بۇ يازمىنى ئاخىرىدا pari تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-8-15 18:21
ئەزالىق نامىڭىزنى ئۆزگەرتكىڭىز بارمۇ ؟
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز قېرىنداشلار ياخشىمۇ سىلەر ؟ كەمىنە پەرىدىن ھەممىڭلارغا ئوتلۇق سالام !! يېقىندىن بۇيان « بايقاش مائارىپ » تورىمىزنىڭ ئۇمومى كەيپىياتى بېكەت قۇرغۇچىلىرىنىڭ شۇنداقلا جاپاكەش باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ ، جۇملىدىن كەڭ مۇنبەرداش ،كەسىپداشلارنىڭ ئەڭ زور كۈچ چىقىرىشى ۋە جاپالىق ئەجرى بىلەن ئىنتايىن ياخشى بولماقتا . مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن شۇ تۈننى كۈنگە ئۇلاپ مۇنبەرگە ئەجىىر سىڭدۈرۋاتقان ،مۇنبەر تەرەققىياتى ئۈچۈن ئىزدىنىۋاتقان كەسىپداشلارغا ، مىللىتىمىزنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن ھارماي كۈچەۋاتقان باغۋەنلەرگە ، مۇنبەرداشلارغا ئەڭ ئالى ئېھتىرام بىلدۇرىمەن . ھەم بايقاش مائارىپ تورىدىكى باشقۇرغۇچىلار نامىدىن رەھمەت تەشەككۇرىمنى بىلدۇرىمەن . رەھمەت سىلەرگە .
دىمەكچى بولغىنىم يېقىندىن بېرى ئايرىم ئەزالىرىمىز مۇنبەرگە شۇنداق قىزغىنلىق بىلەن كىردىيۇ -نامىنى خالىغانچە سان سېفىر ، ياكى خەنزۇچە ، ۋە ياكى مەنىسىز ناملار بىلەن كىرىپ ، كېيىن بولۇشىغا پۇشايمان قىلىپ كەلمەكتە . بۇ تېما مانا مۇشۇنداق ئەزالىرىمىزنى كۆزدە تۇتۇپ مەخسوس تېما سۈپىتىدە يوللاندى. بەزى قالايمىغان نامدا كىرگەن ئەزالارغا قاراپ «ئانا تىلىمىزنى قوغداش تەكىتلىنىۋاتقان مۇشۇ پەيىتتە، تىل بايلىقى مول بولغان ئۇيغۇر تىلىمىزدىن بىر مەنىلىك ئىسىم چىقمىغانمىدۇ؟» دەپ ئويلاپ قالىمەن. ئۇيغۇر تىلىمىز ھەمىمىزنىڭ قوغدىشىغا ھەم ئاسرىشىغا مۇھتاج! بىز نامىمىزنى كىلىش مەنبەسى ئىنىق بولمىغان قالايمىغان ھەرىپ بەلگە ۋە ئۆزىمىزمۇ چۈشەنمەيدىغان خەتلەر بىلەن ئەمەس ئۆز تىلىمىزدا ئاتايلى! نامى نورمال ئەمەس ئەزالار ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ مەنىلىك ناملارغا ئۆزگەرتىۋېلىشنى جىددى تەۋىسىيە قىلىمەن. ئەگەر نامىڭىزنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز بۇ تېما ئاستىغا ئۆزگەرتمەكچى بولغان،نامىڭىز ۋە ئەسلىدىكى نامىڭىزنى يېزىپ قالدۇرسىڭىز پات ئارىدا نامىڭىزنى سىز دىگەن بويىچە ئۆزگەرتىپ بېرىلىدۇ. ئەگەر ۋاقتىدا ئۆزگەرتمىگۈچىلەر كۈرۈلسە، مەيلى قانچىلىك تېما ۋە ئىنكاس يوللىغان بولسۇن بىردەك ئۆچۈرلىدۇ. ئالاھىدە ئۇقتۇرۇش قىلىندى.
بايقاش مائارىپ مۇنبىرى ئىشخانىسى . 2013- يىلى 4- ئاينىڭ 1 - كۈنى |