مىخلاڭساقلاڭيېڭى 2000 تېماتەۋسىيە تور كۆرگۈچىلەر:FirefoxChrome

baykax

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

جەمئىي مىكروبلوگ 1851 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • زەپەر تۈنۈگۈن 23:27 [ئىنكاس(0)] [...]

    بۇ ماۋسۇممۇ باشلىناي دەپ قالدى . شۇڭا ئۇقۇتقۇچىلار ئۈچۈن دەرىس تەييارلىقى بولسا يوللاپ ئۇلارغا مەدەت بى...

  • بەختىيار(بايقاش تۈنۈگۈن 10:41 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئايەم بۈگۈن،قۇتلۇق روزا ھېيىت!ھەممىڭلارغا بەخىت تىلەيمەن...

  • دىلرۇس ئۈلۈشكۈن 01:30 [ئىنكاس(0)] [...]

    بايقاشتىكى بارلىق ئەزىزلەرنىڭ ئايىمىگە مۇبارەك!

  • pari 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    توپقا قوشۇلالمايۋاتىمەنغۇ؟؟؟

  • abdihnijan 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالاممۇئەلەيكۇم باشقۇرغۇچى ئۇستازلار ياخىشمۇ سسللەر؟ئايەملەرگە مۇبارەك بولسۇن.مەن يىللارغا خىتا....

  • دىلداش 4 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئىسنىڭ ئاچچىقىنى مورا بىلىدۇ ھەسەلنىڭ تاتلىقىنى ھەرە

  • دىلداش 4 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئىنساندىكى ھۆسىن ۋە لاتاپەت ھايا بىلەن ئىپپەتتۇر،ھاياسىز يۈز جانسىز جەسسەتكە ئوخشايدۇ.

كۆرۈش: 263|ئىنكاس: 8

ئۇيغۇر-خەلق ماقال-تەمسىللىرى

 [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

8

تېما

0

دوست

227

جۇغلانما

ئەزىز مىھمان

قىزغىنلىق
47 سەر
تىللا
37 دانە
تۆھپە
44 سەر
شۆھرەت
41 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-19 14:01:54|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   سىياتاغ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-5-19 14:04  

ئات بايغا يارىشۇر،ناۋات چايغا يارىشۇر.
ئاقىلغا ئېيىتساڭ بىلەر،نادانغا ئېيىتساڭ كۈلەر.
بەخت نەگە بارىسەن،دوقاماڭلاينىڭ يېنىغا.
تالادىكى ئايجامالدىن ئۆيۈڭدىكى ھەلىمە پاخپاق ياخشى.
توشقاننى قۇمۇش ئۆلتۈرەر،ئادەمنى نۇمۇس ئۆلتۈرەر.
چامغۇر-زەدەك يەر ياراتماس.ئەسكى خۇتۇن ئەر ياراتماس.
تاغقا پاتمىغان ئۆچكە قازانغا پاتار.
تۈگە تويۇپ سەكرەيدۇ،ئات توڭۇپ سەكرەيدۇ.
دۈشمىنىڭ دوست ئەمەس،ئۆپكە قېرىن گۆش ئەمەس.
راست ئېيىتساڭ قۇتۇلىسەن،يالغان ئېيىتساڭ تۇتۇلىسەن.
قارنى يامان تويغىنىنى بىلمەس،بېخىل كىشى بېيىغىنىنى بىلمەس.
ماختانچاق بېلىمسىزنى دوست تۇتار.
ھالال يېگەن توق يەپتۇ،ھارام يېگەن پوق يەپتۇ.
ئادەم سىردىشىپ تېپىشار،ئات كىشنىشىپ.
ئادەم غەمنى يېمەيدۇ،غەم ئادەمنى يەيدۇ.
جىم ئاققان سۇ غەرىق قىلار.
چاپاق خوتۇننىڭ جىرتاق ئېرى بار،ياغاق ئاتنىڭ مايماق ئىگىرى بار.
دەزى يوق تۇخۇمغا چىۋىن قونماس.
ساپال ئۈچۈن ساق قالغۇچە،گۆھەر ئۈچۈن كۇكۇم تالقان بول.
قوشناڭنىڭ قىزىنى كېلىن قىلما،نىپىز يۈزۈڭنى قېلىن قىلما.
كاتاڭ يول ھارۋىنى بۇزار،يامان خوتۇن ئەرنى بۇزار.
ئەر پۇلدىن يۈز تاپىدۇ،ئايال داستىخاندىن.
ئەرزان گۆشنىڭ شورپىسى يوق،نامرات بەگنىڭ دورغىسى يوق.
بالا چوڭ بولمىغۇچە،ئانا چوڭ بولماس.
پاكار خوتۇن تويدا چانار، پاكار ئېشەك يولدا چانار.
تارچىلىقتا گۆش يېگۈچە،كەڭچىلىكتە مۇش يە.
چاشقانغا تۆشۈكتە ئارام،بۇۋاققا بۆشۈكتە ئارام.
خوتۇنۇڭ جېدەلخور بولسا ئۆيۈڭنىڭ كەڭلىكى بىلىنمەس،ئۆتۈكۈڭ تار بولسا جاھاننىڭ كەڭلىكى بىلىنمەس.
ئادىل پادىشاھ بولسا تىلەپ يەر.
ئابرويپەرەس نام كۆتۈرەر،ئېغىر بېسىق تاغ.
يىلاننىڭ تېشى سىلىق، ئىچى زەھەر.
ئات ئايىغان ئات مىنەر،كىيىم ئايىغان تون كىيەر،
ئات ئەر كىشىگە قەنات،
ئات قەدىرىنى بىلمەس پىيادە ماڭمىغىچە،
ئاتا بولمىغان ئاتا قەدىرنى بىلمەس،
ئاتاقتا بار ئەمەلدە يوق،
ئاتاڭدىن دۇنيا قالغىچە، ھۇنەر قالسۇن،
ئاتاڭغا نىمە قىلساڭ،بالاڭدىن شۇنى كۇرسەن،
ئاتنىڭ زىننىتى ئېگەر-توقۇم،
ئاچ قالمىغىچە ئاش قەدىرنى بىلمەس،
ئاچچىق-تاتلىقنى تېتىغان بىلۇر،يىراق-يېقىننى يۇرگەن بىلۇر،
ئاچچىقىڭ كەلسە لىۋىڭنى چىشلە،
ئاچكۇز تويماس بېخىل بېيىماس،
ئاخىرلاشمايدىغان زىياپەت يوق،
ئادەم ئادەم بىلەن پىستە بادام بىلەن،
ئادەم ئادەمگە ئەينەك،
ئادەم ئەپتىدىن بىلىنەر،ئوت تەپتىدىن،
ئادەم ئەتكەنگە تەزىم ئەت،
ئادەم ئەللىك يىلدا يىتىلەر،دەرەخ ئون يىلدا،
ئادەم بىر خىل مىجەزى ھەر خىل،
ئادەم ئېغىزدىن كىتەر،ھايۋان مۇڭگۇزدىن،
ئادەمنى بىلمەكچى بولساڭ ئۇنىڭ دوستىغا قارا،
ئادەمنىڭ تېشىغا باقماي،ئىچىگە قارا،
ئادەمنىڭ سۇلىتىگە باقماي،مېھنىتىگە قارا،
ئادەمنىڭ قەدىر قىممىتى ئۇزىنى بىلىشتە،
ئارپا-تېرىقئاش ئىكەن،ئۇنچە-مارجان تاش ئىكەن،
ئارمانغا چۇشلۇق دەرمان يوق،
ئازمايدىغان ئىنسان يوق،
ئاسمان يىراق يەر قاتتىق ئۇلەي دىسەم جان تاتلىق،
ئاسماندا ئۇچقان قۇشنىڭمۇ سايىسى يەرگە چۇشەر،
ئاغىرىق قالسىمۇ ئادەت قالماس،
ئاغزى مايلاشقاننىڭ تىلى باغلىنار،
ئاغزىدا كۇلكە-چاقچاق قوينىدا پالتا پىچاق،
ئاغزىڭ گەپتە بولسىمۇ قۇلۇڭ ئىشتا بولسۇن،
ئاقىلغا ئىشارەت،نادانغا سۇز،

مەنبە، ئۇيغۇر خەلىق ماقال-تەمسىللىرى،كىتاپتىن ئېلىندى.
ئەبلەخكە جاۋاپ جىملىقتۇر.
ئەپ ئالتە بولماپتۇ ، يەپ يەتتە بولماپتۇ.
ئەپتىڭ يامان بولسا ، ئەينەكتىن كۆرمە.
ئەپچىل ئادەم مىنگەن ئات قانات چىقىرىپتۇ .
ئەپقاچتى گەپتە يۈگەن بولماس.
ئەتە قوپۇپ قوشناڭغا باق .
ئەتە كېلىڭ ،ئۆگۈن كېلىڭ ،ھەل بولمىسا سەۋر قىلىڭ .
ئەتتىگەن تويمىغان قورساق كەچكىچە تويماپتۇ .
ئەتتىگەندە قىلسا ناشتا، كېسەل بولماس باشتا .
ئەتتىگەندە يول يۈرسەڭ ،كەچتە سۆيىنەرسەن .
ئەتكەن ئېشىڭ شۇ بولسا ، ئىسىتقان ئېشىڭ نىمە بولار .
ئەتلەس سۇغا چۆكمەس .
ئەتلەس كىيسەڭ ، بۆز كىيگىنىڭنى ئۇنۇتما .
ئەتمەك تەس ، بۇزماق ئاسان .
ئەتىدىن پەتە ئۇلۇغ .
ئەتىرنى تولا چاچسا ، ئەۋرەز پۇرايدۇ .
ئەتىكى دۈمبىدىن بۈگۈنكى ئۆپكە ياخشى.
ئەتىگە بۈگۈن پىلان تۈز.
ئەتىگە قالغان ئىشقا قار ياغار .
ئەتىگە قالغان ئىشىڭ ئىلگىرى باسماس.
ئەتىگە قىلساڭ ناشتا ، سەپرا توختىماس باشتا.
ئەتتىگەن تۇرداڭ ئالدىڭدىن كۈن چىقار ،كەچ تۇرساڭ كەينىڭدىن تۈن چىقار .
ئەتىگەن تۇرۇپ يان- يېنىڭغا باق ، ئەل قاياققا باقسا سەن شۇياققا باق .
ئەتتىگەن تىككەن دەرەخنىڭ سايىسىنى كەچتە ئىزدەپتۇ.
ئەتىگەندە كۈننىڭ چىقىشىنى باق،پېتىشىغا باق.
ئەتتىگەندە ئۆي سۈپۈرمىسە،كەچكىچە پۇشايمان،ياشلىقىدا ئەرگە تەگمىسە،ئۆلگىچە پۇشايمان.
ئەتتىگەنكى بازارنى ئۆتكۈزمە،كەلگەن خېرىدارنى كەتكۈزمە.
ئەتتىەەنكى رىزقىڭنى تاشلىما.
ئەتتىگەنكى سودىدىن يانما.
ئەتتىگەنكى مۇشتىن يانما.
ئەتتىگەنكى ناشتىدىن قالساڭ،كەچكىچە پۇشايمان،دەسلەپكى سودىدىن يانساڭ چۈشكىچە پۇشايمان،تۇنجى خوتۇندىن ئايرىلساڭ ئۆلگىچە پۇشايمان.
ئەتىنىڭ تەدىرى ئاسماندا .
ئەتىۋارسىز تۇرغۇنۇڭدىن ئەتىۋارلىق ئۆلگىنىڭ ياخشى.
ئەتىۋار كۈچلۈك ئىگىسىز قاپتۇ.
ئەتىياز ئاپتىۋىدىن قاچ، كۈز ئاپتىۋىدا يات.
ئەتىيازدا بالدۇر قوپ،كۈزدە كېيىن يات.
ئاتىيازدا توخو تويماس.
ئەتىيازدا سال ،كۈزدە ئال.
ئەتىيازدا قايماق يەپ،كەچكۈزدە كېكىردىم.
ئەتىيازدا قۇلدەك ئىشلىسەڭ،قىشتا بەگدەك يەيسەن.
ئەتىيازدا قۇيماق يەپ،قىشتا كېكىرىپتۇ.
ئەتىيازدا كەلگەن مېھماندىن،كۈزدە كەلگەن ئوغرى ياخشى.
نەغمىسىز توي بولماس،لەقەمسىز ئەر.
ئەتىيازدا ئىشنى پۇختا قىلساڭ،يىلىڭ ياخشى ئۆتەر.
ئەتىيازدىكى سۇسىز يەر، كۈزدە بولۇر تېتىر يەر.
ئەتىيازدىكى ھەرىكەت ،كۈزدىكى بەركەت.
ئەتىياز كۆكلەم،ئەمگەك بىلەن كۆر كەم .
ئتىيازنىڭ ئاپتىۋىغا كېلىنىڭنى سال،كۈزنىڭ ئاپتىۋىغا قىزىڭنى.
ئەتىيازنىڭ ئاپتىۋىغا ئىشەنمە،خوشەمەتچىنىڭ ماختىشىغا ئىشەنمە.
ئەجەل يەتمەي جان چىقماس،بېخىل بايدىن نان چىقماس.
ئەجەل يولى كەكلىكنىڭ قەدىمىدىنمۇ قىسقا.
......................................................

ئانا يۇرتۇڭ ئامان بولسا،
رەڭگى روھىڭ سامان بولماس.
مەنىسى:ۋەتەندە تىنچ-ئىەتتىپاقلىق مۇھىتى بولغاندىلا كىشلەر شاد-خورام ،بەختلىك تۇرمۇش شارائىتىغا ئېرىشەلەيدۇ.

ئەل بار يەردە ئەر بار
مەنىسى: ئەل ئارسىدىن نى-نى ئالىجاناب، پەزىلەرلىك، قەيسەر، باتۇر ئادەملەر چىقىدۇ.

ئەل بىلەن ئۆلۈم بەجايىكى توي.
مەنىسى: ھەر
  ۋاقىت ھەممە ئىشتا ئاممىدىن ئايرىلماي ، جاپادىمۇ،راھەتتىمۇ جامائەت  بىلەن بىللە بۇلۇش لازىم.
  
ئەلگە باققان خار بولماس.
مەنىسى: ھەر كىم يۇرتىنى خەلقىنى سۈيۈپ، بارلىقىنى خەلققە بېغىشلاپ، ئىتتىپاقلىقنى قۇغدىغاندىلا ئىززەت-ھۈرمەتكە ئېرىشىپ،قەدىر-قىممىتى بىلەن ياشايدۇ.

ئەل ئىچى ئالتۇن بۆشۈك.
مەنىسى:خەلقنىڭ ھىممىتى، مىھىر-شەپقىتى زور بايلىق، خەلق دوستقا،سەمىمى، ئاقكۈڭۈل ئادەمگە قوينىنى كەڭ ئىچىپ، ئىللىقلىق ئاتا قىلىدۇ، غەمخورلىقىنى ئايىمايدۇ.
  

ئەل رەھمىتى خۇدا رەھمىتى
مەنىسى:
  ھەرقاچان ، خەلقنىڭ جامائەتنىڭ ئارزۇ-ئۈمىدى، رازىلىقى بۇيىچە قىلىنغان ئىش ئاللانىڭ رازىلىقى، رەھمىتىگە سازاۋەر بۇلىدۇ.

ئەل سۆيمىگەن ئەر _____ مىۋىسىز دەرەخ.
مەنىسى: خەلقتىن يۈز ئۆرىگەن ، زىيان سالغان ئادەم ئىنسانى قەدىر-قىممىتىدىن مەھرۇم قىلىپ، خۇددى مىۋىسى يوق قۇرۇپ قالغان دەرەختەك ئاقىۋەتكە قالىدۇ.

ئەل قايان، سەن شۇيان.
مەنىسى: ھەرقانداق كىشى تۇرمۇشتىا جاپادىمۇ، راھەتتىمۇ ئامما بىلەن بىرگە بۇلۇپ ، ئاممىنىڭ رايى بۇيىچە ئىش قىلىپ ، ئاممىدىن ئايرىلماسلىق.

ئەل ھىممىتى دەريا
مەنىسى: خەلقنىڭ دوسھتقا ۋە ئاقكۈڭۈل ،سەمىمى كىشلەرگە نىسبەتەن قوينى كەڭ، مىھىر شەپقىتى چەكسىز،مەرھىمىتى، ياخشىلىقى، ياردىمى ھىساپسىز.

پادىشاھلىق ئەل بىلەن،
تۆمۈرچىلىك يەل بىلەن.
مەنىسى: ھەر قانداق باشلىق، رەھبەر ئاممىغا تايىنىش، ئاممىغا كۈيۈنۈش بىلەن قۇدرەت تاپىدۇ.ھۈنەرۋەن ھۈنىرىگە تايىنىپ نام چىقىرىدۇ.

تۇغۇلغان يەرنىڭ تېشى گۈھەر،سۈيى كەۋسەر.
مەنىسى:ھەركىمنىڭ قەدىر-قىممىتى ،ئىززەت ئابرۇيى تۇغۇلۇپ ئۈسكەن يۇرتىدا، ئۆز ۋەتىنىدە.
  
كىشىنىڭ يۇرتىدا سولتان بولغىچە،
ئۆز يۇرتۇڭدا ئولتان بول.
مەنىسى: ھەر كىم ئۈچۈن تۇغۇلۇپ ئۈسكەن يۇرت- ۋەتىنى ھەممىدن ئەزىز.

خەلقنى ئالدايمەن دىگىنىڭ ئۆزۈڭنى ئالدىغىنىڭ.
مەنىسى: تۇرمۇشتا ساختىپەزلىك قىلماي، سەمىمى ئاقكۈڭۈل بۇلۇش، سودا سىتىقتا ئادىل، گەپ-سۆزدە راستچىل بۇلۇش.


خەلق ياندۇرغان چىراغنى پۈۋلىگەننىڭ ساقىلى كۈيەر.
مەنىسى: خەلق رايىغا قارشى ئىش تۇتقانلارئاخىر ھالاكەتكە يۈز تۇتۇپ ئۆز بىشىنى يەيدۇ.

دەريادىكى بىلىقنىڭ باھاسى يوق.
مەنىسى: ھەر ئادەم ياكى نەرسىنىڭ قەدىر-قىممىتى ئۆزى ۋۇجۇدقا كەلگەن ۋە ياشىغان يۇرت-ماكانىدا ۋە ۋەتىنىدە ئىپادىلىنىدۇ.

دىلى ئۇچۇقنىڭ قۇلى ئۇچۇق،
ئەل سۆيگەننىڭ يۇلى (ئۇچۇق).
مەنىسى: كۈڭلى يۇمشاق ،رەھىمدىل ئادەم باشقىلاردىن ھىچنىمىسىنى ئايىمايدىغان، مەرت-سېخى بۇلىدىغانلىقى ،يۇرتىنى خەلقنى
  قەدىرلەيدىغان  ئىسىل پەزىلەتلىك ئادەمنىڭ ئىشلىرى ئوڭۇشلۇق يۈرىشىدىغانلىقى.

سەل تاش سانىساڭ،
خلق قۇم سانايدۇ.
مەنىسى:
  بىر ئادەمنىڭ ئەقىل -پاراسىتىگە قارىغاندا  ئاممىنىڭ ئەقىل-پاراسىتى كۆپ.

قۇلۇڭدىن كەلسە،
ئەلدىن ئايىما.
مەنىسى: ئادەم ھۈرمەت -ئابرويغا ئېرىشىش ئۈچۈن ھەرۋاقىت خەلق ئۈچۈن ئىشلەش، خلق مەنپەئەتىنى كۆزلەش، خەير-ساخاۋەتلىك ئىشلارنى قىلىش كېرەك.

ئۆزۈڭ ئۈچۈن كۈلەرسەن،
يۇرتۇڭ ئۈچۈن ئۆلەرسەن.
مەنىسى: ئادەم كۈڭۈل شادلىقى ۋە شان-شەرەپكە ئېرىشىش ئۈچۈن ئەل يۇرتنىڭ ئىشلىرىغا ھەسسە قۇشۇش، بارلىقىنى بېغىشلاش كېرەك.

ئۆز ئېلىڭنىڭ نېنىنى يە،
كىچە-كۈندۈز غېمىنى يە.
مەنىسى: ھەر ئادەم ئۆز يۇرتىدا تېرىكچىلىك قىلىشنى ئەلا بىلىپ ،ئۇنىڭ ئوتىدا كۈيۈپ، سۈيىدە ئېقىشى لازىم.

خالىسىڭىز شاپتول يەڭ، خالىسىڭىز شاپىلاق (يەڭ).

خانغا يارىغان ئىشىم تازغا يارىماپتۇ.

خوتۇنغا ئامىراق بالىغا ئۆچ، قايماققا ئامىراق كالىغا ئۆچ.

بۇغداي پاتمىغان ئاغزىمغا موزاي بېشى بوش كەلدى.

ئەمىتاخۇن چۈشكۈرۈپ قويسا، مەمىتاخۇن زۇكامداپتۇ.

پاقا سوزۇلۇپ يىلان بولالماس، مۇماي ياسىنىپ جۇۋان (بولالماس)

تازنىڭ كۆزى چاچتا، قىزنىڭ كۆزى قاشتا.

توخونى كۆلچەككە ھەيدەپتۇ، ئۆردەكنى قونداققا.

چىش دورىسى ئامبۇر، ئۆپكە دورىسى چامغۇر.

ساختىپەزدىن تۇخۇم ئالساڭ، ئىچىدىن سېرىقى چىقماس.

غازنىڭ مېڭىشىنى دورايمەن دەپ، قاغىنىڭ پۇتى سۇنۇپتۇ.


كۆز ئۇيقۇغا كەتكەندە، قوڭ بۇخاراغا كېتىپتۇ. ئېشەككە كۈچۈڭ يەتمىسە ئۇر توقۇمنى. ئىشتانغا چىقارغان كۆڭۈلگە تايىن، قاچقاننى قوغلا، قوغلىغاندىن قاچ. ئادەمنىڭ يوقلۇقىدىن، ئۆچكىنىڭ ئىتىنى ئابدۇكېرىم قويۇپتۇ. چۆجىنىڭ شۇملۇقىدىن توخۇنىڭ ئەمچىكى يوق. ئانامنىڭ ئۆلۈشىنى بىلگەن بولسام، ئىششەك كېپەككە سېتىۋالار ئىدىم. چىققان كۆز ئورنىغا كەلمەس. ئۇيانغا تارتسا ئات ئۆلىدۇ، بۇيانغا تارتسا ھارۋا سۇنىدۇ. مەرتەم - مەرتەم ئۈچ مەرتەم. ئەلچىگە ئۆلۈم يوق. خۇدايىم بىلىپ ئېشەككە مۈڭگۈز بەرمىگەن. زىمىستان كۆرمىگەن بۇلبۇل،   باھارنىڭ قەدرىنى بىلمەس. جاپانى چەكمىگەن ئاشىق، ۋاپانىڭ قەدرىنى بىلمەس. تاياق دۆنى كۆندۈرىدۇ. قۇدۇقنىڭ قەدرى چۆلدە بىلىنەر. ئەچكۈنىڭ دائىم ئوچۇق تۇرسا گەپ يوق، قوينىڭ بىر قېتىم ئوچۇق قالسا ھۇيت - ھۇيت. ھەممە قوي ئۆزىنىڭ پېيىدا ئېسىلىدۇ. ئۆتكەمىدىن ئۆتۈپ غەلۋىردە توختاپتۇ، ئازنى دەپ جىقتىن قۇرۇق قاپتۇ. ئەتىيازدا قۇيماق يەپ، كەچكۈزدە كېكىرىپتۇ. خاندەك گاداي بار، گادايدەك خان (بار). شامال يەپ بوران كېكىرىپتۇ. داۋا قېرىماس، ھېسابنى ئوغرى ئالماس. بىكاردىن ئېشەك بولسا، بۇخارادىن مۇز توشۇپتۇ. ئىش قورالىڭ ساز بولسا، مۇشەققىتىڭ ئاز بولار. توخۇي تويماس، ئۇچۇرغاننى قويماس. كىشىنىڭ يۇرتىدا دوتەي بولغىچە، ئۆزۈڭنىڭ يۇرتىدا پوتەي بول. ئەل سىلىسا ئەل ئايىقى، ئەل سىلىمىسا ئىت يالىقى. تۇغۇلغان يەردىن تۇرغان يەر ئەلا، (تۇرغان يەردىن تۇغۇلغان يەر ئەلا). ئېسىڭنىڭ بارىدا ئەلنى تونى، كۈچۈڭنىڭ بارىدا يەرنى تونى. ياخشى يىگىت ئەلنى قوغدار. سەن سۆيمىسەڭ ھېچ گەپ ئەمەس، ئەل سۆيمىسە ھالىڭ خاراب. كۆپ يامغۇر يەرنى بۇزار، كۆپ گەپ ئەلنى (بۇزار).
چىغ تۈۋىدە ئېيتقان ناخشا مەرىكىدە قاملاشماپتۇ. ئىت ھۈرەر، كارۋان يۈرەر. ئادالەتسىز ئىشتىن بۆشۈكتىكى بوۋاقمۇ قورقىدۇ. كۆڭۈلدە شەك بولمىسا قۇرۇق گەپتىن قورقما. كېكەچ بولسىمۇ باينىڭ بالىسى سۆزلىسۇن. ئىشنى قىلغان كانەيچى، بالاغا قالغان سونەيچى. قېتىق ئىچكەن قۇتۇلدى، تاۋاق يالىغان تۇتۇلدى. ئوڭدا ياتقان گىردە يەپتۇ، كەتمەن چاپقان جىگدە (يەپتۇ). يەرسىز ئىدىم يەرلەندىم، توقماق ئېلىپ قىرلاندىم. چاشقانغا قىيىن،   مۈشۈككە ئويۇن. سەۋرىدىن ھالۋا پۈتەر. سەۋرە قىلساڭ غورىدىن ھالۋا پىشار. كۆڭۈلنىڭ تۈۋرۈكى سەۋەب. ئات كەينىگە مىنگەشمە، مىنگەشكەندىن كېيىن ۋاي دېمە. ئۆزىنى ئايىغان سۇلتان، ئۆزىنى ئايىمىغان سۇلتان. تويغا بارساڭ تويۇپ بار، تېقى - تاۋا كىيىپ بار. ئېلىپتەك ئوتتۇرى بولساڭ ھېچ بالا يوقتۇر ساڭا، لام ئېلىپتەك ئەگرى بولساڭ ھەر بالا باردۇر ساڭا. بالاڭنى ئەدەپكە ئۆگەتمىسەڭ نەسلىڭ قۇرۇر. تالادا قاپاق تۈرۈپ ئۆتسەڭمۇ، ئۆيگە كىرگەندە چىراي ئېچىپ كۈت. ئاتاڭغا نېمە قىلساڭ بالاڭدىن شۇنى كۆرىسەن. كىيىمنى تازىلىقتا ساقلا، ئابروينى ياشلىقتا (ساقلا).
قاغىنىڭ قېرىسىنى بىلگىلى بولماس، ئادەمنىڭ ئالىسىنى (بىلگىلى بولماس). ئوغرىلپ كەلگەن ناغرىنى چالغىلى بولماس. لولى قولدىن ئالىدۇ، ئوغر يولدىن (ئالىدۇ). يېرىم باينىڭ ياتقۇسى كەلمەس، كىيىمى يېلىڭنىڭ قوپقۇسى (كەلمەس). نەقتىن ھەسەل چىقار، نېسىدىن كېسەل (چىقار). دەرد كەلسە جۈپ، دۆلەت كەلسە تاق. ساغرو ئاڭلىغىنىنى قويماس، قارىغۇ كۆرگىنىنى (قويماس). ئۆچكىنى ئۆز ئايىغى بىلەن ئاسار. ئاڭلىغان قۇلاقتا گۇناھ يوق. ئوت بىلەن سۇ ئادەمنى ساقلاپ تۇرمايدۇ. يىلان چاقسا يولۋاسمۇ چىرقىرايدۇ. سۇ ئاققان ئېرىقتا سۇ ئاقماي قالماس. ئۆينىڭ بېشى بولمىسا ئۆچكىنىڭ ئېتى ئابدۇراخمان. شەھەرنى سۇ ئالسا ئۆردەككە تۆش يوق. قۇرۇققا قۇرۇق يۇقماپتۇ. پۈرۈككە ئوسۇرۇق (ياقماپتۇ). بىلىپ ئىش قىلغاننىڭ بېلى ئۇشالماس. چىلىمىڭغا بېقىپ تاماكا سال، ئەقلىڭگە بېقىپ پاراڭ (سال). ئىشتانسىزغا ئاغ زايا، ئەقىلسىزگە جان (زايا). بىلگەنگە بىر سوراق، بىلمىگەنگە مىڭ (سوراق). ئوقۇغان ئۇچار، ئوقۇمىغان توزار. شۆھرەت ئىزدىگىچە بىلىم ئىزدە. ئوقۇغان ئوغۇل ئاتىدىن ئۇلۇغ.   ئوقۇش جاپالىق، كەينى ۋاپالىق. تىلىدىن كەلگەن قولىدىن كەلسە   ھەركىم پادىشاھ بولۇر. بىر كىتاب ئوقۇساڭ بىر ئەقىل قوشۇلار. بىلمىگەننى سوراپ ئۆگەنگەن ئالىم، ئارلىنىپ سورىمىغان ئۆزىگە زالىم. بىلىمسىز ئادەم يوپۇرماقسىز دەرەخ. ئاچنىڭ كۆزى ناندا، توقنىڭ كۆزى ھېكمەتتە. پاكىت ئالدىدا پىل ئوسۇرۇپتۇ. بىلگەن بىلگەننى ئىشلەر، بىلمىگەن بارمىقىنى چىشلەر.   دەردىڭ بېگىمگە يەتكىچە بېلىڭ سۇنۇپتۇ. ئېيتام تىلىم كۆيەر، ئېيتمىسام دىلىم (كۆيەر). گەپ قىلسا گەپ بوپتۇ، گەپ قىلمىسا دەرد (بوپتۇ). ھەر كىم قىلسا ئۆزىگە قىلىدۇ. بۈركۈتنىڭ چاڭگىلى بولسا، تۈلكىنىڭ باردۇر خۇداسى. قازاننىڭ گۇۋاھچىسى چۆمۈچ. كۈننى ئېتەك بىلەن ياپقىلى بولماس
دەرەخ غولىدىن سۇنماس، شېخىدىن سۇنار. نادان گۈلگە يۈگۈرەر، زېرەك مېۋىگە يۈگۈرەر. ياش كۆچەتنىڭ مېۋىسى سەرخىل. قىڭغايغان دەرەخ غولىماي قالماس كۆچەت سالساڭ پۇتاپ تۇر، ئوتياش تېرىساڭ ئوتاپ تۇر. دۆڭگە جىرىم سالما، چوڭقۇرغا ئۆي سالما. چىلانغا چۆل ياخشى،   ياڭاققا كۆل. بىرىنى كەسسەڭ ئوننى تىك، پالتا ئېلىپ تاغقا چىق، سېۋەت ئېلىپ باغقا. بېغى بارنىڭ تېغى بار. تاۋۇزنىڭ خېمى — باققالنىڭ غېمى. تېپىپ يەي دېسەڭ باغ قىل، بېقىپ يەي دېسەڭ مال (قىل). ئېچىخ بېشىدا دەرەخ كۆكلىمەپتۇ. ئانارنى كۆلگە تىك، ئەنجۈرنى چۆلگە (تىك). ئاۋۋال تام ئەت، ئاندىن باغ (ئەت). شاپتۇلدا باغ ئەتمە، ئۆچكىدە مال (ئەتمە). باغنى باقساڭ باغ بولۇر، پاتمان - پاتمان ياغ (بولۇر).
مىڭ سەر ئالتۇن تاپقىچە،   بىر ياخشى دوست تاپ. سۆڭىكىڭ سۇنسىمۇ دۈشمىنىڭگە سىر بەرمە. يەر تاغسىز بولماس، ئەل ياۋسىز (بولماس). شەرىئەتنىڭ مىڭ بىر پۇتىقى بار. شەرىئەت قىلىچتىن ئىتتىك، قىلدىن ئىنچىكە. ئەلچىگە ئۆلۈم يوق، جارچىغا كۆرۈم يوق. يارلىق بولسا ياسىداق. پادىشاھ ئادىل بولسا، پۇقرالار مايىل بولۇر. ھاكىم تۈزۈك بولمىسا يۇرت بۇزۇلار. قول قولنى تونۇيدۇ، شەرىئەت يولنى (تونۇيدۇ). غوجىنىڭ غوجىسى بار،م چامغۇرنىڭ ئورىسى (بار). كىمنىڭ زۇلۇمى كۆپ بولسا، شۇنىڭ زاۋالى يېقىن بولۇر. ياقىسىز چاپان بولماس، قانۇنسىز سۇلتان (بولماس). دەۋاگەر سۇس بولسا، قازى مۇتىھەم بولۇر. ئادالەتسىز كىشى قىلسا شاھلىق. تولا ياخشى بۇ شاھلىقتىن گادايلىق.   ھەق دېمەك ئاچچىق يېمەك. ئالتۇن ئوتتا تاۋلىنار. ئات ئېغىنىغان يەردە تۈك قالۇر. تامچە ئۇششاق بولسىمۇ تاشنى يارار. تاۋاقنىڭ سىرى كەتسىمۇ، سىنى كەتمەس. توغرى سۆز تومۇرنى تېشەر، يۇمشاق سۆز قىلىچنى كېسەر. تاغ قانچىمۇ ئېگىز بولسىمۇ، كۈننىڭ ئاستىدا تۇرىدۇ. كۈن چىقمىسىمۇ كەچ بولىدۇ، خوراز چىللىمىسىمۇ تاڭ ئاتىدۇ. قورققان يەردە جىن بار. ئىچى توشمىسا تېشىغا چىقماس. تاغنى ئوقۇرۇق بىلەن ئەگكىلى بولماس، دېڭىزنى قېيىق بىلەن بۆككىلى بولماس. ئاچ قۇيرۇقى يېشىلەر، غەم قۇيرۇقى يېشىلمەس. پاقىغا چىنەپ قۇيرۇق بېرىپتۇ. قوغۇن پىشسا ساپىقىدا تۇرماس. كۆيدۈرسىمۇ كۈن ياخشى. كۆڭۈل ئويغا تويمايدۇ، بۆرە قويغا (تويمايدۇ). چاي تۆكۈلۈپ سىياھ بولماس، يۇلتۇز يىغىلىپ ئاي (بولماس). بۆرىسى يوق جاڭگال بولماس. گال پىچاقتا گۆش توغرىغىلى بولماس، ئۆتۈك سالماي پۇت قاشلىغىلى بولماس. قاننى قان بىلەن يۇغىلى بولماس. كىشىنىڭ دەردى كىشىدە قالماس. كۈننى ئېتەك بىلەن توسقىلى بولماس، ئۆلۈكنى قار بىلەن كۆمگىلى بولماس. يالغۇز لىم بىلەن ساراي بولماس، يالغۇز گۈل بىلەن باھار بولماس. ئىتنى چىشلىمەيدۇ دېمە، ئاتنى تەپمەيدۇ (دېمە). لايدىن ياسىغان كوزا سۇغا چۈشسە تازا چىقماس. ئۆتكەمىدىن ئۆتكەن سايزىدا توختاپتۇ. قىش باھارنى توڭدۇرالماس.   ئوتى بار يەرنىڭ سۈيى يوق، سۈيى بار يەرنىڭ ئوتى يوق. ئالدىرىغاننىڭ ئوشۇقى تېيىشىپتۇ. ئالدىرىساڭ ئازارسەن. تىلىگەندىن تېنىگەن يامان. سۈتتىن ئېغىزى كۆيگەن قېتىقنىمۇ پۈۋلەپ ئىچەر. ئوغرىنىڭ يۈرىكى پوك - پوك. جىم ئاققان سۇمۇ غەرق قىلۇر. قومۇچنى قىيا تۇتساڭ قولۇڭنى كېسەر. چوڭ توقاچ پىشقىچە كىچىك توقاچ كۆيۈپتۇ. بالىنىڭ ئىشى ئىش بولماس، ئۆچكە مۈڭگۈزى شىش(شىش — ياغاچنى ئۇچلاپ ياسىغان تاياقچە) (بولماس). قەغەز بىلەن شەھەر قوپارساڭ ئۈچ كۈنگە پايلايدۇ. قاپاقتا نېمە بولسا تېشىغا شۇ تېپىدۇ. بەتتام قوغۇننىڭ ئۇرۇقى تولا.
بۇ دۆلەت سەندە تۇرماس، بۇ مەينەت مەندە (تۇرماس). كەمبەغەل مانتا سالسا پوم چىقىپتۇ. نامراتتا يوغان يۆتەل، ئاجىز ئۇيدا يوغان مۈڭگۈز. ھالالنى تاپالمىسام ھارام يېمەي ئۆلەيمۇ؟ سۇ ئويغا ئاقىدۇ، پۇل بايغا (ئاقىدۇ). پۇل بولسا جاڭگالدا شورپا. توي تونلۇقنىڭ، ھېيت ئاتلىقنىڭ. تاق دېگىلى توخۇسى يوق، پەش دېگىلى مۈشۈكى (يوق). تازنىڭ نېمىسى بار تۆمۈر تاغىقى، گاداينىڭ نېمىسى بار ياغاچ قاپقىسى. پۇلى بارنىڭ گېپى ئوڭ، پۇلى يوقنىڭ گېپى توڭ. باي سېغىنغاندا يەر، كەمبەغەل تاپقاندا (يەر). بارنىڭ كىيگۈسى كەلمەپتۇ، يوقنىڭ ئاۋارزى[ZW)]ئاۋارزى — تەشنالىق، ئارزۇ، خۇمار.[ZW(] قانماپتۇ. باي بېخىل، گاداي خىجىل. باي ماختانسا تېپىلار، يوق ماختانسا چېچىلار. باي مېلىنى سۆزلەر، گاداي مۇڭىنى (سۆزلەر). بېگىمنىڭ قارنى توق، قۇلى بىلەن ئىشى يوق. شەيىخىمنىڭ قارنى توق، مۇرىتى بىلەن ئىشى يوق. بار، بارغا باتۇر، يوق يەرگە قارۇر. تونۇغاننى يونىغان. پۇلى بارنىڭ يۈرىكى پۈتۈن، پۇلى يوقنىڭ ئالدى تۈتۈن. مال - دۇنيا بولسا شەيتاننىمۇ ئىشقا سالغىلى بولىدۇ. كەمبەغەلنىڭ مۈشۈكى چاشقان تۇتسا، باينىڭ مۈشۈكى توشقان تۇتۇپتۇ.
بوراندا ئۇيقۇ ياخشى، يامغۇردا گۆش (ياخشى). جۈمە ياغسا شەنبە توختار، شەنبە ياغسا قاچان توختار. ياز يېپىنچا، قىش ئوزۇق. قىشنىڭ گۈلى ئوت. ئەتىكى دۈمبىدىن بۈگۈنكى ئۆپكە ياخشى. ئالتۇننىڭ قەدرىنى زەگەر بىلەر. ئالتۇن ئوتتتا تاۋلىنىدۇ. ئالتۇن ئېغىرلىقى بىلەن يېڭىدۇ. ئالتۇن چىرىماس. دېھقان بولساڭ شۈدىگەر قىل، موللا بولساڭ تەكرار قىل. ئوغلۇڭ مىرا بولغۇچە، ئۆيۈڭ سۇنىڭ بېشىدا بولسۇن. ئاتاڭمۇ يەر، ئاناڭمۇ يەر. ئەتىيازدىكى ھەرىكەت، كۈزدىكى بەرىكەت. ئەجىر قىلساڭ تاشقا، ئاغزىڭ تېگەر ئاشقا. تەر تۆكۈپ چاچساڭ ئۇرۇق، يەر سېنى قويماس قۇرۇق. تېرىغان خامان قىلار، تېرىمىغان ئارمان قىلار. خامان ئالماق شەھەر ئالماق. دان سۈيى — جان سۈيى
خېنىم بالام ئۇز، ئەتكەن ئېشى تۇز. بالىلىق ئۆي بازار، بالىسىز ئۆي مازار. چاقماقتەك ئوغلۇڭ بولسا، چىراغتەك قىزلار كېلۇر. كىچىك بالا ئۆينىڭ چىرىقى. كېكەش قىزنىڭ دەردىنى ئانىسى بىلۇر. ئىلانباش قىزىڭدىن قاپلانباش كېلىنىڭ ياخشى. ئانىسى غورا يېسە قىزىنىڭ چىشى قامار.   ئالا قاغىدا ئېلىشىڭ بولسا، ئالغىلى ئامانلىق كېرەك. تام تۈۋىدىن ئۇپرار، ھايۋان تۇياقتىن ئۇپرار. تېنىمنىڭ ساقلىقى جېنىمنىڭ راھىتى. كېسەلگە سۆز ياقماس، چارچىغانغا ئويۇن (ياقماس). ئۆمۈر ئۆتەر، ھۆسنىڭ ئۆچەر. ئاغرىق ئۆلسە جېنىڭنى ئالۇر، شىپا ئۆرلىسە پۇلۇڭنى (ئالۇر). تەن ساقلىقى ئۆمۈر بايلىقى، خاتىرجەملىك كۆڭۈل يايلىقى. ئۆلگەندىن كېيىن يىغلىغىچە، ئۆلمەي تۇرۇپ سەۋەب قىل. ئاغرىقنىڭ سانچىقى يامان، سۆزنىڭ ئاچچىقى (يامان). ئاغرىقنىڭ تۈزۈلگىسى كەلسە، تېۋىپ ئۆزى كېلەر. ئاغرىق پاتمانلاپ كىرەر، مىسقاللاپ چىقار. تۇغۇلۇپ ئەيىپ بولماي، تۇرۇپ ئەيىپ بوپتۇ. ئەتتىگەندە قىلسا ناشتا، كېسەل بولماس باشتا. ئەتىگەنلىك ناشتىدىن قالما. ئەرگە دۆلەت ياقۇر بولسا، كېلەر ئاڭا ھەر ياندىن تۈرلۈك ئاش. ئەردىن دۆلەت قاچۇر بولسا، تېپىلماس قارا سايدىن تاش. ئېپى كەلسە سېپى ئۆزىدىن چىقار. تەلەيلىككە ھەر يەردە، تەلەيسىزگە قەيەردە؟ رەىتىڭگە باققىچە، بەختىڭگە باق. نەزەر چۈشسە پاشىغا، سۇمۇرۇغ قونۇر باشىغا. خۇدا بەرسە پەرىشتىلەر غىڭ قىلالماپتۇ. ئېتىمنىڭ بوغۇزلىقى خۇدا بەرگىنى، خوتۇنۇمنىڭ بوغۇزلىقى خۇدا ئۇرغىنى. قىز بالا سالغا تېشى، نەگە چۈشۈشنى بىلگىلى بولماس، ۋاقتىڭ كەتتى بەختىڭ كەتتى. بەختنى ئەردىن ئەزلەش، بەختسىزلىكنىڭ باشلىنىشى. كەلمىگەن تەلەيدە ئاناڭنىڭ ھەققى بارمۇ؟ خۇدا بەرسە قۇلىغا ئېلىپ بېرەر قۇلىغا، خۇدا ئۇرسا قولىدىن ئوغرى ئالغۇر پۇلىنى. ئادەم ئۆلمىسە رىسقى تۈگىمەس. بەندىنىڭ بەرگىنى سۆيۈنچە، خۇدانىڭ بەرگىنى تويۇنچە. سېۋەت توشقاندا تېزەك ئۇچراپتۇ. كۆرۈنگەن تاغ يىراق ئەمەس. ياشلىق دۆلەت، قېرىلىق مىننەت.
ر
ھازىرغىچە 3 ئادەم باھالىدىقىزغىنلىقتىللاتۆھپەشۆھرەتيىغىشسەۋەبى
ئىلغار + 4 + 4 + 4 + 4بارىكاللا تېرىشىڭ!
مەرىپەت + 5 + 5 + 5ياخشى تېما.
ئامان + 5 + 5 + 5 + 5ياخشى تېما.

ھەممە باھا نومۇرى : قىزغىنلىق + 14 تىللا + 14 تۆھپە + 14 شۆھرەت + 9  باھا خاتىرىسى

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

444

تېما

71

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

ئاتامان

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

قىزغىنلىق
5963 سەر
تىللا
3238 دانە
تۆھپە
9121 سەر
شۆھرەت
4281 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىبايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنىبايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-19 15:44:02|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىشىگە روھى ۋە مەنىۋى ئوزۇق بېغىشلايدىغان ئىسىل دۇردانىلارنى يوللاپسىز، رەھمەت سىزگە. پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە مۇشۇنداق ئەھمىيەتلىك ماتىرىياللىرىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىغاي.
كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ، كۆرمىگەننى كۆرەرسەن ئۆلمىگىنىڭ.

174

تېما

74

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
3134 سەر
تىللا
1412 دانە
تۆھپە
2019 سەر
شۆھرەت
1803 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزابايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبايقاش مەلىكىسى

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-20 11:10:26|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېسىل تېما يوللاپسىز ھارمىغايسىز...

22

تېما

3

دوست

787

جۇغلانما

ئالى ئەزا

Rank: 4

قىزغىنلىق
149 سەر
تىللا
40 دانە
تۆھپە
148 سەر
شۆھرەت
195 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-20 11:38:56|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماقال-تەمسىللىرىڭىزدىن بەكمۇ سۈيۈندىم، ھارمىغايسىز......

0

تېما

0

دوست

220

جۇغلانما

رەسمى ئەزا

Rank: 2

قىزغىنلىق
41 سەر
تىللا
16 دانە
تۆھپە
61 سەر
شۆھرەت
42 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-27 22:18:44|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىشىگە روھى ۋە مەنىۋى ئوزۇق بېغىشلايدىغان ئىسىل دۇردانىلارنى يوللاپسىز، رەھمەت سىزگە. پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە مۇشۇنداق ئەھمىيەتلىك ماتىرىياللىرىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىغاي.

9

تېما

7

دوست

954

جۇغلانما

ئالى ئەزا

Rank: 4

قىزغىنلىق
188 سەر
تىللا
161 دانە
تۆھپە
176 سەر
شۆھرەت
196 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزاOffice ماھىرى

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-19 15:12:41|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماقال تەمسىللەرنى ئىزدەپ كىلىۋاتاتاتتىم ،بەك ياخشى بوپتۇ،رەخمەت سىزگە ،نادىر تىمىللىرىڭىز ئۈزلۈپ قالمىغاي!

3

تېما

12

دوست

268

جۇغلانما

رەسمى ئەزا

Rank: 2

قىزغىنلىق
57 سەر
تىللا
27 دانە
تۆھپە
54 سەر
شۆھرەت
56 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-19 19:03:34يانفوندا يوللانغان|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دوستلىرىىز قوللىماي ئيغرچە تېلفنىىز سىزنى ئىچىىز ئقيالماي خەتلەرنى ئيغرچە يوللىغان خاتىرجەم ئەمدى ؟ كەتكەنم پشپ ئىشلەپ ئەپ بىر مەخسوس تورى كەزگ . بلڭ نورمال ئىشلەتسىىز قاچىلاپ بنى . چىقىپت ناھايىتى خەتلەرنى ئيغرچە كرۈنمىگەن

e'[- I0 L3 U6 ~; h0 G ' . بېرىدۇ كرسىتىپ چىرايلىق

K; L7 t4 F6 m$ h# ,^ $ ئەينەك : نامى دىتال يمشاق

] :H" g : ئادرىسى چشرۈش http://pan.baidu.com/share/link? ... 5&uk=3577006688

15

تېما

1

دوست

533

جۇغلانما

ئەزىز مىھمان

قىزغىنلىق
86 سەر
تىللا
32 دانە
تۆھپە
71 سەر
شۆھرەت
196 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-21 12:43:07|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ماقال-تەمسىللەرنى ئۈگىنۋالساق نۇتۇق قابىلىيىتىمىزمۇ ئۆسدىكەن ئەمەسمۇ؟

55

تېما

36

دوست

8036

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
1483 سەر
تىللا
871 دانە
تۆھپە
1779 سەر
شۆھرەت
1799 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىجەۋھەر ئەزاكومپىيۇتىر ماھىرىبايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-24 12:09:42|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى بولغان ماقالتەسىللەر ئىكەن كۆچۈرۈپ قويدۇم رەخمەت سىزگە
ئوقۇتقۇچى ئىنسان قەلبىگە تۇنجى مەرىپەت نۇرىنى ئېلىپ كىرگۈچى مەشئەل،ئۇ ئىنسانىيەت مەدىنىيەت تارىخىنىڭ ئاسمى ...
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2013-8-9 05:02, Processed in 0.539314 second(s), 39 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش