چۈش تەبىرى چۈش كىشىلەرنىڭ كۈندۈزدىكى كۆرگەن ۋە ئاڭلىغانلىرىنىڭ ئۇخلىغان ۋاقىتتىكى كۆرۈنىشى بولۇپ , ئەلمىساقتىن تارتىپ كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ ھەم باشقىلارنىڭ كېچىدە كۆرگەن چۈشلىرىنى ياخشى تەرەپكە ئۆرۈپ , يامان چۈشلەرنىمۇ ئامال بار ياخشى تەرەپكە ئۆرۈپ كىشىلەرنىڭ پىسخىكا جەھەتتىكى ئاجىزلىقىنى تولدۇرۇپ , بەلگىلىك رىغبەتلەندۈرۈش , تەسەللىي بىرىش ۋە ئىلھام بىرىش ئارقىلىق كىشىلەرنى خاتىرجەملىككە ئىگە قىلماقتا . ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئۆزىگە خاس چۈش تەبىرى بولۇپ , بۇ تەبىرلەرگە شۇ مىللەتنىڭ ئۆرۈپ - ئادىتى , دىني ئېتىقادى , ۋە شۇ مىللەتنىڭ بەلگىلىك مەدىنىيەت خاراكتىلىرى سىڭىپ كەتكەن . بۇنىڭ شۇ مىللەتنىڭ ئىندىۋۇدال خاراكتىرىنى ۋە ئۆرۈپ-ئادەتلىرىنى تەتقىق قىلىشتا بەلگىلىك قىممىتى بار . شۇنى دەپ ئۆتۈش كېرەككى , بۈگۈنكى ئىلىم - پەن تەرەققىي قىلغان دەۋىردىمۇ , نۇرغۇن كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ كېچىدە كۆرگەن چۈشلىرىنى چۈشىنەلمەي , بۇنىڭدىكى سىرغا ھەيران قىلىپ يۈرمەكتە . بېشىدىن كۆپ ئىسسىق - سوغۇق ئۆتكەن پىشقەدەملىرىمىز ھەرخىل چۈشلەرگە بىرخىل بەلگىلىك رىغبەتلەندۈرۈش , تەسەللىي بىرىش ۋە ئىلھام بىرىشنى ئاساس قىلىپ , ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى خاتىرجەم قىلىپ كەلمەكتە تۆۋەندە بىز ئۆزىمىز توپلىغان بىر قىسىم چۈش تەبىرلىرىنى كۆپچىلىكنىڭ ھوزورىغا سۇندۇق .دوستلارنىڭ << شاكىلىنى چىقىرۋىتىپ مېغىزىنى قوبۇل قىلىش >> نى تەۋسىيە قىلىمىز . بىلىڭ ۋە ئاگاھ بولۇڭكى تارىخ يازغۇچى ۋە رىۋايەتچىلەردىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى , ھەزرىتى يۈسۈپ ئەلەيھىسسالام چۈش تەبىرىدىن قالدۇرغان رىۋايەتكە ئېيتىپدۇركى , ھەر كىشى بىرەر چۈش كۆرسە چۈشىگە تەبىر بەرگۈچى ياخشىلىققا تەبىر بەرسۇن يامانلىققا تەبىر بەرمىسىۇن . 1. ھەركىمنىڭ ئۆيى تېمى ئۆرۈلۈپ چۈش كۆرسە ئوغۇل پەرزەنتىگە خەتەر يېتەر . ئۆينىڭ تۆۋەن تېمى ئۆرۈلۈپ چۈش كۆرسە قىز پەرزەنتىگە خەتەر يېتەر . ئۆينىڭ قىبلە تېمى ئۆرۈلۈپ چۈش كۆرسە ئاتا تەرەپكە , شەرق تېمى ئۆرۈلۈپ چۈش كۆرسە ئانا تەرەپكە خەتەر يېتەر ، تورۇس ئۆرۈلۈپ چۈش كۆرسە ئۆينىڭ چوڭىغا خەتەر يېتەر . 2. قەبرىستاندا يۈرۈپ چۈش كۆرسە گۇناھى ئازلىغان بولۇر . 3. مەسجىدنى كۆرۈپ چۈش كۆرسە خۇدانىڭ خەزىنىسىدۇر . :: 4. مەسجىددە ناما ز ئوقۇپ چۈش كۆرسە مۇرادىغا يېتەر . 5. چوڭ دەرەخ يىقىلىپ چۈش كۆرسە شۇ جاينىڭ چوڭىغا خەتەر يىتەر . 6. كۆچەت قويۇپ چۈش كۆرسە پەرزەنت كۆرگەي . 7. تاغدا يۈرۈپ تاغنى كۆرۈپ چۈش كۆرسە ئىززەت ۋە ھۆرمەتلىك بولغاي . 8. ئوتنى كۆرۈپ چۈش كۆرسە مۇرادىغا يىتەر . 9. تۈتۈن ئىسىنى كۆرۈپ چۈش كۆرسە ئازاپقا گىرىپتار بولۇر . 10. ئوتۇن كۆرۈپ چۈش كۆرسە بىناما ز بىلەن دوست بولۇر . 11.ئانارنى كۆرۈپ چۈش كۆرسە بىر يەردىن سوغات خەۋىرى كېلۇر . 12. بىيە كۆرۈپ چۈش كۆرسە كېسەل بولۇر . 13. ئىشەكتىن يىقىلىپ چۈش كۆرسە ئۆزىگە زىياندۇر . 14. تۆمۈر ئەسۋاب كۆرۈپ چۈش كۆرسە پەرزەنتى كۆپ بولۇر . 15. قامچا كۆرۈپ چۈش كۆرسە چوكان ئالۇر . 16.ئىت قاۋاپ چۈش كۆرسە دۈشمەن قەسىت قىلۇر . 17. ئىلان ھەم دۈشمەن سۈرىدۇر . 18. ئاق ئىلان مۇسۇلماندۇر . 19.قارا ئىلان دۈشمەن سۈرىدۇر . 20. چاشقان ئوغرى سۈرىدۇر . 21. توشقان كۆرۈپ چۈش كۆرسە پەرزەنت نىسىپ بولۇر 22. قاغا قىچقىرىپ چۈش كۆرسە قۇرقۇنچلۇق خەۋەر كېلۇر . 23. پاختەك كۆرۈپ چۈش كۆرسە ئۆمرى ئۇزۇن بولۇر . 24. قۇشقاچ كۆرۈپ چۈش كۆرسە غەمكىن بولۇر 25. كەپتەر كۆرۈپ چۈش كۆرسە بالىسى ئالىم بولۇر . 26. لاچىن كۆرۈپ چۈش كۆرسە بالىسى باتۇر بولۇر . 27. دەمدەر كۆرۈپ چۈش كۆرسە شۇ جايدىن قۇرئان ئاۋازى ئۈزۈلمەس 28. تورغاي كۆرۈپ چۈش كۆرسە ئەۋلىيالار بىلەن دوست بولغاي . 29. سېغىزخان كۆرۈپ چۈش كۆرسە ھارامخۇر بىلەن دوست بولۇر 30. بۇلبۇل كۆرۈپ چۈش كۆرسە بالىسى نەغمىچى بولۇر . 31. قالغاچ كۆرۈپ چۈش كۆرسە بالىسى راسىت سۆزلۈك بولۇر . 32. ھۆپۆپ كۆرۈپ چۈش كۆرسە بالىسى بېخىل بولۇر . 33.ئاسمانغا ئۇچۇپ چۈش كۆرسە دۆلىتى زىيادە بولۇر . 34. يەر ياقىلاپ چۈش كۆرسە ياكى ئۇچۇپ يىقىلىپ چۈش كۆرسە سەپەردە خەتەرگە ئۇچرار . 35. ئېگىز ئۇچۇپ چۈش كۆرسە سەپىرى سالامەت بولۇر . 36. كەتمەن كۆرۈپ چۈش كۆرسە مۇرادىغا يىتەر . 37. ئارا كۆرۈپ چۈش كۆرسە ئۆمرى ئۇزۇن بولۇر . . 38. خامان تېپىپ چۈش كۆرسە خەلىققە باش بولۇر . 39. دەريانى كۆرۈپ چۈش كۆرسە ھاجىتى راۋان بولۇر . 40. كېيىكنى كۆرۈپ چۈش كۆرسە نېمەتكە داخىل بولۇر . 41. كالا قوغلاپ چۈش كۆرسە ئۇلۇغلارنىڭ نەزىردىن يېقىلۇر . 42. كالا بوغۇزلاپ چۈش كۆرسە يۇرتىغا خەتەر يېتەر . 43. كالا گۆشى تەقسىم قىلىپ چۈش كۆرسە ئۆي سەرەمجانلىرى تەقسىم قىلىنۇر . 44. قوي گۆشى تەقسىم قىلىنىپ چۈش كۆرسە تەقسىم نۆۋىتى كېلۇر . 45. پاقلان كۆرۈپ چۈش كۆرسە بالىسى يىتىم قالۇر . 46. ئۆچكە جىننىڭ سۈرىدۇر. 47.. ئوغلاقنى كۆرۈپ چۈش كۆرسە مەككار پەرزەنت كۆرەر 48. مال بېقىپ چۈش كۆرسە خەلىققە باشلىق بولۇر 49. تۆگە قوغلاپ چۈش كۆرسە ئەۋلىيالارنىڭ غەزىۋىگە ئۇچرار . 50. تۆگە كۆرۈپ چۈش كۆرسە ئەۋلىيالار بىلەن دوست بولۇر . 51. مىكيان كۆرۈپ چۈش كۆرسە خوتۇن ئالۇر ياكى ئەرگە تېگەر . 52. تۇخۇم يەپ چۈش كۆرسە پەرزەنت كۆرمەس 53. تۇخۇم چېقىلىپ چۈش كۆرسە پەرزەنتى تۇرماس . 54. قوناق كۆرۈپ چۈش كۆرسە مۈشكىلى ئاسان بولۇر . 55. ئىت قەسىت قىلىپ چۈش كۆرسە دۈشمەن سۈرىدۇر . 56. شەھەر كۆرۈپ چۈش كۆرسە مۈشكىلى ئاسان بولۇر . 57. چوڭ بولۇپ چۈش كۆرسە رەنجىگە گىرىپتار بولۇر . 58. تارازا كۆرۈپ چۈش كۆرسە داۋاگەر بولۇر . , 59. كۆۋرۈك كۆرۈپ چۈش كۆرسە ئابرۇيلۇق بولۇر . 60. گۈلنى كۆرۈپ چۈش كۆرسە ئۇلۇغلاردىن ئىنام ئالۇر . 61. قورسىقى تويۇپ چۈش كۆرسە غەمگە قالۇر . 62. قورسىقى ئېچىپ چۈش كۆرسە غەمدىن قۇتۇلار . 63. جامائەتلەرنى كۆرسە خۇشاللىق بولۇر . 64.بىلەيزۈكنى كۆرۈپ چۈش كۆرسە نىكاھى مۇستەھكەم بولۇر 65. ھارۋا كۆرۈپ چۈش كۆرسە ياكى پۇتىغا ئاياق كىيىپ چۈش كۆرسە خوتۇن ئالۇر . 66. قىز بالا كۆرۈپ چۈش كۆرسە ئۆمۈرى ئۇزۇن بولۇر . 67. چوكان كۆرۈپ چۈش كۆرسە پۇل ماللىرى ئامان بولۇر . 68. زىنا قىلىپ چۈش كۆرسە غۈسلى تاھارەت قىلىپ يۇيۇنسۇن ، مۇرادىغا يىتەر . 69. ئوڭ قولى غايىپ بولۇپ چۈش كۆرسە ئوغۇل پەرزەنتىگە ، چەپ قولى غايىپ بولسا قىز پەرزەنتىگە خەتەر يىتەر 70. زىكەر غايىپ بولسا پەرزەنت كۆرمەس . 71.بەدېنىگە موي چىقىپ چۈش كۆرسە پۇل ماللىرىغا زىيان يېتەر 72. ئاياللار پەرجىدىن قان ئېقىپ چۈش كۆرسە پەرزەنت كۆرگەي . 73. چوڭ - كچىك بۆلۈپ چۈش كۆرسە دۇنياسى كۆپ بولۇر . 74. ھايۋاننىڭ تېزىگىنى تېرىپ چۈش كۆرسە ئومرى مۇشەققەت بىلەن ئۆتكۈزگەي . 75. ئۆيگە كىرىپ چۈش كۆرسە غەمگە قالۇر . 76. ئۆيدىن چىقىپ چۈش كۆرسە غەمدىن قۇتۇلار . 77. ئۆيگە سۇ كىرىپ چۈش كۆرسە ئۆيگە بەركەت كىلۇر 78. ئۆيگە ئوت كېتىپ چۈش كۆرسە بەدنىيەت ئادەمگە ئۇچرار . 79. دەريانى كۆرۈپ چۈش كۆرسە مەرتىۋىسى ئۆسەر . 80. دەرياغا چۈشۈپ چۈش كۆرسە ھاجىتى راۋا بولۇر . 81. كېمىگە چىقىپ چۈش كۆرسە يۈزدە يۈز مەرتىبە تاپار . 82. پاقىنى كۆرسە ئەۋلىيالار بىلەن دوست بولۇر . 83. بېلىق كۆرۈپ چۈش كۆرسە ھالالدىن رىزقى كۆپ بولۇر . " 84. ئات يۈگۈرتۈپ چۈش كۆرسە مۇرادىغا يېتەر 85. ئات مېنىپ جەڭ قىلىپ چۈش كۆرسە خوتۇنى بىلەن ماجرالىشىپ ئۆي بۇزۇلۇر . 86. ئاتتىن يىقىلپ چۈش كۆرسە خوتۇندىن يامانلىق كىلۇر . 87. يايلا قۇيرۇقلۇق ئاتقا مېنىپ چۈش كۆرسە خوتۇنى كېسەل بولۇر . 88. لەھەڭ دەم تارتىپ چۈش كۆرسە ئۇلۇغلاردىن ئىنئام ئالۇر 89. ئەجدەرھا پادىشاھ سۈرىدۇر . 90. قوغۇن يەپ چۈش كۆرسە رىزقى كۆپ بولۇر 91. توڭ قوغۇن يەپ چۈش كۆرسە جۇداغا قالۇر . 92. ئاچچىق قوغۇن يەپ چۈش كۆرسە بىر كىشىدىن ئىزا - ئاھانەتكە قالۇر . 93. ئاق ئۈجمە يەپ چۈش كۆرسە رىزقى كۆپ بولۇر . 94. ياڭاق كۆرۈپ چۈش كۆرسە جۇداغا قالۇر 95. كۆك ئۈزۈم يەپ چۈش كۆرسە يىغا - زارلىق بولۇر 96. توڭ ياڭاق يامان ئەمەستۇر . 97. جۇگاز يىغى كۆرۈپ چۈش كۆرسە پاراڭ جۇداغا قالۇر . 98. غەلۋىر كۆرۈپ چۈش كۆرسە ۋەيرانلىققا قالۇر . 99. ئۆتكەمە كۆرۈپ چۈش كۆرسە غەمگە قالۇر . 100. خوتۇن كىشى ئوغۇل تۇغۇپ چۈش كۆرسە قىزدۇر . 101. ئالما كۆرۈپ چۈش كۆرسە دېدار كۆرۈشەر . 102. چىسلا كۆرۈپ چۈش كۆرسە بالىسى دوختۇر بولۇر . 103. جىگدە كۆرۈپ چۈش كۆرسە نائەھلى بىلەن دوست بولۇر . 104. تولا يىغلاپ چۈش كۆرسە كېسەل بولۇر . 105. گۆر كولاپ چۈش كۆرسە ھاجىتى راۋا بولۇر . \ 106. ھەرە كۆرۈپ چۈش كۆرسە بىراۋدىن ئازارلىنۇر . 107. ئورۇس كۆرۈپ چۈش كۆرسە ئەمەلسىز پەرزەنت كۆرەر . 108. ھىندى كۆرۈپ چۈش كۆرسە قارغۇ پەرزەنت كۆرەر . 109. چېچەك كۆرۈپ چۈش كۆرسە ئۆمرى راھەتتە بولۇر . 110. شىكەر ناۋات كۆرۈپ چۈش كۆرسە خۇشاللىق بولۇر . 111. غەم بولۇپ چۈش كۆرسە تولا كېسەل بولۇر . 112. قاپاق كۆرۈپ چۈش كۆرسە كېسەلدىن شىپا تاپار . 113. قۇلىغى گاس بولۇپ چۈش كۆرسە بەتنام سۆزدىن قۇتۇلار . 114. بوغۇز تۆگە كۆرۈپ چۈش كۇرسە جان ئالغۇچىنڭ سۈرىدۈر . 115. كەكلىك كۇرۈپ چۈش كۇرسە خۇدا جۈپ پەرزەت بېرەر . 116. قارچۇغا كۇرۈپ چۈش كۇرسە دوستى قولىغا كېلۇر . 117. سېۋەت كۆرۈپ چۈش كۆرسە مەرتبسىدىن چۈشەر . 118. چىراق كۆرۈپ چۈش كۆرسە ئالىم پەرزەنت كۆرەر . 119. سۇرە پەلەقنى ئوقۈپ چۈش كۆرسە ئالىم پەرزەنت كۆرەر . 120. سۈرە پەلەقنى ئوقۇپ چۈش كۆرسە سېھرى جادۇدىن قۇتۇلار . 121. سۇرە ياسىن ئوقۈپ چۈش كۆرسە خۈدا دوزاق ئازابىدىن ساقلار . 122. قۈرئان ئوقۈپ چۈش كۆرسە ياخشى كۈن كۆرەر . 123. تاھارەت ئېلىپ چۈش كۇرسە ئابروي كۆتۈلەر . 124. روھ كۈلۈپ چۈش كۆرسە ئازاپ تارتقاننىڭ سۈرىدۈر . 125. روھ دەشنام قىلىپ چۈش كۆرسە مەدەت قىلغاننىڭ سۈرى 126. روھ ئۈرۈپ چۈش كۆرسە ساقايماس كېسەلگە قالۈر . 127. روھ ئىززەتلەپ چۈش كۆرسە ئۆز يېنىغا تارتقاننىڭ سۈرىدۈر . 128. روھ سۆزلسە راست سۆزلىگەي . 129. روھ تائام بېرىپ چۈش كۆرسە دۇئا تەلەپ قىلغاندۈر . 130. روھ تاھارەت ئېلىپ چۈش كۇرسە گۈناھى تۆكۈلەر . 131. تۈگمەن قۈرۈق چۆگىلەپ چۈش كۇرسە قۇرۇق سۆز قۇرۇق تۆھمەتكە قالغاي . 132. تۈگمەندە ئۇن تارتىپ چۈش كۆرسە پۇل مالى كۆپ بولغاي , ھاجىتى راۋا بولغاي . 133. يامغۇر يېغىپ چۈش كۆرسە ئەرزانچلىق بولۇ 134. ئاپتاپ چىقىپ چۈش كۇرسە مەرتېبىلىك بولۇر . 135. كۈننى كۇرۈپ چۈش كۇرسە خۈدانىڭ جامالىدۈر . 136. كۈن تۈتۈلۈپ چۈش كۇرسە خەلق زۈلۈمدا قالغاي . 137. ئاي كۈن بىر يەردە جەم بولۈپ چۈش كۆرسە دەرىجسى كۆتۈرۈلگەي . 138. يېڭى ئاي كۆرۈپ چۈش كۆرسە پەرزەنت كۆرگەي ، تولۇن ئاي كۆرۈپ چۈش كۆرسە مۈشكۈلى ئاسان بولۈر . 139. يېرىم ئاي كۆرۈپ چۈش كۆرسە قىلغان ئىشى چالا بولغاي . 140. ئاي كۆرۈپ كېتىپ چۈش كۆرسە يۈرت ئىچىدە پىتنە پاسات بولۈر . 141. يۇلتۇز كۆرۈپ چۈش كۇرسە مۈرادىغا يېتەر . 142. يۇلتۇزلار تۆكۈلۈپ چۈش كۆرسە قۇرۇق تۆھمەتكە يولۇقار . 143. ئۈكەي يۇلتۇزنى كۆرۈپ چۈش كۆرسە ساھابىلەردىن مەدەت بولۇر . 144. يۇلتۇز ئېقىپ چۈش كۆرسە بىر ئالىم ۋاپات بولۈر . 145. يەر تەۋرەپ چۈش كۆرسە گۈناھلار كۆپلىكىنىڭ ئالامىتىدۇر . 146. ھاۋا گۈلدۈرلەپ چۈش كۆرسە قۇرۇق سۆزگە قالۇر . 147. چاقماق چېقىپ چۈش كۆرسە پادىشاھنىڭ ئالدىدا گۇناھقا لايىق بولۇر . 148. باش غايپ بولۇپ چۈش كۆرسە ئەجىلى يېقىن بولۇر . 149. بېشىغا قېلىچ تېگىپ چۈش كۆرسە پادىشاھقا خەتەر يېتەر . 150. باش چۈشۈپ چۈش كۇرسە يېرىم ھەج ساۋابى بولۈر , قىلغان ئىشى چالا بولۇر . 151. چېچى ئۆسۈپ چۈش كۆرسە قەرزدار بولۇر 152. كۆزى كور بولۇپ چۈش كۆرسە تىنەپ قالۇر . 153. ئايالىنىڭ چېچى ئۆسۈپ چۈش كۆرسە بەختى كېلۇر . 154. بىر كۆزى كۆرمەس بولۇپ چۈش كۆرسە نامەرتنىڭ قولىغا قالۇر . 155. بۇرنى پۇچۇق بولۇپ چۈش كۆرسە ئەيىبى ئاشكارا بولۇر . 156. ئاق تون كېيپ چۈش كۆرسە ماتەمدار بولۇر . 157. قىزىل تون كېيىپ چۈش كۆرسە روشەنلىككە چىقار . 158. كۆك تون كېيىپ چۈش كۆرسە يىغا زارلىق بولۇر . 159. دەللە تون كېيىپ چۈش كۆرسە ئەۋلىيالاردىن مەدەتدۇر . 160. يالاڭ ئاياق بولۇپ چۈش كۆرسە گۇماندىن پاك بولۇر . 161. ئۆي سۇ كۆرۈپ چۈش كۆرسە رەنجى مىھنەتلىك بولۇر . 162. سۈزۈك سۇ كۆرۈپ چۈش كۆرسە ئۆمرى ئاز قالغان بولىدۇ . 163.تۇز كۆرۈپ چۈش كۆرسە بەتنامگە قالۇر . 164.قۇش كۆرۈپ چۈش كۆرسە دۆلىتى زىيادە بولۇر . 165.ئەگەر قۇشلار سوقۇشۇپ چۈش كۆرسە دۈشمىنى بىلەن دوسىت بولۇر . 166.قان كۆرۈپ چۈش كۆرسە دۈشمىنى بىلەن دوسىت بولۇر . 167. سارنى كۆرۈپ چۈش كۆرسە پاسىق بىلەن دوسىت بولۇر . 168. تۈلكە كۆرۈپ چۈش كۆرسە ھىلىگەر بىلەن دوسىت بولۇر . 169. قەبرىستاندا يۈرۈپ كۆرۈپ چۈش كۆرسە گۇنادىن پاك بولۇر . 170. گورنى كۆرۈپ چۈش كۆرسە غەمسىز بولۇر . 171. كىپەن راسلاپ چۈش كۆرسە ئۆمرى ئۇزۇن بولۇر . 172. جىنازا كۆرۈپ چۈش كۆرسە خەلقىغە چوڭ بولۇر . 173. ئۆلۈك تىرىلىپ چۈش كۆرسە روھ قۇۋۋەت تاپقاندۇر . 174. روھ ئۆلۈپ چۈش كۆرسە روھ ئاجىزلىغاننىڭ سۈرىدۇر . 175. روھ يىغلاپ چۈش كۆرسە روھقا بىھوش بىسىپ بولغان سۈرىدۇر . 176. روھقا بىر نەرسە بېرىپ چۈش كۆرسە قوللىغان سۈرىدۇر . 177. قازانغا ئوت قالاپ چۈش كۆرسە بەتنىيەت بىلەن دوسىت بولۇر . 178. ساندۇق كۆرۈپ چۈش كۆرسە كەسپى دۇنياسى راۋاج تاپار , ساندۇقتىن نەرسە ئېلىپ چۈش كۆرسە غەمدىن ئامان بولۇر . 179. كوزا كۆرۈپ چۈش كۆرسە خوتۇنى تۇغۇتى تەس بولۇر . 180. تاۋاق كۆرۈپ چۈش كۆرسە پەرزەنت كۆرەر , تاۋاق چېقىلىپ چۈش كۆرسە بالىسى تۇرماس . ئالتۇن كۆرۈپ چۈش كۆرسە ئىماندىن ئاجراش خەۋپى باردۇر . 181. كۆمۈش كۆرۈپ چۈش كۆرسە دۇئاسى ئىجاۋەت بولۇر . . 182. داچەن كۆرۈپ چۈش كۆرسە پۇشايمانغا قالۇر . 183. ئۈزۈك كۆرۈپ چۈش كۆرسە بالىسىنىڭ بىر ئەزاسى كام بولۇر . 184. ئەينەك كۆرۈپ چۈش كۆرسە ھەپەر تەرەپتىن خەۋەر كېلۇر . 185.ئەينەككە قاراپ چۈش كۆرسە دىدار كۆرىشەر . 186. بۇغداي كۆرۈپ چۈش كۆرسە جاپا بىلەن دۇنيا تاپار . 187. يىڭنە كۆرۈپ چۈش كۆرسە ھاجىتى راۋا بولۇر . 188. قوناق كۆرۈپ چۈش كۆرسە روشەنلىككە چىقار . 189. مايسا كۆرۈپ چۈش كۆرسە يىغا- زارلىق بولۇر 190. ئارپا كۆرۈپ چۈش كۆرسە مەينەتچىلىككە قالۇر . 191. تېرىق كۆرۈپ چۈش كۆرسە مۇشكىلى ئاسان بولۇر . 192. ھايۋان بىلەن سۆزلۈشۈپ چۈش كۆرسە ھەقىقىي مۇسۇلمان بولۇر . 193 .سۈرە ئەررەھمان ئوقۇپ چۈش كۆرسە ئىككى ئالەمدە سائەتمەن بولغاي . 194. قۇرئان ئوقۇپ چۈش كۆرسە ياخشىلىقنىڭ ھىساۋى بولماس . 195. سېمىز ئىنەك كۆرۈپ چۈش كۆرسە مەمۇرچىلىق بولۇر , ئورۇق ئىنەك كۆرۈپ چۈش كۆرسە قەھەتچىلىك بولۇر . 196. ئورۇق بۇغداي سېمىز بۇغداينى چىرماپ چۈش كۆرسە ئاسماندىن يامغۇر ياغماي تېرىقچىلىق ھوسۇل بەرمەي كىشلەر ھالاك بولۇپ , ئاتا-ئوغولدىن قىز -ئانىدىن قېچىپ ھالاك بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ . 197. بۇغداي ئوخشاپ چۈش كۆرسە مەھسۇلات ئېشىپ مەمۇرچىلىق بولۇر . ياخشى چۈش كۆرسە خۇداغا ھەمدۇسانا ئېيتىش ناچار چۈش كۆرسە خۇداغا ئىستىقپار ئېيتىپ پېقىر - مىسكىنلەرگە خەيرى ئېھسان قىلىش لازىم . سەدىقە قىلىش توغرا بالايى- ئاپەتلەرنى توسۇدۇ ۋە ئۆمرىنى زىيادە قىلىدۇ . شۇ سەۋەپ بىلەن خۇدايتائالاغا شۈكرى كەلتۈرۈپ , ئاز-كۆپ بەرگەن رىزىقلىرىگە قانائەت كەلتۈرۈش بىلەن پۇل- مالىمىز ھىسابقا يەتسە قىرىقتىن بىرىنى ، باي دېھقانلارغا زىرائەتنىڭ ئوندىن بىرىنى بېرىشكە ، كەمبەغەللەرگە سەبرى قانائەت قىلىش ، بايلارگە خۇدانىڭ بەرگەن كۆپ ئىممەتلىرىگە ھىساپسىز شۈكرى قىلىپ تائەت - ئىبادەتكە كامىل تەقۋادار بولۇش لازىم . باي كىشلەرگە ئاسانلا كېبرى-تاماخورلۇق , مەنمەنلىك يۇقۇپ قالىدۇ . بۇ شەيتاننىڭ سۇيقەستى ، سەدىقە ، ئىخلاس بىلەن ئىسلامدىكى بەش پەرىزنى ئادا قىلىش زۈرۈردۇر |