مىخلاڭساقلاڭيېڭى 2000 تېماتەۋسىيە تور كۆرگۈچىلەر:FirefoxChrome
baykax

baykax

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

جەمئىي مىكروبلوگ 2062 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • pari تۈنۈگۈن 21:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    جاپاكەش باغۋەنلەر بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!!

  • 阿吉米德 تۈنۈگۈن 19:11 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئاراڭلاردا ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى بولسا تونۇشۇپ قاساق بوپتىكەن قېرىنداشلا.......

  • خانىدان تۈنۈگۈن 14:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!

  • زەپەر تۈنۈگۈن 00:44 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۇقۇتقۇچى ئۇستازلار ياخشىمۇ سىلەر بايقاش مۇنبىرى تۇلۇق ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى

  • دىلكەش ئۈلۈشكۈن 09:24 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭلارغا موبارەك بولسۇن~

  • 1چىچەك 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ياخشى بولماق مىڭ يىلچىلىك،يامان بولماق بىر دھمچىلىك.

  • 1چىچەك 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    مقۋىلىك دەرەخنىڭ بېشى تۆۋەن،بىلىملىك ئادەمنىڭ يۇزى تۆۋەن.

  • شىرنە تۈنۈگۈن 20:22 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭىزلارغا مۇبارەك بولسۇن

  • 阿吉米德 تۈنۈگۈن 19:10 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم بايقاش.......

  • نۇردۇن تۈنۈگۈن 11:14 [ئىنكاس(0)] [...]

    سالام،دوسلار بايرىمىڭىلارگە بۇبارەك بولسۇن!بايراملىق تىللا سوۋغا قىلمامسىلە؟

  • پۇرخۇن تۈنۈگۈن 00:18 [ئىنكاس(0)] [...]

    نېمە قىلىۋاتىسىز؟ دوستلىرىڭىز بېلەن ئورتاقلىشىڭ ...جاپاكەش ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن.

  • زەپەر 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۇقۇتقۇچى ئۇستازلار ياخشىمۇ سىلەر بايقاش مۇنبىرى تۇلۇق ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى

  • 1چىچەك 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئىشچاندىن تەر چىقىدۇ،ھورۇنندىن ئۇھ چىقىدۇ.

  • 1چىچەك 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    دىلىڭدا نېمە بولسا تىلىڭدا شۇ.

كۆرۈش: 20|ئىنكاس: 0

بەدىنىمىزدىكى ھۈجەيرىلەر نېمە دەيدۇ؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

34

تېما

1

دوست

337

جۇغلانما

رەسمى ئەزا

Rank: 2

قىزغىنلىق
81 سەر
تىللا
8 دانە
تۆھپە
46 سەر
شۆھرەت
80 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-10 14:40:11|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئادىل10 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-10 19:30  

بەدىنىمىزدىكى ھۈجەيرىلەر نېمە دەيدۇ؟
مەن چوڭ شەھەرگە ئازراق ئوخشاپ قالىمەن، مەندە نەچچە ئون ئېلىكترئىستانسىسى، بىر ترانسپورت سىستېمىسى، بىر ئالىي دەرىجىلىك خەۋەرلىشىش ئورگىنى بار بولغان كۈچلۈك ئىستىبدات ھۆكۈمەت، مېنىڭ مۇھاپىزەت رايونۇمغا يات دۈشمەنلەر بىر قەدەممۇ باسالمايدۇ. مەن خام ئەشيالارنى ئىمپورت قىلىپ، يېڭى مەھسۇلاتلارنى ياسايمەن، مەندە يەنە ئەخلەت بىر تەرەپ قىلىش سىستېمىسى بار.
مېنىڭ بۇ شەھىرىمنىڭ ئىچكى قىسمىنى كۆرمەكچى بولغان كىشىدە چوقۇم دەرىجىدىن تاشقىرى مىكروسكوپ بولۇشى لازىم. مەن بولسام بىر دانە ھۈجەيرە (细胞)، خوجايىنىمنىڭ تېنىدىكى 60 تىرىليون دانە ھۈجەيرىنىڭ ئىچىدىكى پەقەت بىر دانىسى. ھۈجەيرە ئادەتتە ھاياتلىقنى تەشكىل قىلغۇچى ئەڭ ئاساسىي بىرلىك. ئەمەلىيەتتە ئۆزىمىزلا بىر ھاياتلىق. خوجايىنىمنىڭ ئوڭ كۆزىدىكى بىر تال تۈۋرۈكسىمان ھۈجەيرە بولۇش سۈپىتىم بىلەن كەڭ ھۈجەيرە توپىغا ۋاكالىتەن سۆز قىلماقچىمەن. مەنمۇ شۇ ھۈجەيرىنىڭ ئىچىدىكى پەقەت بىر دانىسى.
«تىپىك» ھۈجەيرە دەيدىغان نەرسە مەۋجۇت ئەمەس. شەكلىمىز ۋە ئىقتىدارىمىز جەھەتلەردە پەرق مەۋجۇت. خۇددى زىراپە بىلەن چاشقاننىڭ پەرقى بولغاندەكلا ئىش. بىزنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىمىز ھەرخىل بولۇپ، ئەڭ چوڭىمىز تۆگە قۇشىنىڭ تۇخۇمىدەك بولساق، ئەڭ كىچىكىمىز يىڭنە مىخىنىڭ قالپىقىدەك ئورۇنغا بىر مىليون ھۈجەيرە كەڭتاشا سىغقۇدەك دەرىجىدىكى كىچىكمىز. بىزنىڭ شەكلىمىزمۇ ھەرخىل بولۇپ، تەخسىسىمان، تۈۋرۈكسىمان ۋە شارسىمان قاتارلىقلارغا بۆلىنىمىز.
بىز خوجايىنىمىزنىڭ بارلىق پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىمىز. خوجايىنىم قول چامادانىنى كۆتۈرسە، بۇ خىزمەتنى بىلىكىم قىلدى دەپ قارايدۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ كۆز بىلەن كۆرگىلى بولمايدىغان مۇسكۇل ھۈجەيرىلىرىنىڭ قىسقىرىشىدىن تاماملىنىدۇ. ئۇ قايسى گالستۇكنى تاقاشنى ئويلاشقاندا، ئۇنىڭ مېڭە ھۈجەيرىلىرى ئويلىشىدۇ. ساقال-بۇرۇتنى ئالغاندىكى بارلىق خىزمەتنى نېرۋا ھۈجەيرىلىرى بىلەن مۇسكۇل ھۈجەيرىلىرى ئورۇندايدۇ. ئۇ ئېلىۋاتقان ساقالنىمۇ باشقا ھۈجەيرىلەر ئىشلەپ چىقارغان.
كۆزدىكى تۈۋرۈكسىمان ھۈجەيرە بولۇش سۈپىتىم بىلەن، (رەسىم) مېنىڭ ۋەزىپەم قاراڭغۇدىكى ئاجىز نۇرنى تۇتۇۋېلىش.
مەسىلەن، چاقناپ تۇرغان يۇلتۇزنى چوڭايتىپ ئېلېكتر سىگنالىغا ئايلاندۇرۇپ، ئاندىن خوجايىنىمنىڭ مېڭىسىگە ئەۋەتىپ بېرىمەن. ئەگەر يېتەرلىك سىگىنال يەتكۈزۈلۈپ بېرىلسە، خوجايىنىم يۇلتۇزى ئوچۇق كۆرەلەيدۇ.
خوجايىنىمنىڭ كۆزىدىكى 250 مىليون دانە تۈۋرۈكسىمان ھۈجەيرىمىزنىڭ ھەربىرى 30 مىليون دانە نۇر تۇتالايدىغان پىگمېنت دانىچىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، بىز تەبىئىيلا زور مىقداردىكى توكنى سەرپ قىلىمىز. توك ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن مەندە نەچچە مىڭلىغان يىپسىمان تەنچە، يەنى دەرىجىدىن تاشقىرى كىچىك كولباسىمان ئېلېكتر ئىستانسىلىرىمىز بار. بۇ ئېلېكتر ئىستانسىلىرىنىڭ خام ئەشياسى قەنت بولۇپ، توك ئىشلەپچىقىرىپ بولغاندىن كېيىنكى داشقىلى سۇ بىلەن كاربون (Ⅳ) ئوكسىد، بۇ مۇرەككەپ خىمىيىلىك رېئاكسىيە جەريانىدا، ئۇلار ATP (ئادېنوزىن ترىفوسفات) دېگەن ماددىنى بىرىكتۈرىدۇ. بۇ خىل ماددا بارلىق جانلىقلارنىڭ (رەۋەن ئۇرۇقدىشىغا كىرىدىغان ئۆسۈملۈكلەردىن تارتىپ سەدەپ قۇلۇلىسى، ھەتتا ئادەمگىچە) باش ئېنېرگىيە مەنبەسىدۇر.
ئېنېرگىيىگە موھتاج بولغاندا- يۈرەك سوققاندا، نەپەسلەنگەندە، كۆكرەك قەپىسىنى كېڭەيتكەندە ياكى كۆزنى چىمىلداتقاندا، ATP پارچىلىنىپ ئاددىي ماددىغا ئايلىنىپ ئېنېرگىيە قويۇپ بېرىدۇ. ئادەم ھاياتلا بولىدىكەن، ئېنېرگىيىگە ۋە ATP مۇھتاج بولىدۇ. تاتلىق ئۇيقۇغا كەتكەندىمۇ يەنىلا نۇرغۇن پائالىيەتلەر بەدەندە توختىماستىن ئېلىپ بېرىلىدۇ. بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ساقلاش ئۈچۈن ھۈجەيرىنىڭ پار قازىنى ئۈزلۈكسىز كۆيۈپ تۇرىدۇ، مېڭە ھۈجەيرىلىرىنىڭ توك قويۇپ بېرىشى چۈشنى شەكىللەندۈرىدۇ، يۈرەكنىڭ توختىماستىن سوقۇشى قاننى ئايلاندۇرۇپ تۇرىدۇ. ATP نىڭ پارچىلىنىشى ياكى بىرىكىشى دائىم ئېلىپ بېرىلىدۇ.
بارلىق ھۈجەيرىلىرىمدە يىپسىمان تەنچە بار، ئەمما قىزىل قان شارچىسى بۇنىڭ سىرتىدا. قىزىل قان شارچىسى ھېچقانداق نەرسىنى ياسىمايدۇ،  بەلكى قان ئايلىنىش ئارقىلىق ئېقىپ تۇرىدۇ، شۇڭلاشقا ئۇلار ئېنېرگىيىگە مۇھتاج ئەمەس.
ھۈجەيرىلەر ئىچىدە ئەڭ ھەيران قالارلىقى خوجايىنىمنىڭ ئانىسىنىڭ تېنىدىكى ئانىلىق تۇخۇم ھۈجەيرىسىدۇر. تۇخۇم ھۈجەيرىسى ئۇرۇقلانسىلا، بۇ يەككە ھۈجەيرە كەينى-كەينىدىن تاكى بوۋاق بالىنىڭ 2 تىرىليون دانە ھۈجەيرىسى ھاسىل بولغۇچە توختىماستىن بۆلىنىدۇ. بۇ خىل كۆپىيىش ئەسلىدىنلا نورمال ئەمەس، ئەمما كىشىنى ھەقىقىي ھەيران قالدۇرىدىغىنى ئۇرۇقلانغان تۇخۇمنىڭ ئىچىدە ساقلانغان زور مىقداردىكى ئۇچۇرلاردۇر. ئاشۇ كىچىك ھاياتلىق مۇرەككەپ خىمىيە زاۋۇتى بولغان جىگەرنىڭ شەكىللىنىش سىخېمىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. ئۇنىڭدا چاچنىڭ رەڭگى، تېرىنىڭ قاتتىق-يۇمشاقلىقى ۋە بەدەننىڭ چوڭ-كىچىكلىكى قاتارلىقلارنى بەلگىلەيدىغان مەخپىي ئۇچۇرلار ساقلانغان. ئۇ قايسى ۋاقىتقا كەلگەندە بارماقلارنىڭ ئۆسۈشى توختايدىغانلىقىنى بىلىدۇ، ھەتتا ئۇ خوجايىنىمنىڭ نەچچە يىلدىن كېيىن قانچىلىك دەرىجىدە ئەقلىي بولىدىغانلىقى، قايسى كېسەل بىلەن ئاسان يۇقۇملىنىدىغانلىقى ھەمدە خوجايىنىمنىڭ تەقى-تۇرقىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى قاتارلىقلارنى باشتىلا تەخمىنىي ھالدا بىلىدۇ.
بىر دانە كىچىككىنە تۇخۇم (سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلار دۇنياسىدا تۇخۇمنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى ئانچە پەرقلەنمەيدۇ) نېمە ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ئۇرۇقلانغاندىن كېيىن كىتقا، يەنە بىرىنىڭ توشقانغا، يەنە باشقا بىرىنىڭ ئادەمگە ئايلىنىدىغانلىقىنى بىلىدۇ؟ گەپ بۇ يەرگە كەلگەندە ئىجادچانلىققا ئىگە، كىشىنى تولىمۇ ھەيران قالدۇرىدىغان نەرسە-دېئوكسىرىبونۇكلېئىك (DNA) نى تىلغا ئالماي بولمايدۇ. ئۇ بىزنىڭ بارلىق ھۈجەيرىلىرىمىزنىڭ ئىستىبدات ھۆكۈمرانى، ئۇ بىزگە ھۈجەيرىلەرنىڭ قۇرۇلمىسىدىكى زاپچاسلارنىڭ قايسى پرىنسىپ بويىچە قوراشتۇرۇلىدىغانلىقىنى، نېمە ئىشلەپچىقىرىدىغانلىقىنى ھەم نېمىنى ئىزدەپ، نېمىدىن ساقلىنىدىغانلىقىنى دەپ بېرىدۇ.
مېنىڭ DNA يىمنى ھاياتلىقتىن ئىبارەت بۇ ئۇلۇغۋار قۇرۇلۇشنى لايىھىلەيدىغان ئىنژېنېر دېيىشكە بولىدۇ. ئەمما، ئۇ قۇرۇلۇش ۋەزىپىسىنى رىبونوكلېئوتىد (RNA) غا كۆتۈرە بېرىدۇ. بارلىق ئۇچۇرلار دانىچە شەكىلىدە تۇتاشقان بىر جۈپ قىلىپ بېسىلغان. ئۇچۇرچى رىبونوكلېئوتىد (پوچتىكەش رىبونوكلېئوتىد دەپمۇ ئاتىلىدۇ، قىسقارتىپ mRNA دەپ يېزىلىدۇ) بۇرمىسىمان DNA غا يېقىنلىشىپ، ئۆزىگە لازىملىق بىر سخېمىنى ئېلىۋالىدۇ، ئاندىن بۇ ئۇچۇرلارنى يەنە باشقا شەكىلدىكى RNA غا، يەنى يۆتكىگۈچى رىبونوكلېئوتىد(tRNA) غا يەتكۈزىدۇ. tRNA بولسا كۆرسەتمىگە ئاساسەن خىزمەت ئىشلەيدۇ، ئۇ بەلكىم خوجايىنىمنىڭ تېنىدىكى نەچچە يۈزلىگەن ئاقسىلنىڭ ئىچىدىكى مەلۇم بىر خىلىنى ياساپ چىقىشى مۇمكىن. RNA ئاقسىلنى تەشكىل قىلىدىغان 20 خىلدىن ئارتۇق ئامىنو كىسلاتاسىنى مەرۋايىتلارنى تىزىققا ئۆتكۈزگەندەك ئۆتكۈزۈپ، ئالاھىدە شەكلىگە كەلتۈرىدۇ. نەتىجىدە، توختىماي سوقۇپ تۇرىدىغان يۈرەكنىڭ مۇسكۇل ھۈجەيرىلىرىنى ياساپ چىقىدۇ ھەمدە خوجايىنىمنى يول ماڭدۇرىدىغان قىسقىرىدىغان مۇسكۇللارنى ياساپ چىقىشمۇ مۇمكىن، باشقىچە ئېيتقاندا، DNA ئۇنىڭغا (RNA) غا ئادەم بەدىنىگە زۆرۈر ھەر قانداق بىر نەرسىنى ياساپ چىقىش بۇيرۇقىنى بېرىدۇ.
غەلىتە يېرى شۇكى، ئادەمنىڭ كۆزىدىكى تۈۋرۈكسىمان ھۈجەيرىنىڭ ئىچىدىكى DNA بىر مۇكەممەل بوۋاقنى شەكىللەندۈرۈشكە زۆرۈر بولغان بارلىق ئۇچۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. نەزەرىيە جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، قۇلاق ھۈجەيرىسىدىكى DNA دىن پايدىلىنىپ ئادەمنىڭ بىر پۇتىنى ياساپ چىققىلى بولىدۇ. ئەمما، بىز بۇنداق ئەخمىقانە ئىشنى ئەزەلدىن قىلمايمىز. چۈنكى، ھەربىر ھۈجەيرىمىزنىڭ ئىچىدىكى كۆپ قىسىم DNA نىڭ قېلىپى ئاللىبۇرۇن شەكىللىنىپ بولغان. مېنىڭ DNA يىم تۈۋرۈكسىمان ھۈجەيرىنى ياساشتىن باشقا ھېچقانداق نەرسىنى ياسىمايدۇ.
خوجايىنىمنى پەيدا قىلغان ھۈجەيرىلەرنىڭ بۆلۈنۈش جەريانى بىر ئۆمۈر توختاپ قالمايدۇ. ھەربىر سېكونت ئىچىدە نەچچە يۈزمىليونلىغان ھۈجەيرىلەر ئۆلۈپ تۇرىدۇ، شۇنداقلا كونا ھۈجەيرىلەرنى تارتىپ چىقىرىۋېتىپ، ھەربىر ھۈجەيرە يەنە ئۆزىگە ئوپمۇ ئوخشاش ئىككى يېڭى ھۈجەيرىگە بۆلۈنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن يەنە نەچچە مىليونلىغان يېڭى ھۈجەيرىلەر بارلىققا كېلىدۇ. ياغ ھۈجەيرىسىنىڭ كۆپىنچىسى ساقلاش ساندۇقى بولۇپ، كۆپىيىشى ئىنتايىن ئاستا. ئەمما، تېرە ھۈجەيرىلىرى ھەر 10 سائەتتە بىر قېتىم يېڭىلىنىدۇ. مېڭە بولسا دائىملىق تولۇقلاش جەريانىدىكى كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىشقا ئەرزىيدىغان بىر مىسالدۇر. خوجايىنىم تۇغۇلغاندا ئۇنىڭ مېڭە ھۈجەيرىلىرىنىڭ سانى ئەڭ يۇقىرى پەللىگە چىقىدۇ. زىيادە چارچىغان ھەم زەخىملەنگەن مېڭە ھۈجەيرىلىرى توختىماستىن ئۆلىدۇ، شۇنداقلا مەڭگۈ قايتا تولۇقلانمايدۇ. ۋەھالەنكى، خوجايىنىمنىڭ مېڭە ھۈجەيرىلىرى ئەزەلدىنلا مۇكەممەل ھەم تولۇق بولغاچقا، خوجايىنىم مېڭە ھۈجەيرىلىرىنىڭ يۇقىرىقى زەخىملىنىش ھادىسلىرىگە ئانچە بەك دىققەت قىلىپ كېتەلمەيدۇ.
ھۈجەيرىلىرىمىز 600 خىلدىن ئارتۇق ئېنزىم (酶) ئىشلەپچىقىرىدۇ. ئۇلار ئالاھىدە ماددا ھېسابلىنىدۇ. RNA نىڭ كۆرسەتمىسىگە ئاساسەن، يۇقىرىقى ئېنزىملار ھەرخىل ئاقسىللارنى بىردەمدىلا بىرىكتۈرۈپ چىقىدۇ. مەسىلەن، خوجايىنىم بىر بېلىقنىڭ گۆشىنى يەپ، بۇنىڭدىن ئەسلىي ئاقسىلنى قوبۇل قىلىپ، ئۇنى ھەرخىل بۆلەكلەرگە پارچىلاپ، ئاندىن ئامىنو كىسلاتاسىنىڭ يېڭى تەرتىپىنى تۈزۈپ چىقىدۇ، ئاخىرىدا خوجايىنىمنىڭ تېنىگە لازىملىق يېڭى ئاقسىل ھاسىل قىلىنىدۇ. يەنە مەسىلەن، خوجايىنىمنىڭ بارماقلىرىنىڭ ئۆسۈشىگە زۆرۈر بولغان ئاقسىل. ھۈجەيرىلەر ئىشلەپ چىقارغان فېرمېنتلار يەنە تۈزۈلۈشى مۇرەككەپ، كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان گورمون ۋە كېسەللىككە قارشى تۇرىدىغان ئانتىتېلانى ياساپ چىقالايدۇ، شۇنداقلا دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق خىمىيە ئالىمى قىلالمايدىغان نۇرغۇن خىزمەتلەرنى بېجىرەلەيدۇ.
بىز ھۈجەيرىلەرنىڭ سىرتقى دىۋارى بىلەن ئىچكى قۇرۇلمىسى ئوخشاشلا قالتىس. مېنىڭ سىرتقى پەردەمنىڭ قېلىنلىقى ئون مىليوندىن بىر مىللىمېتىرغىمۇ يەتمەيدۇ. تېخى يېقىنغىچە، ئالىملار مېنىڭ بۇ نېپىز داكىدەك ماسكا قەۋىتىمنى ناھايىتى چىڭ تارتىلغان ئەينەك قەغەز خالتىدىن ئانچە پەرقلەنمەيدۇ دەپ قارايتتى. ئېلېكترونلۇق مىكروسكوپ بولغاچقا، ئالىملار ھۈجەيرە پەردىسىنىڭ مۇھىم بىر تەركىبىي قىسمىم ئىكەنلىكىنى بايقىدى. ھۈجەيرە پەردىسى قاراۋۇل بولۇش سۈپىتى بىلەن، قانداق نەرسىنىڭ ھۈجەيرە ئىچىگە كىرىش، قانداق نەرسىنىڭ كىرمەسلىكىنى بەلگىلەيدۇ. ئۇ ھۈجەيرىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى مۇھىتنى كونترول قىلىدۇ، يەنى تۇز، ئورگانىك ماددىلار، سۇ ۋە باشقا ماددىلارنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ئۆلچەملىك ھالدا ساقلايدۇ. ھاياتلىق پۈتۈنلەي بۇ تەڭپۇڭلۇققا تايىنىدۇ.
ئاقسىل ياساش ئۈچۈن قانداق ماتېرىياللار كېتىدۇ؟
ھۈجەيرە پەردىسى مۇۋاپىق مىقداردىكى خام ئەشيالارنى ھۈجەيرە ئىچىگە ئۆتكۈزۈپ، باشقا نەرسىلەرنىڭ كىرىشىگە يول قويمايدۇ. بۇ ئۇنىڭدا ناھايىتى ئالىي دەرىجىلىك پەرقلەندۈرۈش سىستېمىسى بارلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.
ھەربىرىمىزدە باشقا ھۈجەيرىلەردىن پەرقلەندۈرەلەيدىغان كىملىكىمىز بار. ھەر قانداق ناتونۇش ماددا ياكى تاجاۋۇزچى بىزنىڭ تەۋەيىمىزدىن قوغلىنىپ چىقىرىۋېتىلىدۇ. ئويلاپ بېقىڭ، ئەگەر ناتونۇش ماددىنى تەۋەيىمىزگە باشلاپ كىرسەك، قانداق ئەھۋال يۈز بېرەر؟ ئەگەر بىر تۈك ھۈجەيرىسى ئايلىنىپ خوجايىنىمنىڭ كۆزىگە بېرىپ قالسا، خوجايىنىمنىڭ كۆزىدىن تۈك ئۈنۈپ چىقىشى، شۇنداقلا بۆرەككە سۆگەل، كۆزنىڭ قاپىقىغا جىگەر ھۈجەيرىلىرى ئۆسۈپ چىقىشى مۇمكىن.
قارىغاندا، ھۈجەيرە پەردىسىمۇ باشقا قوشنا ھۈجەيرىلەر بىلەن سۆزلىشىدىغان ئالاقىلىشىش سىستېمىسى بار ئوخشايدۇ. ئۇلار قانداق ئالاقىلىشىدۇ؟ ئەپسۇس، بۇنى بىلمەيدىكەنمەن، بەلكىم يەنىلا فېرمېنتلارنىڭ رولى بار بولۇشى مۇمكىن. قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئەگەر سىز يۈرەكنى چۈۋۇپ، ئايرىم-ئايرىم يەككە ھۈجەيرىلەرگە ئاجرىتىپ كۆزەتسىڭىز، ھۈجەيرىلەرنىڭ خالىغانچە سوقۇۋاتقانلىقىنى ھەم ئۇزۇنغا قالمايلا رىتىملىق ھەرىكەتلىنىۋاتقانلىقىنى بايقايسىز. بۇ بەلكىم ھۈجەيرىلەرنىڭ ئۆز ئارا ئالاقىلەشكەنلىكىنىڭ نەتىجىسى بولۇشى مۇمكىن.
گورمونمۇ خىميىلىك ئالاقىلەشكۈچى بولۇش سۈپىتى بىلەن مۇشۇ ئالاقىلىشىش سىستېمىسىنىڭ بىر قىسمى ھېسابلىنىدۇ. مەسىلەن، خوجايىنىمنىڭ قان شېكىرى ئۆرلەپ كەتسىلا، ئۇنىڭ ئاشقازان ئاستى بېزى ئىنسۇلىن ئىشلەپچىقىرىشنى كۆپەيتىدۇ، ئىنسۇلىن قەنتنىڭ پارچىلىنىشنى تېزلەشتۈرىدۇ.
ۋىرۇس بىزنىڭ ئەڭ چوڭ دۈشمىنىمىز. بۇ پارازىتلىق بىلەن ياشايدىغان مىكرو جانلىقنىڭ تېنىدە يىپسىمان تەنچە يوق بولغاچقا، ئۆزىنىڭ ھاياتىنى قامدايدىغان زۆرۈر ئېنېرگىيىنى ئۆزى ئىشلەپچىقىرالمايدۇ. ھۈجەيرە پەردىسىدىن ئىبارەت بۇ قاراۋۇلنىڭ بىخەستەلىكىدىن ۋىرۇسلار ھۈجەيرىگە تېشىپ كىرىپ، قورقۇنچلۇق ۋىرۇس ئېنېرگىيىگە ئىگە بولۇۋالىدۇ-دە، كۆپىيىشكە باشلايدۇ. تەلەيسىز ھۈجەيرىلەر قارا نىيەت ۋىرۇسلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلىدۇ. كۆپەيگەن ۋىرۇسلار يەنە باشقا ھۈجەيرىلەرگە ھۇجۇم قىلىپ، يېنىك يۇقۇملىنىشنى پەيدا قىلىدۇ، سانسىزلىغان ھۈجەيرىلەرنى ئۆلتۈرىدۇ. ئەگەر خوجايىنىمنىڭ تېنىدە ھەر خىل مۇداپىئە سىستېمىسى بولمىسا، ۋىرۇسلار تەدرىجىي كۆپىيىپ تاجاۋۇزلۇق دائىرىسىنى ئۈزلۈكسىز كۆپەيتكەن، شۇنىڭ بىلەن خوجايىنىمنىڭ بۇ دۇنيادىكى ۋاقتىمۇ ئاز قالغان بولاتتى.
ھۈجەيرىنىڭ ھېكايىسىدىن تۆۋەندىكى يەكۈننى خۇلاسىلەپ چىقىش مۇمكىن؛ خوجايىنىم تۇغۇلغاندىن تارتىپ قېرىپ ئۆلگۈچە بۇ يەردە پەيدا بولغان بارلىق ھادىسىلەرگە باشتىن-ئاخىر قاتنىشىمىز. بىز 60 تىرىليون ئاكا-ئۇكا ھۈجەيرىلەر نېمىشقا مۇشۇنچىۋالا دەرىجىدە ماسلىشىپ ياشىيالايمىز؟ بىز بىر-بىرىمىزگە دەخلى قىلىشماي، ئەڭ يۇقىرى چەكتە ئۆزىمىزنىڭ ۋەزىپىسىنى تاماملايمىز. مانا بۇ ئالەمدىكى ئەڭ چوڭ مۆجىزىدۇر!
كىلىش مەنبەسى:دەرىسلىك كىتاپ
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2013-9-11 00:38, Processed in 0.170014 second(s), 38 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش