baykax

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

BAYKAXBIZ
كۆرۈش: 832|ئىنكاس: 27

بالىلار يوشۇرۇن ياۋاتقان يىمەكلىك (چوقۇم كۆرۈڭ

 [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بالىلار يوشۇرۇن ياۋاتقان يىمەكلىك (چوقۇم كۆرۈڭ)

  
    تور ئارلاۋېتىپ  باغداش تورىدا بۇ تېمىنى ئۇچرىتىپ قالدىم . بۇ تېما ھەممىمىزنىڭ ئوقۇشىمىزغا ئەرزىگۈدەك شۇڭا مۇنبەرگە  كۆچۈرۈپ يوللىدىم ، قېنى ئېرىنمەستىن ھەممىمىز ئوقۇپ باقايلى ، پەرزەنتلىرىمىزنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن دىققىتىمىزنى بۇ تېمىغا ئاغدۇرۇپ قويايلى .   


   پەرزەنت ئاتا-ئانىنىڭ كۆز قارچۇقى ھەمدە يۈرەك پارىسى ھېسابلىنىدۇ. ئاتا- ئانا ئۆز پەرزەنتىنىڭ ساغلام، تىمەن چوڭ بولۇشىنى تىلەيدۇ. پەرزەنت ئاتا- ئانىنىڭ ئوڭ-سول قانىتى بولۇپلا قالماستىن ئاتا-ئانىنى بەخىتكە چۆمدۈرىدۇ. كونىلىرىمىز ئىيتىدۇكى « بالىلىق ئۆز بازار بالىسىز ئۆز مازار » دەر ھەقىقەت پەرزەنت ئۆينىڭ چىرىغى. لىكىن ھازىر بۇ چىراغلار ھەممە يەردە ئۆچۈشكە قاراپ يۈزلەنمەكتە. ئەتىراپىمىزنى زەھەرلىك ۋىروسلار قاپلىغاندەك قاپلىغان بەزى يىمەكلىكلەر بىزنى ۋە پەرزەنتلىرىمىزنى چىرمىۋىلىپ ئۇلارغا ئۆز نەشتىرىنى سانجىماقتا. بىز بۇنى بىلىشىمىز ۋە كەلگۈسى ئەۋلادلارنىڭ، ئائىلەرنىڭ قاراڭغۇلۇقتا قىلىشىغا قاراپ تۇرماسلىقىمىز كېرەك! ئۇنداقتا بىز زادى نىمىش قىلىشىمىز كېرەك!؟
  ئەخلەت يىمەكلىكلەر نۆۋەتتە بىزنىڭ تۇمۇشىمىزغا بۆسۈپ كىرمەكتە بولۇپمۇ ئەۋلادلىرىمىز ئەخلەت يىمەكلىكلەرنىڭ قۇربانى بولۇپ، ئۇلارنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن ئۆسۈپ يىتىلىشى ئېغىر تەسىرگە ئۇچرىماقتا.
ئىسلاھات ئىشىكنى سىرىتقا ئىچىۋىتىش سىياسىتىنىڭ تۈرتكىسىدە، ئىلىمىزنىڭ سانائەت تەرەققىياتى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشقا باشلىدى. بولۇپمۇ تەييار يىمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش دەۋرىنىڭ تەقەززاسى سۈپتىدە ئۇچقاندەك راۋاجلىنىش باسقۇچىغا كىرىپ، ھەر خىل ھەر تۈرلۈك تەييار يىمەكلىكلەر بارلىققا كەلدى ۋە كىشىلەرنىڭ قارشى ئىلىشىغا ئىرىشتى. ھارىز ھەر شەھەر ھەر مەكتەپلەردە ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىر قورساق تويغۇزىدىغان يىمەكلىكىگە ئايلاندى. ئوقۇغۇچىلار بەس- بەستە سىتىۋىلىپ ئىچىۋاتقان قوسقىنى جۆندىمەكتە. تەييار چۆپ ، ئاچچىق يىمەكلىكلەر،لازىنان قاتارلىق ئوقۇغۇچى بالىلار ياقتۇرۇپ يەيدىغان يىمەكلىكىگە ئايلاندى. بۇ تۈردىكى يىمەكلىكلەرنىڭ ھەممىسى ئەخلەت يىمەكلىك تۈرىگە كىرىدۇ. ئەخلەت يىمەكلىكلەرنىڭ تەركىبى تەبىي ماتىرياللاردىن تۈزۈلگەن بولسىمۇ، ئەمما سۈنئىي بىرىكتۈرۈلگەنلىكى ئۈچۈن ئادەم بەدىنىگە ناھايىتى ئېغىر زىيانلارنى ئېلىپ كىلىدۇ. بۇ خىل يىمەكلىكلەردە ئوزۇقلۇق قىممىتى ناھايىتى تۆۋەن بولۇپ، شۇنداقتىمۇ ئۇنى ئىستىمال قىلغاندىن كېيىن بەدەننىڭ قوبۇل قىلىشى ئاستا بولىدۇ، تەستە ھەزىم بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ھەر خىل ھەزىم ناچارلىق كېسەللىكلىرىنى پەيدا قىلىدۇ، شۇنداقلا جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقىنى ئېغىر دەرىجىدە توسقۇنلۇققا ئۇچرىتىدۇ.
  بولۇپمۇ ياش ئۆسمۇرلەر ئەخلەت يىمەكلىكلەرگە ئۆگىنىپ قالسا، ئەقىل جەھەتتىن چىكىنىپ، ئۆسۈپ يىتىلىشى توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ. بۇنداق بالىلارنىڭ تىپىك ئىپادىسى ئۆيدە تاماق يىگۈسى كەلمەيدۇ، ئىشتىھاسى چورتلا تۇتۇلغان بولىدۇ، لىكىن سىرىقئاش، تەييار چۆپ، ئۇششاق-چۈششەك يىمەكلىكلەر، سوغۇق ئىچىملىكلەرنى كۆرسە ئىشىھاسى ئېچىلىپ، ئاغزىغان سىرىقسۇ كېلىدۇ. قورسىقى توق بولغان ھالەتتىمۇ مانا مۇشۇنداق بولىدۇ. مانا بۇ بالىلارنىڭ ئەخلەت يىمەكلىكلەرگە خۇمار بولۇپ قالغانلىقىنىڭ، ئەقلى ۋە جىسمانىي جەھەتتىن ناھايىتى كۆپ چىكىنىۋاتقانلىقىنىڭ تىپىك ئىپادىسىدىن ئىبارەت. شۇنىڭ ئۈچۈن بالىلارنى ئەخلەت يىمەكلىكلەر قوينىدىن قۇتقۇزۇۋىلىش ناھايىتى مۇھىم، بولمىسا ئۇلارنىڭ ئىستىقبالىمۇ مۇشۇنىڭ بىلەن تۈگۈشىپ كىتىشى مۇمكىن.
  بىز ئەخلەت يىمەكلىكلەرنىڭ زىيىنىنى كۆرسىتىپ بىرىش ئۈچۈن تەييار چۆپنى مىسال قىلىش سۆزلەريمىز. چۈنكى تەييار چۆپ ھازىر نۇرغۇنلىغان شەھەرلەردە نۇرغۇنلىغان ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۈندىلىك تامىقى بولۇپ قىلىۋاتىدۇ. ئاشۇ ئوقۇغۇچىلار 2 سائەتلىك دەرىستىن يىنىپ دەم ئېلىش ۋاقتىدا كىچىك دۇكانلاردىن تەييار چۆپ سىتىۋىلىپ قورسىقىنى شۇ ئارقىلىق تويغۇزىۋاتىدۇ چۈشتە بولسە ئۆيلىرىدە تاماق يىمەيدىغان ئاشۇرۇپ قويدىغان ئەھۋاللار ناھايىتى كۆپ ئۇچىرايدۇ. بۇ تەييار چۆپ تەسىر دائىرىسى ناھايىتى كەڭ بولغان ئەخلەت يىمەكلىك ھېسابلىنىدۇ.
  تەييار چۆپ زامانىمىزدا خىمىرنى ماشىنىدا يۇغۇرۇپ، ئارقىدىن بۇنى تالا ماشىنىسىدا كىسىپ ئىنچىكە قىلىپ 700~800 گرادۇس ياغدا قاينىتىپ، ئاقسىلنى قاتۇرۇپ، ئوزۇقلۇق قىممىتىنى قويمايدۇ، ئاندىن بۇنى تەييار چۆپ قىلىپ ئوراپ قاچىلايدۇ. بۇنى يىگەندىن كېيىن ئالدى بىلەن ئادەمدە تويۇش تۇيغۇسى پەيدا بولىدۇ، خۇرچىدا ئاشقازان سۇيۇقلۇقىغا خىل كېلىدىغان خۇرۇچ قوشۇپ ئىشلەپچىقىرىدۇ. ئاساسەن ئادەمنى تويغۇزۇشنى مەقسەت قىلىدۇ، ئەمما ئوزۇقلۇق تەركىبى ئويلىشىلمىغان، ئېلىپ يۈرۈشكە ئەپلىك، ئالدىراشلىقتا ئىشلىگەن ئادەملەرگە قۇلايلىق بولسۇن ئۈچۈن ئىشلەنگەن يىمەكلىك ھېسابلىنىدۇ.ھازىر ئوقۇغۇچىلار ئارسىدا داۋاملىق كۈندە يەيدىغان ئەھۋاللار يۈز بىرىۋاتىدۇ.
  تەييار چۆپنى كۆپ ئىستىمال قىلغاندىن كېيىن ئاشقازان ئاستا بىزى ياللۇغى، ئاشقازان ياللۇغى، ئۈچەي ياللۇغى، ئاشقازان يارىسى بولۇش، قان ئازلاپ كىتىش، تىرىدە يەلتاشما پەيدا بولۇش، تىرىدە نۇر قاچىدىغان بولۇش، بۆرىكى ئاجىزلاش، مىڭىسى ئاجىزلاش ئەھۋاللىرى كىلىپ چىقىدۇ. چۈنكى تەييار چۆپ يۇقىرى گرادۇستا پىشۇرۇلغاچقا ئوزۇقلۇق ئاساسەن قالمايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر خىل مىتال ئۈسكۈنلەردە ئىشلەپچىقرىلغاچقا، بۇنىڭغا خېنول قوشۇلۇپ كېتىدۇ. تەييار چۆپ يىيىش بەدەنگە زىيان قىلىپلا قالماستىن، پىخسىكىسىدىمۇ ئەمگەك قىلماي ئاسان قولغا كەلتۈرۈشتىن، پىخسىكىسىدىمۇ ئەمگەك قىلماي ئاسان قولغا كەلتۈرۈش دىگەندەك ناچار پىخسىكىنى شەكىللەندۈرۈپ قويىدۇ.
  بالىلارنىڭ يەنە بىر ياقتۇرۇپ يەيدىغان يىمەكلىكى بولسا ئاچچىق يىمەكلىكتۇر. بۇ يىمەكلىكنى ئاشۇ سەبىي بالىلار بىلمەي يەۋاتىدۇ. بۇ يىمەكلىكنى داۋاملىق تۈردە يىگەندە ئادەمنىڭ ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنى تۆۋەنلىتىۋىتىدۇ، كۆرۈش قۇۋىتىنى تۆۋەنلىتىۋىتىدۇ، ئاشقازان ياللۇغى ،ئۈچەي ياللۇغى قاتارلىق كىسەللەرنى پەيدا قىلىدۇ. شۇڭا بۇ خىل يىمەكلىكنى يىمەسلىكىمىز كېرەك.ئاشۇ ئاچچىق يىمەكلىكلەرنى قانداق ئۇسۇلدا ياسايدىغانلىقىنى كۆرۈپ بىقىڭلار
   
بۇ رەسىملەرنى كۆرگەندىن كېيىن كۆڭلىڭىز ئېلىشقاندۇ . ئەمدى ئۆز پەرزەنتىڭىزگە تەربىيە قىلىڭ ھەم باشقىلارغا تەۋسىيە قىلىڭ.  
ئاتا ئانىلار ئۆز پەرزەنتىنىڭ بەختى ئۈچۈن بۇ خىل توسالغۇلارغا ئازىراقتىن كۈچ چىقىرىپ بۇ ئەخلەت يىمەكلىكنى توسايلى.



باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1قىزغىنلىق +5تىللا +3تۆھپە +3شۆھرەت +2يىغىشسەۋەبى
بايقاش + 5 + 3 + 3 + 2ياخشى تېما.

باھا خاتىرىسى

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2013-5-1 22:32:48|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي بۇنۇڭغا نىمە دىگلۇك ئەمدى،باللىرىمىزغا تەربىيەنى يەنمۇ كۇچايتىسەك بولغۇدەك،بۇ خىل يىمەكلىكلەر مەكتەپ ئەتراپىدىكى يايمىلاردا كوپ.

باھا سۆز

توغرا دەيسىز ، مەكتەپ ئەتراپىدا يايما ئېچىپ مۇشۇنداق ئەخلەت يىمەكلىكلەرنى سېتىۋاتقان قارا قورساقلار پايدىن تەپسىلاتىئىنكاس ۋاقتى: 2013-5-1 23:08
ۋاقتى: 2013-5-1 22:38:08|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆزىگە ئوخشاش مەينەت يېمەكلىك دىسە ... ھەي نېمە دىگۈلۈك ... مىللىتىمىزنىڭ ياش ئەۋلاتلىرى بۇنىڭغا بەكلا ئامراق ، ئەمدى بۇ تېمىنى كۆرۈپلا قالسا چوقۇم سەسكىنىدۇ ... بۇ تېمىنى يوللاپ تولىمۇ ياخشى قىلىپسىز جۇمۇ ... ئېچىپ دەۋەتسە خاتالىق كىشىگە ، بىز مۇشۇنداق مۇھىتتا ياشاۋاتىمىز ۋە مۇشۇنداقلارنى ئەتراپىمىزغا ئەگەشتۈرىمىز ...

باھا سۆز

شۇنداق، بۇلار ئۆز يۇندىسىنى ئۆزى ئىچىدىغان دىنسىزلار بولغاچقا ئۇلاردا نە پاكىزلىق ، نە ئەخلاق كۆز قارىشى ي تەپسىلاتىئىنكاس ۋاقتى: 2013-5-1 23:13
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-5-1 23:08:50|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەييارە0 يوللىغان ۋاقتى  2013-5-1 22:32
ھەي بۇنۇڭغا نىمە دىگلۇك ئەمدى،باللىرىمىزغا تەربىيەنى  ...

توغرا دەيسىز ، مەكتەپ ئەتراپىدا يايما ئېچىپ مۇشۇنداق ئەخلەت يىمەكلىكلەرنى سېتىۋاتقان قارا قورساقلار پايدىنىلا كۆزلەپ، پەرزەنتلىرىمىزنىڭ ساغلاملىقى بىلەن كارى بولمايۋاتىدۇ . شۇڭا مەكتەپ ئائىلە باشلىقلىرى بىلەن بىرلىكتە بالىلارنىڭ ئەخلەت يىمەكلىلەرنى يىيىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك .
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-5-1 23:13:54|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
salkin11 يوللىغان ۋاقتى  2013-5-1 22:38
ئۆزىگە ئوخشاش مەينەت يېمەكلىك دىسە ... ھەي نېمە دىگۈلۈك  ...

شۇنداق، بۇلار ئۆز يۇندىسىنى ئۆزى ئىچىدىغان   دىنسىزلار بولغاچقا ئۇلاردا نە  پاكىزلىق ، نە ئەخلاق  كۆز قارىشى يوق ، شۇڭا ئۇلار پەقەت ، پەقەت ئۆزىنىلا ھەم پايدىنىلا كۆزلەپ ھەر قانداق ئىشلارنى قىلىشتىن يانمايدۇ .  شۇڭا بىز پەرزەنىتلىرىمىزگە  مىللىتىمىزنىڭ ئۆرۈپ -ئادەت بىلەن  ئېتىقادۋە ئېسىل -ئەخلاقى پەزىلەتلىرىمىزنى سۆزلەپ بېېرىش ئارقىلىق ئۇلارنى ئويغىتىشىمىز ۋە بۇ خىل مەينەتچىلىكلەرگە تەبىي ھالدا قارشى تۇرىدىغان ھەم سەسكىنىدىغان ئادەتنى يېتىلدۇرىشىمىز كېرەك .

باھا سۆز

مەنمۇ يېقىندا ئوقۇغۇچىلارغا قارىتا مۇشۇ تېمدا تەشۋىقات سەھنىسى ھازىرلاپ كۆرسەتكەن ئىدىم ، ئوقۇغۇچىلاردىكى تەپسىلاتىئىنكاس ۋاقتى: 2013-5-2 19:56
ۋاقتى: 2013-5-2 00:30:15|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
      جىددى ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلە بولسىمۇ بەكمۇ سەل قارىلىۋاتقان ، تەربىيە بىر تەرەپكىلا ئىتتىرىلىپ ئۈنىمى كۆرۈلمەيۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرى مۇشۇ، ئىلگىرى «6 ماددىلىق مەكتەپ باشقۇرۇش بەلگۈلىمىسى»دە« مەكتەپ دەرۋازىسىنىڭ 200 مېتىر ئەتىراپىدا، دۇكان ،يايما ئىچىش چەكلىنىدۇ» دەپ  بەلگۈلەنگەن بولسىمۇ ، لىكىن دۇكانلار ۋە يايمىلار مەكتەپ ئىچىگىچە كىردى ، تېخىمۇ مۇھىمى ئاتا-ئانىلار، بوۋا-مومىلار پەرزەنتلىرىگە ھەر كۈنى ئەشۇ ئەخلەت يىمەكلىكنى يىيىش ئۈچۈن  مەبلەخ سلىۋاتىدۇ، گەرچە مەكتەپلەر، بولۇپمۇ ئوقۇتقۇچىلار ئەخلەت يىمەكلىكلەرنىڭ زىيىى ھەققىدە ئقۇغۇچىلارغا كوپ تەرەپلىمە تەربىيە ئىشلەۋاتقان بولسىمۇ بايا ئېيتقان «مەبلەخ سالغۇچىلار» تەربىيەنى مەكتەپكىلا ئىتتىرىپ قويۇۋاتقان بولغاچقا ئۈنىمى كۆرۈنەرلىك بولمىدى . شۇڭا ئاتا-ئانىلارنىڭمۇ بۇ تەربىيەگە قاتنىشىشى تولىمۇ زۆرۈر .
      ئەھمىيەتلىك تېمىڭىز ئۈچۈن سىزگە كۆپ تەشەككۈر .     
ۋاقتى: 2013-5-2 00:40:48|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي ئېسىت،مۇشۇ پۇلغا تويمايدىغان نائەھلىلەر ئاشۇ نەرسىنى ساتمىسا ئاچلىقتىن ئۆلۈپ قالماس بولغىيتى ھە!؟ بالىلارنى توۋلاپ ،ئالداپ قىزىقتۇرۇپ ساتىدۇ ئەمەسمۇ؟ ئەپسۇس ھەممىسى بىلىمسىزلىكنىڭ ئاقىۋتى خالاس.
ۋاقتى: 2013-5-2 01:49:28|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىر دىمىسىمۇ مۇشۇنداق ئەخلەت يىمەكلىكلەر كۈپىيىپ كىتىۋاتىدۇ ،تېخى مەكتەپ ئەتراپىدا كۆپرەك بۇلارنى زادى توسقىلى بولمامدىغاندۇ،بالىلار مۇشۇنداق ناچار يىمەكلىكلەرنى يەپ ئەقلى بۇلغىنىپ كىتىۋاتامدىكىن بىلمىدىم .
ۋاقتى: 2013-5-2 15:15:48|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى ياخشى تېما يوللاپسىز.نۆۋەتتە ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ بۇنداق ئەخلەپ يېمەكلەرنى ئىستمال قىلىشى كۈندىن-كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتىدۇ...ھەممىمىز ئىشنى ئۆزىمىزدىن باشلايلى،ئۆز پەرزەنتىلىرىمىزگە،ئوقۇغۇچىلىرىمىزغا ئەخلەت يېمەكلىكنىڭ زىيىنىنى ھەققىي تۈردە تونۇتايلى!!!مەكتەپلەرمۇ بۇ جەھەتتىكى خىزمەتنى جەمئىيەتتىكى ئالاقىدار ئورۇنلار بىلەن ھەمكارلىشىپ ھەل قىلسا بولىدۇ...
ۋاقتى: 2013-5-2 19:56:34|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گۈلزار يوللىغان ۋاقتى  2013-5-1 23:13
شۇنداق، بۇلار ئۆز يۇندىسىنى ئۆزى ئىچىدىغان   دىنسىزلا ...

مەنمۇ يېقىندا ئوقۇغۇچىلارغا قارىتا مۇشۇ تېمدا تەشۋىقات سەھنىسى ھازىرلاپ كۆرسەتكەن ئىدىم ، ئوقۇغۇچىلاردىكى دەسلەپكى ئالغان تەسىرات تولىمۇ ياخشى بولدى ... دەل مۇشۇ رەسىم ئىدى ...

باھا سۆز

ياخشى قىلىپسىز . ئوقۇغۇچىلارنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى تەسىراتى ياخشى بولغان بولسا . ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەخلەت يىمەكلىكلە تەپسىلاتىئىنكاس ۋاقتى: 2013-5-2 20:09
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


قاماقخانا|يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2014-3-26 15:27, Processed in 0.974892 second(s), 33 queries.

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش