|
ستېۋ جوبس (STEVE PAUL JOBS)، 1955-يىلى 2-ئاينىڭ 24-كۈنى تۇغۇلغان. 1972-يىلى تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، پولشادىكى بىر ئالىي مەكتەپتە بىر مەۋسۇملا ئوقۇغان؛ 1974-يىلى جوبس بىر شېركەتتە كومپيۇتېر ئويۇنى لايىھىلەش خىزمىتىنى تاپىدۇ. ئىككى يىلدىن كېيىن، 21ياشلىق جوبس 26ياشلىق ۋوز بىلەن جوبس ئائىلىسىنىڭ ماشىنا ئىسكىلاتىدا ئالما كومپيۇتېر شېركىتىنى قۇرىدۇ؛ 1985-يىلى زوڭتۇڭ رېگان تەرىپىدىن دۆلەت دەرىجىلىك تېخنىكا ئوردىنىغا ئېرىشىدۇ؛ 1996-يىلى ئالما شېركىتى جوبسنى قايتىدىن شېركەتنىڭ مەسلىھەتچىلىك ۋەزىپىسىنى قوشۇمچە ئۆتۈشىگە قويىدۇ؛ 1997-يىلى 9-ئايدا جوبس شېركەتنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. 1997- يىلى ئۇنىڭ رەسىمى «دەۋر ژۇرنىلى»نىڭ مۇقاۋىسىغا بېسىلىدۇ؛ 2009-يىلى بايلىق ژۇرنىلى تەرىپىدىن «ئامېرىكىدىكى ئون يىللىق ئەڭ مۇنەۋۋەر باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى» بولۇپ باھالىنىدۇ، شۇ يىلى دەۋر ژۇرنىلىنىڭ يىللىق گەۋدىلىك شەخسنىڭ بىرى بولۇپ باھالىنىدۇ. ئېنگىلىزچە ئىسمى: STEVE PAUL JOBS دۆلەت تەۋەلىكى: ئامېرىكا تۇغۇلغان يۇرتى: ئامېرىكا كالېفورنىيە شتاتى تۇغۇلغان ۋاقتى: 1955-يىل 2- ئاينىڭ 24- كۈنى كەسپى: باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى ئاساسلىق مۇۋەپپەقىيىتى: ئالما شېركىتىنى قۇرغان
جوبس بىر يالغۇز بالا بولۇپ، ئىلگىرى باشقىلار تەرىپىدىن بېقىۋىلىنغان. بالىلىق دەۋرىدە ئۇ ئېلېكترون قۇرۇلۇشىغا ئىشتىياق باغلىغان، ۋە فېزىكىغا نىسبەتەن كۈچلۈك قىزىقىشى قوزغالغان. ئالىي مەكتەپتىكى چاغلاردا، جوبس ھاياتىدىكى ئەڭ ياخشى ھەمراھى ۋوز بىلەن تونۇشقان، ۋوز بىر كومپيۇتېر تالانت ئىگىسى ئېدى. 1976-يىلى ئەمدىلا 21ياشقا كىرگەن جوبس 26ياشلىق ۋوز بىلەن بىر كومپيۇتېر شېركىتىنى قۇردى. بۇ دەل كېيىنكى دۇنياغا داڭلىق ئالما شېركىتى ئېدى. ئۇلارنىڭ ئېگىلىكى بىرىنچى پارچە توك يولى تاختىسىنى لايىھىلەپ ياساشتىن باشلانغانىدى، شۇنداق قىلىپ ئۇلار تۇنجى مەبلەغنى توپلىدى. 1980-يىلى ئالما شېركىتى ۋال سترىت كوچىسىدا بازارغا سېلىندى. بىر كېچىدىلا جوبس بىر ياش مىلياردېر غا ئايلاندى. كېيىن كارخانىنىڭ چوڭىيىشى ۋە تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئۇ ئامېرىكا دەۋر ژۇرنىلىنىڭ مۇقاۋىسىغا بېسىلدى. لېكىن ئۇنىڭ ھاياتى تۈپتۈزلا ئەمەس ئېدى. 1985-يىلى تەدبىر بەلگىلەش جەھەتتىكى خاتالىقلار تۈپەيلىدىن، جوبس ئالما شېركىتىدىن چىقىپ كېتىپ NEXT شېركىتىنى قۇرۇپ، خىلى نەتىجىلەرگە ئېرىشتى. 1996-يىلى ئالما شېركىتى قاتمۇ-قات قەرزگە بوغۇلۇپ كەتكەن چاغدا، جوبس يەنىلا ئالما شېركىتىگە قايتىپ كېلىپ، ئۆزى بىر قوللۇق قۇرۇپ چىققان ئېگىلىكىنى قۇتقۇزدى.
جوبس بىر ئەزىمەت، ئىلگىرى ئۇ ئاشقازان راكىغا گېرىپتار بولۇپ، ئەزرائىلنىڭ ئالىقىنىدىن تەستە قۇتۇلۇپ چىققان. ئۇ يەنە بىر باغرى تاش ئادەم، ئىلگىرى ئۇ قىز دوستى بىلەن بىللە تۇرۇپ، ئۇنىڭ بىلەن بىر پەرزەنتلىك بولغان. لېكىن ئۇ قىز دوستى بىلەن توي قىلىشنى رەت قىلغان، بالىنىڭ ئۆزىنىڭ ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلمىغان، ئاخىرى سوتنىڭ ھۆكۈمى تۈپەيلى ئامالسىز ئېتىراپ قىلغان. ئالما شېركىتى بازارغا سېلىنغاندىن كېيىن، بۇ مىلياردىر ئانچە سېخىيلىق قىلمىغان، ئىلگىرى ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ئۇنىڭ بىلەن بىللە جان تىكىشكەن تېخنىك خادىملار تېگىشلىك نەپكە ئېرىشەلمىگەن. ئەلۋەتتە، بۇلار جوبسنىڭ بىزنىڭ كۆز ئالدىمىزدىكى رېۋايەت كەبى شەخس ئىكەنلىكىگە تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ.
|
|