قۇتيار ئەپ بازىرى ئېچىلىپتۇ. android تېلفۇن خۇمارلىرىغا ياخشى سوۋغا
تور ئارلاۋېتىپ بۇ ئەپ بازىرىنى بايقاپ قالدىم. چۈشۈرۈپ تېلفۇنۇمغا قاچىلىغان ئىدىم. ئىچىدىكى ساپ ئۇيغۇرچە ئەپلەرنى كۆرۈپ بەك خۇش بولدۇم. بەك ياخشى ئىشلىنىپتۇ.
يانفونى 100% ئۇيغۇرچىنى قوللايدىغان ياكى ئاندىروئىد نەشرى 4.0 دىن يوقۇرى بولغان ئابونتلار چۈشۈرۈپ ئىشلەتسەڭلا بۇلىدۇ .... قۇتيار تور بېكىتى كومپيۇتېر، يانفون ۋە ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىملەرنى ئاساس قىلغان كەسپىي تور بېكەت بولۇپ، بۇ ئەپ بازىرىنى قۇتيار تور بېكىتى كەڭ ئەقلىفون ئىشلەتكۈچىلەرگە قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن ياساپ چىقتى. ھازىر ئەپ بازىرىدا ئاندرويىد يانفونلار ئۈچۈن تەييارلانغان ئۇيغۇرچە ۋە ئۇيغۇرچىلاشقان نادىر ئەپلەر بار بولۇپ، پۈتۈنلەي ھەقسىز تارقىتىلدى. مەزكۇر ئەپ بازىرىدىكى بارلىق ئەپلەر ھەقسىز بولۇپ ھېچقانداق سودا تۈسىنى ئالمىغان، شۇنداقلا ئالمايدۇ. ھەرقانداق بىر شەخىس ۋە ياكى ئورننىڭ قۇتيار تور بېكىتىنىڭ تەستىقىسىز ھەقلىق قىلىپ تارقىتىشىغا ۋەياكى سودا خارەكتېردە ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. ئەپ بازىرىمىزغا قۇشۇلغان ئەپلەرنىڭ كۆپىنچىسىگە ئەسلى تەرجىمان ۋە ياسىغۇچىنىڭ تەستىقىنى ئېلىشقا ئىمكانىيەت بولمدى. يەنە بىر قىسىم ئەپلەردە تەرجىمان ۋە ياسىغۇچىنىڭ ئۇچۇرى بولمىغاچقا قوشۇلمىدى، ئەگەردە سىز ئۆزىڭىز ياسىغان ياكى تەرجىمە قىلغان ئەپنىڭ مەزكۇر ئەپ بازىرىدا تارقىلىشىغا قارشى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، بىز ۋاقتىدا ئۆچۈرۈپ تاشلايمىز! ئەپ بازىرىمىز ھەرقايسى ئەپ ئېچىش گۇرۇپپىللىرىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئەپلىرىنى تەمىن ئېتىشىنى قارشى ئالىمىز ۋە ئەپ بازىرىدىن بەلگىلىك ئورۇن ئاجرىتىپ بىرىپ، تەشۋىقات ۋە مۇقىم بولغان مۇلازىمىتېر بىلەن تەمىن ئېتىمىز (پۈتۈنلەي ھەقسىز) .
ئەپ بازىرىغا يوللانمىغان ئۇيغۇرچە ۋە ئۇيغۇرچىلاشقان دېتاللار بولسا بىزگە ئەۋەتىپ بەرسىڭىز ياكى قۇتيار مۇنبىرىگە يوللىسىڭىزمۇ بۇلىدۇ، بىز دەل ۋاقتىدا قۇتيار ئەپ بازىرىغا قوشۇپ قويىمىز. (ئەپ قوشقان ۋاقتىڭىزدا ئۆزىڭىزنى ئېلخەت ۋە كيۇكيۇ نومۇرىڭىزنى شۇنداقلا ئاپنىڭ ئىجرا ھالىتىدىن ئۈچ پارچىدىن بەش پارچىگىچە رەسىمىنى، ئەپ ئىسمى ۋە نەشرىنى شۇنداقلا ئەپ ئىچىدىكى سىستېما نامىنى قوشۇپ يوللاڭ.)
ئەگەر ئەپ بازىرىمىزنى ئىشلىتىش جەريانىدا ياكى ئەپ يوللاش جەرياىدا قىيىنچىلىققا يۇلۇقسىڭىز 406878478 نومۇرلۇق كيۇكيۇ ۋە Qutyar@gmail.com بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز بۇلىدۇ . قۇتيار ئەپ بازىرىغا قارىتا تەكلىپ پىكىر بولسا مەزكۇر ئەپنىڭ تەكلىپ-پىكىر سەھىپىسىدىن بىزگە تەكلىپ -پىكىر بەرسىڭىز بۇلىدۇ ، بىز ۋاقتىدا ساقلانغان مەسىلىلەرنى تۈزىتىشكە تىرىشىمىز . ئەپ قۇبۇل قىلىش ئېلخەت ئادىرىسى : Qutyar@gmail.com (ئەپتىن باشقا ھەرقانداق ئۇچۇرغا ئىنكاس قايتۇرۇلمايدۇ).
ئەپ بازىرىغا ئەپلەرگە نومۇر قۇيۇش ۋە پاش قىلىش باھا سۆزى يوللاش قاتارلىق ئىقتىدارلار قۇشۇلغان بولۇپ ، كەڭ تورداشلارنى بۇ ئىقتىدارلارنى ئىشلەتكەندە ئۇيغۇر تىلىدا ئېنكاسلارنى قالدۇرىشىنى ئۈمۈت قىلىمىز ، خەنزۇچە ياكى ئېنگىلىز ، نېمىس قاتارلىق تىللاردا قالدۇرۇلغان مەزمۇنلار ئۈچۈرىلىپ تاشلىنىدۇ ئېغىر بولغاندا شۇنداق باھالارنى قالدۇرغۇچىلار نىڭ يانفون نومۇرى خاتىرىلىنىپ ئەپ بازىرىغا كىرىشى چەكلىنىدۇ (نومۇر ئالماشتۇرمىغۇچە مەزكۇر ئەپ بازىرىى ئىشلىتىش ھوقۇقىغا ئىرىشەلمەيدۇ!)
تۈۋەندىكىسى ئەپ بازىرىنىڭ كەسمە سۈرەتلىرى :
چۈشۈرۈش: http://app.qutyar.net/app/Qutyar_Market_1.0.apk ئەسلى مەنبەدىن كۆرۈڭ: http://qutyar.net/mb/thread-4834-1-1.html |