كۆرۈش: 811|ئىنكاس: 3

ئاددىغىنە بىر فونكىتسىيە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
مەن بۈگۈن دەل ئۆزى قۇرىدىغان فونكىتسىيە توغرىلىق قىسقىچە ئاددى بىر مىسال كۆرسىتىمەن: ھەممىمىزگە مەلۇم excel نۇرغۇنلىغان فونكىتسىيەلەر بار، بىز ئۇنى ئۆز ئىھتىياجىمىزغا ئاساسەن ئىشلىتىمىز. نۇرغۇن دوستلار فونكىتسىيە (函数) بىلەن فورمىلا (公式 ) دىگەن ئۇقۇمنى ئارىلاشتۇرۇپ ئىشلىتىدۇ. فونكىتسىيە بولسا، بىز دەل خىزمەت دەپتىرى ئىچىدە  دائىملىق ئىشلىتىدىغان، سىستىما ئىچىكى قىسمىدىن تەمىنلەنگەن قىممەت جۈملىسىنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن جەمئىلەش فونكىتسىيەسى sum ، ئەڭ چوڭ قىممەت فونكىتسىيەسى max، ئەڭ كىچىك قىممەت فونكىتسىيەسى min، ئوتتۇرىچە قىممەت تېپىش فونكىتسىيەسى AVERAGE ....دىگەندەك. فورمىلا بولسا دەل ھەرخىل ئەمەل بەلگىلىرىنى قوللىنىپ قىممەت ھاسىل قىلىشنى ياكى بىرياكى بىرنەچچە خىل فونكىتسىيەنى ئۆز ئىھتىياجىغا ئاساسەن ئۆزگەرتىپ قىممەت كەلتۈرۈپ چىقىرىشنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن
=A1+B1-C1

دىگەندەك...  بىز sum فونكىتسىيەسىىنى يېزىپ، قىممەت رايۇنىنى بەلگىلەپ بەرسەك، شۇ رايۇننىڭ ئومۇمى يېغىندىسىنى چىقىرىپ بىرىدۇ. مانا مۇشۇنداق جەمئىلەش فونكتسىيەسى بولسا دەل excel نىڭ ئىچكى قىسمىغا قوشۇۋېتىلگەن بولىدۇ. ئۇنداقتا بىزمۇ مۇشۇنداق فونكىتسىيەلەرنى ئۆز ئىھتىياجىمىزغا ئاساسەن يېزىپ چىقىپ ئۇنى قوللىنالايمىزمۇ؟ ئەلۋەتتە بولىدۇ.
ئۇنداق مەن مەلۇم بىر سانلىق قىممەتكە ئاساسەن ئۇنىڭغا ھۈكۈم قىلىپ باھا چىقىرىپ بىرىدىغان فونكىتسىيەنى يېزىشنى مىسال قىلىمەن، بۇ ئۇقۇغۇچىلارنىڭ نەتىجىسىگە ئەلا، ياخشى، ناچار... دەپ باھا بەرگەنگە ئوخشايدۇ.
باھا فونكىتسىيەنى يېزىش:
تەلەپ: قىممەت رايۇنىغا ئاساسەن ئەگەر قىممەت 90 غا تەڭ ياكى ئۇنىڭدىن چوڭ بولسا ئەلا، ئەگەر 75كە تەڭ ياكى ئۇنىڭدىن چوڭ بولسا ياخشى، ئەگەر 60 كە تەڭ ياكى ئۇنىڭدىن چوڭ بولسا لاياقەتلىك، ئەگەر 59غا تەڭ ياكى ئۇنىڭدىن كىچىك بولسا ناچار دەپ باھا چىقىرىپ بەرسۇن.
يېزىش باسقۇچى:
1. excel دەپتىرىدىن بىرنى ئېچىپ،ئاندىن vbe تەھرىرلەش رايۇنىغا كىرىپ، مودىل (模块) ھۆججىتىدىن بىرنى قۇرىمىز.
2. ئاندىن تۆۋەندىكى فونكىتسىيەنى يازىمىز.
Function baha(aa As Range)

If aa.Value >= 90 Then
baha = "ala"
ElseIf aa.Value >= 75 Then
baha = "yahxi"
ElseIf aa.Value >= 60 Then
baha = "layakatlik"
Else
baha = "naqar"
End If

If aa.Value = "" Then
baha = "kimmat yok"
'aa.Font.ColorIndex = 3

End If

      End Function
فونكىتسىيەنىڭ مەزمۇنى توغرىلىق تەپسىلى توختالمىدىم، چۈنكى شەرت جۈملىسىنى كۆپىنچە دوستلار ئىنىق بىلىدۇ.
3. سىناش . a1 دىن a5 كىچە 0 دىن 100 كىچە قىممەت كىرگۈزۈپ ئاندىن c1 گە ba=  دەپ كىرگۈزسىڭىز فونكىتسىيە قاتارىغا baha  دەپ بىرسىنىڭ قېتىلغانلىقىنى كۆرىسىز. تىرناق ئىچىدە a1  نى كۆرسىتىپ قويوڭ. مەسىلەن
=baha(A1)


a1  كاتەكچىنى ئاستىغا سىرىغاندا a5  كىچە بولغان قىممەتنىڭ چوڭ- كىچىكلىكىگە ئاساسەن باھا يېزىلىپ چىقىدۇ.
بىز مۇشۇنىڭ بىلەن ئاددىغىنە بىر فونكىتسىيە قۇرىۋالدۇق.
بەلكىم دوستلار بىر سىتوننى ئەمەس، بىرنەچچە سىتۇننى سىناپ بېقىشقا ئالدىرىغاندۇ، ئەمما كۆپ سىتۇننى سىنىغاندا خاتالىق ئۇچۇرىنىڭ كىلىپ چىققانلىقىنى كۆرىسىز. چۈنكى بىز ئىنىقلىما بەرگەندە پەقەت بىرلا ئۆزگىرىشچان قىممەت دائىرىسىنى بەلگىلەپ بەرگەن، ئەگەر ئۇنىڭغا بىرنەچچە قىممەت دائىرىسى بەلگىلەپ بەرسەك ياكى دەۋىرلىىنىش جۈملىسىدىن پايدىلىنىپ، ئۇنىڭ قىممەت دائىرىسىنى چوڭايتىساق تەبىئىلا نەچچە سىتۇنلۇق قىممەت بولۇشىدىن قەتئىنەزەر ھەممىسىنىڭ قىممىتىنىڭ چوڭ- كىچىڭلىكىگە ئاساسەن بىز بەلگىلەپ بەرگەن قىممەت ئۇچۇرىنى كۆرسىتىپ بىرىدۇ. (قىزىققۇچى دوستلار ئۆزى سىناپ باقسا بولىدۇ. )
ئاخىرىدا يەنە شۇنى ئەسكەرتكىم كىلىدۇ، دوستلار كۆڭلىدە مەن شەرت فونكتىسيەسىدىن پايدىلىنىپ بۇنداق باھالارنى ئاللىقاچان قىلالايمەن ياكى كۆچۈرۈپ جانلىق پايدىلىنالايمەن دىيىشى مومكىن، ئەگەر بۇ فونكىتسىيەنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، باھا سۆزلىرىنى ئۇيغۇرچە قىلىپ(ئۇيغۇرچە قىلىشقا ئەلۋەتتە بولىدۇ) ، excel  نىڭ سرتتىن فونكىتسىيە قوشۇش ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ، بۇ فونكىتسىيەنى ئىچكى قىسىمغا قوشۇۋەتسەك(بۇنداق فونكىتسىيەنى قوشۇش ئۇسۇلى ھەققىدە كېيىن ئايرىم توختىلىمەن)،  ۋاقتى كەلگەندە ئۆزىمىز تۈزىۋالغان baha فونكىتسىيەسىنى كىرگۈزۈپ، قىممەت دائىرىسىنى بەلگىلەپ قويساقلا، بىزگە لازىملىق باھالارنى چىقىرىپ بىرىدۇ. قانداقلا بولمىسۇن بۇنى ئۆزۈممۇ بىر يېڭى بىلىم دەپ قارىغاچقا، دوستلارنىڭ پايدىلىنىشىغا سۇندۇم . ئەگەردوستلار خالىسا بۇ توغرىلىق داۋاملىق توختىلىمەن.

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
ۋاقتى: 2011-6-29 15:45:26|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى ھۆنەركەن... كىيىنكى قىسمىنى چىقىشىنى تۆت كۈزۈم بىلەن كۈتىمەن...
ۋاقتى: 2011-7-2 19:02:17|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Excelنىڭ Vbaقىسمىدىن پايدىلانسا ناھايىتى ئاسان بولىدۇ. نۇرغۇن قىيىن بولغان مەسىلىلەرنىمۇ ھەل قىلغىلى بولىدۇ. ئەگەر تورداشلار يولۇققان قىيىن مەسىلە بولسا مەن ھەل قىلىپ بېرەي.
ۋاقتى: 2011-7-2 19:18:24|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Excel ئۇستىسىدىن بىرى بارلىققا كەلدى... مەسىلە بولسا تەڭ بىرتەرەپ قىلايلى دوستلار..
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش