تور بەتلىرىمىزدىكى كېسەل سۆز – ئىبارىلەر
مۇھەممەت تاھىر
يېقىنقى ئون يىلدىن بۇيان لايىھەلىنىشى ئۆزگىچە، مەزمۇنى مول تور بەتلىرى (پونكىتلىرى) ئۈزلۈكسىز بارلىققا كېلىپ، روشەن خاسلىققا ئىگە ئۇيغۇر تور مەدەنىيىتى تەدرىجىي شەكىللىنىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسى، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇشىدا مۇھىم رول ئوينىدى. بۇ، ھەممىمىزنى سۆيۈندۈرىدىغان ياخشى ئىش، ئەلۋەتتە. ئەمما تور باشقۇرۇش جەھەتتىكى تەجرىبە – ساۋاقلارنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقى قاتارلىق ئامىللار سەۋەبىدىن تورنىڭ ئىجابىي تەرەققىياتىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان بەزى پاسسىپ ئامىللارمۇ كۆپىيىپ كېتىۋاتىدۇ. تىل نۇقتىسىدىن كۆزەتكەندە، بەزى تور پونكىتلىرىدا ئېلان قىلىنىۋاتقان ئەسلىي ئەسەر ياكى تەرجىمە ئەسەرلەردە بولسۇن، كېسەل سۆز – جۈملىلەر كۆپ . بۇنىڭ زىيىنىنى سەل چاغلاشقا بولمايدۇ. تور خەۋەرلىرىدە ئۆز ئورنىنى تاپالمىغان تىنىش بەلگىلىرىدىن تارتىپ، سۆز – ئىبارىلەرنىڭ ئىملاسى، جۈملىلەرنىڭ گىرامماتىكىلىق قۇرۇلمىسى، ھەتتا جۈملىلەر ئارا لوگىكىلىق ئۇقۇمغىچە ‹‹كېسەل››نىڭ دەستىدىن ‹‹ئۆلۈپ›› قالاي دېگەن سۆز – ئىبارىلەر، جۈملىلەرنى كۆپ ئۇچرىتىمەن. شۇ ۋەجىدىن تور ئەسەرلىرىنىڭ تىلى توغرىسىدا بەزى نۇقسانلارنى ئوقۇرمەنلەر بىلەن ئورتاقلاشماقچىمەن: 1. ئىملا خاتالىقى. ئۇقۇمنى يېزىق ئارقىلىق ئىپادىلەشتە ئىملانىڭ رولىغا سەل قاراشقا بولمايدۇ. ئىملا خاتا بولسا، تىلنىڭ نەپىسلىكىگە تەسىر يېتىپلا قالماي، مەنە خاتالىقى كۆرۈلۈپ، ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلىدۇ. بۇنداق ئەھۋالنىڭ تور ۋاسىتىسىدە تەكرار – تەكرار كۆرۈلۈشى كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرۇلىدۇ. تور خەۋەرلىرىدە سۆزلەرنىڭ ئىملاسىغا پەقەتلا ئېتىبار بېرىلمىگەن، يېزىلىشى ئۆلچەملىك بولمىغان ياكى كەمتۈك سۆز – ئىبارىلەر قەدەمدە بىر ئۇچرايدۇ. 2. قوشۇمچە ئىشلىتىشتىكى خاتالىقلار. تېگىشلىك قوشۇمچىلار چۈشۈرۈپ قويۇلغان ياكى ئارتۇق قوشۇلغان، قوشۇمچىلار خاتا قوشۇلغان ئەھۋاللار تور ئەسەرلىرىدە دائىم ئۇچراپ تۇرىدۇ. 3. جۈملە خاتالىقى ۋە ئۇقۇم مۈجمەللىكى. 4. سۆز – جۈملىلەرنىڭ ئىزچىللىق مەسىلىسى. يۇقىرىقىلاردىن باشقا، يەنە ئاتالغۇلارنى قوللىنىش، كىشى ئىسىملىرىنى تەرجىمە قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردىمۇ نۇقسانلار ئاز ئەمەس. مەسىلەن: ‹‹قاتىل ھامىلىدار ئايالنىڭ قورسىقىنى نىشان قىلىپ، بوۋاققا قارىتىپ ئوق ئاتقان››. ئەسلىدە ھامىلىدار ئايالنىڭ قورسىقىدىكىسى بوۋاق ئەمەس، ھامىلە ئىدى، ئۇ تۇغۇلغاندىن كېيىن ئاندىن بوۋاق بولاتتى. يۇقىرىقىلار پەقەت نەقىل كەلتۈرۈلگەن خەۋەردىكى ئاز بىر قىسىم نۇقسانلار. مېنىڭچە، خاتالىقلارنىڭ تېرىقتەك تولا كۆرۈلۈشىدىكى سەۋەب تولىمۇ ئاددىي: بىرىنچىسى، مەسئۇلىيەتسىزلىك. ئىككىنچىسى، تىل ئاساسىنىڭ بوشلۇقى. ئۈچىنچىسى، تەرجىمە ماھارىتىنىڭ چولتىلىقى. ئەلۋەتتە، بىر قىسىم تور بېكەتلىرىمىز يۈكسەك مەسئۇلىيەتچانلىق تۇيغۇسى بىلەن تور مەدەنىيىتىمىزدە ئاۋانگارتلىق رول ئويناپ، چاڭقاق مەنىۋىيىتىمىزنى بېيىتىپ كېلىۋاتىدۇ. ئەمما يەنە بىر قىسىم تور بېكەتلىرى تورنىڭ قولاي، تېز بولۇشتەك ئالاھىدىلىكىدىن پايدىلىنىپ، ۋاقىت قوغلىشىپ، يۇقىرىقىدەك سۈپەتسىز ئەسەرلىرى بىلەن تىلىمىزنى بۇزۇۋاتىدۇ ياكى ئەكس تەسىر بېرىۋاتىدۇ. تىل – يېزىق بىر مىللەتنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنىڭ ئاساسى. پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت مىللەتلەرنىڭ ئۆز تىل – يېزىقىنى پائال تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا مەدەت بېرىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىل – يېزىقىنى ساغلام تەرەققىي قىلدۇرۇش پۈتكۈل ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى. تىل – يېزىقنى ۋاسىتە قىلغان تور بېكەتلىرىنىڭ بۇ جەھەتتىكى مەسئۇلىيىتى تېخىمۇ ئېغىر ئىدى. تور بېكەتلىرىنى باشقۇرۇۋاتقانلارغا شۇنداق تەۋسىيە قىلغۇم كېلىۋاتىدۇ، تور بېكىتى (بېتى)نىڭ باشقۇرغۇچىلىرى مەسئۇلىيەتچانلىق ئېڭىنى تۇرغۇزۇپ، ئۆز ئالدىغا خاسلىق يارىتىشى، ئەسەر تەشكىللەشتە ئېھتىياتچان بولۇپ، مەزمۇن ساغلاملىقىغا ئەھمىيەت بېرىشى، شۇنداقلا تىل ئۆتكىلىنىمۇ چىڭ تۇتۇپ، تىلىمىزنىڭ پاساھىتىنى تور مەدەنىيىتىمىزدە نامايان قىلىپ، ئانا تىلىمىزنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.
شىنجاڭ گېزىتى كۆچۈرۈلگەن مەنبە :www.anwar.cn |