سانلق مەلۇمات سەپلىنىلىۋاتىدۇ، بىر ئاز ساقلاڭ... · ئالەم ۋە ئادەم ئالەم ۋە ئىنسانىيەتنىڭ ھازىرقى ھالىتى بىر قېتىمدىلا پەيدا بولغانمۇ ياكى تەدرىجىي تەرەققى قىلىپ شەكىللەنگەنمۇ؟ باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئالەمنى خۇدا ياراتقانمۇ ياكى ئۆز-ئۆزىدىن بارىلىققا كەلگەنمۇ؟ ئەجدادلار ئالەم ۋە ئىنسانىيەتنىڭ پەيدا بولۇشى توغۇرسىدا مول تەسەۋۇرلارنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇتەسەۋۇرلار دىن، ئەپسانە ۋە رىۋايەت بولۇپ شەكىللىنىپ، ئەۋلادلارنى تارىخ-ئەنئەنە،ئەدەپ-ئەخلاق
قەھرىمانلىق-باتۇرلۇق، ياخشىلىق-يامانلىق توغۇرسىدا تەربىيلەش دەستۇرى بولۇپ كەلگەن ئىدى.
ئىنسانلار 6مىڭ يىللار بۇرۇن يېزىققا ئېرىشكەندىن كېيىن، ئۆزلىرىنى مەدەنىي چاغلاپ، يېزىق بىلمەيدىغان ئەجدادلىرىنى «ياۋايىلار» دەپ چېنىپ، ئۇلارنىڭ ئەپسانە-رىۋايەتلىرىنى تارىخى-ئىجىتمائى ھادىسلەرنىڭ بۇرمۇلىنىشى دەپ مەسخىرە قىلدى. ھالبۇكى، ھازىر ئالەم 20مىليارد يىل بۇرۇنقى چوڭ پارتىلاشتىن پەيدا بولغان دەپ قارىلدۇ، بۇ قاراش بويىچە كۈن 5مىليارد ياش، يەرشارى 4.6 مىليارد ياش بولىدۇ. بۇ تۈسى قويۇق قىياسنى توغرا دەپ قارىغاندىمۇ، ئاران 6مىڭ يىللىق يېزىق تارىخى شۇنچە ئۇزۇن يەرشارى تارىخىنىڭ ئەرزىمەس بىر قىسىمىدۇر. مۇنچە قىسقا تارىخنىڭ شۇنچە ئۇزۇن تارىخنى يوققا چىقىرىشى تولىمۇ ئېچىنىشلىق!
تېخى بۇلا ئەمەس. ئىنگىلىز بىئولوگ چارلىز دارۋىن (1809-1882) 1859-يىلى (مۇندىن بارى-يوقى 151يىل بۇرۇن!) «تۈرلەرنىڭ كېلىپ چىقىشى»نى ئېلان قىلىپ، تەدرىجى تەرەقىيات نەزىريىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ نەزىرىيىنىڭ نېگىزى «ئادەم مايمۇندىن تۆرەلگەن» دېگەندىن ئىبارەت. دۇنيا كەسكىن مۇنازىرە ئارقىلىق، ئاخىرى بۇنەزىرىيىنى قوبۇل قىلدى ۋە سانسىز ئاسترونوملار، گېئولوگلار، پالىئانتوگلار، تارىخشۇناسلار ۋە ئارخىلوگلارنىڭ ياردىمى بىلەن پەلەككە بوي تارتقان «تەدرىجى تەرەقىيات مۇنارى»نى تىكلىدى. بۇ مۇنارنىڭ تەكتىدە ئادەملەرنىڭ ئەجدادى دەپ قارالغان مايمۇنلار ياتىدۇ. 2مىليۇن يىللار ئىلگىرى جەنۇپ قەدىمكى مايمۇنلىرىنىڭ بىر توپى تۇيۇقسىز ئادەمگە ئۆزگىرىش نىيىتىگە كېلىدۇ ۋە بارا-بارا ئادەملىشىشكە باشلاپ، تۈكلىرى چۈشۈپ، قۇيرىقى يوقاپ، مايمۇنسىمان ئادەملەرگە ئايلىنىۋالىدۇ، 600مىڭ يىللار ئىلگىرى تاشتىن سايمان ياساشنى بىلىۋالىدۇ،200مىڭ يىللار بۇرۇن قەدىمكى ئادەملەرگە ئايلىنىپ بولىدۇ، 50مىڭ يىللار بۇرۇن يېڭى ئادەم (ھازىرقى بىزنىڭ شەكلىمىز)گە كېلىشنى تاماملايدۇ. دېمەك، بۇ مۆجىزىلىك ئۆزگىرىشلەرنىڭ مەھسۇلى بولمىش ئادەملەر ئۆزلىرىنى ئالەمدە ئەڭ ئەقىللىق مەخلۇق ھېسابلاپ، مۇنارنىڭ چوققىسىنى قامال قىلىۋالىدۇ. شۇنۇڭدىن ئېتىبارەن كىشىلەر ھەربىر ئىلىم ئۇتۇقى ۋە ئاخىلوگىيلىك قېزىلما نەتىجىلىرىنى مۇشۇ مۇنارنى مۇستەكەملەش ۋە يوچۇقلىرىنى ياساشقا ئىشلەتتى. يوچۇق ياساشقا توغرا كەلمەيدىغانلىرىنى قىلچە ئىككىلەنمەستىنلا چۆرىۋەتتى. ئىنسانلار ئۆزلىرىنى چوڭ چاغلاپ شۇ دەرىجىگە يەتتىكى، ئاران 384مىڭ كىلومېتىر يىراقلىقتىكى ئايغا چىقىپ چۈشكەندىن كېيىن، پۈتكۈل ئالەمدە ئەقىللىق مەخلۇق پەقەت يەرشارىدىكى بىزلا دەپ جاكارلىدى. شۇنداق قىلىپ ئىنسانلار ئۆزلىرىنى ئالەمنىڭ مەركىزى قىلىۋالدى-كوپىرنىك(1473-1543) تىن كېيىن ئۆزلىرى كۈچەپ رەت قىلغان ئوتتۇرا ئەسىر روھانىيلىرىنىڭ «يەر مەركەز تەلىماتى» نىڭ يېڭى ھامىيسىغا ئايلاندى.
«تەدرىجى تەرەقىيات نەزىريىسى» شۇنچە مۇكەممەل نەزىريىمۇ؟ راستىنلا ھازىرقى «زامانىۋى پەن» ئىنسانىيەتنىڭ ئەقىل-پاراسىتىنىڭ يۇقىرى پەللىسىمۇ؟ لېكىن مۇنۇ ھادىسىلەر ئالدىدا بۇ «زامانىۋى پەن» تىرنىقىنى تاتلاپ قالىدۇ:
1. 19-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىنىڭ بېشىدا بايقالغان 4000 يىللىق تارىخقا ئىگە «كىرورەن گۈزىلى» نىڭ تېنىگە 0.5-1 مىللىمېتىر قېلىنلىقتا ئاچ سېرىق رەڭلىك بىر قەۋەت ماددا سۈرتۈلگەنلىكتىن مۇكەممەل ساقلانغان. ئالىملار بۇ ماددىنىڭ ئانئورگانىك ماددا ياكى كىراخمال تۈرىدىكى ماددا ئىكەنلىكىنى چەتكە قاقتى، لېكىن ئۇنىڭ زادى قانداق ماددا ئىكەنلىكىنى ئېنىقلىيالمىدى. بۇ سىرلىق ماددىنى كىم ياسىغان؟
2. 30نەچچە يىل ئىلگىرى ئەمىنىيە قەبرىستانلىقىنى قېزىش جەريانىدا ئىككى يېرىم مىڭ يىل بۇرۇن ئۆتكەن يۆ بەگلىكىنىڭ بېگى گۇجىيەن نىڭ قېلىچى تېپىلدى، قىلىچ داتلاشمىغان، پارقىراقلىقىنى ۋە ئۆتكۈرلىكىنى يوقاتمىغان ئىدى. تەتقىقاتچىلار ئۇنىڭغا خىروم يالتىلغانلىقىنى ئېنىقلىدى. مەلۇمكى، خىروم تاغ جىنىسلىرىدىكى مىقدارى بەكمۇ تۆۋەن، چەككىلەپ ئېلىپ تولىمۇ تەس بولغان چىرىشكە قارشى مېتال. ئۇ يۇقىرى ھارارەتكە چىداملىق بولۇپ، 4000سېلىتسىيە گىرادۇستا ئاران ئېرىيدۇ، 30نەچچەيىل بۇرۇن بىر ئامېرىكا ئالىمى يۇقىرى ھارارەتلىك يوك ئوچاقتا ئۇنى تۇنجى بولۇپ ئېرىتىپ ئالغان. ئەمسە ئىككى مىڭ نەچچە يۈز يىل بۇرۇن قىلىچقا خىرومنى كىم يالاتقان؟
3. 1929-ئىستانبۇلدىكى بىر كۇتۇپخاندىن تۈركىيە دېڭىز ئارمىيە ئادمىرالى لەيىس 1513-يىلى ئىمزا قويغان خەرىتە تېپىلغان، ئۇ ئەسلى نۇسخا ئەمەس كۆچۈرمە نۇسخا ئىكەن. خەرىتىدە ئاتلانتىك ئوكياننىڭ ئىككى قىرغىقىدىكى رايونلار ھەم ھازىر مىڭ مېتىر قېلىنلىقتىكى مۇز ئاستىدا ياتقان جەنۇبى قۇتۇپ قۇرۇقلۇغىنىڭ دېڭىز قىرغاقلىرى ۋە جەنۇبى قۇتۇپ تاغ تىزمىلىرى ئېنىق چۈشۈرۈلگەن. 1953-يىلى ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيسى جەنۇبى قۇتۇپ مۇز ئاستىدىكى تاغ تىزمىلىرىنى ئىلغار سونار تېخنىكىسى بىلەن ئۆلچەپ، ئۇنى لەيىسنىڭ خەرىتىسى بىلەن سېلىشتۇرۇپ، ئىككىسىنىڭ ئوخشاشلىقىدىن ھەيران قالدى. بۇ تاغ تىزمىلىرىنىڭ مۇز بىلەن قاپلانغانلىقىغا 15مىڭ يىلدىن ئاشتى. جەنۇبى قۇتۇپنىڭ 15مىڭ يىل بۇرۇنقى خەرىتىسىنى كىم سىزغان؟
4. تۈركىيە دىن تېپىلغان 1559-يىلىغا تەئەللۇق يەنە بىر خەرىتىدە ئالياسكا بىلەن سىبىريە تار قۇرۇقلۇق بىلەن تۇتاشتۇرۇلغان. بۇ تار قۇرۇقلۇق چۆكۈپ، بېرىنگ بوغۇزى شەكىللەنگىنىگە 10مىڭ يىلدىن ئاشتى. 10مىڭ يىل بۇرۇنقى يەر شەكلىنى كىم خەرىتىگە ئالغان؟
5. يېقىندا مىسىردىكى پىرئەۋىننىڭ قەبرىسىدىن 4000مىڭ يىل بۇرۇن ئىشلەنگەن رەڭلىك تېلۋىزور تېپىلغان، ئۇنى ھازىرمۇ ئىشلەتكىلى بولىدىكەن. تۇنجى تېلۋىزور كەشىپ قىلىنغان 1947-يىلىدىن باشلاپ ھېسابلىغاندىمۇ، تېلۋىزۇرنىڭ تارىخى ئاران 60نەچچە يىل تۇرسا، 4 مىڭ يىل بۇرۇن بۇ تېلۋىزورنى كىملەر ياسىغاندۇ؟
6. يېقىندا مىسىر ئەلئېھرامىدىكى 10ياشلار چامىسىدىكى ئوغۇل بالىنىڭ كۆكرىكىدىن سۈنئىي يۈرەك تېپىلغان، بالا ئۆلگىنىگە 10مىڭ يىل بولغان. سۈنئىي يۈرەك 20نەچچە يىل بۇرۇن بارىلىققا كەلگەن تۇرسا، 10مىڭ يىل ئىلگىرى بۇ سۈنئىي يۈرەكنى كىم ياسىغاندۇ؟
7. يېقىندا كۇبا ئەتىراپىدىكى سۇ تېگىدىن چۆكۈپ كەتكىنىگە 10مىڭ يىلدىن ئاشقان 5گېكتار چوڭلۇقتىكى تاش شەھەر تېپىلدى. شەھەردە تاش ياتقۇزۇلغان كوچىلار، تاش ئىشىك، تاش ھەيكەللەر بار ئىكەن، 10مىڭ يىل بۇرۇن ئنسانلار ئەمدىلەتتىن يېڭى تاش قورال دەۋرىگە كىرگەن تۇرسا، ئۇچاغدا مۇنداق يۇقىرى تېخنىكىنى قوللىنالامدۇ؟
8. 1972-يىلى ئالىملار ئوكلو رايونىدىن قەدىمكى يادرو رېئاكتورىنى بايقىغان، بۇ رېئاكتور 2مىليارد يىل بۇرۇن ئىشقا كىرىشكەن بولۇپ، 500مىڭ يىل ئىشلىگەن. تۇنجى يادرو رېئاكتورى 20-ئەسىرىنىڭ 40-يىللىرى قۇرۇلغان تۇرسا، مايمۇنلار 2مىليون يىل ئىلگىرى ئادەمگە ئۆزگىرەيمۇ قانداق دەپ ئىككى خىيال يۈرگەن تۇرسا، شۇ زامانلاردا بۇ يادرو رېئاكتورىنى كىملەر قۇرغاندۇ؟
9. 1930-يىلى ئالىملار ئامېرىكىنىڭ كېنتوككى شىتاتىدا ئادەم ئىزىنىڭ 10 تاشقاتمىسىنى بايقىغان، تارىخى 250مىليۇن يىل. 1968-يىلى يەنە ئامېرىكىنىڭ يۇتا شىتاتىدىن ئادەم ئىزىنىڭ 2تاشقاتمىسىنى تاپقان. ئۇنىڭ تارىخى 500مىليۇن يىل. مايمۇنلار ئادەمگە ئۆزگىرىش نىيىتىگە كېلىشتىن نەچچە يۈز مىليۇن يىللار بۇرۇن بۇيەرلەرگە كىملەر ئاياغ باسقاندۇ؟
10. ئامېرىكىدا ياشىغان مايالار 10مىڭ يىللار ئىلگىرى يەرشارى يىلىنىڭ 365.242129كۈن بولىدىغانلىقىنى ھېسابلاپ چىققان، ھازىرقى ھېساب بويىچە 365.242198كۈن. 4مىڭ يىل بۇرۇن مېسسوپوتامىيە تۈزلەڭلىكىدە ياشىغان سومېرلار ھېسابلاپ چىققان ئاينىڭ ئۆز ئوقىدا پىرقىراش ۋاقتى ھازىرقىدىن 0.4 سىكىنۇتلا پەرىق قىلىدۇ. ئۇلار قانداق قىلىپ مۇنچە توغرا ھېساپلىيالىغان؟
«تەدرىجى تەرەقىيات مۇنارى» نىڭ يوچۇقلىرىنى ياساشقا توغرا كەلمەيدۇ دەو قارالغان مۇنداق ئارخېلوگىيلىك بايقاشلار، ئاسترونومىيلىك ھادىسىلەر ۋە سىرلىق ئەھۋاللارنىڭ ھەددى-ھېسابى يوق. بۇ پىكىرلەر «زامانىۋى پەن» نىڭ قۇلىقىغا ياقمايدۇ، ئاڭلىغۇسى كەلمەيدۇ. ھەتتا، بۇ «مۇنار» نىڭ ئۆزىدىمۇ يېپىش مومكىن بولمايدىغان، باشقىلارنىڭ بىلىپ قېلىشىدىن، گۇمانلانغانلارنىڭ غۇلغۇلا قىلىشىدىن، بىلىپ قالغانلارنىڭ سۆز-چۆچەك قىلىشىدىن ئەنسىرەيدىغان يوچۇقلار ئاز ئەمەس، بۇلاردىن بىر قانچىنى مىسالغا ئالساق:
1. ئادەم مايمۇندىن ئۆزگەرگەن دەيدىغانغا ھازىرغىچە ئالىملار تاپقان تاشقاتمىلار تولىمۇ ئاز. ئارخېئولوگلار تېخى مۇكەممەل باش سۆڭىكىنىمۇ تاپالىغىنى يوق. ئۇلار تاپقان بىر نەچچە تال سۇنۇق چىش، يېرىم-يارتا سۆڭەكلەرگە قاراپلا، بۇ مايمۇنلار ئادەمگە ئايلانغان پالانى دەۋرگە تەئەللۇق دەپ قىياس قىلىشىدۇ. مەملىكىتىمىزنىڭ مۇندىن 1مىليون 700مىڭ يىل بۇرۇن ياشىغان دېيىلگەن «يۈەنمۇ ئادىمى» بىردىنبىر دەلىلى يۈننەننىڭ يۈەنمۇ رايۇنىدىن تېپىلغان ئىككى تال چىشنىڭ تاشقاتمىسىدىن، 800مىڭ يىل بۇرۇن ياشىدى دېيىلگەن «لەنتىيەن ئادىمى» بولسا شەنشىنىڭ لەنتىيەن رايۇندىن تېپىلغان بىر پۇچۇق باشنىڭ تاشقاتمىسىدىن، 500مىڭ يىل بۇرۇن ياشىدى دېيىلگەن «بېيجىڭ ئادىمى» نىڭ دەلىلى جۇكۇدىيەن دىن تېپىلغان
40 نەچچە پارچە قالدۇق سۆڭەكلەردىن ئىبارەت.پۈتۈنلەي قىياسقا ئاساسلانغان «مايمۇنسىمان ئادەم» لەرنىڭ دەۋرى نەچچە يۈزمىڭ يىلدىن بېرى كېلەلمەيدۇ، يېڭى ئادەملەر پەيدا بولدى دېيىلگەن 50مىڭ يىلدىن بېرىقى دەۋىرگە تەئەللۇق تاشقاتمىلار بولسا، يوق. شۇڭا، مايمۇنسىمان ئادەملەرنىڭ قەدىمكى ئادەملەرگە، قەدىمكى ئادەملەرنىڭ يېڭى ئادەملەرگە ئايلىنىش جەريانى تېخى بىر بوشلۇق تۇرماقتا.
2. ھازىرقى زامان ئادەملىرنىڭ پەيدا بولۇش ۋاقتىمۇ ئىنتايىن تۇراقسىز، پەرەز ئۈستىگە قۇرۇلغان. 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئالىملار ئادىمزات 4مىڭ يىل بۇرۇن پەيدا بولغان دەپ قارىغان، كېيىن 10مىڭ يىلغا ئۇزارغان، ئاندىن 25مىڭ يىل دېيىلگەن، ئاخىردا 40مىڭ يىل دېيىلگەن، ھازىر بەزىلەر 60مىڭ دەپ ھېسابلىماقتا. 1998-يىلى 23-ئىيۇن كۈنى ئالىملار جەنۇبى ئافرىقىدىكى كېپتائۇننىڭ غەربى شىمالىغا 80 كىلومېتىر كېلىدىغان دېڭىز قىرغىقىدىن بىر ئايالنىڭ 117مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە ئىزىنى بايقىدى ۋە ئۇنى «ھاۋا ئانىنىڭ ئىزى» دەپ دەلىللىدى. دېمەك، ئادىمزات پەيدا بولدى دېيىلگەن 60مىڭ يىلمۇ پۇت دەسسەپ تۇرالمايدۇ. مۇنداق ئېنىقسىزلىق ۋە تۇراقسىزلىقلار تەدرىجى تەرەققىيات نەزىريىسىگە كىشىنىڭ گۇمانىنى قوزغىماي قالمايدۇ.
3. مايمۇنلار تۆت پۇتلاپ ماڭغاچقا، ئومۇرىتقىسىغا چۈشىدىغان بېسىم تارقاقلىشىدۇ. بىئولوگىيە نۇقتىسىدىن قارىغاندا، بۇ تولىمۇ ئەقىلغە مۇۋاپىق ھالەت. ئادەملەر ئۆرە ماڭغاچقا، ئومۇرىتقىسىغا زور بېسىم چۈشىدۇ، بۇ ئەھۋال مايمۇنلاردا بولىدىغان ئەۋزەللىككە يەتمەيدۇ. ئۇنى ئاز دەپ، ئادەملەر ئۆرە ماڭغاچقا، مەقئەتكە چۈشىدىغان بېسىم ئېشىپ ئوڭايلا بوۋاسىر بولىدۇ، تۆتپۇتلۇق مەخلۇقلارنىڭ ھەرقاندىقىدا مۇنداق مەرەز كېسەل يوق. ئادەملەردە بولىدىغان يۇقىرى قان بېسىمى، يۈرەك كېسىلى دېگەنلەرمۇ ھايۋانلاردا بولمايدۇ. مايمۇنلار تۆت پۇتلاپ مېڭىشنىڭ شۇنچە ئەۋزەللىكىنى تاشلاپ، نېمىشكە ئۆرە مېڭىشنى خالاپ قالىدۇ؟ بۇنۇقتىدىن قارىغاندا، مايمۇنلارنىڭ ئادەمگە ئۆزگىرىشى تەدرىجى تەرەققىياتمۇ ياكى تەدرىجى چېكىنىشمۇ؟ تەدرىجى تەرەققىياتنىڭ قارىشىچە، قول ئەمگەكنىڭ مەھسۇلى ئىكەن، مايمۇنلار قويۇق ئورمانلىقتا تەييار نېمەتلەرنى يەپ بەھۇزۇر ياشاشنى خالىماي،
جاپا تارتقۇسى كېلىپ، تۈزگە چۈشۈپ يىلتىز قېزىپ يەپتۇ، شۇنىڭ بىلەن قولى پەيدا بوپتۇ. پاكىت شۇكى، مايمۇنسىمان ئادەم دېيىلگەن دەۋىرگە تەئەللۇق 800مىڭ يىل بۇرۇنقى لەنتىيەن ئادىمىمۇ، يېڭى ئادەم دېيىلگەن دەۋىرگە تەئەللۇق17-18مىڭ يىل بۇرۇنقى ئۆڭكۈر ئادەملىرىمۇ قۇيۇق ئورمان ۋە ئوت-چۆپلۈكتە ياشىغان. مۇنداق شارائىتتا تۆت پۇتلاپ مېڭىش ئىككى پۇتلاپ مېڭىشتىن ئەۋزەل ئەمەسمۇ؟ قول بىلەن پۇتنى ئايرىشنىڭ نېمە ئەھمىيىتى بار؟ تېخى ئوۋ ئوۋلىغاندا ياكى رەقىبلىرىدىن قاچقاندا، تۆت پۇتلاپ تېز يۈگۈرگىلى بولىدۇغۇ؟
4. مايمۇنلار ئادەملىشىپ ئۆرەماڭغاندا، كۆرۈش دائىرىسى كېڭىيىپ، تەپەككۇرى تەرەققى قىلغان، شۇنىڭ بىلەن مېڭىسى مۇرەككەپلىشىپ بارغان دېيىشىمۇ تەدرىجىي تەرەققىياتنىڭ بىر مۇھىم نۇقتىئىنەزىرى. يەردە ئۆرە تۇرغان مايمۇن يىراقنى كۆرەمدۇ ياكى دەرەخ ئۈستىدىكى مايمۇن يىراقنى كۆرەمدۇ؟ ئەگەر، يىراقنى كۆرەلىگەننىڭ مېڭىسى تەرەققىي قىلسا دەرەخ ئۈستىدە ياشايدىغان مايمۇننىڭ مېڭىسى تەرەققىي قىلمامدۇ؟ بۇھالدا زىراپىمۇ ئەڭ ئەقىللىق مەخلۇق بولاتتى، لېكىن نېمە ئۈچۈن زىراپە ھازىرغىچە بىرەر چارە ئويلاپ گۆشخورلارنىڭ ئوزۇقى بولۇش تەقدىرىدىن قۇتۇلالمايدۇ؟
5. قان زەردابىدىكى ئاقسىل مولېكۇلىلىرىنىڭ پەرقىنى مىقدارلىق تەكشۈرۈپ بېكىتىشىدىن قارىغاندا، ئورانگوتان ئادەمگە ئەڭ يېقىن ئىكەن. شۇنىسى قىززىقكى، 40مىليون يىل بۇرۇن ئورانگوتانلار ھازىرغىچە ھېچقانداق ئۆزگەرمىگەن، يەنىلا پىرىماتلار ئائىلىسىگە مەنسۇپ ھايۋان. ئۇلارنىڭ تەدرىجىي تەرەققىيات ئەھۋالىدىن قارىغاندا، يەنە 40مىليون يىلدىن كېيىنمۇ ئورانگوتان پېتى قالىدىكەن. ئەمما، جەنۇپ مايمۇنلىرى نېمە ئۈچۈن 2مىليون يىل ئىچىدىلا ھازىرقى بىزلەرگە ئايلىنالىدى؟ ھەمدە ئۇلار داۋاملىق ئۆزگىرىۋەرمەي، ئادەمگە ئايلىنىلىۋېلىپلا ئۆزگىرىشتىن توختاپ قالدى؟
6. ئىرىق مەسلىسىمۇ بىر مەسىلە. ھازىر دۇنيادا ئاق، سېرىق، قارا، قوڭۇر دەپ 4 چوڭ ئىرىق بار. تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيىسى پەقەت جەنۇپ مايمۇنلىرىنىڭ بىر تامىقىلا ئادەمگە ئايلانغان دەپ قارايدۇ. ئەگەر بۇ نەزەرىيە كەمتۈكسىز بولسا، بىر رەڭدىكى مايمۇندىن 4 ئىرىق كېلىپ چىققانلىقىنى قانداق چۈشەندۈرىدۇ؟
«زامانىۋى پەن» ئەنە شۇنداق ئاجىزلىقلىرىنى يېپىش، باشقىلارنى ئېغىز ئاچقۇزماسلىق ئۈچۈن ئوخشىمىغان پىكىرلەرگە يول بەرمەيدۇ، ئەپسانە-رىۋايەتلەرنى «ياۋايىلار»نىڭ خىيالىي تەسەۋۋۇرى، ھەتتا زىيانلىق نەرسە دەپ يېقىن كەلتۈرمەيدۇ.
بىزنىڭچە، ئەپسانە-رىۋايەتلەر تارىخنى تەتقىق قىلىشتا،تارىختىكى بەزى تەس مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا مۇھىم مەنبە، بۇرۇنقىلاردىن قالغان مول تارىخىي مىراس ھېسابلىندۇ. 19-ئەسىردە نېمىس ئارخېلوگ ھېنىرىخ شۇلمان «ئەپسانىلەرنىڭ ھەممىسىنى خىيالى تەسەۋۋۇر دېگىلى بولمايدۇ، ئۇلاردا مۇئەييەن تارىخىي چىنلىق بار»دېگەن. ئۇ ھومېر داستانلىرىدا رىۋايەت قىلىنغان ترويا شەھرىنى ئىزدەپ، ئاخىرى ئۇنىڭ خارابىسىنى تاپقان. بۇرۇن ترويا شەھرى ئويدۇرۇپ چىقىلغان دەپ قارالغان ئىدى.
ئامېرىكىدىكى ھىندىئانلار ئارىسىدا كۆكتىن بىر ئوت تۈۋرۈك چۈشكەن دېگەن رىۋايەت بار ئىدى. گېئولوگلار رىۋايەت تەمىنلىگەن ئورۇنلارغا ئاساسەن بىر مىتىئورىت ئازگىلىنى تاپتى، شۇنۇڭ بىلەن رىۋايەتنىڭ مەلۇم چىنلىقى ئىسپاتلاندى.
سومېر ۋەسىقىلىرىدە توپان بالاسىدىن بۇرۇن ئەيدىلىئو، بابچىبرا، لاراك، ھىپار، ھۇرپاك قاتارلىق 5 شەھەرنىڭ بولغانلىقى خاتىرلەنگەن. مۇبادا، توپان بالاسى تارىختا بولمىغان بولسا، بۇ 5 شەھەرمۇ بولمىغان بولىدۇ، لېكىن ئارخېئولوگلار بۇ ۋەسىقىلەر تەمىنلىگەن ئورۇنلارغا ئاساسلىنىپ، بۇ5شەھەردىن تۆتىنى تاپتى.
ئىنجىلشۇناسلار نوھ ئەلەيھىسسالامنىڭ كېمىسى تۈركىيە تەۋەسىدىكى بىر يەردە توختاپ قالغان دەپ قارايتتى، دېگەندەك ئون نەچچە يىل بۇرۇن كىشىلەر تۈركىيىدىكى بىر ئېگىز تاغنىڭ ئىككى چوققىسى ئارىسىغا قىسىلىپ قالغان بۇ كېمىنى تاپتى.
توپان بالاسى توغۇرسىدا دىن ۋە ئەپسانىلەردە ئەڭ كۆپ خاتىرلەنگەن. بۇ توغۇرسىدا ھەركىم ھەر نېمە دەيدۇ. بەزىلەر توپان بالاسىنى ئىنسانلارنىڭ خىيالىي تەسەۋۋۇرى دېسە، بەزىلەر تارىختا راس بولۇپ ئۆتكەن ھەقىقىي پاجىئە دەيدۇ. ئەنگىليە مىللەتشۇناسى فىرىز: شىمالىي ئامېرىكا، ئوتتۇرا ئامېرىكا، جەنۇبىي ئامېرىكىلاردىكى 130 نەچچە ھىندىئان قەبىلىلىردىن توپان تېما قىلىنغان ئەپسانىسى بولمىغان بىرمۇ قەبىلە يوق دەيدۇ. ھالبۇكى، دۇنيادىكى ھەرقايسى قۇرۇقلۇقلاردا ياشايدىغان قەۋىملەرنىڭ ھەممىسىنىڭ دېگۈدەك توپان ھەققىدە ئەپسانىلىرى بار ۋە ھەممە ئەپسانىلەردە ئازلا كىشى ساق قالىدۇ. قاتناش تەرەققىي قىلمىغان ئەشۇ زامانلاردا توپان ھەققىدىكى ئاساسەن ئوخشاش رىۋايەتلەرنىڭ مۇنچە كەڭ ئومۇملىششى كىشىنى بۇ ھەقتە ئويلاندۇرماي قويمايدۇ.
ئادەمنى خۇدا ياراتتى ۋە ئادەم توپىدىن ئاپىرىدە بولدى دېگەن قاراشلار ھازىرقى «ئاقىللار»نىڭ كاللىسىغا تېخى يېقىندىلا كەلدى. ھالبۇكى، بۇلار «ياۋايى» ئەجدادلىرىمىز نەچچە مىڭ يىللار بۇرۇنلا ئويلاپ يەتكەن ئىشلاردۇر. پەقەت ئۇلارنىڭ ئويلىغىنى ئىپادىلەش ئۇسۇلى بىزنىڭ ئەقلىمىز سىغدۇرالماس دەرىجىدە ئەركىن بولغان، خالاس.
خۇددى ئېنگىلس دىن ئىستىخىيىلىك پەيدا بولغان، «ئۇ يېڭى پەيدا بولغاندا ئالدامچىلىق خارەكتېرى يوق ئىدى.» دېگىنىدەك، ئەپسانە-رىۋايەتلەر بىر تارىخىي چىنلىققا ھامىلدار ئىكەنلىكىنى كۆرىۋالماق تەس ئەمەس. ئەپسانە-رىۋايەتلەرنى ھازىرقىلار ئوڭاي قوبۇل قىلالماسلىقىنىڭ سەۋەبى شۇكى، ئۇنىڭ ئىپادىلەش ئۇسۇلى ئاجايىپ-غارايىپ بولۇپ، تەسۋىرلەنگەن ۋەقەلەر ھازىرقى ئىپادىلەش ئۇسۇللىرىغا ئۆگىنىپ قالغان كىشىلەر ئۈچۈن زادىلا مومكىن بولمايدىغان ئىشتەك بىلىنىدۇ، خالاس.
بۇ ماقالىنى تەپسىلى ئوقۇپ چىققان كىشى بۇرۇن يەر شارىدا يۈكسەك پەن-تېخنىكا دەۋرى بولغانمۇ-قانداق، باشقا پېلانېتلاردا بىزدىن ئەقىللق مەخلۇقلار بارمۇ-قانداق؟ ئەپسانە-رىۋايەتلەرنى زىيانلىق خىيالىي تەسەۋۋۇر دېگەندىن كۆرە، ئۇنى ئەينى زاماندىكى ھازىرقىدىنمۇ ئىلغار پەن-مەدەنىيەتنىڭ ئەپسانە-رىۋايەت شەكلىدە ئىپادىلىنىپ دەۋرىمىزگە يېتىپ كېلىشى دېيىش تېخىمۇ ئەقىلگە مۇۋاپىقمۇ-قانداق دېگەن مەسىلىلەر ئۈستىدە ئويلانماي قالمايدۇ.
(ئاپتورى:يوۋاس راشىدىن 1938-يىلى 6-ئايدا تۇغۇلغان، شىنجاڭ مائارىپ ئىنىستىتۇتىنىڭ كاندىدات ئالىي مۇھەرىرى، پېنسىيگە چىققان)
مەنبە: شىنجاڭ مائارىپ ئىنىستىتۇتى ئىلمىي ژورنىلى 2001-يىل 2-سانىدىن قىسقاتىپ ئېلىندى!!!
|