بۇ يازمىنى ئاخىرىدا زەپەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-4-23 23:35
يۇرت ئىشقى مەخمۇت ئاۋۇت(مۇزاتى) بولدى سەھرا باغۇ-بوستان، گاڭ بېلەك دېھقان بىلەن، بۇ دىيارىم گۈل-گۈلىستان، ئوت يۈرەك ئىشچان بىلەن.  ئىدى پىنھان ئەسلى بۇ يۇرت، ياتار شىرىن ئۇيقۇدا، سىلكىنىپ ئويغاندى شۇدەم ، بىر خىتاپ- پەرمان بىلەن.  بارچە جانلىق قىلدى نەغمە، يۈكسىلىشكە جۆر بولۇپ، رەڭ تالاشتى تاغۇ-تاشلار، ياپ-يېشىل بوستان بىلەن.  يۇرتىمىزدا ئۆزگىرىش چوڭ، ياساندى خوپ توز سىياق، بوي تالاشقان ئىمارەتلەر ، بەستلىشىپ ئاسمان بىلەن.  ئىسلاھاتتىن كۈلدى يايراپ ،مېھرى ئىللىق قۇت زىمىن، كىردى يېڭى قىياپەتكە ،شۇ جەسۇر ئوغلان بىلەن.  قولى ئوچۇق،كۆكسى كەڭرى،خۇشچىرايدۇر خەلقىمىز، تۇشمۇ-تۇشتىن كەلسە مېھمان ،چاي سۇنار پاخلان بىلەن.  باردۇر يەنە مەنزىل بۈيۈك، شۈكرىدە قالماس تۇرۇپ ، بۇندا چۈشلەر رىئاللىقتۇر، دىلدىكى ئارمان بىلەن.  تەرىپلىسەم تىلىم ئاجىز، دىيارىمنىڭ تۇرقىنى، بولماس بايان پۈتسەممۇ گەر، تۈمەنمىڭ داستان بىلەن.  مەنبە : ئۆز ئىجادىيىتىم. 2013-يىل 4-ئاينىڭ23 -كۈنى |