بۇ يازمىنى ئاخىرىدا XAM تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-4-21 21:44
ئانا تىل ئەدەبىيات ئوقۇتۇش تەتقىقات نەق مەيدان دەرىسى 2-يىللىق 2-مەۋسۈم 9-دەرس «قۇشلارنىڭ ماھارەت ئۆگىنىشى»2-سائەتلىك دەرس. بۇدەرس بالىلار چۆچىكى بۇلۇپ، بۇنىڭدا قۇشلارنىڭ ئەنقادىن ئۇۋا ياساش ماھارىتىنى ئۆگىنىشكە كەلگەنلىكى، لېكىن ئۇلاردىن پەقەت كىچىككىنە قارلىغاچنىڭلا ئۆگۈنىشتە ئەستايىدىل ۋە كەمتەر بولغانلىقى، شۇڭا ئۇۋا ياساش تېخنىكىسىنى پۇختا ئىگەللەپ ماھارەت يېتىلدۈرگەنلىكى ھەققىدىكى ھېكايە بەش قاتلام بۇيىچە بايان قىلىنغان. بۇ ئاقسۇ شەھەرلىك ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ 2013-يىلى 4-ئاينىڭ 18-19-كۈنى ئېلىپ بېرىلغان ئانا تىل-ئەدەبىيات دەرىسى باھالاش پائالىيىتىدە ئۆتۈلگەن بىر سائەتلىك دەرس بۇلۇپ، 30مىنۇت دەرس، 10مىنۇت دەرسنى بايان شەكىللىك باھالاش، 5مىنۇت دەرستىن كېيىنكى ئويلۇنۇش دىگەن تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويغان بۇلۇپ شۇ ئاساستا ئۆتۈلگەن نەق مەيدان دەرىسى. كۆپچىلىكنىڭ كۆرۈپ بېقىشىغا سۇندۇم، باھالاپ تەنقىدى-تەكلىپ پىكىرلىرىنى بېرىشىنى سورايمەن.
|