مىخلاڭساقلاڭيېڭى 2000 تېماتەۋسىيە تور كۆرگۈچىلەر:FirefoxChrome
baykax

baykax

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

جەمئىي مىكروبلوگ 2063 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • چىركىن 4 مىنۇت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    مەن ماتىرىيال يوللىماقچى ئىدىم

  • شىرنە تۈنۈگۈن 20:22 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭىزلارغا مۇبارەك بولسۇن

  • 阿吉米德 تۈنۈگۈن 19:10 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم بايقاش.......

  • نۇردۇن تۈنۈگۈن 11:14 [ئىنكاس(0)] [...]

    سالام،دوسلار بايرىمىڭىلارگە بۇبارەك بولسۇن!بايراملىق تىللا سوۋغا قىلمامسىلە؟

  • پۇرخۇن تۈنۈگۈن 00:18 [ئىنكاس(0)] [...]

    نېمە قىلىۋاتىسىز؟ دوستلىرىڭىز بېلەن ئورتاقلىشىڭ ...جاپاكەش ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن.

  • زەپەر 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۇقۇتقۇچى ئۇستازلار ياخشىمۇ سىلەر بايقاش مۇنبىرى تۇلۇق ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى

  • 1چىچەك 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئىشچاندىن تەر چىقىدۇ،ھورۇنندىن ئۇھ چىقىدۇ.

  • pari تۈنۈگۈن 21:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    جاپاكەش باغۋەنلەر بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!!

  • 阿吉米德 تۈنۈگۈن 19:11 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئاراڭلاردا ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى بولسا تونۇشۇپ قاساق بوپتىكەن قېرىنداشلا.......

  • خانىدان تۈنۈگۈن 14:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!

  • زەپەر تۈنۈگۈن 00:44 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۇقۇتقۇچى ئۇستازلار ياخشىمۇ سىلەر بايقاش مۇنبىرى تۇلۇق ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى

  • دىلكەش ئۈلۈشكۈن 09:24 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭلارغا موبارەك بولسۇن~

  • 1چىچەك 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ياخشى بولماق مىڭ يىلچىلىك،يامان بولماق بىر دھمچىلىك.

  • 1چىچەك 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    مقۋىلىك دەرەخنىڭ بېشى تۆۋەن،بىلىملىك ئادەمنىڭ يۇزى تۆۋەن.

كۆرۈش: 221|ئىنكاس: 18

خارلانغان دوپپا

 [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

293

تېما

106

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
6765 سەر
تىللا
1727 دانە
تۆھپە
10811 سەر
شۆھرەت
5784 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىبايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنىبايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسىبايقاش مەلىكىسىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-3 19:17:36|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   گۈلزار تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-5-3 19:19  

خارلانغان دوپپا


  ھۆرمەتلىك مۇنبەرداش بۇ تېما مىسرانىم تورىغا يوللانغان ئىكەن ، بۇ تېمىدا سۆزلەنگەن  ۋەقەلىك بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزدا ساقلىنىۋاتقان ئويلىنىشىمىزغا  ھەم دىققەت قىلىشىمىزغا تىگىشلىك مەسىلىلەرنىڭ بىرى  ، شۇڭا بۇ تېمىنى بايقاشقا كۆچۈرپ ئېلىپ كەلدىم . مۇنبەرداشلارنىڭ بۇ ھەقتە ئازراق مۇلاھىزاە قىلىپ بېقىشىنى سورايمەن .
  

[align=center] 5-ئاينىڭ 5-كۈنىدىكى دوپپا بايرىمىغا بىغىشلايمەن



بۈگۈن يىقىن بىر دوستۇمنىڭ ئوغلىنىڭ سۈننەت توي مەرىكىسى
ئۆتكۈزۈلمەكچى ئىدى .
مەن بۇ مەرىكىگە بالدۇراق بىرىپ دوستۇمغا قارىشىپ بىرىش ئۈچۈن چۈشلۈك تامقىمنى ئالدىراپ يىدىم -دە دوستۇمنىڭ تەكلىۋى بويىچە دوپپامنى كىيىپ ، شىم -كاستۇمنى ئۇچامغا ساپتىمدە تىلفۇن قىلدىم .  
--ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئاداش ، قانداق ئەھۋال؟
دوستۇم خاپا بولغان ھالدا ؛--ئادۇش!!! باركەنمىز --ھە؟؟؟  < ئىشەنگەن تاغدا كىيىك ياتماپتۇ > دەپ يىقىن ئاغىنە بولغاندىكىن بالدۇراق بىرىپ  قارىشىپ بىرەي دىمەي ئەمدى تىلفۇن قىلامسىلە ؟ سىلنىمۇ كۆرۈپ قويدۇق جۇما !!!   
مەن خىجىل بولغان تەلەپپۇزدا ؛--خاپا بولماڭلار ئاداش ، مىنىڭمۇ شۇ ئىشىم ئالدىراش بولۇپ قىلىپ .......مىھمانلار كىلىۋاتامدۇ ؟دەپ سورىدىم .  
--ھەممە مىھمانلار كىلىپ بولۇپ سىلگىلا قاراپ قالدۇق جۇما !تىزراق كىلىڭلار ،سىلە ياردەملىشىدىغان ئىشلار بار .
--مەنمۇ ھازىرلا ماڭاي دەپ تۇرغان ، خوش دىدىمدە تىلفۇننى قويۇپ سىرىتقا چىقىپ تاكسى توستۇم .
مەن < قوش ئامەت رىستۇرانى > غا كىلىپ دوستۇم بىلەن كۆرۈشتۈم .
--ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئاداش ، مۇبارەك بولسۇن .
---ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام . رەخمەت ئاداش .ھەر نىمە بولسا  كەلدىڭ . قىنى زالغا كىرىلى !
مەن رىستۇراننىڭ ئىچىگە كىردىم . قارىسام كەلگەن مىھماننىڭ تايىنى يوق ، بەزى ئۈستەللەردە بىر-ئىككىدىن ئادەم ئولتۇراتتى .   
--ئادوش !!1 قىنى مىنىڭ يولۇمغا قاراپ ئولتۇرۇپ كەتكەن مىھمانلار ؟ دىدىم تەنە قىلىپ .   
--ئاشۇنداق دىمىسەم كەچتە كىلىسىلە  ئىشىم چىقىپ قالدى دەپ . بىلمەمدىم مەن سىلنى ؟دىدى ھىجيىپ تۇرۇپ.  
بىز پاراڭلىشىپ تۇراتتۇق ، دوستۇمنىڭ بىر جۇپ ئوغلى كىلىپ قالدى .---ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دىدى چوڭ ئوغلى
ئارقىدىنلا كىچىكىمۇ ئاكىسىنى دوراپ قولىنى تەڭلىدى .
--ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام . نىمانچە ئوماق بولۇپ كەتتى بۇ بالىلار ؟؟   
دوستۇم بۇ بالىلارنى ھەقىقى مىللى خاسلىقىمىز بىلەن كىيىندۈرگەن بولۇپ  ئوخشاش دوپپا ، ئۇچىسىغا مىللى قول ھۈنەر سەنئىتىنىڭ جەۋھىرى بولغان كانىۋاي كۆينەك ، قارا شىم -كاستۇم كىيگۈزگەن بولۇپ بۇ بالىلارغا ئۆزىمىزگە خاس بۇ كىيىم -كىچەكلەر بەكمۇ ياراشقان ئىدى .   
--ئەسسالام   دىگەن زىل ئاۋاز بىلەن ئارقامغا بۇرۇلدۇم .
قارىسام دوستۇمنىڭ ئايالى كۈلۈمسىرەپ تۇراتتى .
--ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ! تونىيالمايلا قالدىمغۇ؟؟؟
مەن بۇ خانىم بىلەن ئامان -ئىسەنلىك سوراشقاندىن كىيىن ---ھەي ئۆزىمىزنىڭ بۇ يارىشىملىق كىيىملىرىمىزگە نىمە يەتسۇن ؟؟؟؟؟؟ دوپپا ،ئەتلەس كۆينەك سىزگە بەكلا يارىشىپتۇ .دىيشىمگە ؛--مۇشۇ ئاغىنىڭىز زورلاپ كىيگۈزدى دەڭا ! ئۇنداق بولمىغان بولسا مىنىڭ ئەسلىدە تاللىغان كىيمنى كىيگەن بولسام دوسىت -دۇشمەنلىرىمنىڭ كۆزىدىن ئوت چىقىرىۋەتكەن بولاتتىم .
دوستۇمنىڭ ئاچچىغى كەلدى بولغاي ؛--ھىلى بىكار ،جۇما  ! بىر چىرايلىق ئۆزىمىزنىڭ كىيىملىرى تۇرسا ، يەنە نىمنى كىيەتتىڭ ؟؟ خوتۇن خەق دىگەننىڭ چىچى ئۇزۇن ئەقلى قىسقا دىگەن شۇ --دە .ھەي بىز قانداق كىيىنسەك   
پەرزەنىتلىرىمىزمۇ شۇنداق كىيىملەر بىلەن چوڭ بولىدۇ .ئۆزىمىز توي تۆكۈنلەردە ياۋرۇپا پوسۇنىدىكى يىرىم -يالىڭاچ بىر نىملەرنى كىيىمىزۇ --يەنە ئەۋلاتلاردىن نىمە دەپ ئاغرىنىمىز ؟ ئۇلاردىن ئاغرىنىشقا نىمە ھەققىمىز ؟
مەن دوستۇمغا تەسەللى بىرىپ --بولدى قىلە ئاداش .ئاۋال توي تۈگسۇن قالغان گەپلەر كىيىن بولسۇن دەپ دوستۇمنى سىرتقا ئىلىپ چىكەتتىم .
دوستۇم سىرىتقا چىقىپ بىر تال تاماكا چىكىپ جىلە بولغان ھالدا؛ ھەي  مۇشۇ خوتۇن خەقنىزە !!! ئۆزىنىڭ مىللى ئۆرپ-ئادەتلىرىمىزنى  ، ئەنئەنىۋى كىيىملىرىمىزنى  مەسخىرە قىلغان ئادەم بىلەن دوئىلغا چىققۇم كىلىدۇ مىنىڭ .   
--بولدى قىلە ئاداش! خوتۇن خەق بىلەن تەڭ بولماي . قىنى دىگىنە بۈگۈن قانداق ئورۇنلاشتۇرۇشلار بار ؟
-- ئۈلۈشكۈن سىلە بىلەن دىيىشكەنگە ئوخشاش . مەن كىلدىغان مىھمانلارنىڭ سانىنى ئۆلچەم قىلىپ 100 دانە ئەر-ئايالچە دوپپا تەييارلىدىم .مەرىكىگە كەلگەن مىھمانلارغا ئۆز قولۇم بىلەن كىيدۈرۈپ ، ئۇلارغا مىللى خاسلقىمىزنى ئازراق بولسىمۇ ھىس قىلدۇراي دەيمەن .خوتۇنغىمۇ مەجبۇرلاپ يۈرۈپ بۇ كىيىمنى كىيگۈزدۈم .
مەن ئۇنىڭ سۆزىدىن قاتتىق خۇشال بولۇپ ؛-يارايسەن ئاداش ! ئاخىرى ئۆزۈڭ ئويلىغان ئىشتىن بىرنى قىپسەن .ئەتلەس كوينەك ، دوپپا --ئەجداتلىرىمىزنىڭ مىراسى . قىز -ئاياللىرىمىزنىڭ جۇلاسى ئەمەسمۇ ؟؟؟
--توغرا دەيسەن . دىدى دوستۇم مۈرەمنى شاپىلاقلاپ ؛-مىھمانلار كەلگىلى تۇرۇپتۇ .بىز ئىچىگە كىرىپ دوپپىلارنى تەييارلايلى دىدى .
بىز زالغا كىرىپ يىشكتىكى دوپپىلارنى ئىلىپ تەييار قىلدۇق .مىھمانلار بىر-بىرلەپ كىلىشكە باشلىدى .دوستۇم مىھمانلار بىلەن كۆرۈشكەچ بىشىغا دوپپا كىيدۈرۈپ زالغا باشلايتى .
مەن يەنە بىر يەشىك ئايالچە دوپپىلارنى دوستۇمنىڭ ئايال نەفىسە خانىمغا ئىۋەتىپ بەردىم .ئايال مىھمانلارنىڭ خىلى كۆپ قىسمى كالتە چاچ ، چاچلىرىنى ھەر خىل رەڭلەردە بويىۋالغان بولۇپ بىشىغا كىيدۈرۈپ قويغان دوپپا ئۇلارغا قەتئى ياراشمىغاندەك قىلاتتى .بۇ ھالەت ماڭا چەتئەللەردىن كەلگەن چەتئەللىك مىھمانلارغا ھۆرمەت سۈپتىدە دوپپا كىيدۈرۈپ قويغان مەنزىرىنى ئەسلىتىپ قويدى ،
مىھمانلار ئاياغلاشقان بولسا كىرەك دوپپىلارمۇ تۈگەپ قالغان ئىدى .  
مەن زالغا كىرىپ دوسىتلىرىم ئولتۇرغان ئۈستەلگە كەلدىم . ھەممىمىزنىڭ بىشدا دوپپا ، چىھرىدە كۈلكە .
مەن بۇ مەنزىرلەردىن زوق ئىلىپ بىزنىڭ مىللى خاسلىقىمىزنىڭ شاھىدى بولغان دوپپىغا بولغان ھۆرمىتىم تىخىمۇ ئىشىپ كىتىۋاتاتتى .
ئولتۇرغان ئاغىنلەردىن بىرسى ؛--مەرىكە باشلىنىشقا خىلى ۋاقىت باردەك قىلىدۇ .ناماز ئوقۇيدىغانلار سىرىتقا چىقىپ ئوقۇپ كىرەيلى دىدى .   
بەش-ئالتە يىگىت ئورنىدىن تۇرۇپ ساھىپخاندىن سوراپ سوراپ سىرتقا مىڭىشتى.
ئۈستەلدە دوستۇم ،مەن ،يەنە بىرەيلەن ئۈچىمىزلا قالدۇق .دوستۇمنى بىرسى چاقىرىپ سىرىتقا ئىلىپ چىقىپ كەتتى .   
مەن ئۆزۈم يالغۇز بىر ئاز زىرىكىپ ئەتراپتىكى ئاياللار ئولتۇرغان ئۈستەلگە قارىدىم .بىز سوۋغا قىلغان دوپپىلار بەزىلەرنىڭ بىشىدا ،بەزىلەرنىڭ قولىدا ، بىر قانچە دوپپا تاماق شىرەسى ئۈستىدە تۇراتتى .   
ئاياللارنىڭ بىر قانچىسى باشلىرىنى بىر يەرگە يىغۋىلىپ پارڭلىشىۋاتقان بولسا كىرەك نىمگىدۇر خۇشاللىغىنى باسالماي ھىجىيشىپ كۈلۈشەتتى .
يان تەرەپ ئۈستەلدىكى ئاياللارنىڭ يۇقۇرى ئاۋازلىق  پاراڭلىرى قۇلقىمغا كىرىشكە باشلىدى .  
--ھەي نۇربىيە ئاداش ! دوپپىنى بىشىڭغا چۆكۈرۈپ كىيىپ ئولتۇرۇپ كىتىپسەنغۇ سەھرالىقتەك ؟؟؟دىدى چاچلىرىنى ھەرخىل رەڭلەردە بويىۋالغان  كالتە چاچ سىمىز ئايال.
--ئاداش  مازاق قىلمىغىنا ! بۇمۇ دوستىمىزنىڭ كۆڭلى ئەمەسمۇ ؟ بىزنى ئەزىز مىھمىنى بىلىپ بىشمىزغا قوندۇرۇپ قويسا ئىلىۋەتسەم سەت بولار ؟؟؟
--مۇشۇ ئالتە كويلۇق دوپپىنى بىشىمىزغا قوندۇرۋىلىپ ھىلى سورۇندا پىرقىراپ يۈرسەك بىزگە چىرايلىق تۇرارمۇ خان؟؟؟ دەپ تەنە قىلدى سىمىز ئايال .
--ھەجەپ سەن مۇشۇ دوپپا بىلەن بىلەنلا قالدىڭغۇ ئاداش ؟ قارا نەفىسە دوسىتىمىزغا ، ئەتلەس كوينىگى ، دوپپىسى بەكلا يارىشىپتغۇ ؟ خۇددى توزدەكلا .دىدى نۇربىيە ئىسملىك ئايال .  
---سەن بەك مەتۇ جۇما ئاداش ! دىدى سىمىز ئايال سەت ھىجىيىپ ؛--ئۇنىڭ كىيۋالغان دوپپىسىغا قارىما .دوپپىسىغا ئايلاندۇرۇپ ئورناتقان قاداق ئالتۇنلارغا قارا !ئاشۇ دوپپىدىكى ئالتۇنلارنىڭ باھاسىلا 10 مىڭدىن ئاشىدۇ دوستۇم . ئۇ ئاشۇ ئالتۇنلىرىنى كۆز-كۆز قىلىمەن دەپ دوپپا كىيمىسە تارىخىدا ئۇ قاچان دوپپا كىيىپ باققان؟؟؟  
--ئۇغۇ راسىت دىدى نۇربىيە ئىسىملىك ئايال سولاشقان ھالدا بىشدىكى دوپپىنى بىشىدىن ئىلىپ ئۈستەل ئۈستىگە قويۇپ قويدى .
بۇ پاراڭلاردىن ئىچىم ئاچچىق بولۇپ بىر -ئىككى ئىغىز تىللىغۇم كەلدى . بىراق ئۆزىنىڭ مىللى خاسلىقىنى ، مىللى كىملىگىنى ئاللىقاچان يوقۇتۇپ قويغان بۇنداق ئادەملەرگە ئارتۇقچە سۆز بىھاجەت بولسا كىرەك .   
سەھنىدە رىياسەتچى قىزنىڭ پەيدا بولۇشى بىلەن قاينام -تاشقىنلىق ناخشا ساداسى باشلىنىپ كەتتى .ناخشا ساداسى قۇلاقنى ياراتتى .
توۋا!!!!!! دىدىم ئىچىمدە .ناخشا -مۇزىكا ئەسلىدە ئادەمگە ھوزۇر ، غەمكىن كۆڭۈللەرگە شاتلىق ئاتا قىلاتتى .  
لىكىن بۇ ناخشا -مۇزىكىلار ئادەمنىڭ تىنىچ ، نۇرمال نىرۋىلىرىنى چارچىتىپ ئەسەبىلەشتۈرۋىتەتتى .  
ناخشا باشلىنىش بىلەنلا ئۈستەل-ئورۇندۇقلاردىكى خانىم -قىزلار مەيداندا ئۇسۇلغا چۈشۈپ كەتكەن ئىدى .   
باياتىن ناماز ئوقۇشقا ئالدىرىغان يىگىتلىرىمىزمۇ ناخشا مۇزىكىنىڭ سىھرى كۈچىگە بەرداشلىق بىرەلمەي مەيداندا پىرقىراپ يۈرۈشەتتى .
رىستۇراننىڭ زالى ئۇسۇل ئوينىغانلارنىڭ كۆپلۈگىدىن كىچىكلىك قىلۋاتاتتى .مەن بۇ يەردە <مىللىتىمىزنىڭ ناخشا -ئۇسۇلغا ماھىرلىغىنى ، دىيارىمىزنىڭ ناخشا -ئۇسۇل ماكانى > ئىكەنلىگىنى تونۇپ يەتكەندەك بولدۇم .  
ئۇسۇلغا چۈشكۈچىلەر قولىنى كۆتۈرسە چۈشۈرۈلمەي ، قولىنى چۈشۈرگەنلەر چىقرالماي مەيداندا قىستىلىشىپ يۈرەتتى .قىستاڭچىلىقتا بەزىلەرنىڭ قوللىرى يەنە بەزىلەرنىڭ ئاللىقانداق يەرلىرىگە تىكتىپمۇ قالاتتى  .
مەن بۇ ئەبجەش ئوينالغان ئۇسۇللاردىن بىزار بولۇپ باشقا ياققا قارىدىم ،قاراپلا چۈچۈپ كەتتىم .ئۇدۇلدىكى ئادەمسىز شىرەلەرنىڭ ئاستىدا بىر قازچە دوپپا تاشلىنىپ تۇراتتى .تاماق توشقۇزىۋىتىلگەن شىرەلەردىمۇ بىر -ئىككى دوپپا تاماق ئىشىندىلىرى يىنىدا خورلانغان ھالدا تۇراتتى .
بۇ ئۈستەللەرنىڭ < ئەزىز > مىھمانلىرى ئۇسۇلغا چۈشۈپ كەتكەن ئىدى .
مەن دوستۇمنى چاقىرىپ شىرە ئۈستىدىكى ۋە ئاستىدىكى خارلانغان دوپپىلارنى كۆرسەتتىم .
دوستۇم بۇنى كۆرۈپ تۇرۇپلا قالدى . بىز بۇ دوپپىلارنى بىر -بىرلەپ تىرىپ قاتلاپ يىشىككە سالدۇق .دوستۇم سىرىتقا چىقىپ تاماكىسىنى قاتتىق شوراشقا باشلىدى .دە--مۇشۇنداق خەقنىمۇ ھۆرمەتلەپ دوپپا سوۋغا قىپتىمەن .   
ئىسىت !!! سورۇندىلا بىر تىللاي دەپ ئويلىغان . ئۆزەمنى بىسۋالدىم .دىدى دوستۇم  ئاچچىغىنى باسالماي .
--ئاداش ! بىز خاتا قىپتۇق ! دىدىم مەن ھەسرەت بىلەن ؛---ئۆزىنىڭ مىللى كىملىگى ، مىللى ئۆرپ-ئادىتى، شەرمى -ھايا ، ئەخلاقىنى يوقاتقان ئاشۇنداق بىر قىسىم مىھمانلارغا ئۆزىمىزنىڭ مىللى خاسلىقىمىزنىڭ نامايەندىسى بولغان دوپپىمىزنى سوۋغا قىلىش --ئەڭ زور خاتالىق .  بۇ خۇددى تىزەككە قىزىل گۈل سانجىپ قويغان ئىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس !!! دىدىم ئاچچىغىمدا .
قارا ئاداش !مىھمانلىرىمىزنىڭ ھەممىسى ئۇنداق ئەمەس .شەرمى -ھايا ،ئۆرپ-ئادەتلىرىمىزگە تويۇنۇپ چوڭ بولغان يىگىتلىرىمىز ، قىز -ئاياللىرىمىز بۇ ئەزىز دوپپىدىن پەخىرلىنىپ بىشىدىن ئالماي كىيپ ئولتۇرۇپتۇ .دىدى دوستۇم مەمنۇن بولغان ھالدا؛
--بۇنىڭدىكى ئاسالىق سەۋەپ يەنىلا ئائىلە تەربىيسىدە دىدىم دوستۇمغا قاراپ ؛--باياتىنقىدەك ئۆزىنىڭ ئەجدات مىراسى بولغان دوپپىنى مازاق قىلىپ ، ئۆز كىملىگنى ئۇنتۇپ چاچلىرىنى ھەرخىل بوياپ ئالۋاستىلارچە  
ياشاۋاتقان ئاشۇ خانىملار ---مىللى ئەخلاققا ، ئۆرپ-ئادەتلىرىمىزگە پەرۋاسىز قارايدىغان مەسئۇلىيەتسىز ئاتىلارنىڭ ، ئانىلارنىڭ ،ئەرلىك غورۇرى بارغانچە يۇقاپ كىتىۋاتقان ئەرلىرىمىزنىڭ مەھسۇلى .  
ئەڭ ئىچىنارلىغى ،مۇشۇنداق ئاياللارنىڭ كەلگۈسى ئەۋلاتلىرى . بۇ ئەۋلاتلار  بىزنىڭ ئىسىل ئەنئەنىۋى مىللى ئەخلاقىمىزدىن مۇستەسنا ھالەتتە ياشايدۇ .   
ئۆزىنىڭ مىللى كىملىگىنى ئاتا-ئانىلىرى ئاللىقاچان يۈتتۈرۈپ قويغان تۇرسا ، بۇ كىملىكنى ئەۋلاتلىرىدىن ئىزلەپ تىپىش مۆمكىنمۇ؟؟؟؟
دوستۇم بۇ سۆزۇمنى ئاڭلاپ ؛--توغرا دەيسەن دوستۇم دەپ مۈرەمگە شاپىلاقلىدى .   
بۇ مەرىكىدىن رايىم يانغان ھالەتتە قايتتىم .
يازمامنىڭ ئاخىرىدا شۇنداق مۇراجەت قىلغۇم كەلدى .  
--ئۆزىمىزنىڭ مىللى كىيىملىرىمىزنى قەدىرلەيلى .ئەۋلاتلىرىمىز مىللى خاسلىقتىن ئايرىلىپ قالمىسۇن .   
ئەۋلاتلىرىمىز دوپپىمىزنى ھۆرمەت بىلەن تىلغا ئالىدىغان ، قەدىرلەپ كىيدىغان بولسۇن .   
بىز پەقەت مىللى كىملىگىمىزنى ئاشۇ دوپپا ئارقىلىقلا نامايەن قىلالايمىز .

مىسرانىم تورىغا يوللىغۇچى : 1miskal



ئادەم ئەتكەنگە تەزىم ئەت .
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

175

تېما

74

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
3190 سەر
تىللا
1447 دانە
تۆھپە
2070 سەر
شۆھرەت
1855 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزابايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبايقاش مەلىكىسى

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-3 21:17:00|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توغرا ،ئۆزىمىزنى  ۋە ئۆزىمىزنىڭ ئۆرپ -ئادىتىمىزنى يوقىتىپ قويمايلى!

باھا سۆز

گۈلزار رەھمەت دوستۇم  يوللىغان ۋاقتى 2013-5-5 16:56

200

تېما

96

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
6953 سەر
تىللا
1441 دانە
تۆھپە
7466 سەر
شۆھرەت
5474 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنىبايقاش شائىرىبايقاش مەلىكىسىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-3 22:31:44|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىمىمىزگە سالغىنىڭىزغا كۆپ رەھمەت !!

باھا سۆز

گۈلزار سىزگىمۇ رەھمەت دوستۇم  يوللىغان ۋاقتى 2013-5-5 16:57
مىللى مائارىپنى گۈللەندۈرۈش ھەممىمىزنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئوليىتى ۋە مەجبۇريىتى

7

تېما

29

دوست

2844

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

بايقاش

Rank: 6Rank: 6

قىزغىنلىق
579 سەر
تىللا
15 دانە
تۆھپە
615 سەر
شۆھرەت
671 سەر

مائارىپچىبايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-3 23:14:36|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توغرا ،ئۆزىمىزنى  ۋە ئۆزىمىزنىڭ ئۆرپ -ئادىتىمىزنى يوقىتىپ قويمايلى!

باھا سۆز

گۈلزار باشقىلارنىڭ ئىنكاسىنى كۆچۈرۈپ يازماڭ . رەھمەت  يوللىغان ۋاقتى 2013-5-5 16:57
مەتتۇردى مەتتۇرسۇن

213

تېما

25

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
3675 سەر
تىللا
937 دانە
تۆھپە
8477 سەر
شۆھرەت
3503 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-3 23:15:22|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇر دوپپىسى- مىللىتىمىزگىلا خاس بولغان تارىخى ئەنئەنىمىز.  بىز بۇ ئەنئەنىنى  ئەۋلاتلىرىمىزغا قالدۇرۇش مەسئۇلىيىتىمىز بار،   بۇ  تىمىنى ئوقۇپ چىقىپ بەكمۇ خۇرسەن بولدۇم،  رەھمەت سىزگە.

باھا سۆز

گۈلزار ئەۋلاتلىرىمىزغا ئەنئەنىۋى مەدىنيىتىمىزنى تونۇشتۇرۇش ۋە مىراس قالدۇرۇش بىزنىڭ مەجبۇريىتىمىز ۋە مەسئۇليىتىم تەپسىلاتىئىنكاس يوللىغان ۋاقتى 2013-5-5 16:58
مۇنبەر  ئەھلىگە  سالام!

15

تېما

0

دوست

1341

جۇغلانما

ئىشەنچىلىك ئەزا

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
257 سەر
تىللا
154 دانە
تۆھپە
232 سەر
شۆھرەت
243 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىبايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-3 23:56:08|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   ھازىر ئۇيغۇر دوپپىللىرى سەھنىلەردە، مۇراسىم-پائالىيەتلەردىلا كىيىلىدىغان بوپ قېلىۋاتىدۇ -ھە ....ئەپسۇس .

باھا سۆز

گۈلزار بۇ ھەقىقەتەن ئەپسۇسلىنارلىق ئىش بولىۋاتىدۇ ، ھەر بىرمىز بۇ ئەپسۇسلىنارلىق ئىشلارنى بىلىپ تۇرساقمۇ ئەمما بۇ تەپسىلاتىئىنكاس يوللىغان ۋاقتى 2013-5-5 17:02

574

تېما

30

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
7207 سەر
تىللا
2942 دانە
تۆھپە
7889 سەر
شۆھرەت
5849 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-4 13:30:19|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۈزىمىزنىڭ مىللىي ئۆرپە ئادەتلىرىنى يۇقاتساق بولمايدۇ  .
ئۆزىمىزنىڭ ئۆرپ -ئادىتىمىزنى يوقىتىپ قويمايلى!
ئۇقۇتقۇچى ئۇستازلار ياخشىمۇ سىلەر بايقاش مۇنبىرى تۇلۇق ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى

574

تېما

30

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
7207 سەر
تىللا
2942 دانە
تۆھپە
7889 سەر
شۆھرەت
5849 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-4 13:30:21|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۈزىمىزنىڭ مىللىي ئۆرپە ئادەتلىرىنى يۇقاتساق بولمايدۇ  .
ئۆزىمىزنىڭ ئۆرپ -ئادىتىمىزنى يوقىتىپ قويمايلى!

باھا سۆز

گۈلزار شۇنداق ، بۈگۈنكى بايرامدا دوپپا كەيدىڭىزمۇ؟  يوللىغان ۋاقتى 2013-5-5 17:02
ئۇقۇتقۇچى ئۇستازلار ياخشىمۇ سىلەر بايقاش مۇنبىرى تۇلۇق ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى

7

تېما

29

دوست

2844

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

بايقاش

Rank: 6Rank: 6

قىزغىنلىق
579 سەر
تىللا
15 دانە
تۆھپە
615 سەر
شۆھرەت
671 سەر

مائارىپچىبايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-4 14:54:40|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇر دوپپىسى- مىللىتىمىزگىلا خاس بولغان تارىخى ئەنئەنىمىز.  بىز بۇ ئەنئەنىنى  ئەۋلاتلىرىمىزغا قالدۇرۇش مەسئۇلىيىتىمىز بار،   بۇ  تىمىنى ئوقۇپ چىقىپ بەكمۇ خۇرسەن بولدۇم،  رەھمەت سىزگە.

باھا سۆز

مەرىپەت باشقىلارنىڭ ئىنكاسىنى كۆچۈرۈپ يازمىسىڭىز ئۇيغۇرچە خەت يازالمامسىز؟ كەچۈرۈڭ. تەپسىلاتىئىنكاس يوللىغان ۋاقتى 2013-5-5 21:17
مەتتۇردى مەتتۇرسۇن

25

تېما

10

دوست

6645

جۇغلانما

ئاق سۈڭەك ئەزا

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
1018 سەر
تىللا
474 دانە
تۆھپە
2283 سەر
شۆھرەت
1046 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-4 23:35:46|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دوپپا مەدىنيەت بايرىمىمىز مۇناسىۋېتى بىلەن يېزىلغان بۇتىمىڭىزغا كوپ رەخمەت،ھەممەيلەن دوپپا مەدىنيەت بايرىمنى قىزغىن،ئەملى ھەركىتمىز ئارقىلىق تەبىرىكلەيلى.

باھا سۆز

گۈلزار رەھمەت  يوللىغان ۋاقتى 2013-5-5 17:03
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2013-9-11 01:31, Processed in 0.496013 second(s), 38 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش