پېنسىيە يېشىنى تەدرىجىي كەينىگە سۈرۈش ئېلىمىز ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن

پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ قارارىدا، پېنسىيە يېشىنى تەدرىجىي كەينىگە سۈرۈش سىياسىتىنى تەتقىق قىلىپ تۈزۈش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. مۇئاۋىن ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرى خۇ شياۋيى شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، پېنسىيە يېشىنى تەدرىجىي كەينىگە سۈرۈش-ئېلىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن دېدى.
خۇ شياۋيى مۇنداق دېدى: ئېلىمىز ئەمگەكچىلىرىنىڭ تەمىناتى-تەلىپى ۋە قېرىلىشىش دەرىجىسى قاتارلىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ئامىللىرىنى ھەر تەرەپلىمە تەھلىل قىلىپ، خەلقئارا تەجرىبىلەردىن پايدىلىنىپ، ئوخشىمىغان ئاممىنىڭ پېنسىيە يېشىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ۋە تەلىپىنى تولۇق ئويلىشىپ، ئېنىق نىشاننىڭ ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، پېنسىيە يېشىنى تەدرىجىي كەينىگە سۈرۈش ئۇسۇلىنى قوللانغاندا، سىياسەتنى تەڭشەشنىڭ ئالدى-كەينىدىكى تەكشى ئۆتكۈنچى مەزگىلنى تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ شۇنداقلا بۇ نۆۋەتتىكى ئىشقا ئورۇنلىشىش ئەھۋالىغا بەك چوڭ تەسىر كۆرسەتمەيدۇ.
خۇ شياۋيى مۇنداق دېدى: بىزنىڭ 3-ئومۇمىي يىغىن قارارىنىڭ روھىغا ئاساسەن دەسلەپكى ئۆگىنىش ۋە چۈشەنچىمىز بويىچە، پېنسىيە يېشىنى تەدرىجىي كەينىگە سۈرۈش كۆپ قاتلاملىق مەنىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. 1-بىر قانچە يىل بۇرۇن ئالدىن ئۇقتۇرۇش كېرەك، بۇ يىل ئېلان قىلىپ، كېلەر يىلى يولغا قويۇشقا بولمايدۇ، ئامما، بولۇپمۇ ئالاقىدار ئاممىنى زۆرۈر تەييارلىق مەزگىلىگە ئىگە قىلىش لازىم.
2-قەدەمگە بۆلۈپ مېڭىش كېرەك، مەسىلەن: ئالدى بىلەن پېنسىيە يېشى ئەڭ تۆۋەن ئاممىدىن، ئادەم كۈچى بايلىقىنى ئېلاستىكىلىق كوئېففىتسېنت تۆۋەن ئاممىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىشتىن باشلاپ، تۈرلۈك ئاممىغىچە تەدرىجىي كېڭەيتىش لازىم.
3-ئاستا قەدەم بىلەن مېڭىش كېرەك، مەسىلەن: ھەر يىلى پەقەت بىر نەچچە ئايلا كەينىگە سۈرۈپ، ئاستا قەدەم بىلەن مۇقىم مېڭىپ، خېلى ئۇزاق بىر مەزگىلدە تەكشى ئۆتكۈنچى مەزگىلنى تاماملاش لازىم.
4-كۆپ خىل تەدبىر قوللىنىش كېرەك، پېنسىيە يېشىنى كەينىگە سۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، مۇددەتتىن بۇرۇن پېنسىيەگە چىقىشنى قاتتىق تىزگىنلەپ، كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى ئۇزۇنغىچە تاپشۇرسا، كۆپ تاپاۋەتكە ئېرىشىشتىن ئىبارەت ئىلھاملاندۇرۇش مېخانىزمىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش، ئوتتۇرا ياش، ياشانغانلارغا ماس كېلىدىغان ھەم ياشلار بىلەن خىزمەت پۇرسىتىنى تالاشمايدىغان ئىش ئورنىنى تېخىمۇ كۆپ يارىتىپ، ئوتتۇرا ياش، ياشانغانلارنى ماھارەت بىلەن تەربىيەلەشنى كۈچەيتىش ھەم ئوتتۇرا ياش، ياشانغانلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردەم بېرىش سىياسىتىنى تەتقىق قىلىش قاتارلىقلار ئارقىلىق، ئالاقىدار ئاممىغا بولغان پايدىسىز تەسىرنى ئەڭ چوڭ دەرىجىدە ئازايتىش لازىم.
خۇ شياۋيى مۇنداق دېدى: پېنسىيە يېشى-بىر مۇھىم ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي سىياسەت، ئېلىمىزنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ باسقۇچى ۋە ئۆز ئىچىگە ئالغان زىددىيىتىدىن قارىغاندا، پېنسىيە يېشىنى تەدرىجىي كەينىگە سۈرۈش مەسىلىسىنى تەتقىق قىلىشنى كۈنتەرتىپكە قويۇشنىڭ ھەقىقەتەن زۆرۈرىيىتى بار.
خۇ شياۋيى مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە ئېلىمىز شەھەر-بازارلىرىدىكى كىشىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە كۆزلىمە ئۆمرى 75 ياشتىن ئاشىدۇ؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەمگەك شارائىتىنىڭ ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ، ئوتتۇرىچە ئەمگەك سىجىللىقى بۇرۇنقىدىن زور دەرىجىدە تۆۋەنلىدى. ئەگەر تۆۋەنرەك پېنسىيە يېشى داۋاملىق ساقلاپ قېلىنسا، بىر تەرەپتىن ئوتتۇرا ياش، ياشلارنىڭ ئەمگەك ئاكتىپلىقىغا پايدىسىز بولىدۇ، يەنە بىر تەرەپتىن پېنسىيونېرلارنىڭ كۈتۈنۈش پۇلى تەمىناتى سىجىل بولمايدۇ، مۇۋاپىق ئۆسمەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئېلىمىزنىڭ ئومۇمىي ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋەزىيىتىدە يەنىلا ئەمگەكچىلەرنىڭ تەمىناتى تەلەپتىن ئارتۇق، لېكىن 2012-يىلى ئەمگەكچى بايلىقىنىڭ ئومۇمىي سانى مۇتلەق ئازايغان ئەھۋال تۇنجى قېتىم پەيدا بولۇپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن ئۈچ مىليون 450 مىڭ ئادەم ئازايدى، ئەمگەكچىلەر يېشىدىكى نوپۇسنىڭ ئومۇمىي نوپۇستا ئىگىلىگەن نىسبىتى 0.6 پوئېنت چۈشتى. بۇ بىر مۇھىم سىگنال بولۇپ، كەلگۈسىدە ئېلىمىز ئەمگەكچىلىرىنىڭ تەدرىجىي تەمىناتنىڭ ئومۇمىي مىقدارى ئازىيىش مەزگىلىگە كىرىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
خۇ شياۋيى مۇنداق دېدى: ھەممىگە ئايانكى، ئىقتىسادىي تەرەققىيات-بەلگىلىك ساندىكى ئادەم كۈچى بايلىقىنىڭ ياردىمىگە موھتاج، شۇڭلاشقا بىز بۇرۇنقى ياش، قاۋۇل ئەمگەكچىلەرنى قالايمىقان ئىشلىتىشتىن ئىبارەت يىرىك ئۇسۇلنى ئۆزگەرتىپ، ئادەم كۈچى بايلىقىنىڭ ئۈنۈمىنى تېخىمۇ تولۇق جارى قىلدۇرۇشىمىز زۆرۈر. ماھارەت تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، پېنسىيە يېشىنى مۇۋاپىق كەينىگە سۈرۈش قاتارلىقلار ئەمەكچى تەمىناتىنى كۆپەيتىش، ئىقتىسادنىڭ سىجىل تەرەققىياتىغا كاپالەتلىك قىلىشنىڭ زۆرۈر تەدبىرى.
بۇندىن باشقا، ئېلىمىز نوپۇسىنىڭ قېرىلىشىش يۇقىرى دولقۇنى تېز سۈرئەتتە يېتىپ كەلدى. پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئەمگەكچى بايلىقى بىلەن ياشانغان نوپۇسنىڭ سېلىشتۇرما قىممىتىدىن قارىغاندا، 2007-يىلى 6.85 تە بىر بولغان، بەش يىلدىن كېيىن تېز ئازىيىپ، 4.83 دە بىرگە چۈشۈپ قالغان. شەھەر-بازار كارخانىلىرىدىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتا تۈزۈمىدە، نۆۋەتتە ئىستېمالچىلار بىلەن كۈتۈنۈش پۇلى ئالغۇچىلار ئوتتۇرىسىدىكى نىسبەت 3.03 دە بىر بولغان. مۆلچەرگە قارىغاندا، 2030-يىلىنىڭ ئالدى-كەينىدە، بۇ نىسبەت ئىككىدە بىر بولۇپ قالىدىكەن.
خۇ شياۋيى مۇنداق دېدى: كۈتۈنۈش سۇغۇرتا فوندى كىرىم-چىقىمىنىڭ ئومۇمىي تەڭپۇڭلۇقى، تۈزۈمنىڭ سىجىل تەرەققىياتىغا كاپالەتلىك قىلىشتا، كۆپ خىل كىرىم ئاشۇرۇپ، چىقىمنى ئازايتىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىشقا توغرا كېلىدۇ، مەسىلەن: قاپلاش كۆلىمىنى كېڭەيتىش، مالىيە كىرىمىنى كۆپەيتىش، كۆپ خىل يوللار بىلەن مەبلەغ توپلاش، قالدۇق مەبلەغنىڭ ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىقلار. لېكىن پېنسىيە يېشىنى مۇۋاپىق كەينىگە سۈرۈش، ئىستېمالچىلار بىلەن كۈتۈنۈش پۇلى ئالغۇچىلار ئوتتۇرىسىدىكى نىسبەتنىڭ تېز سۈرئەتتە ئۆرلىشىنى ئازايتىشمۇ مۇھىم تەدبىرلەرنىڭ بىرى.
خۇ شياۋيى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئېلىمىز مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، ئەمگەكچىلەرنىڭ تەربىيەلىنىش يىل چېكىمۇ ئۆزلۈكسىز ئۇزىرايدۇ ھەم خىزمەت ئىشلەش يېشىمۇ ئومۇميۈزلۈك كەينىگە سۈرۈلىدىغان ئەھۋال شەكىللىنىدۇ، ئەگەر پېنسىيە يېشىدا تۆۋەنرەك سەۋىيە يەنىلا ساقلانسا، ئوتتۇرا ياش، ياشانغان ئادەم كۈچى بايلىقى، بولۇپمۇ ئايال ئادەم كۈچى بايلىقىدىن تولۇق پايدىلىنىشقا چەكلىمە بولىدۇ ھەم ئىختىساسلىقلار كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش ئىسراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش تەسىرگە ئۇچرايدۇ. نۆۋەتتە ئەمەلىي ئەھۋالدىن قارىغاندا، نۇرغۇن كەسپىي تېخنىكا ئىش ئورنى، مەسىلەن: دوختۇر، ئوقۇتقۇچى، پەن تەتقىقاتچىلار جەھەتتە، 50، 60 ياش دەل تەجرىبىسى ئەڭ مول، ماھارىتى پىشقان باسقۇچ ھېسابلىنىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ خىل يۇقىرى سەۋىيەلىك ئادەم كۈچى بايلىقىنىڭ ئورنىنى ئېلىشتىكى ئېلاستىكىلىق تۆۋەنرەك بولىدۇ. ئەگەر بالدۇر پېنسىيە چىقسا، ئادەم كۈچى بايلىقى غايەت زور ئىسراپ بولۇپ كېتىدۇ.
خۇ شياۋيى مۇنداق دېدى: پېنسىيە يېشىنى تەدرىجىي كەينىگە سۈرۈش سىياسىتىنى تەتقىق قىلىپ تۈزۈش قارارى-پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئېلىمىزنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىيات ئومۇملۇقى، ئۇزۇن مۇددەتلىكلىكى، ئىستراتېگىيەلىك نۇقتىسىنى چىقىش قىلىپ چىقارغان بىر مۇھىم ھەل قىلغۇچ تەدبىر.
خۇ شياۋيى مۇنداق دېدى: ئومۇملۇق-بۇ سىياسەت چېتىلىدىغان نۇرغۇن ساھەنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، ئۇنىۋېرساللىقى ناھايىتى كۈچلۈك ھەم ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا زور تەسىر كۆرسىتىدىغان سىياسەت. ئۇزۇن مۇددەتلىك-بۇ سىياسەتنىڭ پەقەت بىر، ئىككى يىل، ئون نەچچە يىل ئەمەس، بەلكى خېلى ئۇزاق مەزگىلگىچە بولغان تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرۇشى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ؛ ئىستراتېگىيە خاراكتېرى-بۇ سىياسەتنىڭ ئېلىمىزنىڭ نوپۇس قۇرۇلمىسىنىڭ ئۆزگىرىشىنىڭ خىرىسىغا تاقابىل تۇرۇپ، ئادەم كۈچى بايلىقىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، ئەۋزەللىكنى جارى قىلدۇرۇپ، دۆلەت كۈچىنى كۈچەيتىشنى كۆرسىتىدۇ.
ئېلىمىزدە ھازىر ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ پېنسىيە يېشىدا، ئەرلەر 60 ياش، ئايال كادىرلار 55 ياش، ئايال ئىشچىلار 50 ياش بولماقتا. بۇ-ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىنىڭ بېشىدا «ئەمگەك سۇغۇرتا نىزامى» ۋە ئالاقىدار ئورگان ئىشلىرى ئورۇنلىرىنىڭ سىياسىتىدە بەلگىلەنگەن بولۇپ، ھازىرغىچە ئىجرا قىلىنىپ كەلمەكتە.
خۇ شياۋيى مۇنداق دېدى: دۆلەت قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە، ئېلىمىزنىڭ نوپۇس كۆزلىمە ئۆمرى ئاران 40 ياش ئەتراپىدا ئىدى، ئەينى چاغدىكى ئەمگەك شارائىتى، ساغلاملىق سەۋىيەسى، ئەر-ئاياللارنىڭ فىزىيولوگىيەلىك ئالاھىدىلىكى قاتارلىق ئامىللارغا ئاساسەن، بۇنداق ئۆلچەم تۈزۈش-ئەمەلىي ئەھۋالغا ئۇيغۇن ئىدى. نۆۋەتتە، ئېلىمىز خەلقىنىڭ سالامەتلىك سەۋىيەسى زور دەرىجىدە ئۆستى، نوپۇس كۆزلىمە ئۆمرى 74 ياشقا يەتتى، ھالبۇكى كارخانا ئىشچى-خىزمەتچىلىرىدىكى ئەر-ئاياللارنىڭ ئوتتۇرىچە ئەمەلىي پېنسىيە يېشى پەقەت 54 ياش بولۇپ، كۆرۈنەرلىك تۆۋەن بولماقتا.
خۇ شياۋيى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە دۇنيادا 170 دۆلەت ۋە رايون ئىچىدە، نورمال پېنسىيە يېشىدا، ئەرلەرنىڭ 60 ياش ۋە 65 ياشقا، ئاياللارنىڭ 60 ياشقا مەركەزلەشكەن. 1989-يىلىدىن 2009-يىلىغىچە بولغان 20 يىلدا، 65 دۆلەت پېنسىيە يېشىنى ئۆستۈردى؛ ئەرلەرنىڭ ئوتتۇرىچە پېنسىيە يېشى 60.01 ياشتىن 61.01 ياشقا چىقتى؛ ئاياللارنىڭ بولسا 57.87 ياشتىن 59.38 ياشقا چىقتى. ئومۇمەن نوپۇس قېرىلىشىش مەزگىلىگە كىرگەن دۆلەتلەر پېنسىيە يېشىنى كەينىگە سۈرۈش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ بولدى ياكى يولغا قويۇشقا تەييارلانماقتا، گەرچە بۇ جەھەتتە پىكىر ئوخشاش بولمىسىمۇ، لېكىن ئومۇملىشىش يۈزلىنىشىگە كىرىپ بولدى.
(تەھرىر : سەپەر)
«پېنسىيە يېشىنى تەدرىجىي كەينىگە سۈرۈش ئېلىمىز ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر |
||||||||
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
كېيىنكىسى: پېنسىيەگە چىقىشنى كېچىكتۈرۈشنى قەدەم-باسقۇچلۇق ئېلىپ بېرىش كېرەك
- 2014-يىللىق قىسمەن ھېيت-بايراملاردا قويۇپ
- پېنسىيەگە چىقىشنى كېچىكتۈرۈشنى قەدەم-ب
- پېنسىيە يېشىنى تەدرىجىي كەينىگە سۈرۈش ئ
- سىنىپلارنى ئايلىق باھالاش ئۆلچىمى
- ئوقۇغۇچىلار ئىچىدە كۆرۇلگەن مەسىلىلەرن
- ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا ئىجتىمائىي پە
- يەرشارىدىكى ھاياتلىققا خەۋپ يەتكۈزىدىغ
- نېمە ئۈچۈن قارا رەڭلىك گۈللەر ئاز بولىد
- ئاي شارى بولمىسا يەر شارى قانداق بولىدۇ
- تۇز ۋە ئۇنىڭ قىممىتى
- ئاپتونوم رايونىمىز ياش ئوقۇتقۇچىلارنىڭ
- قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئورنى بېكىتىلد
- يانفون رادىئاتسىيىسىنى ئاجىزلاشتۇرۇشن
- باج كەچۈرۈم سودا رايونى قەشقەردىمۇ قۇر
- قەدىمىي ئاپتوموبىل 4 مىليون 600 مىڭ ئامېر
- ئارام كۈنلىرى ئىشخانىسى بايرام-ئارام كۈ
- 2014-يىللىق قىسمەن ھېيت-بايراملاردا قويۇپ بېرى
- پېنسىيەگە چىقىشنى كېچىكتۈرۈشنى قەدەم-باسقۇچ
- پېنسىيە يېشىنى تەدرىجىي كەينىگە سۈرۈش ئېلىمى
- سىنىپلارنى ئايلىق باھالاش ئۆلچىمى
- ئوقۇغۇچىلار ئىچىدە كۆرۇلگەن مەسىلىلەرنى بىر
- ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا ئىجتىمائىي پەن ۋە ت
- يەرشارىدىكى ھاياتلىققا خەۋپ يەتكۈزىدىغان ئو
- نېمە ئۈچۈن قارا رەڭلىك گۈللەر ئاز بولىدۇ؟
- ئاي شارى بولمىسا يەر شارى قانداق بولىدۇ؟
- تۇز ۋە ئۇنىڭ قىممىتى
- 2014-يىللىق قىسمەن ھېيت-بايراملاردا قويۇپ بېرى
- قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئورنى بېكىتىلدى
- يېزا ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ كىرىمى شەھەر-بازار ئوق
- 2013-يىللىق قۇربان ھېىيتلىق دەم ئىلىش ئۇقتۇرشى
- دۆلەت قۇرۇلغانلىقىنىڭ 64 يىللىقىنى تەبرىكلەش
- 2013 – يىللىق دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش توغرى
- 2013-يىللىق تاۋۇز چاغىنىلىق قويۇپ بېرىش ئۇقتۇر
- بىلىمنىڭ قەدرىنى قىلايلى
- تور بانكىسى ۋە ئۇنىڭدا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىل
- ئاپتونوم رايون 6 مىڭ 599 مەخسۇس تېخنىكا خادىم ت
- دۆلەت ئەھۋالى تەربىيىسى لىكسىيىسى
- تولۇق ئوتتۇرا تىل -ئەدەبىيات كونسىپىكى
- دۇنيا دۈچ كىلىۋاتقان مۇھىت مەسلىسى
- «ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىيات ت
- مەملىكىتىمىزنىڭ مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى بىر
- مويەننىڭ نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى نۇتۇقى
- 学校教学日常管理制度
- كەڭ قورساق، لىللا بولۇش ــ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئ
- ئۆزىڭىزنىڭ قىياپىتىدىن پىسخىكىڭىزنى بىلىشنى
- ‹‹ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىسلاھاتنى ئوم