قانداق قىلغاندا ياخشى بولغان سىنىپ كۆللىكتىپىنى قۇرۇپ چىققىلى بولىدۇ؟ سىنىپ –مەكتەپ تەلىم –تەربىيە ئوقۇتۇشنىڭ ئاساسى بىرلىكى ھەم مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلار كۆللىكىتىپنىڭ ئاساسى قاتلام تەشكىلى.سىنىپ مەسئۇلى بىر سىنىپىتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەلىم –تەربىيسنى باشقۇرۇش خىزمىتىگە ئومۇميۈزلۈك مەسئۇل بولدىغان ئوقۇتقۇچى.تەشكىللىگۈچسى،سىنىپ تەلىم –تەربىينى باشقۇرغۇچىسى،ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشنىڭ يول باشلىغۇچىسى.بىر سىنىپتىكى ئوقۇغۇچىلار ئوخشاش بولمىغان ئائىللەردىن كەلگەن بولۇپ ،ئۇلارنىڭ ئىدىديىسى، ئەخلاقىي، ئەقلى، قېزىقىشى ۋە مىجەزى قاتارلىق جەھەتلىرى ئوخشاش بولمىغان ئالاھلىكىلەرگە ئىگە بولغان بولۇپ سىنىپ مەسئۇلى ئۇلارنى تەشكىللەپ سىنىپ كۆللىكىتىپى قۇرۇپ چىقىدۇ.سىنىپ مەسئۇلىنىڭ بۇرچى ياخشى بولغان سىنىپ كۆللىكتىپىنى يېتىشتۈرۈش ۋە تەشكىللەش،سىنىپتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەربىرىنى ئەخلاقىي ،ئەقلى، جىسمانىي، گۈزەللىك جەھەتلەردە ئەتراپلىق تەربىيلەشكە مەسئۇل بولىدۇ.سىنىپ مۇدىرىلىق خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئوقۇتقۇچىلار ئالدى بىلەن سىنىپ مۇدىرلىق خىزمىتىنى قىزغىن سۆيۇشى،ئوقۇغۇچىلارغا كۆيۇنۇشى كىرەك.شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۈگۈنكى دەۋردىكى سىنىپ مۇدىرلىق خىزمىتىنىڭ مۇرەككەپلىكى، تەلەپچانلىقى ،تەخىرسىزلىكىنى تۇنۇپ يىتىشى لازىم.ئۇنداقتا قانداق قىلغاندا ياخشى بولغان سىنىپ كۆللىكتىپىنى قۇرۇپ چىققىلى بولىدۇ؟
1.ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئومومىي ئەھۋالىنى تەپسىلى ئىگەللەش. ئالدى بىلەن سىنىپ مۇدىرى سىنىپتىكى ئومۇمىي ئوقۇغۇچى ، قىز،ئوغۇل ئوقۇغۇچى سانى،ھەربىر ئوقۇغۇچىنىڭ ئائىلە ئەھۋالى، ئوقۇغۇچىنىڭ خاراكىتىرى،مىجەزى،قىزىقىشى،ئالاھىلىكى،ئالدىنقى ئوقۇش مەۋسۇمدىكى ئىپادىسى، ساغلاملىق ئەھۋالى قاتارلىقلارنى تەپسىلى ئىگەللەپ ،ھەربىر ئوقۇغۇچىغا قارىتا قانداق پوزىتسىيىدە بولۇش، قانداق يىتەكلەش، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى مۇناسىۋىتىنى قانداق ياخشىلاش توغرىسىدا مۇلاھىزە قىلىش كىرەك.شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئوقۇغۇچىدا قانداق ئۆزگىرىش بولۋاتقانلىقنى ئىگەللەپ خاتىرلەپ مېڭىش ،بۇنىڭ بىلەن ھەربىر ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆزگىرىش ئەھۋالىغا قارىتا ‹‹كىسەل قاراپ ،دۇرا بىرىش›› نى ئىشقا ئاشۇرۇشۇش لازىم.
2.كۈچلۈك بولغان سىنىپ ھەيئەتلىرى قۇشۇنى قۇرۇپ چىقىش.سىنىپ كادىرلىرى سىنىپنىڭ تايانچىلىرى،سىنىپ مەسئۇلىنىڭ ياراملىق ياردەمچىلىرى. بىر سىنىپ تەلىم-تەربىيىسنى باشقۇرۇشنىڭ ياخشى يامان بولۇشى،سىنىپ كادىرلىرى كۈچىنىڭ كۈچلۈك ئاجىز بولۇشى، رولىنىڭ ھەققىي جارى قىلدۇرۇلماسلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.شۇڭا سىنىپ مەسئۇلى سىنىپنى ئالغاندىن كىيىن ئالدى بىلەن بىرىنجى قىلدىغان ئىشى سىنىپ كادىرىلىرىنى تاللاش ۋە يېتىشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بىرىشى،ئۇلارنىڭ سىنىپىتىكى رولىنى تۇلۇق جاى قىلدۇرۇپ ،پۇتۇن سىنىپىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ،پۇتۇن سىنىپتىكى ساۋاقداشلارنى يىتەكلەتكۈزۈپ ئالغا ئىلگىرىلىتىش كىرەك. سىنىپ ھەيئەتلىرىنى تۇرغۇزۇشتا كۆللىكتىپقا كۆڭۈل بولدىغان،ساۋاقداشلارنى ئىتتىپاقلاشتۇردىغان،ئاكتىپ قېزغىن،ئىشتا ئەستايدىل،ساۋاقداشلار ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنى خالايدىغان ،بەلگىلىك تەشكىلاتچىلىق ئىقىتدارى ۋە ئارتۇقچىلىققا ئىگە ساۋاقداشلارنى سىنىپ كادىرلىققا قۇيۇش كىرەك.سىنىپ كادىرلارنى سايلاشتا بەلگىلىك ئۆلچەم قۇيۇش ،لىكىن ئۆلچەمنى بەك يۇقىرى قۇيۇۋىتىشىتىن قاتتىق ساقلىنىش، ئىمكان بار ئوقۇغۇچىلارنىڭ سايلىشى ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كېلىشى كىرەك. شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىنىپ ھەيئەتلىرىنىڭ خىزمەت ئىشلەش ئەھۋالىنى ۋاقىتى –ۋاقىتىدا سۇرۇشتە قىلىپ ،ئۆز خىزمەتلىرىنى دوكلات قىلىدۇرۇپ مېڭىش كىرەك.خىزمەتلىرىدە چۇۋالچاق كۆرۇلگەنلەرگە قارىتائىلھام بىرىپ بۇنىڭدىن كىيىن ياخشى ئىشلەپ ئىلغار بولغان سىنىپ كۆللىكىتىپى قۇرۇش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ بىر كىشىلىك توھپە قۇشالايدىغانلىقىقائىشەندۇرۇش كىرەك. بۇنىڭ بىلەن سىنىپ ھەيئەتلىك ۋەزىپىسنى ياخشى ئادا قىلالمايۋاتقان ئوقۇغۇچىلاردا ئۆزگە ئىشنىش تۇيغۇسىنى شەكىللەندۇرۇپ ،پۇتۇن ۋۇجۇدى بىلەن سىنىپ خىزمىتىنى ئىشلەيدىغان ياخشى ھالەت شەكىللىندۇ،سىنىپ مۇدىرى پىلان بۇيىچە سىنىپ يىغىنى ،سىنىپ ھەيئەتلىرى يىغىنى ئىچىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ ،ھەربىر سىنىپ ھەيئىتى ئۆزىنىڭ سىنىپ ھەيئەتلىرى يىغىنىدا قىلغان خىزمەتلىرىدىن دوكلات بىرىش ۋە بۇنىڭىدىن كىيىنكى پىلاننى ئوتۇرغا قۇيۇش ئېلىپ بىرىش،سىنىپ ھەيئەتلىرى ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇش ،تەجىرىبە ئالماشتۇرۇش، پىكىر ئورتاقلىق ھاسىل قىلىش ئىشقا ئاشۇرۇش ،سىنىپ ھەيئەتلىرىنىڭ ئۇيۇشچانلىق ،جەڭگىۋارلىق كۈچى ئاشۇرۇش كىرەك. 3.ياخشى بولغان كىشلىك مۇناسىۋەت مۇھىتى يارتىش.سىنىپ ئىچىدىكى ياخشى كىشلىك مۇناسىۋەت مۇھىتى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار ئوتتۇرسىدىكى ۋە ساۋاقداشلار ئوتتۇرسدىكى بىر سىنىپ كۆللىكىتىپى ئىچىدە شەكىللەنگەن دىمۇكراتىك ،باراۋەر، ئىناق بولغان ھالەتنى كۆرسىتىدۇ.بۇ خىل مۇھىت كۆللىكتىپنىڭ ھەربىر ئەزاسىنى روھى ئازادىلىككە،شاد-خۇرامىلىققا ئىگە قىلىپ ،ئۇلارنى ئاكتىپلىق بىلەن سىنىپ كۆللىتىپنىڭ تۇرمۇشىغا ئاتلاندۇرىدۇ.سىنىپ كۆللىكىتىپنى ئىنتايىن كۈچلۈك ئۇيۇشۇش كۈچىگە ئىگە قىلىدۇ.سىنىپ ئىچىدىكى ياخشى بولغان كىشلىك مۇناسىۋەت مۇھىتى سىنىپ كۆللىكىتپنىڭ شەكىللىنىشى ۋە تەرەققىي قىلىشنىڭ مۇھىم ئاساسى.سىنىپتىكى پۇتۇن ئوقۇغۇچىلارنى ھەرىكەتكە سېلىشنىڭ مۇھىم ۋاسىتىسى. سىنىپ مۇدىرى سىنىپىتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزئارا ئىتتىپاقىغا ئەھمىيەت بىرىش ،ئوقۇغۇچى –ئوقۇغۇچى،ئوقۇتقۇچى –ئوقۇغۇچى ئوتتۇرسىدىكى ئىتتىپاقلىقىنى ياخشىلاش ھەققىدە ئىدىۋىي تەربىيە خىزمىتنى ياخشى ئىشلەش،بولۇپمۇ سىنىپىتىكى ئىنتىزامى ياخشى بولىمىغان ئوقۇغۇچىلارغا بولغان ئىدىۋى ئەخلاقىي خىزمەت ئىشلەشنى ئاساس قىلىپ ئۇلار بىلەن ئايىرىم پىكىرلىشىش، باشىقىلاردىن ئەھۋال ئىگەللەش، ئاتا-ئانىلىرىدىن ئەھۋال ئىگەللەش يوللىرى بىلەن ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ئىگەللەپ ،شۇنىڭغا قارىتا تەربىيە بىرىش كىرەك.شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۆگنىشى ناچار،داۋامسزلىق قىلدىغان،ئەخلاقسىز ،ناچار ئوقۇغۇچىلارغا قارىتا بولغان تەربىينى نوقتىلىق كۆچەيتىش كىرەك. ئوقۇغۇچىلارنى دەرستىن سىرتقى پائالىيەتلەرگە ۋە ئىجىتمائىي مۇلازىمەت پائالىيەتلىرىگە تەشكىللەش ئارقىلىق ئۇلار ئۈچۈن ئالاقە قىلىش پۇرسىتى يارتىپ بىرىپ ئالقە قىلىش يوللىرى ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئۆزئارا چۈشنىشنى چۇڭقۇرلاشتۇرۇش،دوستانىلىقىنى كۈچۈيىتىش،سىنىپ ئىچىدە ئۆزئارا بىربىرىگە كۆيۈندىغان ،ئۆزئارا ياردەم بىردىغان ئىناق دوستانە كەيپىيات شەكىللەندۇرۇش لازىم.بۇنىڭ بىلەن سىنىپ كۆللىتىپىنىڭ ئۆز-ئۆزنى تەربىيلەش كۈچىنى ئاشۇرۇپلا قالماستىن ،يەنە سىنىپ كۆللىتىپىنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچىنىمۇ زور دەرىجىدە ئاشۇرغىلى بولىدۇ.
4.سىنىپتا تۈرلۈك قائىدە-تۈزۈملەرنى ئورنىتىش.قائىدە –تۈزۈم –شەخىسنىڭ ئىش –ھەرىكىتىنى باشقۇرۇشتۇرىغان ۋە يىتەكچىلىك قىلىدىغان بەلگىلىمىدۇر . سىنىپ مۇدىرى سىنىپنىڭ رىئال ئەھۋالىنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ ،ئوقۇغۇچىلارغا ئەمەل قىلالايدىغان بىر تۈركۈم قائىدە-تۈزۈملەرنى تۈزۈپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ماقۇللىقىدىن ئۆتكۈزگەندىن كىيىن يولغا قۇيۇش كىرەك.مەسىلەن؛ سەھەردە كېلىش تۈزىمى، مەكتەپكە كېلىش تۈزىمى، تازلىق تۈزىمى، دىجورنىلىك تۈزىمى، تاپشۇرۇق ئىشلەش تۈزىمى، ئىككى گىمناسىتىكىغا قاتنىشىش تۈزىمى ...قاتارلىق قائىدە-تۈزۈملەر ئورنىتىپ ،سىنىپتىدىكى ئوقۇغۇچىلاردا قائىدە-تۈزۈمگە رىئايە قىلدىغان ئادەتنى يىتىلدۇرۇش كىرەك.
5.سىنىپتا تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇش.سىنىپ مۇدىرى ئۆز باشلامچىلىق بىلەن تۈرلۈك پائالىيەتلەرگە ئاڭتىپ قاتنىشىپ ،ئوقۇغۇچىلارغا ئۈلگە بولۇش كىرەك.مەسلەن ؛ھەركۈندىكى تەنتەربىيە چېنىقىشقا ئەھمىيەت بىرىپ ،ئۆزى باشلامچىلىق بىلەن سەھەردە كىلىپ يۈگۈرۈش،مۇسابىقىلەرەە قاتنىشىش ،خەنزۇتىلى ئۆگىنىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارغا تەسىر كۆرسىتىش كىرەك.شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىنىپ ئىچىدە ئەدەبىي-سەنىئەت پائالىيىتى، كىتاب ئوقۇش پائالىيىتى، ماقالە يېزىش پائالىيىتى ، نۇتۇق سۆزلەش پائالىيىتى، رەسىم سېزىش پائالىيىتى ،ھۆسىنخەت يېىزىش پائالىيىتى، قارا دوسكا ئىشلەش پائالىيىتى،سىنىپ گېزىتى ئىشلەش پائالىيىتى ،لەيفىڭ،لەي نىڭدىن ئۆگىنىش پائالىيىتى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىق تەربىيە ئېيى پائالىيىتى قاتارلىقىلارنى ئېلىپ بىرىپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگنىش قىزغىنلىقىنى يۇقىرى كۆتۇرۇپ ،ئالاھىلىكىنى جارى قىلدۇرۇش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەپ ،ياخشى بولغان ئىجىتىمائىي مۇھىت ھاسىل قىلىش كىرەك.
6.ئائىلە باشىلىقلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ياخشىلاپ ،ئاتا-ئانىلار يىغىنى ئېچىشنى قولغا كەلتۇرۇش. ئاتا-ئانىلار يىغىنى –ئوقۇتقۇچى بىلەن ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلارنى چۈشىنىشنى كۆچەيدىغان ،مۇستەكەملەيدىغان يىغىن.ئاتا-ئانىلار يىغىنى قانداق ئېچىش ،نىمە توغرىسىدا ئىچىش سنىپ مۇدىرى ئەڭ ئاۋۋال ئويلىنىشقا تىگىشلىك مەسلە.سىنىپ مۇدىرى ئاتا-ئانىلار يىغىنى ئېچشتىن بۇرۇن ئەستايدىل تەييارلىق قىلىش، يىغىنى قانداق ئېچىش، قايسى مەزمۇنلاردا سۆزلەش قاتارلىق مەسىللەرنى ئىنچىككە ئويلاش كىرەك.ئاتا-ئانىلار يىغىنى –مەجبۇرىيەت يىغىنى بولۇپ قىلىشتىن قاتتىق ساقلىنىش لازىم.ئاتا-ئانىلار يىغىننىڭ رولىنى تۆۋەندىكى ئىش مىنى قايىل قىلىدى. ئىلگىرى ئاتا-ئانىلار يىغىنى دەيدىغان يىغىن بولسىمۇ ،ئانچە بەك پەرۋا قىلىپ كەتمىگەن ئىكەنمەن، شۇنىڭ بىلەن مەكتەپتىكى پىشىقەدەم،تەجىربىلىك ئوقۇتقۇچىلاردىن ئاتا-ئانىلار يىغىنى قانداق ئىچىش ھەققىدە مەسىلىھەت سۇردۇم،ئۇلارنىڭ ھەممىسى تا مۇشۇ كەمگىچە بۇ مەكتەپتە ئاتا-ئانىلار يىغىنىنى ئىچىپ باقمىغانلىقىنى ،قانداق ئېچىشنىمۇ ئۆزلىرىنىڭمۇ بىلمەيدىغانلىقلىرىنى ئىيىتتى، دەرس مۇنبىرىدە نەچچە ئون يىل ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئاتا-ئانىلار يىغىنىنىڭ قانداق بولدىغانلىقىنى بىلمەيمەن دىيىشى ئەقەلىگە مۇۋاپىق ئەمەستۇر، بۇ ھەقىچان ماڭا ئوخشاش ياش ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھالىنى بىر كۆرۇپ قۇيۇش ئىسىتىكىدە بولۇشى مۇمىكىن دەپ ئويلاپ ،ئەتراپلىق تەييارلىق قىلىپ ،مەكتەپ رەھبەرلىكى ،ئوقۇتقۇچى-ئۇستازلار،كەڭ ئاتا-ئانىلار قاتناشقان بىر قىتىملىق ئاتا-ئانىلار يىغىنى ئاچىتىم، يىغىنىڭ تىمىسى ‹‹ئەۋلادلارغا كۆڭۈل بۆلەيلى›› دىگەن تىمىدا بولۇپ ئالدى بىلەن كەڭ ئاتا-ئانىلارنىڭ قىممەتلىك ۋاقىتىلىرىنى چىقىرىپ بۈگۈنكى يىغىنىغا قاتىنىشىپ بەرگەنلىككە چىن قەلبىمىدىن تەشەككۇر ئىيىتىدىغانلىقىمنى بىلدۈردۇم،ئاندىن مائارىپىمىزنىڭ ئۆتمۇشى،بۈگۈنكى،كىلەچەكى ھەققىدە توختالدىم،ئاخىرىدا ئوقۇغۇچىلار ئاتا-ئانىلارغا،ئۇستازلارغا ئىيىتدىغان يۈرەك سۆزلىرى مۇجەسسەملەشكەن ماقاللىرىنى ئوقۇغان ۋاقىتىدا كۆزۈمدىن تاراملاپ ياش ئېقىپ كەتتى ،مىنىڭلا ئەمەس،ئۇستازلارنىڭ،ئاتا-ئانىلارنىڭ كۆزلىرىدىن تاراملاپ ياش ئېقىپ چۈشىتى،مەن ،ئۇستازلار،ئاتا-ئانىلار بالىلىرىمىزنى يەنە بىر قىتىم ھەققىي تۇنۇپ يېتىش پۇرىسىتىگە ئىگە بولغان ئىدۇق،ئاتا-ئانىلار بۇ قىتىمىقى يىغىنىدىن ئىنتايىن مەمنۇن بولغانلىقىنى ئىيتىپ ، ئايدا بىر قىتىم ئاتا-ئانىلار يىغىنىنى ئېچىپ تۇرۇشنى ئېيىتتى.
مەن مۇشۇ قىتىملىق ئاتا-ئانىلار يىغىندىن شۇنى چۇڭقۇر تۇنۇپ يەتتىمكى ، ئاتا-ئانىلار بىلەن دائىم پىكىر ئالماشتۇرۇپ ،بالىلىرىمىزنىڭ دۇنياسىدا بېخلىنىپ تۇرغان ئارزۇللىرنى سۇغۇرساق ،چۇقۇم كەلگۈسىدە ،مىۋە بىرىدىغانلىقىنى تۇنۇپ يەتتىم. قىسقىسى، سىنىپ مۇدىرى ئۆزنىڭ سىنىپ مۇدرىلىق بۇرچىنى ھەققىي تۇنۇپ ،بارلىقىنى سىنىپنىڭ ئالغا يۈكسلىش ئۈچۈن كۈرەش قىلدىغان بولسا ،ھەرقانداق سىنىپ ياخشى سىنىپ كۆللىكتىپىگە ئايلىنالايدۇ،خالاس. |