| مەملىكەت ئىچىدىكى تۈرلىك ھېيت - بايراملار ۋە خاتىرە كۈنلەر: (1) 1- ئاينىڭ 1- كۈنى - يېڭى يىل بايرىمى. (2)3-ئاينىڭ 8- كۈنى - خەلقئارا ئاياللار بايرىمى. (3)3- ئاينىڭ 9- كۈنى - ئانا دەريانى قوغداش كۈنى. (4) 3- ئاينىڭ 12- كۈنى - مەملىكەتلىك كۆچەت تىكىش بايرىمى. (5)3- ئاينىڭ 15- كۈنى - ئىستىمالچىلارنىڭ ھوقۇق - مانپەتىنى قوغداش كۈنى. (6) 4- ئاينىڭ 5- كۈنى - قەبرە سۈپۈرىش بايرىمى. (7) 5- ئاينىڭ 1- كۈنى خەلقئارا ئەمگەكچىلار بايرىمى. (8)5- ئاينىڭ 4- كۈنى - ياشلار بايرىمى. (9) 5- ئاينىڭ 20- كۈنى - مەملىكەتلىك ئوقۇغۇچىلار ئوزۇقلۇق كۈنى. (10) 6- ئاينىڭ 1- كۈنى - خەلقئارا بالىلار بايرىمى. (11)6- ئاينىڭ 6- كۈنى - مەملىكەتلىك كۆز كېسەللىكىنى ئاسراش كۈنى. (12) 6- ئاينىڭ 25- كۈنى مەملىكەتلىك يەر كۈنى. (13)6- ئاينىڭ 26- كۈنى - پارتىيە قۇرۇلغان كۈن. (14) 7- ئاينىڭ 7- كۈنى جۇڭگۇ خەلقىنىڭ ياپۇنغا قارشى ئۇرۇش غەلبىسىنى خاتىرلەش كۈنى. (15) 8- ئاينىڭ 1- كۈنى - جۇڭگۇ خەلق ئازاتلىق ئارمىيىسى ئارمىيە بايرىمى. (16) 9- ئاينىڭ 10- كۈنى - جۇڭگۇ ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى. (17) 9- ئاينىڭ 16- كۈنى جۇڭگۇ مېڭە كېسەللىكلەر كۈنى. (18) 9- ئاينىڭ 20- كۈنى - مەملىكەتلىك چىش كېسەللىكىنى ئاسراش كۈنى. (19)10- ئاينىڭ 1- كۈنى - جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلغان كۈنى ،دۆلەت بايرىمى. (20) 10- ئاينىڭ 8- كۈنى - مەملىكەتلىك يۇقۇرى قان بېسىم كېسەللىكىنى ئاسراش كۈنى. (21)10- ئاينىڭ 28- كۈنى - جۇڭگۇ ئەرلەر ساغلاملىق كۈنى. (22)11- ئاينىڭ 8- كۈنى - جۇڭگۇ مۇخبىرلار بايرىمى. (23)11- ئاينىڭ 9- كۈنى - ئوتتىن مۇداپىيەلىنىش كۈنى. (24)12- ئاينىڭ 1- كۈنى - دۇنيا ئەيدىس كېسەللىكىنى ئاسراش كۈنى. (25) 12- ئاينىڭ 4- كۈنى - مەملىكەتلىك قانۇن - تۈزۈم تەشۋىقات كۈنى. (26) ھەر يىلى 3- ئاينىڭ ئاخىرىدىكى پۈتۈن ھەپتىنىڭ بىرىنچى كۈنى - باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا بىخەتەرلىك تەربىيەسى ئېلىپ بېرىش كۈنى. (27)5- ئاينىڭ ئىككىنچى ھەپتىسىدىكى يەكشەنبە كۈنى - ئانىلار بايرىمى. (28) 5- ئايدىكى ئۈچۈنچى يەكشەنبە كۈنى - مەملىكەتلىك مېيىپلارغا ياردەم بېرىش كۈنى. (29) 6- ئايدىكى ئۈچۈنچى يەكشەنبە كۈنى - ئاتىلار بايرىمى. (30)9- ئايدىكى ئۈچۈنچى شەنبە كۈنى - دۆلەت مۇداپىيە كۈنى. (31) دېھقانلار كالىندارىدىكى بىرىنچى ئاينىڭ 1- كۈنى - باھار (چاغان) بايرىمى. (32) دېھقانلار كالىندارىدىكى بىرىنچى ئاينىڭ 15- كۈنى - پانۇس بايرىمى. (33) دېھقانلار كالىندارىدىكى بەشىنچى ئاينىڭ 5- كۈنى - تاڭزوڭزا چاغىنى بايرىمى. (34) دېھقانلار كالىندارىدىكى سەككىزىنچى ئاينىڭ 15- كۈنى - تاۋۇز چاغىنى بايرىمى. (35) رامىزان - ھېجىرىيە 9- ئاينىڭ نامى .مۇشۇ ئايدا پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ ھەممىسى دىنى ئەھكام بۇيىچە روزا (رامزان)تۇتۇش پەرىزىنى ئادا قىلىدۇ.شۇ ۋەجىدىن بۇ ئاي رامزان دىيىلىدۇ.ھەدىستە يېڭى ئاي كۆرىلگەندە روزا تۇتىلىدۇ ۋە روزا ھېيت بولىدۇ.دىيىلگەن.مۇشۇ ئاينىڭ 27- كۈنى كېچىسى ‹‹قەدىر كېچىسى›› كېرىدۇ.شۇڭا بۇ ئاي ئەڭ ئەزىز، ئەڭ خاسىيەتلىك ئاي ھىساپلىنىدۇ. (36) روزا ھېيت (ئېيدۇل فىتر)ئىسلام دىنىدىكى ئاساسلىق ھېيت - بايراملارنىڭ بىرى،قۇربان ھېيت بىلەن بىللە ئىسلام دىنىدىكى ئىككى چوڭ ھېيت دىيىلىدۇ.ۋاقتى ھېجىرىيە 10- ئاينىڭ 1- كۈنى. (37) قۇربان ھېيت - قۇربان ھېيت ئىسلام دىنىدىكى مۇھىم ھېيتلارنىڭ بىرى ،روزا ھېيت ،مەۋلۇت بىلەن قۇشۇلۇپ ئىسسلام دىنىدىكى ئۈچ چوڭ ھېيت - ئايەم دىيىلىدۇ. قۇربان دىگەن سۆزنىڭ مەنىسى ‹‹ئاتا- بوۋىلىرىغا سېغىنىپ نەزىر قىلىش ›› ،‹‹مال - چارۋا قۇربانلىق قىلىش ››بولۇپ ،ھەج - تاۋاپ پەرزىدىكى ئاساسلىق رەسىم - يۇسۇنلارنىڭ بىرىدۇر.ۋاقتى ھېجىرىيە زۇلقەددە 12- ئاينىڭ 10- كۈنى ،يەنى ھەج - تاۋاپنىڭ ئاخىرقى كۈنى بولىدۇ. |
|