مىخلاڭساقلاڭيېڭى 2000 تېماتەۋسىيە تور كۆرگۈچىلەر:FirefoxChrome
baykax

baykax

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

جەمئىي مىكروبلوگ 2062 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • pari 2 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    جاپاكەش باغۋەنلەر بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!!

  • 阿吉米德 4 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئاراڭلاردا ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى بولسا تونۇشۇپ قاساق بوپتىكەن قېرىنداشلا.......

  • خانىدان 9 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!

  • زەپەر 23 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۇقۇتقۇچى ئۇستازلار ياخشىمۇ سىلەر بايقاش مۇنبىرى تۇلۇق ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى

  • دىلكەش تۈنۈگۈن 09:24 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭلارغا موبارەك بولسۇن~

  • 1چىچەك ئۈلۈشكۈن 18:05 [ئىنكاس(0)] [...]

    ياخشى بولماق مىڭ يىلچىلىك،يامان بولماق بىر دھمچىلىك.

  • 1چىچەك ئۈلۈشكۈن 18:00 [ئىنكاس(0)] [...]

    مقۋىلىك دەرەخنىڭ بېشى تۆۋەن،بىلىملىك ئادەمنىڭ يۇزى تۆۋەن.

  • شىرنە 3 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭىزلارغا مۇبارەك بولسۇن

  • 阿吉米德 4 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم بايقاش.......

  • نۇردۇن 12 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    سالام،دوسلار بايرىمىڭىلارگە بۇبارەك بولسۇن!بايراملىق تىللا سوۋغا قىلمامسىلە؟

  • پۇرخۇن 23 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    نېمە قىلىۋاتىسىز؟ دوستلىرىڭىز بېلەن ئورتاقلىشىڭ ...جاپاكەش ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن.

  • زەپەر ئۈلۈشكۈن 23:39 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۇقۇتقۇچى ئۇستازلار ياخشىمۇ سىلەر بايقاش مۇنبىرى تۇلۇق ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى

  • 1چىچەك ئۈلۈشكۈن 18:03 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئىشچاندىن تەر چىقىدۇ،ھورۇنندىن ئۇھ چىقىدۇ.

  • 1چىچەك ئۈلۈشكۈن 17:56 [ئىنكاس(0)] [...]

    دىلىڭدا نېمە بولسا تىلىڭدا شۇ.

كۆرۈش: 114|ئىنكاس: 5

خەلقىمىزدە تىل پەرھىزلىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

293

تېما

106

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
6765 سەر
تىللا
1727 دانە
تۆھپە
10811 سەر
شۆھرەت
5784 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىبايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنىبايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسىبايقاش مەلىكىسىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-22 02:18:35|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   گۈلزار تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-5-22 02:42  

خەلقىمىزدە تىل پەرھىزلىرى


    كۆپ يىللىق ئېتىقاد ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇش ئەمەلىيىتىدە خەلقىمىزدە ھەر خىل پەرھىز سىستېمىسى شەكىللەنگەن. گەرچە بۇنداق مەدەنىيەت ھادىسىسى خەلقئارا ئىلىم ساھەسىدە بۇرۇنلا تەتقىق قىلىنىپ، بىر مۇنچە نەتىجە يارىتىلغان بولسىمۇ، بىزدە بۇ ساھە تېخىچە ئاجىز ھالەتتە. شۇڭا، ئىجتىمائىيىتمىزدە شەكىللەنگەن بىر قىسىم مۇرەككەپ، مەنبەسى ئېنىقسىز پەرھىزلەرنى داۋاملىق تەتقىق قىلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. بۇ يازمامدا مەن تىل پەرھىزىمىزدىكى دەسلەپكى ئىزدىنىشلىرىمنى ئوقۇرمەنلەرنىڭ دىققىتىگە سۇنماقچىمەن:

    مىللەتلەرنىڭ ئىجتىمائىي، تارىخىي ۋە تەبىئىي ياشاش شارائىتى ئوخشىمىغاچقا، ئۇلارنىڭ تارىخىي تەرەققىياتىدا شەكىللەندۈرگەن ياشاش ئۇسۇلى ۋە تۇرمۇش ئادەتلىرىمۇ ئوخشىمايدۇ. ئىنسانلار پائالىيىتى باشتىن - ئاخىر مۇئەييەن ئادەتلەرنىڭ ھەيدەكچىلىكى ۋە چەكلىمىسىدە بولىدۇ. بىر مىللەت ياكى ئىجتىمائىي كوللېكتىپقا نىسبەتەن ئۇلار ئاڭلىق ياكى ئاڭسىز ئىجرا قىلىۋاتقان خاس ئادەتلىرى گويا ھاياتنىڭ قانۇنىيىتىدەك تۇيۇلىدۇ. ئەمما، ھەر قانداق مىللەتنىڭ تۇرمۇش ئادىتى تەبىئىي ۋە ئۆزگەرمەس ئەمەس، ئۇ ھەر قايسى دەۋردە پەيدىنپەي شەكىللىنىپ، ناچارلىرى شاللىنىپ، ياخشىلىرى تەدرىجىي پىشىپ يېتىلىدۇ.

   ئەجدادلىرىمىز قەدىمدىن تىلنىڭ ئالاھىدە ئىپادىلەش رولىغا ئەھمىيەت بەرگەچكە، قانداق شارائىت-سورۇندا نېمىنى دېيىش - دېمەسلىكتەك، مۇقەددەسلەنگەن ياكى ناپاك دەپ قارالغان شەيئىلەر ياكى ھادىسىلەرنى ئېغىزغا ئالماسلىقتەك ئادەتلەرنى يېتىلدۈرگەن. بۇنداق ئادەتلەر كېيىنچە كىشىلەرنى تىل جەھەتتىن چەكلەيدىغان پەرھىزلەرنى بارلىققا كەلتۈرگەن. «دېيىشكە بولمايدۇ»، «دېسە ياخشى ئەمەس»،«دېيىش مەنئى قىلىنغان»، «دېمەسلىك كېرەك» دېگەندەك سۆزلەر تىل پەرھىزلىرىدىندۇر. بۇلاردىن مەسىلەن:

     1. ئۆلۈم - يېتىملاردا دىققەت قىلىنىدىغانلىرى. ئەجدادلىرىمىز قەدىمدىنلا ئۆلۇم - يېتىمگە ئائىت تىل پەرھىزلىرىنى شەكىللەندۈرگەن بولۇپ، بىزدە ئالەمدىن ئۆتكەن كىشىنى «ئۆلدى» دېيىش چەكلىنىدۇ. مەسىلەن، «كۆلتېگىن قوي يىلىنىڭ 13- كۈنى ئۆچتى». بۇ جۈملىدىكى «ئۆچتى» سۆزى «ئۆلدى» مەنىسىدە بولۇپ، بىۋاسىتە «ئۆلدى» دېيىشتىن پەرھىز تۇتۇلغان. بۇ ئادەت دەۋرنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ تېخىمۇ مۇكەممەللىشىپ، بىرەرسى ئۆلۈپ كەتسە، ئۆلگەن ئادەمنى بىۋاسىتە «ئۆلدى» دېمەي، «بولالماپتۇ»، «ساقىيالماپتۇ»، «ۋاپات بوپتۇ»، «ئالەمدىن ئۆتۈپتۇ»، «قازا قىپتۇ»، «تۈگەپتۇ» دېگەندەك سۆزلەر بىلەن، ئۆينىڭ چوڭلىرى قازا قىلسا «ئۆينىڭ چىرىغى ئۆچۈپتۇ»، بوۋاقلار قازا قىلسا «چاچراپ كېتىپتۇ»، «چەتنەپ قاپتۇ» دېگەن سۆزلەر بىلەن ئىپادىلەيدۇ.
ئالەمدىن ئۆتكەن كىشىلەرنى ئاتىغاندا، بىۋاسىتە ئىسمىنى ئاتاشمۇ مۇسىبەت مەدەنىيىتىمىزگە مۇخالىپ بولۇپ، ھاياتتىن كۆز يۇمغۇچىنىڭ ئىسمىنىڭ ئالدىغا «مەرھۇم»، «مەرھۇمە»، «رەھمەتلىك» سۆزلىرىنى قوشۇپ ئاتاش ئادەتلىرىمىزگە ئۇيغۇندۇر.

    2 . ئەدەپ - ئەخلاققا دائىر تىل - نۇتقىمىزدا. خەلقىمىز ئەزەلدىن ئەدەپ - ئەخلاقنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ كەلگەن. چوڭلارنى ھۆرمەتلەش، كىچىكلەرنى ئىززەتلەش، ئاجىز، مېيىپ، ئاغرىقلارنى ئاسراش، ئۇلارنى مەسخىرە قىلماسلىق، كەمسىتمەسلىك مىللىتىمىزنىڭ ئەدەپ - ئەخلاق مىزانلىرىنىڭ مۇھىم قىسمى. بىزدە ئۆزىدىن چوڭلارنىڭ ئىسمى، لەقىمىنى بىۋاسىتە ئاتاش، مېيىپلەرنىڭ ئاجىزلىقىنى ھەرقانداق شارائىتتا تىلغا ئېلىش، باشقىلارنى كەمسىتىدىغان لەقەم بىلەن ئاتاش ئەيىب ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا، ئۆزىدىن چوڭلارنىڭ ئىسمىنى ئاتىغاندا ئىسمىنىڭ كەينىگە «ئاكا، ئاچا، ھەدە، تاغا، ھامما، چوڭ دادا، چوڭ ئانا، موما، بوۋا» دېگەندەك ھۆرمەت سۆزلىرىنى قوشۇپ چاقىرىش ئادەتكە ئايلانغان.

    3 .نىكاھ ۋە تۇغۇتقا دائىر پەرھىزلەر. خەلقىمىزدە بۇرۇندىن كېلىۋاتقان تەنتەنىلىك توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈش ئادىتى بولۇپ، بۇنىڭدىمۇ قانداقتۇر يىگىتلەرنى «خوتۇنسىراپ قاپتۇ»، قىزلارنى «ئەرسىرەپ قاپتۇ» دېگەندەك قوپال سۆزلەر بىلەن ئەمەس، بەلكى قۇلاققا يېقىشلىق، بالاغەتكە يەتكەنلەرنىڭ يۈزىنى قىزارتمايدىغان سۆزلەر بىلەن، يەنى قىزلارنى «بويىغا يەتتى، چوڭ بولۇپ قالدى»، يىگىتلەرنى «بۇرۇتى خەت تارتىپ قالدى»، «ياتلىق قىلىش»، «تالالىق قىلىش»، «قىز چىقىرىش»، «ئۆي - ئوچاقلىق قىلىش»، «بېشىنى ئوڭشاپ قويۇش»، «بېشىنى قوشۇپ قويۇش»، «ئۆيلەپ قويۇش» دېگەندەك سۆزلەر ئارقىلىق ئىپادىلەش تەلەپ قىلىنىدۇ. بۇلاردىن باشقا تۇغۇتقا ئائىت تىل پەرھىزلىرىمۇ ئاز ئەمەس. ئاياللارنىڭ بويىدا قالسا «قوسىقىدا بالىسى بار» دېيىش پەرھىز قىلىنغان بولۇپ، «ھامىلىدار»، «ئىككى قات»، «ئېغىر بوي»، «ئېغىر ئاياغ»، «بويىدا بار» سۆزلىرى بىلەن ئاتايدۇ. ئاياللار تۇغقاندا «تۇغدى» دېيىشمۇ پەرھىز قىلىنغان بولۇپ، ئاياللار تۇغقاندا «يەڭگىدى»، «بوشاندى»، «يېنىكلىۋالدى»،«كۆز يورۇدى» سۆزلىرى ئارقىلىق ئىپادىلەيمىز.

     تىلىمىزدا يەنە قارغىش تۈسىنى ئالغان سۆز - ئىبارىلەرنى دىيىشمۇ پەرھىز قىلىنغان، يەنى «ئۆلۈم كەلمىگەن»، «ئۆلمىگۈر»، «تۇز كور»، «تۇز ئۇرسۇن»، «نان كور»، «بېشىنى يەيدىغان»، «چاقماق ئۇرسۇن»، «لەنىتى»، «دوزىخىي»، «سېسىپ ئۆلگۈر» قاتارلىق قارغىش سۆزلىرىنى خالىغانچە دېمەسلىك كېرەك، بولمىسا قارغىش تۇتىدۇ، دەپ قارىلىدۇ.

    تىل پەرھىزلىرى ئىجتىمائىي تۇرمۇشىمىزنىڭ ھەممە تەرىپىدە ئۇچرايدىغان، تىل تەركىبلىرىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، كىشىلەرنىڭ ئېڭىدا ئۆزىدىن چوڭلارنىڭ ئىسمىنى، لەقىمىنى، ئەيىبىنى بىۋاسىتە دېيىش، شۇ كىشىگە بولغان ھۆرمەتسىزلىك ۋە شۇ كىشىنى كۆزگە ئىلمىغانلىق دەپ قارالسا، مېيىپ، ئاجىز، مەجرۇھ كىشىلەرنىڭ مېيىپلىقىنى ئەينەن ئاتاپ، دورىسا، كەمسىتسە بالىسى شۇنداق بولۇپ قالىدۇ، قارغىش سۆزلىرى بىلەن باشقىلارنى قارغىسا، قارغىش ئۆزىگە يانىدۇ، دەپ قارىلىدۇ.

     تىل پەرھىزلىرى بىرىنچى، تىلنىڭ رەڭدارلىقىنى ۋە سېھرىي كۈچىنى ئاشۇرىدۇ؛ ئىككىنچى، سۆز ئەينەن ئېيتىلماي، سىلىقلاشتۇرۇلۇپ ياكى ئەگىتىپ ئېيتىلىسا، باشقىلارنى بىئارام قىلىشتىن، خاپا قىلىشتىن ۋە كۈتۈلمىگەن كۆڭۈلسىزلىكلەرنىڭ يۈز بېرىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ؛ ئۈچىنچى، تىل دەۋرنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان بولغاچقا، ئۇ دەۋر ئالاھىدىلىكىنى نامايان قىلىپ بېرىدۇ؛ تۆتىنچى، تىل پەرھىزلىرى قەدىمكى دەۋرلەردىلا شەكىللىنىشكە باشلىغان بولۇپ، ئۇ قەدىمىيلىككە، مۇرەككەپلىككە ۋە چوڭقۇر قاتلاملىققا ئىگە بولىدۇ؛ بەشىنچى، پەرھىز قويۇق ئۆرپ-ئادەت تۈسىگە ئىگە بولىدۇ؛ ئالتىنچى، بىر قىسىم تىل پەرھىزلىرى بىزنى بىمەنىلىك، بىئەدەپلىكتىن چەكلەيدۇ. شۇڭا، ئانا تىلىمىزنىڭ ئىپادىلەش بايلىقىدىن ئەستايىدىل، ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش مىللىتىمىزنىڭ ھەر بىر ئەزاسىنىڭ مەجبۇرىيىتى دەپ قارايمەن.

    ئەسكەرتىش : بۇ تېمىنى  ئالدىراشلىقتا   ئىككى كۈندە  كۆچۈرۈپ چىققان ئىدىم. ئېھتىياتسىزلىقتىن ئاپتورنىڭ ئىسمىنى يازماپتىمەن . يېزىپ قوياي دىسەم گېزىت يوق تۇرىدۇ . شۇڭا ئاپتورىنى يازالماي قالدىم توغرا چۈشىنەرسىلەر .  
مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى
ھازىرغىچە 4 ئادەم باھالىدىقىزغىنلىقتىللاتۆھپەشۆھرەتيىغىشسەۋەبى
ئىلغار + 5 + 5 + 5 + 5ياخشى تېما.
سىرداش + 3 + 3 + 3 + 3ياخشىكەن..!
زەپەر + 3 + 3 + 3 + 3ياخشىكەن..!
بايقاش + 5 + 2 + 3 + 3ياخشى تېما.

ھەممە باھا نومۇرى : قىزغىنلىق + 16 تىللا + 13 تۆھپە + 14 شۆھرەت + 14  باھا خاتىرىسى

ئادەم ئەتكەنگە تەزىم ئەت .
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

5

تېما

11

دوست

523

جۇغلانما

ئەتتىرگۈل ئەزا

Rank: 3Rank: 3

قىزغىنلىق
96 سەر
تىللا
56 دانە
تۆھپە
97 سەر
شۆھرەت
114 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-23 00:16:38|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىللى ئەنئەنىگە مۇناسىۋەتلىك ياخشى تېما ئىكەن، راسلا دىققەت قىلمىسا بولمايدىغان پەرھىزلەر ئۇ،مۇشۇنداق تېمىلارنى داۋاملىق يوللاپ تۇرغايسىز  رەھمەت سىزگە قېرىندىشىم

باھا سۆز

گۈلزار رەھمەت قېرىندىشىم  يوللىغان ۋاقتى 2013-5-23 12:47

574

تېما

30

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
7207 سەر
تىللا
2942 دانە
تۆھپە
7889 سەر
شۆھرەت
5849 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-23 00:51:35|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەنئەنىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان ياخشى تىمىكەن رەخمەت سىزگە

باھا سۆز

گۈلزار رەھمەت  يوللىغان ۋاقتى 2013-5-23 12:48
ئۇقۇتقۇچى ئۇستازلار ياخشىمۇ سىلەر بايقاش مۇنبىرى تۇلۇق ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى

213

تېما

25

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
3675 سەر
تىللا
937 دانە
تۆھپە
8477 سەر
شۆھرەت
3503 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-23 01:16:18|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گۇلزار خانىم  ياخشىمۇ  سىز،
سىزنىڭ  ھەر  بىر تىمىڭىز  بايقاشقا  ئۆزگىچە  ھۈسۈن قۇشىدىكەن   رەھمەت  سىزگە،

باھا سۆز

گۈلزار سىزگىمۇ رەھمەت  يوللىغان ۋاقتى 2013-5-23 12:48
مۇنبەر  ئەھلىگە  سالام!

61

تېما

37

دوست

9175

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
1670 سەر
تىللا
1116 دانە
تۆھپە
1960 سەر
شۆھرەت
2011 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىجەۋھەر ئەزاكومپىيۇتىر ماھىرىبايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-23 20:36:53|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تىمىكەن ساقلىۋالدىم ،بقىلۋالمىساق بولمايدىغان بىلىملەركەن، رەخمەت سىزگە گۈلزار ،قوللىرىڭىزغا دەرت كەلمىگەي

باھا سۆز

گۈلزار ياقتۇرغىنىڭىزدىن خۇش بولدۇم .  يوللىغان ۋاقتى 2013-5-23 23:28
كەمىنە ئىلغاردىن بالىق دوسلارغا سالام

18

تېما

49

دوست

6262

جۇغلانما

ئىشەنچىلىك ئەزا

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
1204 سەر
تىللا
354 دانە
تۆھپە
1236 سەر
شۆھرەت
1463 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنىبابقاش يازغۇچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-23 12:55:18|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىزنىڭ بۇ نادىر تېمىڭىزنى يېنىشلاپ ئوقۇپ چىقتىم، ھەر ئوقۇغىنىمدا شۇنداق نۇرغۇن خەزىنە ئالتۇن ئاچقۇچىغا ئېرىشىم. مىللىي ئۆزلىككە بېغىشلانغان ۋە مىللىي ئىپتىخارلىقىمىزنى گۈلخان قىلىپ ياندۇردىغان مۇشۇنىڭغا ئوخشاش نادىر تېمىلىرىڭىزدىن داۋاملىق نەپ ئالسامكەن .
مەن بىلەن دوست بولۇشنى خالىغۇچىلار ئۈچۈن قۇلۇم كۆكسۈم
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2013-9-10 23:58, Processed in 0.553622 second(s), 38 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش