىڭ مەكتەپلىرىمىزە كۆپ ۋاستىلىق ئوقۇتۇش ۋاستىلىرى سەپلىنىپ ،كۆپ ۋاستىلىق ئوقۇتۇش ۋاستىلىرى ئارقىلىق دەرس ئۆتۈش يولغا قۇيۇلغان بولسىمۇ،ئاز بىر قىسىم ياش،قوش تىل بويىچە تەربىلەنگەن ئوقۇتقۇچىلار ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ ئۈنۈمنى كۆرگەن بولسىمۇ،لېكىن ياشتا چوڭ ئارىلىقتا قالغان ئوقۇتقۇچىلار ئۈچۈن تولىمۇ بېسىم بولدى.
ئۇلار خەنزۇچە ماتىرياللارنى كۆرۈپ پايدىلىنالمىغان،ئۇيغۇرچە ئوقۇتۇش ماتىرياللىرى يىتەرلىك ئەمەس ،بولسىمۇ ئۇنى چۈشۈرۈپ ئىشلىتىش ئۇنچە ئاسان ئەمەس.ئۇلار بىرەر سائەتلىك دەرس دېتالى تەييارلاش ئۈچۈن،نەچچە سائەتلەپ كومپيۇتېر ئالدىدا ئولتۇرغان ،باشقىلاردىن ياردەم سوراي دىسە ھەممە ئوخشاشلا ئالدىراش..................

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1تىللا +10يىغىشسەۋەبى
بايقاش + 10

باھا خاتىرىسى

ۋاقتى: 2014-3-17 12:53:34|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مەسىلە بەك ياخشى ئوتتۇرغا قۇيۇلۇپتۇ. مەنمۇ بىر ئۇچۇر تېخنىكا ئۇقۇتقۇچىسى بۇلۇش سالاھىيتىم بىلەن ئۆز پىكىرىمىنى ئوتتۇرغا قۇيۇپ باقاي.
1.ھازىر ئاساسەن سىنپلار كومپىيوتىرلىشىپ بولدى. لېكىن ماتىرىيال مەسلىسى ئىنتايىن مۇھىم بۇلۇپ قالدى.
2.بىزدىكى ئەڭ زور كەم نەرسە قوشتل ئۇقۇتۇشىغا دائىر ماتىرىياللار. بىزدە بارى خەنزۇچە..
3.يىراق مۇساپىلىق قۇبۇللاش ئۈسكىنىسدە يوللانغىنى خەنزۇچە. بۇ قوشتىل ئۇقۇتۇشقا ماس كەلمەيدۇ.
4.يىراق مۇساپىلىق قۇبۇللاش ئاپراتىغا يوللانغان ماتىرىياللاردىن پايدىلىنىش تېخنىكىمىز تۈۋەن. بەزى ئۇقۇتقۇچىلار قەتئىي پايدىلنالمايدۇ.
5.يىراق مۇساپىلىق قۇبۇللاش ئاپراتىغا يوللانغان ماتىرىياللار دەرسلىك كىتاپلارغا دىگەندەك ماس ئەمەس.
6.باشقۇرغۇچى خادىملارنىڭ سەل قارىشى سەۋەپلىك دەرسلىك ماتىرىيال دەرس ئۈتۈپ بولغاندىن كىيىن ئاندىن دەرس ئۈتىدىغان كومپىيوتىرلارغا كۈچۈرلىدۇ.
7.مەكتەپلەردىكى يىراق مۇساپىلىق قۇبۇللاش كومپىيوتىرلىرى بەك كونىراپ كەتكەنلىك سەۋەپلىك نۇرمال ئىشلىمەيدۇ.
تەكلىپ:
يىراق مۇساپىلىق قۇبۇللاش ئاپراتىدا تارقاتقاننىڭ ئورنىدا بايقاش تورىغا ئوخشاش بىر مەخسۇس مۇنبەر قۇرلۇپ، ماتىرىياللار شۇنىڭغا يۇللانسا، ئۇقۇتقۇچىلارمۇ ياخشى ماتىرىياللىرىنى چىقىرىپ قويسا.
بۇنداق قىلغاندا بىرىنچىدىن ماتىرىياللاردىن پايدىلىنىش ئۈنىمى ئاشقان بۇلاتتى. ئىككىنچىدىن ماتىرىيا مەنبەسىنىڭ كۆپ خىل ۋە سەرخىللىقىنى ئاشۇرغىلى بولغان بۇلاتتى.

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1تىللا +10يىغىشسەۋەبى
بايقاش + 10قوللايمەن!

باھا خاتىرىسى

ۋاقتى: 2014-3-19 23:15:08|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قوش تىل ماتىرياللىرى بەكالا كەمچىل، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىزدىنىشكە ۋاقتى يوق.(شۇنداق دىيىشتۇق.)
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-3-20 12:12:19|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۇقىرىدا قىممەتلىك ۋاقتىنى چىقىرىپ پىكىر يازغان ئوقۇتقۇچىلارغا رەخمەت،بىز مائارىپىمىزنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى  ئۈچۈن قىيىنچىلىققا توغرا مۇئامىلە قىلىپ،پىكىرىمىزنى توغرا ئۇسۇل بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يەتكۈزەيلى.....ھامىنى بىركۈن ئاڭلاپ قالا.....دەپ تۇرغان دىمەي ئۆز-ئۆزىمىزگە قاقشىغاندىن ياخشى...ھەممە بىرنىيەتتە ياخشى بولسۇن دەيدۇ...
ۋاقتى: 2014-3-27 20:35:53|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزنىڭ يېزادا باشلانغۇچ مەكتەپتىن توققۇزى بار . ھەممىسى ئاساسەن كەنىت دەرىجىلىك باشلانغۇچ مەكتەپ ، مەكتەپتە ئوقۇتۇش ئۈسكۈنىلىرى ئاساسەن دېگۈدەك تولۇق ، پەقەتلا كەم دېسە ئوقۇتقۇچى كەمچىل ، ھەممە مەكتەپتە 200 نەچچىدىن ئوقۇغۇچى بار ھەتتا بەزى مەكتەپلەردە تەييارلىق يەسلىنىمۇ قۇشۇپ ئوقۇتۇپ ئوقۇتۇش ئېلىپ بارىمىز . ئوقۇتقۇچىدىن بولسا ھەر بىر مەكتەپتە 10 غا يەتمەيدۇ . ئۇنىڭ ئىچىدە بىرى ئېىق مەكتەپ مودىرى ، يەنە بىر ئىلمى مۇدىر . قالغان 8 ئوقۇتقۇچى بىردىن سىنىپقا كىرىپ دەرىس ئۆتسەك ئەتتىگەندىن كەچكىچە سىنىپتىن چىقماي دەرىس ئۆتۈشكە توغىرا كىلىدۇ . بىزنىڭ قىلىدىغان ئىشىمىز ئوقۇتۇش بولسا بەكلا ياخىشى بولاتتى ، بىزگە قۇشۇلۇك قىلىشقا تىگىىشلىك ئەخلاق تەربىيە ، ئىش قىلىپ ھەممە ئىش بار . يەنە بىرى ئەڭ كۆپ . ئۇ بولسىمۇ باھالاش . كۈنىمىز باھالاشقا تاقابىل تۇرۇش ، ھەم ئۇلارنى خوخولاش بىلەن بولىمىز ، باللارمۇ بىلىپ كەتتى ، بۈگۈن ئۇ يەرنى پاكىز تازلاڭلار دېسەك نەنىڭ بالىشىى كېلىدىكەن دەپ بىزدىن بۇرۇن بىلىپ بولىدۇ.
ئوقۇتۇشقا ئېىلىپ ئېيتقانداق ھەرقانداق ئېلىكتىرلەشكەن ئوقۇتۇشنىڭ كىلىشى بىزگە نىسپەتەن بىر ۋەزىپە خالاس .
مەسىلەن : يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتشنى ئېلىپ ئېيىتساق ، ئۇنىڭغا قاراپ ئىشلىتىلى دېسەك ئۇ كېلىشتىن بۇرۇن بىر پاتمان ئارخىپى كېلىپ ئۇنى دەستە- دەستە ئىشلەشكە توغىركىلىدۇ. ئارخپلارنى ئىشلەپ بولۇشقا ئۇنىڭ بىر نەرسىسىسى بۇزۇلۇپ قالغان ، ئوڭشايدىغان ئادەم يوق . يا ئۇنى ئىشلىتىشنى بىلىدىغان ئادەم چىقمىغان ، ئۇنى ئىشلىتەي دېسە ئەخلاق تەربىيە ئىشلىمىسە تېخى تۇرغان ، ئا1 دىن باشلاپ ئا6گىچە ئىشلىمىسە تېخ تۇرغان ، ھەر كۈنى بىر دىن يىغىن بىر كۈن ئا1 نى ئىشلىسە بىر كەن ئا3 ، ئىش قىلىپ كۈنلەرئارخىپ ئىشلەش ، يىغىنغا قاتنىشى ، ئارخىپ ئىشلەش بىلەن ئاۋارە . مانا مىنىڭ بىر ھەپتىدە 36  سائەت دەرىسىم سائىتىم بار . مەن سىنىپ مەسۇلى . ھەر كۈنى توشقۇرىدىغان 5 تۈرلۈك مۇقۇم قىلىدىغان ئارخىپ بار .
ماڭا دېسە ئەڭ يارىغىنى سىنىپلار ئارا ماس ئوقۇتۇشنى ئەكىلىپ ياخشى قىپتۇ .
مەن سىنىپتىكى بىر قولى ئازىراق كېلىدىغان بالىنى تەربىيلىدىم . مەن ئارخىپ ئىشلەيدىغان ۋاقىتتا ئۇڭغا ھەر خىل ساۋات چىقىردىغان ھەم مەن بايقاشتىن چۈشۈرگەن بىلىملەرنى قاچىلارپ بېرىپ كۈرۈڭلار دەپ ئارخىپ ئىشلەش بىلەن بولىمەن ، بىر بالا كەلمەي قالسا بىر نەچچە قېتىم ئاتا- ئانىسىغا تېلفۇن ئۇرۇپ ئاخىرى بولماي ئۆزۈم ماڭىمەن . مائارىپ دېسە ھۆ بىز ئىلگىرى ئوقۇغاننى مائارىپ دەيدىكەنمىز .

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1تىللا +10يىغىشسەۋەبى
بايقاش + 10

باھا خاتىرىسى

ۋاقتى: 2014-4-2 22:44:50|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۇقۇردا تورداشلىرىمىز بەكمۇ ياخشى پىكىرلەرنى بېرىپتۇ .دېمىسىمۇ ھازىر بىز ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يۇكى بەكمۇ ئېغىرلاپ كەتتى .ھە دېسىلا ئۇ تەكشۇرۇش بۇ تەكشۈرۈشلەر ئۈچۈن تەييارلىق قىلىش ،كىيىن خۇلاسە يىغىن ئاڭلاش ،يەنە يالغاندىن ئارخىپ ئىشلەش ،ئارخىپنىڭ ماتېرىياللىرىنى ئىزدەش ،ئەگەردە مۇشۇنداق ئىشلار بولمىغا ن بولسا بەلكىم ئوقۇتقۇچىلارمۇ كومپىيۇتىرنى ئىشلىتىشنى ئۆگىنىپ ،دەرس ئۆتەش ۋە باشقا جەھەتلەردە ئىزدىنىپ مائارىپىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ كۈچ چىقىرىشى مۇمكىن ئىدى ،.
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش