مىخلاڭساقلاڭيېڭى 2000 تېماتەۋسىيە تور كۆرگۈچىلەر:FirefoxChrome
baykax

baykax

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

جەمئىي مىكروبلوگ 2062 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • pari تۈنۈگۈن 21:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    جاپاكەش باغۋەنلەر بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!!

  • 阿吉米德 تۈنۈگۈن 19:11 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئاراڭلاردا ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى بولسا تونۇشۇپ قاساق بوپتىكەن قېرىنداشلا.......

  • خانىدان تۈنۈگۈن 14:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!

  • زەپەر تۈنۈگۈن 00:44 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۇقۇتقۇچى ئۇستازلار ياخشىمۇ سىلەر بايقاش مۇنبىرى تۇلۇق ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى

  • دىلكەش ئۈلۈشكۈن 09:24 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭلارغا موبارەك بولسۇن~

  • 1چىچەك 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ياخشى بولماق مىڭ يىلچىلىك،يامان بولماق بىر دھمچىلىك.

  • 1چىچەك 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    مقۋىلىك دەرەخنىڭ بېشى تۆۋەن،بىلىملىك ئادەمنىڭ يۇزى تۆۋەن.

  • شىرنە تۈنۈگۈن 20:22 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭىزلارغا مۇبارەك بولسۇن

  • 阿吉米德 تۈنۈگۈن 19:10 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم بايقاش.......

  • نۇردۇن تۈنۈگۈن 11:14 [ئىنكاس(0)] [...]

    سالام،دوسلار بايرىمىڭىلارگە بۇبارەك بولسۇن!بايراملىق تىللا سوۋغا قىلمامسىلە؟

  • پۇرخۇن تۈنۈگۈن 00:18 [ئىنكاس(0)] [...]

    نېمە قىلىۋاتىسىز؟ دوستلىرىڭىز بېلەن ئورتاقلىشىڭ ...جاپاكەش ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن.

  • زەپەر 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۇقۇتقۇچى ئۇستازلار ياخشىمۇ سىلەر بايقاش مۇنبىرى تۇلۇق ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى

  • 1چىچەك 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئىشچاندىن تەر چىقىدۇ،ھورۇنندىن ئۇھ چىقىدۇ.

  • 1چىچەك 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    دىلىڭدا نېمە بولسا تىلىڭدا شۇ.

كۆرۈش: 87|ئىنكاس: 4

تەنھەرىكەت يىغىنىدا سۆزلەنگەن سۆز

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

1

تېما

0

دوست

521

جۇغلانما

ئەتتىرگۈل ئەزا

Rank: 3Rank: 3

قىزغىنلىق
104 سەر
تىللا
13 دانە
تۆھپە
103 سەر
شۆھرەت
103 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىبايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-2 17:38:05|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

                              ( يولداشلارغا ئاز - تولا نەپ يەتكۈزەلىسە دېگەن ئۈمىدتىمەن )

                           **** مەكتەپنىڭ ** قېتىملىق تەنھەرىكەت يىغىنىدا سۆزلەنگەن سۆز
ھۆرمەتلىك رەھبەرلەر ، ئاتا - ئانىلار ، ئوقۇتقۇچى - ئۇستازلار ، سۆيۈملۈك ساۋاقداشلار ياخشىمۇ سىلەر !
بىز ھازىر **** باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ *** قېتىملىق تەنھەرىكەت يىغىنىنى ئۆتكۈزۈش ئالدىدا تۇرۋاتىمىز ، مەن مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەكتەپ پارتىيە ياچېيكىسى ، مەكتەپ مەمۇرىيىتى نامىدىن بۇ قېتىمقى تەنھەرىكەت يىغىنىغا قاتناشقان ، بارلىق تەنھەرىكەتچىلەرگە ، ئوقۇغۇچىلارغا چىن قەلبىمدىن رەھمەت ئېيتىمەن ۋە ئۇلاردىن قىزغىن ھال سورايمەن شۇنداقلا ،بۇ قېتىمقى تەنھەرىكەت پائالىيىتىمىزنى يېقىندىن قوللاپ ،ئارلىقنى يىراق كۆرمەي پائالىيىتىمىزگە قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن مېھمانلارغا ،پائالىيەت ئۈچۈن جان كۆيدۈرگەن بارلىق ئوقۇتقۇچى ، ئىشچى - خىزمەتچىلەرگە چوڭقۇر رەھمەت ئېيتىمەن .
مىھمانلار ، ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار جاپا چەكتىڭلار !
مەكتىپىمىز «قوش تىل»ئوقۇتۇشنى يولغا قويغان مەكتەپ بولۇپ ،بۇ يەردە ھەر مىللەت ساۋاقداشلار بىرگە ،سوتسىيالىستىك تەلىم - تەربىيەنى قوبۇل قىلىدۇ .بىرلىكتە تۈرلۈك مەدەنىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىدۇ .بىرلىكتە ئۆگىنىدۇ ۋە بىرلىكتە ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ ،ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرىدۇ .ئۆزئارا ئىتتىپاقلىشىپ ،ئۆزئارا ئۆگۈنىپ ،ئۆزئارا ياردەم بېرىپ ،ئۆزئارا قوللاپ ،ئۆزئارا مەدەت بېرىپ ،مەكتىۋىمىزنىڭ ئوقۇتۇش ،تەلىم - تەربىيە خىزمىتىنىڭ نورمال ،مۇقۇم شارائىت ئىچىدە تىنچ تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن تۆھپە قۇشىدۇ.بۇ قېتىمقى تەنھەرىكەت يىغىنى دەل؛ مۇشۇنداق مەخسەتنى چىقىش قىلىپ ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ ،بۇ پائالىيەت مەكتىپىمىزدىكى ھەر مىللەت ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزئارا ئىتتىپاقلىقىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ ،ئورتاق نىشان ئۈچۈن تىرىشىپ  ئۆگىنىش ،كۈرەش قىلىش ئىشەنچىنى تېخىمۇ ئاشۇرىدۇ.
باللار دۇنيانىڭ كەلگۈسى ، ۋەتەننىڭ ، مىللەتنىڭ كەلگۈسى ئۈمۈدى .ھازىرقى دەۋرنىڭ ياش - ئۆسمۈرلەرگە قويغان تەلىپى كۈنسېرى يۇقۇرلاۋاتىدۇ .كەلگۈسى ياراملىق ئەۋلاد بولۇپ يېتىشىپ چىقىش ئۈچۈن يالغۇز بىلىم ئېلىشلا كۇپايە قىلمايدۇ .ھەر بىر ياش - ئۆسمۈر ئىلىم - پەن بىلەن قوراللىنىپلا قالماي يەنە ياخشى بولغان بەدەن ساپاسىغا ئىگە بولۇشى ،ھەرقانداق جاپالىق شارائىت ئىچىدىمۇ بەرداشلىق بېرەلەيدىغان،باشقىلارنى  بېسىپ چۈشەلەيدىغان ئىرادە ،كۈچ - قۇۋۋەت بولۇشى كېرەك.
بۇنىڭ ئۈچۈن قانداق قىلىش كېرەك ؟
ئەجداتلىرىمىز ‹‹ساغلام تەندە ،ساپ ئەقىل ››دەپ بىكارغا ئېيتمىغان.بۇ دىگەنلىك ئادەم ساغلام بولسا ،ئەقلىمۇ تولۇق بولۇدۇ دىگەنلىك.دېمەك ،ساغلام بولۇش ئۈچۈن چوقۇم كىچىكىدىن باشلاپ بەدەن چېنىقتۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇش ،تۈرلۈك تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپلىق بىلەن قاتنىشىش ، ئۆزىنىڭ جىسمانىي كۈچ - قۇۋۋىتىنى ئاشۇرىدىغان تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى بىلەن دائىم شۇغۇللىنىش ، ئۆزىنىڭ ياش قۇرامىغا ماس كېلىدىغان جىسمانىي ئەمگەكلەرنى ئۆزلۈكىدىن قىلىش ،تازىلىققا رىئايە قىلىش قاتارلىق تۈرلۈك تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىش ساغلام  بولۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش بىلەن بىرگە ،يەنە ،بەدەن كۈچىنى ئاشۇرغىلى بولۇدۇ.
تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىن ئىبارەت بۇ سىناق مەيدانى ئارقىلىق ،ھەر بىر ساۋاقداش ئۆزىنىڭ بەدەن ساپاسىنى سىناپ ،مەغلۇبىيەت بىلەن غەلبىنىڭ تەمىنى تېتىپ ، ئوخشاش بولمىغان تەسىراتقا ئىگە بولۇشى مۇمكىن .شۇڭا غەلبە قىلغانلار مەغرۇرلىنىپ كەتمەي ،كەلگۈسىدە تېخىمۇ ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشىش ئۈچۈن يەنىمۇ تىرىشىشى ،نەتىجىگە ئېرىشەلمىگەنلەر مەيۈسلىنىپ كەتمەي ، تەجرىبە - ساۋاقلارنى ياخشى يەكۈنلەپ  ،كېيىنكى پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇشقا ئىرادە باغلاپ ،ئۆزىدە ئىشەنچ تۇرغۇزۇشى كېرەك.
پۇرسەت ھەممە ساۋاقداشقا بار !
بارلىق ساۋاقداشلارنىڭ ،ئوقۇتقۇچى ،ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ مۇسابىقە جەريانىدا «ئىتتىپاقلىق بىرىنچى ،مۇسابىقە ئىككىنچى »دېگەن ئىدىيەنى يېتەكچى قىلىپ ،بىخەتەرلىككە ئالاھىدە دىققەت قىلىپ ،ئۆزئارا ئىلھام بېرىپ ،بۇ قېتىمقى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ بىخەتەر ،غەلبىلىك ئېلىپ بېرىلغان بىر قېتىملىق ئىتتىپاقلىق ،خۇشاللىق بىرلەشتۈرۈلگەن مۇسابىقە بولۇشى ئۈچۈن بىر كىشىلىك ھەسسە قوشۇشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.
  مۇسابىقە جەريانىدا ،بارلىق خىزمەتچى خادىملار ئۆزىنىڭ خىزمەت ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ ،ئەستايىدىل مەسئۇل بولۇپ ،بۇ قېتىمقى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ بىخەتەر ئېلىپ بېرىلىشى ئۈچۈن ئالاھىدە كۈچ چىقىرىشى كېرەك .
  ئاخىرىدا بارلىق تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ غەيرەت قىلىپ ،ياخشى نەتىجىگە ئېرىشىپ ، مەكتىۋىمىزگە شۇنداقلا ئۆز سىنىپ كوللېكتىپىگە شان - شەرەپ كەلتۈرۈشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈرىمەن.
كۆپچىللىككە رەھمەت !

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

293

تېما

106

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
6765 سەر
تىللا
1727 دانە
تۆھپە
10811 سەر
شۆھرەت
5784 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىبايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنىبايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسىبايقاش مەلىكىسىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-2 18:45:14|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   گۈلزار تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-5-2 18:53  

پايدىلنىش قىممىتى بار بولغان ماتىريال يوللاپسىز . رەھمەت  

تمىنىڭ ئۈسىتىگە يېزىلغان تۆۋەندىكى خەتلەرنى چۈشىنەلمىدىمغۇ .




« ئىملانى تېخمۇ ياخشى تەكشۈرسۇن دېسىڭىز سۆز ئامبىرى تەمىنلەڭ!  » تېما يوللاش سىتونىنىڭ  ئۈستىدە  ئىملا  خاتالىقىنى ئاپتوماتىك تەكشۇرۇش سېستىمىس بارغۇ ، كۆرمىدىڭىزمۇ ؟  





ئەگە بۇ خەتلەر خاتا يوللىنىپ قالغان بولسا بۇندىن كېيىن تېما يوللاپ بولغاندىن كېيىن تېمىڭىزنى بىر قېتىم تەكشۈرۈشنى ئادىتىڭىزگە ئايلاندۇرۇڭ، شۇندىلا ئۇقۇشماسلىقلارنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ .
رەھمەت
ئادەم ئەتكەنگە تەزىم ئەت .

14

تېما

4

دوست

1870

جۇغلانما

مائارىپ ئاۋاڭگارتى

Rank: 5Rank: 5

قىزغىنلىق
327 سەر
تىللا
363 دانە
تۆھپە
307 سەر
شۆھرەت
312 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزامائارىپچىبايقاش شائىرى

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-2 21:02:32|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆزىڭىزنىڭ تونۇشى ئىكەن دە ... مەزمۇنى ھەقىقەتەن ياخشىكەن ... قىممىتى بار ... مۇمكىن بولسا ، مەنبەسى مەن دىگەن ئېنىقلىمىنى بىرىپ قويۇڭ ...

1

تېما

0

دوست

521

جۇغلانما

ئەتتىرگۈل ئەزا

Rank: 3Rank: 3

قىزغىنلىق
104 سەر
تىللا
13 دانە
تۆھپە
103 سەر
شۆھرەت
103 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىبايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-2 23:29:40|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىرىنچى قېتىم تېما يوللىغاچقا ،ئۈستىدىكى ‹‹ئىملانى تېخمۇ ياخشى تەكشۈرسۇن دېسىڭىز سۆز ئامبىرى تەمىنلەڭ!  ›› بۇ بىر جۈملە ئارتۇق بولۇپ قاپتۇ .كەچۈرگەيسىلەر .
  بۇ تېمىنىڭ مەنبەسى : ئۆزەم يەنى - ئېلى ئۆمەر

263

تېما

45

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
2838 سەر
تىللا
1105 دانە
تۆھپە
3233 سەر
شۆھرەت
2525 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزابايقاش باتۇرىجەۋھەر ئەزاكومپىيۇتىر ماھىرىبايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنىبايقاش شائىرى

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-3 14:28:17|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تېما يوللاپسىز،رەھمەت سىزگە!
ھىكمەت: ‹‹سۇ ئېچكەندە،قۇدۇق قازغۇچىنى ئۇنتۇما››.           باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش...
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2013-9-11 00:58, Processed in 0.466342 second(s), 38 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش