«مىكرو دەرىسلىك»ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە
(غەرىبى شىمال پىداگوگىكا ئۈنۋىرستىتى مائارىپ تېخنىلۇگىيە ئىنىستىتوتى) ئارزىگۇل مۇھەممەت
مىكرو دەرىسلىك دىگەن نىمە؟بۇتوغۇرلۇق نىمىلەرنى بىلىسىز؟ ئۇنداقتا دىققىتىڭلار تۆۋەندىكى مەزمۇندا بولسۇن.
ئىلاۋە:دەۋىرنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئۇچۇر تېخنىكىسى تۇرمۇشىمىزنىڭ ھەرقايسى قاتلاملىرىغىچە سىڭىپ كىرىپ، تۇرمۇش، ئۈگۈنۈش، خىزمەت، كۈندىلىك ئالاقە قاتارلىق ئىشلىرىمىزغا نۇرغۇنلىغان قۇلايلىقلارنى ئېلىپ كەلدى. مىكرو بىلوگ، ئۈندىدار، مىكرۇ كىنۇ، مىكروھىكايە، مىكرو بەخىت قاتارلىق يېڭى ئۇقۇملار تۇرمۇشىمىزدا كەڭ كۆلەمدە ئىستىمال قىلىنماقتا. دىمەك: ھازىر پۈتۈن دۇنيا خاراكتىرلىق «مىكرو»دولقۇنى كۆتۈرۈلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە «مىكرو» ئۇقۇمى مائارىپ ساھەسىگىمۇ سىڭىپ كىردى، ئۇنداقتا، مىكرو دەرىسلىك دىگەن نىمە؟ ئۇنىڭ قانداق ئالاھىدىلىكى، قانداق تۈرلىرى بار؟ 1.«مىكرو دەرىسلىك »توغرىسىدا: ئۇچۇرلاشقا مائارىپنىڭ كۈنسايىن تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇ-ئوقۇتۇش جەريانىدىكى رولىدا، ئوقۇتۇش ئەندىزىسىدە، ئوقۇتۇش بايلىقلىرىنىڭ ئىشلىتىلىشىگە بولغان تەلەپ، ئېھتىياج قاتارلىق بىرقاتار ئوقۇتۇش ھالقىللىرىدا زور ئۆزگۈرۈشلەر بولدى، ھەمدە ماس قەدەملىك ئوقۇتۇش ئسلاھاتلىرى ئېلىپ بېرىلدى. دەرسخانا پائالىيىتىدە ئوقۇتقۇچى يىتەكچى، ئوقۇغۇچى ئاساس ئورۇندا تۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلار، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يىتەكچىلىكىدە ئىزدىنىپ، ھەمكارلىشىپ، ئۆز-ئۆزىگە خۇجا بولۇپ ئۈگۈنۈشتىن ئىبارەت يېڭى، جانلىق ئۈگۈنۈش ئۇسۇللىرى تەشەببۇس قىلىنىپ، بۇ ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەسىلىلەرنى بايقاش، ھەل قىلىش ئىقتىدارىنى يىتىلدۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىش روھىغا باي ھەقىقى ئىقتىساس ئىگىللىرىنى تەربىيلەپ چىقىش مەقسەت قىلىندى. شۇنىڭ بىلەن بىللە يېقىنقى بىرنەچچە يىلدىن بىرى دۆلىتىمىز ئاساسىي مائارىپتىكى تەكشىسىزلىكنى كىچىكلىتىش ئۈچۈن ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئۇچۇرلاشقان مۇھىت قۇرلىشىنى ياخشىلاش، ئىلغار ئوقۇتۇش بايلىقلىرى بىلەن تەمىنلەش، يېزا ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇش قاتارلىق قۇرلۇشلارغا نۇرغۇنلىغان سېلىنمىلارنى ئاجرىتىپ، ھەرقايسى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئۇچۇرلاشقان ئاساسىي ئۇل مۇئەسسسە قۇرلىشىنى ياخشىلاپ بەردى. ئوقۇ-ئوقۇتۇش ۋاستىلارنىڭ يېڭىلىنىشىمۇ تىز بولدى. مەسلەن (پىرويىكسىيە ئاپراتىدىن تارتىپ تا ھازىر كەڭ كۆلەمدە ئومۇملىشىۋاتقان كۆپ ۋاستە دەرىسخانىسى، ئىلىكتىرونلۇق ئاق دوسكا، كومپىيوتۇر+كۆپ ۋاستىلىق پرويېكتور، سىزىمچانلىق سۈيۈق ئىكرانلىق تېلىۋىزۇر، سىفىرلاشقان تەجىرىبەخانا قاتارلىقلار). بۇنىڭغا ماس ھالدا دەرىسلىك يۇمشاق دىتالىغا، دەرىسلىك ماتىرياللىرىنىڭ لاھىلىنىشىگە، ئىشلىتىلىشىگە قويۇلغان تەلەپمۇ، ئىھتىياجمۇ يۇقۇرى بولماقتا. گەرچە ئوقۇتۇش ۋاستىللىرىنىڭ يېڭىلىنىشى تىز بولسىمۇ، لىكىن نۇرغۇن سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن ئوقۇتۇش ئۇسۇلىدا، ئوقۇتۇش ئۈنۈمىدە يەنىلا ئۆزگۈرۈش بىرقەدەر ئاستا بولۇپ كەلمەكتە. شىنجاڭ ئىلىكتىرلەشكەن ئوقۇتۇش يۇرتىدىكى خادىملار بۇمەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، ئىلغار تەجىرىبىلىك ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوچۇق دەرىسلىرىنى سۈرەتكە ئېلىپ، ۋىدىئو چاستوتىلىق دەرىسلىكلەرنى ئىشلەپ شىنجاڭ يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇش تورى ئارقىلىق ئۇچۇرلاشقان ئوقۇتۇش بايلىقلىرىنى يەتكۈزۈپ، ئوقۇتۇش بايلىقلىرىنىڭ كەمچىل بولۇش، ئوقۇتۇش ئوسۇلىنىڭ، مەزمۇنىنىڭ بىرخىل بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلماقچى بولسىمۇ، لىكىن بۇ ۋىدىئو چاستوتىلىق(سۈرئەتلىك) دەرىسلىكلەرنىڭ توردىن چۈشۈرۈلىشىنىڭ ئاستا، سىغىمىنىڭ چوڭ، دەرس ۋاقتىنىڭ ئۇزۇن، دەرىسخانىدا ئىشلىتىش ئۈنۈمىنىڭ تۆۋەن بولۇشى قاتارلىق بىر قاتار سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن ئوقۇ-ئوقۇتۇش جەريانىدا يەنىلا ئۈنۈملىك ئىشلىتىلمەيۋاتىدۇ، دۆلەتنىڭ سالغان مەبلىغىگە لايىق نەتىجىلەر كۆرۈلمەيۋاتىدۇ. نۆۋەتتىكى ئۇچۇر دەۋرىدە كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، تۇرمۇش ئۇسۇلىدا يېڭىلىقلار بولماقتا، نۇرغۇنلىغان ئائىلىدە كومپىيوتۇر ئۇمۇملاشتى، تورغا چىقىش نىسبىتى يۇقۇرى كۆتۈرۈلدى، ئەڭ ئاددىسى ئەقلى ئىقتىدارلىق تىلفۇن، MPقويغۇچلىرى، تەكشى تاختىلىق كومپىيوتىر كەڭ ئومۇملاشتى. شۇنىڭ تۈرۈتكىسىدە كىشىلەر ئەقلى ئىقتىدارلىق تىلفۇن ئارقىلىق كۈندە تورغا چىقىپ، ئۆزى قىزىققان، ئىھتىياجلىق بولغان سۈرئەتلىك، ئاۋازلىق، رەسىملىك ماتىرياللارنى، ئۇچۇرلارنى ۋاقتىدا كۆرۈپ مەنىۋى تۇرمۇشىنى بېيىتىپ كېلىۋاتىدۇ. كىشىلەرنىڭ ئۆمۈرلۈك ئۈگۈنۈشكە بولغان تەلىپىنىڭ، ئىھتىياجىنىڭ يۇقۇرلىشىغا ئەگىشىپ توردا ئەمىلى تۇرمۇشىمىزدىكى بەزى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا ياردىمى بولىدىغان، تېخنىكىلىق ماھارەتلارنى ئۈگۈتىدىغان قىسقا ۋىدىئو چاستوتىلىق دەرىسلىكلەر ئىشلىنىپ تارقىتىلىپ، كىشىلەرنىڭ ئۈگۈنىشى ئۈچۈن ياخشى بىر ماتىريال بىلەن تەمىنلەپ كېلىۋاتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىز ھازىر دەۋاتقان «مىكرۇ دەرىسلىك»ئۇقۇمى تۇرمۇشىمىزغا سىڭىپ كىرىپ، ئۈگۈنۈش ئۇسۇلىمىزدا بىز بىلىپ بىلمەي نۇرغۇن ئۆزگۈرۈشلەرنى ئېلىپ كېلىۋاتىدۇ. «مىكرۇ دەرىسلىك»(microlecture)ئۇقۇمى ئەڭ ئاۋال ئامرىكىدا بارلىققا كەلگەن،2008.يىلىدىن باشلاپ ئامرىكىدىكى كەڭ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار تەرىپىدىن ئىشلىتىلىپ، قىزغىن ئالقىشلارغا ئېرىشكەن ، دۆلىتىمىزدە ئۆتكەن يىلدىن تارتىپ گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدە ئوتتۇرغا قويۇلۇپ، كىيىن باشقا چوڭ شەھەرلەرگە تارقىلىپ. ھازىر مائارىپ تەتقىقات ساھەسىدە قىززىق نوقتىغا ئايلاندى. ئۇنداقتا زادى مىكرو دەرىسلىك دىگەن نىمە؟ قانداق ئالاھىدىلىكى بار؟ 2.مىكرو دەرىسلىكنىڭ ئېنىقلىمىسى: مىكرو دەرىسلىك دىگىنىمىز، دەرىسلىك ۋاقتى 10مىنۇت ئەتراپىدا بولغان، ئوقۇتۇش نىشانى ئېنىق، مەزمۇن قىسقا، ئۈنىمى يۇقىرى، مەلۇم بىر مەسىلىنى ھەل قىلىش ياكى بىرەر ماھارەت ئىگەللىتىش ۋە ياكى ئوقۇغۇچىلار ئۈگۈنۈش جەريانىدا ئاسان خاتالىشىدىغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئاساسى مەقسەت قىلىنغان كىچىك تىپتىكى دەرىسلىكتىن ئىبارەت. بۇ دەرىسلىك ھەرگىزمۇ نۇقۇل ھالدا مىكرو تىپتىكى ئوقۇتۇش ئۈچۈن لاھىيلەنگەن دەرىسلىك بولماستىن، بەلكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋاقىت، ئورۇننىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىماي، ئۈگۈنۈش قىزغىنلىقىنى، ئۈگۈنۈش ئۈنۈمىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن، ئەمىلىي ئوقۇتۇش مەزمۇنى ئىپادىلەنگەن دەرىسلىك بولۇپ، ئەڭ دەسلەپتە، كەسپى مەكتەپ، ئىمتاھان تەربىيلەش ئورۇنلىرى، كارخانىلاردا كەڭ كۆلەمدە پايدىلانغان. 3.مىكرو دەرىسلىكنىڭ ئالاھىدىلىكى: دەرس مەزمۇنىنىڭ قاراتمىلىقنىڭ كۈچلۈكلىكى، نىشاننىڭ ئېنىقلىقى، ۋاقىتنىڭ قىسقىلىقى، تورغا چىقىرىش ھەم توردىن چۈشۈرۈش ۋاقتىنىڭ تىزلىكى، تەننەرخىنىڭ ئەرزانلىقى، دەرس ئۈنۈمىنىڭ يۇقۇرلىقى، ھەرقانداق ۋاقىتتا، ھەرقانداق ئورۇندا ئۈگۈنۈشكە بولىدىغدنلىقىدىن ئىبارەت ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇپ، ئۈگۈنۈش ئىمكانىيىتى بار ھەرقانداق ئادەم پايدىلىنالايدۇ. مەسلەن:- ئەقلى ئىقتىدارلىق تىلفۇنىڭىز بولسىلا سىمسىز تورغا چىقىپ بودەرىسلىكتىن پايدىلىنالايسىز. بۇدەرىسلىكتە قىسقىغىنە نەچچە مىنۇتتا ئوقۇغۇچىلارغا تەستە چۈشۈنىدىغان، مەلۇم قىيىن مەسىلىلەرنى، دەرىسلىكنىڭ مۇھىم نوقتىسىنى، تېخنىكىلىق مەشخۇلاتلارنى، ئەڭ ئاددى، چۈشۈنۈشلۈك قىلىپ ھەل قىلىپ كۆرسۈتۈپ بىرىدىغان بولۇپ، ھەرقانداق پەن دەرىسلىكىگە، ئۈگۈنۈش ئوبىكتىىغا ماس كېلىدۇ. ئاتا-ئانىلارنىڭ باللىرىنىڭ ئۈگۈنىشىگە يىتەكچىلىك قىلىش يۈكىنىمۇ يەڭگىللىتىشتە ئەھمىيىتى چوڭ.شۇنىڭ ئۈچۈن نۆۋەتتە بىز ئىلغار بولغان مىكرۇ دەرىسلىكلەرنى كۆپلەپ لاھىلەپ، تەتقىق قىلىپ، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى. ئائىلە باشلىقلىرىنىڭ قاراتمىلىقى كۈچلۈك بولغان ئۇچۇرلاشقان دەرىسلىك بايلىقلىرىغا بولغان ئىھتىياجىنى قاندۇرۇشىمىز، دەرىسلىك بايلىقلىرىنىڭ كەمچىل بولۇش، ئىشلىتەلمەسلىك، يىتەكچىلىك قىلالماسلىق قاتارلىق قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ، دەۋىر بىلەن تەڭ ئىلگىرلىشىمىز لازىم. 4. مىكرو دەرىسلىكنىڭ تۈرلىرى: ھازىر ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپتە كۆپ ئىشلىتىلىۋاتقان مىكرو دەرىسلىكنىڭ بىر قانچە تۈرلىرى بولۇپ، ئۇلار تۆۋەندىكىچە : (1) دەرىسلىك مەزمۇنىغا ئاساسەن، ئوقۇغۇچىلارغا بىلىم، ماھارەت ،ئۇسۇل ئىگەللىتىش خارەكتىرىدىكى دەرىسلىك،تەلىم-تەربىيلەش، يەتكۈزۈش خارەكتىردىكى دەرىسلىك، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش خارەكتىرىدىكى دەرىسلىك قاتارلىق ئۈچ تۈرگە بۆلىنىدۇ.مەسلەن ،بىرىنجى يىللىق ئوقۇغۇچىللىرىغا گالاستۇكنى قانداق تاقاشنى ئۈگۈتۈش مەقسەت قىلىنىپ ئىشلىگەن مىكرو دەرىسلىك، ماھارەت يىتىلدۈرۈش تىپىدىكى دەرسىلىك بولۇپ،مۇھىم نوقتىسى 10مىنوت ۋاقىت ئىچىدە ئوقۇغۇچىلارغا گالاستۇك چىگىشنىڭ ئاساسلىق ئۇسۇلىنى،تەرتىبىنى ئوبرازلىق، جانلىق ئىپادىلەشتىن ئىبارەت. ئۈچ بولۇڭ بىلەن تونۇشۇش توغرىسىدا ئىشلەنگەن مىكرو دەرسىلىك بىلىم ئىگەللىتىش تىپىدىكى دەرسىلىك بولۇپ، دەرىسلىكتە بۇلۇڭنىڭ ئالاھىدىلىكىنى،بۇلۇڭ ھاسىل قىلىش شەرتلىرىنى،بۇلۇڭغا ھۆكۈم قىلىش ئۇسۇلىنى قىسقىغىنە 10مىنۇت ئىچىدە ئوبرازلىق،جانلىق ئىپادىلەش لازىم . (2) دەرىسلىك ئوقۇتۇش ئۇسۇلىغا ئاساسەن، دەرس سۆزلەپ چۈشەندۈرۈش ئۇسۇلى، ئىلھاملاندۇرۇش ئۇسۇلى، مۇنازىرلىشىش ئۇسۇلى، تەجىرىبە ئۇسۇلى، روللارغا بۆلۈپ ماھارەت كۆرسۈتۈش ئۇسۇلى، ئۆز-ئۆزىگە خوجا بولۇپ ئۈگۈنۈش ئۇسۇلى، ھەمكارلىشىپ ئۈگۈنۈش ئۇسۇلى قاتارلىقلارغا بۆلىنىدۇ. (3) «مىكرو ۋىدىئو»نىڭ سۈرئەتكە ئېلىپ ئىشلىنىلىشىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن تىلكامىرا، ئەقلى ئىقتىدارلىق تېلىفۇن قاتارلىق ئۈسكىنىلەر بىلەن دەرس مەزمۇنىنى، جەريانىنى سۈرئەتكە ئېلىپ ئىشلەش، ئىكران خاتىرلەش يۇمشاق دىتالى (Camtasia studio6)ئارقىلىق Word،PPTقاتارلىق يۇمشاق دىتاللاربىلەن ئىشلەنگەن دەرىسلىك مەزمۇنلىرىنى، ئوقۇتقۇچىنىڭ مەشخۇلات جەريانىنى خاتىرلەش، ياكى دىئالوگلۇق ئىلىكتىرونلۇق ئاق دوسكا قاتارلىق سىفىرلىق ۋاستىلەرنىڭ خاتىرلەش ئىقتىدارىدىن پايدىلىپ ماس قەدەملىك سۈرئەتكە ئېلىپ كۆرسۈتۈش قاتارلىق تۈرلەرگە بۆلىنىدۇ. (4) ئىشلىتىش ئوبىكتىنىڭ ئوخشىماسلىقى ھەم ئىقتىدارىغا ئاساسەن، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كەسپى ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشى ئۈچۈن، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۈگۈنىشى ئۈچۈن، كەڭ خەلىق ئاممىسىنڭ ھەرقايسى پەن ساھەلىردىكى بىلىملەرنى ئۈگۈنىشى ئۈچۈن دەپ ئۈچ تۈرگە بۆلىنىدۇ. شۇڭا،مىكرو دەرىسلىك لاھىيلەپ ئىشلىگۈچى چوقۇم ھەم دەرىسلىك لاھىيلەش نەزىرىيىۋى بىلىملىرىنى ياخشى ئىگەللىشى، ھەم ھەرخىل خام ماتىرياللارنى پىشىقلاپ ئىشلەپ تەھرىرلىيەلەيدىغان ئىقتىدارلارغا ئىگە بولىشى كېرەك. مىللىيچە ئالاھىدىلىك مەزمۇندا ئەكس ئەتكەن ئۇچۇرلاشقان دەرسىلىك بايلىقلىرىنى كۆپلەپ لاھىيلەپ، ئىشلەپ، ئۇچۇرلاشقان ئوقۇتۇش بايلىقلىرىنىڭ كەمچىل بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ھەرمىللەت ئوقۇتقۇچىلار، پىداگوگىكا ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ھازىرقى زامان مائارىپ تېخنىلوگىيەسىنىڭ نەزىرىيىۋى، ئەمىلى بىلىملىرىنى ياخىشى ئۈگنىشى، مۇناسىۋەتلىك كارخانىلارمۇ بىرلىكتە ھەمكارلىشىشى، ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى يېقىندىن قوللىشى لازىم. ئىشىنىمىزكى خەلقىمىزنىڭ بىلىمگە بولغان تەشنالىقىنىڭ كۈچۈيىشىگە، جەمىيەتنىڭ ئۇچۇرلىشىشغا بولغان ماسلىشىشچانلىقىنىڭ يۇقۇرلىشىغا ئەگىشىپ، مىكرو دەرىسلىكمۇ مائارىپنىڭ ھەر قايسى ساھاسىدە ئۆز ئىپادىسىنى تاپقۇسى. شۇنداقلا خەلقىمىزنىڭ ئىلغار مەدىنىيەتلىرىنىڭ جەۋھەرلىرىنى كىيىنكى ئەۋلاتلارغا يەتكۈزۈشتە مۇھىم ماتىرياللار بىلەن تەمىنلىگۈسى. |