كۆرۈش: 3817|ئىنكاس: 79

سىزمۇ ئويلاپ بېقىڭ (5 )

 [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   گۇلزار تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-30 18:00  

سىزمۇ ئويلاپ بېقىڭ (5 )

01.


   ھۆرمەتلىك بايقاش مۇنبىرىنىڭ ئەزالىرى ياخشىمۇسىلەر ؟ بۈگۈن مەن يەنە مۇنبەرگە ئادىتىم بويىچە تەنقىدى - تەربىيىۋىلىك پىكىرلىرىمنى ئېلىپ كەلدىم . خاپا بولماسسىلەر ؟ بۇمۇ مېنىڭ كەسپى كىسىلىم ئوخشايدۇ ھەر قايسىڭلار توغرا چۈشىنىڭلار .
ئەمدى ئۆز گېپىمىزگە كەلسەك، بايقاش مۇنبىرى قۇرۇلغان مۇشۇ قىسقىغىنا ۋاقىت ئىچىدە مۇشۇ يەردە ئولتۇرغان ئەزالارنىڭ كۆپ تىرشىچانلىق ئارقىلىق ھازىرقىدەك ئۇتۇقلارغا ئېرىشىپ، تور دۇنياسىدىكى ئالدىنقى مۇنبەرلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالدى ھەم نۇرغۇنلىغان مۇنبەر ئەزالىرىنى ئۆزى جەلىپ قىلىپ ئۇلارغا ئىللىق مېھرىنى ئاتا قىلىپ كېلىۋاتىدۇ .
    ئەمما يېقىندىن بۇيان مۇنبەردىكى بىر قىسىم ئىشلار مۇنبەرنىڭ ئاشۇ ساپلىقىغا ھەم ئوبرازىغا تەسىر يەتكۈزمەكتە .  بۇنى ھەممىمىز بىلىپ تۇرساقمۇ ئەمما ھېچقايسىمىز ئېغىزدىن چىقىرىشقا جۇرئەت قىلالمايۋاتىمىز ، شۇڭا بۇ ئىشلارنى مەن ئوتتۇرغا قويۇپ ئۆتسەم ، باشقا ئەزالار بۇ ئىشلرغا نىسبەتەن كۆ ز قارىشىڭلارنى ئۆتتۈرغا قويۇپ باققان بولساڭلار .
ئۇنداق بولسا نەزىڭلار تكۋەندىكى مەزموندا بولسۇن
1 › يېقىندىن بۇيان مۇنبەردا باشقا مۇنبەرلەدىن كۆچۈرۈپ ئېلىپ كېلىنگەن ئەھمىيەتسىز تېمىلار كۆپىيىپ ،مۇنبەر ئەھلىنىڭ مۇنبەرگە بولغان قىزغىنلىقىنى سۇسلاشتۇرۇپ قويماقتا . بۇ يەردە مەن ھەممىڭلارنى ئىجادى تېمىنى يېزىڭلار دەپ زورلىمايمەن دىمەكچى بولغىنىم بۇ تېمىلار باشقا  بىر قانچە مۇنبەرلەردە ئېلان قىلىنىپ پاخاللىشىپ كەتكەن ھەم باشقىلارمۇ ئوقۇپ زېرىكىپ كەتكەن تېمىلار بولۇپ  ئەزلار بۇ تېمىلارنى كۆرۈشتىن بىزار بولماقتا.  شۇڭا تېما كۆچۈرگەندە ئاشۇ تېمىنىڭ پايدىلنىش قىممىتى بارمۇ-  يوق ؟ ئۇ تېما يېڭىمۇ ؟ دىگەنلەرنى كۆزدە تۇتقان ئاساستا كۆچۈرسەك .    تېما يوللاشنى  مەخسەت قىلىپ تېمىلارنى كۆچۈرۈپ يوللاۋەرسەك بايقاش مۇنبىرى باشقا مۇنبەرلەرنىڭ ئەخلەتخانىغا ئايلىنىپ قالمىسۇن .
2 › يېقىندىن بۇيان مەن مۇنبەردە بىر قىسىم ئەزالارنىڭ تېمىلىرىىن كۆرۈپ چۆچۈپ كەتتىم چۈنكى بۇ تېمىلارنى مەن بۇرۇن باشقا مۇنبەرلەردە ھەم كىتاپلاردىن كۆرگەن ئىدىم.  ئەمما بۇ ئەزا ئاشۇ تېمىغا ئازراق تۈزۈتۈش كىرگۈزۈپلا  تەپ تارتماستىن ئۆزىنىڭ قىلىپ  مۇنبەرگە يوللاپتۇ. ئۇ ئەزاغا دەيلى دىسەك خىجىل بولۇپ كەتمىسۇ ن دەپ دىمىدۇق   ،  شۇڭا  مۇشۇنداق ئىش بىلەن شوغۇللىنىۋاتقان ئەزالار دىققەت قىلساق .  بۇ سىزنىڭچە  توغرىمۇ ؟  باشقىلارنىڭ ھېس - تۇيغۇلىرى ، تەسەۋۋۈرلىرىنى ئۆزىڭىزنىڭ قىلىۋېلىشقا قانداق كۆڭلىڭىز ئۇنىدى ؟ كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئاشۇ ئەسەرنىڭ ئاپتورلىرى بۇ تېمىڭىزنى كۆرۈپ قېلىپ ئاشكارلىسا ،ئۇ ۋاقىتتا قانداق قىلارسىز ؟ كىرەي دىسىڭىز يەر قاتتىق چىقاي دىسىڭىز ئاسمان ئىگىز بولۇپ قالارمىكىن . شۇڭا ئەھمىيەتلىك تېما بولسا ئاپتورنىڭ ئىسمى بىلەن كۆچۈرۈپ يوللاڭ ،بولمىسا ئۇنى ئۆزگەرتىپ يېزىپ ئاۋارە بولماڭ ، بىلىپ قويۇڭ « كوزا كۈندە سۈنمايدۇ ، كۈنىدە سۈنىدۇ »  
3 ›  مۇنبەر بىر مەۋھۇم دۇنيادا بۇ يەرگە خالىغان ئادەم كىرىپ چىقىپ يۈرۈيدۇ بەلكىم مۇنبەر ئەزالىرىنىڭ  تونۇشلىرى ، ئائىلە تاۋاباتلىرىمۇ  مۇنبەرگە كىرىشى مۇمكىن،  شۇڭا مۇنبەر ئەزالىرى  تېمىلارغا ئىنكاس يازغاندا دىققەت قىلساق ، چاىچاقنىمۇ جايىدا ئىلمىي قىلساق،  باشقىلارنىڭ غۇرورىغا ھەم ئىززەت - ھۆرمىتىگە تىگىدىغان گەپ - سۆزلەرنى قىلىشتىن ساقلانساق ، چۈنكى بىز بۇ يەردە باشقىلار پايدا يەتكۈزۈش ئۈچۈن كىرگەن ھەر گىزمۇ باشقىلارنى مازاق قىلىۋېلىش ھەم ئويۇن چاخچاق  قىلىشقىلى كىرمىگەن .شۇڭا ئىنكاس يازغاندا تېمىغا مۇناسىۋەتسىز ئىنكاس يازمىساق .
4 › بىر قىسىم ئەزالار كەلگەن ئۇچۇرلارنى ھەم يوللىغنا تېمىلارغا چۈشكەن ئىنكاسلارنى كۆرمەسلىك ئەھۋاللىرى ئېغىر بولىۋاتىدۇ شۇ سەۋەپلىك بۇ ئەزالارغا قىلىنغان ئەسكەرتىش ھەم بېرىلگەن تەكلىپ - پىكىرلەر شۇ جايىدا قالغاچقا ئۇلارغا ۋاقتىدا ياردەم بېرەلمەيۋاتىمىز شۇڭا مۇنبەر ئەزالىرىنىڭ كەلگەن ئۇچۇر ۋە ئەسكەرتىشلەرنى ۋاقتىدا كۆرۈپ تۈزۈتۈشكە تىگىشلىك جايلارنى ۋاقتىدا تۈزۈتىۋالساق .

ئەسكەرتىش :
1 ›بۇندىنن كېيىن  باشقا مۇنبەرلدىن كۆچۈرۈپ كېلىنگەن پايدىلنىش قىممىتى بولمىغان تېمىلار بىردەك ئكچۈرۈلىدۇ شۇڭا تېما يولىغاندا دىققەت قىلىڭ .
2 ›  باشقىلارنىڭ تېمىسىنى ئۆزىنىڭ  قىلىۋالغانلارنىڭ تېمىسى ئۆچۈرۈلدۇ .
3 › قالايمىقان ئىنكاس يازغانلارنىڭ ئىنكاسى ئۆچۈرۈلدۇ .
مەن مۇشۇنچىلىك  بايقىدىم . سىز قانداق ئىشلارنى بايقىدىڭىز؟  ئەمىسە قالغىنى سىزگە قالدى. سىزمۇ پىكىر قاتناشتۇرۇڭ .


ھۆرمەتلىك مۇنبەردىشىم يوقۇرقى ئەھۋاللار سىزدە بار بولساتۈزۈتىڭ ، ئەگەر بولمىسا بۇندىن كېيىن دىققەت قىلىشڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن .

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 5قىزغىنلىق +22تىللا +21تۆھپە +22شۆھرەت +18يىغىشسەۋەبى
مىرابلا + 2 + 2 + 2 + 2ياخشىكەن..!
مەرىپەت + 5 + 5 + 5 + 5قوللايمەن!
بايقاش + 5 + 5 + 5 + 5ئورۇنلۇق!!!
زەپەر + 5 + 4 + 5 + 3قوللايمەن!
ئامان + 5 + 5 + 5 + 3قوللايمەن!

باھا خاتىرىسى


baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-1-30 21:07:31|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
tursunjan يوللىغان ۋاقتى  2013-1-30 16:38
3 ›  مۇنبەر بىر مەۋھۇم دۇنيادا بۇ يەرگە خالىغان ئادەم كى ...

ئۇكام تۇرسۇنجان سىزنىڭ مۇنبەر قىزىقچىسى ئىكەنلىكىڭىزنى ھەممىمىز بىلىمىز . ھەم سىزگە رەھمەت ئېيتىمىز .
   سىزنىڭ  بۇ ئەھۋللارنى ئۆزىڭىزگە ئېلىۋالغانلىقىز مېنى ھەيران قالدۇردى. چۈنكى مەن سىزنىڭ ئارتۇقچە گەپ قىلغانلىقىڭىزنى ھازىرغىچە ئاڭلىماپتىمەنغۇ ؟   كىمگە چاق چاق قىلغانتىڭىز ؟بۇنى مەن ئەجەپ بىلمەپتىمىنا .


مۇنبەر  ھەممىمىزنىڭ  ، مەيلى ئوقۇتقۇچى بولايلى مەيلى باشقا كەسىپتىن بولايلى ھەممىمىز مۇشۇ مىللىتىمىزنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى ئۈچۈن خالىس تۆھپە قوشىۋاتقانلار ،  بۇ مۇنبەردە مەن يالغۇز قالسام مۇنبەرنىڭ نىمە لەززىتى ھەم ئەھمىيىتى بولسۇن .
ۋاقتى: 2013-1-30 18:14:45|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خانقىز، بۇ تېمىڭىزدا تورداشلارغا ئەسكەرتىش زۈرۈر بۇلۇپ قالغان ناھايىتى ئورۇنلۇق پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپسىز. دىمىسىمۇ يېقىندىن بۇيان مۇنبىرىمىزگە قايسى مۇنبەرگە كىرسە كۆزگە چېلىقىپ تۇرىدىغان، پايدىلىنىش قىممىتى ۋە ئەھمىيىتىدىن سۆز ئاچقىلى بولمايدىغان بىر قىسىم تېمىلار يوللانماقتا. بۇنداق تېمىلارغا قارىتا ئىنكاس يازاي دىسە، قولى بارمىغان، يازماي دىسە تېمىلار ئىنكاسسىز قېلىۋاتقان، بۇنىڭ بىلەن تېمىلارغا شەكىل ئۈچۈن، زورمۇ-زور ئىنكاس يازىدىغان ئەھۋاللار بىر قەدەر ئېغىر. بۇ ئەھۋاللار مۇنبىرىمىزنىڭ ئۆزىگە خاس خاسلىقىنى نامايەن قىلىپ، ساغلام تەرەققى قىلىشى ۋە مىللى مائارىپ ئىشلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلىش نىشانىغا توسقۇنلۇق قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا بىر قىسىم تورداشلاردا يوللىغان تېمىلىرىنىڭ مەنبەسىنى ئەسكەرتمەيدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلىۋاتىدۇ. بۇنداق قىلمىش ئېنىقكى باشقىلارنىڭ ئەمگەك مىۋىسىنى ئۆزىنىڭ قىلىۋالغانلىق بۇلىدۇ.

باھا سۆز

قولللىغىنىڭىزغا رەھمەت  ۋاقتى: 2013-1-30 21:12
ۋاقتى: 2013-1-30 16:13:20|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى ياخشى پىكىر بولۇپتۇ.قوللايمەن!

باھا سۆز

قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت  ۋاقتى: 2013-1-30 16:20
ۋاقتى: 2013-1-30 16:13:23|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بۇ پىكىرگە قۇشۇلمەن.بۇندىن كىيىن دىققەت قىلساق بولغۇدەك.

باھا سۆز

قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت  ۋاقتى: 2013-1-30 16:21
ۋاقتى: 2013-1-30 16:38:32|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tursunjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-30 08:54  

3 ›  مۇنبەر بىر مەۋھۇم دۇنيادا بۇ يەرگە خالىغان ئادەم كىرىپ چىقىپ يۈرۈيدۇ بەلكىم مۇنبەر ئەزالىرىنىڭ  تونۇشلىرى ، ئائىلە تاۋاباتلىرىمۇ  مۇنبەرگە كىرىشى مۇمكىن،  شۇڭا مۇنبەر ئەزالىرى  تېمىلارغا ئىنكاس يازغاندا دىققەت قىلساق ، چاىچاقنىمۇ جايىدا ئىلمىي قىلساق،  باشقىلارنىڭ غۇرورىغا ھەم ئىززەت - ھۆرمىتىگە تىگىدىغان گەپ - سۆزلەرنى قىلىشتىن ساقلانساق ، چۈنكى بىز بۇ يەردە باشقىلار پايدا يەتكۈزۈش ئۈچۈن كىرگەن ھەر گىزمۇ باشقىلارنى مازاق قىلىۋېلىش ھەم ئويۇن چاخچاق  قىلىشقىلى كىرمىگەن .شۇڭا ئىنكاس يازغاندا تېمىغا مۇناسىۋەتسىز ئىنكاس يازمىساق .



بۇگىپىڭىز  ماڭا سەل تەگدى  جۇمۇ   . ئۇنداقتا  سىزنىڭ  گىپىڭىزگە   قارىغاندا   سىزدەك  ئوقۇتقۇچىلاردىن باشقىلا كىرسە  بولمايدۇ  دىمەكچىمۇ ؟    باشقىلارغا قارىغاندا  مەن سەل چاقچاق  قىلاتتىم  گپنى  ئوچۇق قىلسىڭىز  بولدۇ ئەمەسمۇ ! ئۇنداق  بولسا مۇنبەرنىسىزگە  تاشلاپ  بىرەيمۇ  ؟
سىزنىڭ  يولدىشىڭىزنىڭ  كىرىدىغانلىقىنىمۇ  بىلىمەن  ! مەن  بۇگەپلەرنىڭ  ھەممىنى ماڭا  قارتىپ  دىگەندەكلا  ھىس قىلدىم !
سىزنىڭ  گىپىڭىزنى  ھەممىنىخاتا  دىمەيمەن  .

ئىنكاسىمنى   نەقىلقىلىپ  ماڭا  گەپ قىلىمەن  دىگۈچىلەر   بولدى قىلىڭلار   !  

باھا سۆز

ئۇكام تۇرسۇنجان سىزنىڭ مۇنبەر قىزىقچىسى ئىكەنلىكىڭىزنى ھەممىمىز بىلىمىز . ھەم سىزگە رەھمەت ئېيتىمىز . سىزن تەپسىلاتىئىنكاس ۋاقتى: 2013-1-30 21:07
ۋاقتى: 2013-1-30 17:05:13|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇنداق سىزنىلا دېگەنلىك ئەمەستۇ،ئاچچىقلانماي،ياخشىراق ئويلاپ بېقىڭ.گۈلزار خانىمنىڭ دېگەنلىرىمۇ ئورۇنسىز ئەمەس.

باھا سۆز

كۆزىڭىز تىشلىق بولسا ئاستىدىكى خەتنى يەنبىر ئوقۇپ بىقىڭ !  ۋاقتى: 2013-1-30 17:20
ۋاقتى: 2013-1-30 18:46:57|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى پىكىر بوپتۇ .قوللايمەن .

باھا سۆز

رەھمەت  ۋاقتى: 2013-1-30 21:12
ۋاقتى: 2013-1-30 19:24:29|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گۈلزار خانىمنىڭ دىگەنلىرى ھەقىقەتەن توغرا،باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى ئۈزىنىڭ قىلىۋېلىشتىنمۇ ئارتۇق نۇمۇس ئىش يوق....گۈلزار خانىم مەن سىزنى قوللايمەن.....

باھا سۆز

قولىغىنىڭىزغا رەھمەت  ۋاقتى: 2013-1-30 21:13
ۋاقتى: 2013-1-30 23:03:32|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گۈلزار خانىمنىڭ پىكرىگە مەنمۇ قوشۇلىمەن،بايقاش مۇنبىرىنىڭ تىخىمۇ روناق تاپىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

باھا سۆز

رەھمەت سىزگە  ۋاقتى: 2013-1-30 23:14
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش