بوۋاقلارنى سۈرەتكە تارتقاندا .......
ئاتا-ئانىلار يېڭىلا تۇغۇلغان بالىسىنى سۈرەتكە تارتىپ ئەسلىمە قالدۇرۇشنى ياخشى كۆرىدۇ،بىراق چاقماق لامپا قاتارلىق كۈچلۈك نۇر بىلەن بىۋاستە سۈرەتكە تارتماسلىققا ئالاھىدە دىققەت قىلىشى لازىم . يېڭىدىن تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ كۆزى بىر قەدەر كۈچلۈك بولغان نۇرغا ئۇچرىغاندا كۆزىنى تەڭشىيەلمەيدىغان ،شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا كۆرۈش تور پەردىسى تۇلۇق تەرەققىي قىلمىغانلىقى ئۈچۈن كۈچلۈك نۇرغا ئۇچرىغاندا كۆرۈش تور پەردە نېرۋا ھۈجەيرىسىدە خىمىيەلىك ئۆزگىرىش يۈز بېرىدىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە يېڭىدىن تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ ياش بېزى تېخى تۇلۇق يىتىلمىگەنلىكى ئۈچۈن مۈڭگۈز پەردىسى بىر قەدەر قۇرغاق بولۇپ، كۈچلۈك نۇرنى تۇسۇش ۋە كۆرۈش تور پەردىسىنى قوغداش قاتارلىق ئىقتىدارلىرى كەمچىل بولۇپ ، ئېلېكتىرۇنلۇق كۈچلۈك چاقماق نۇرىغا بىۋاستە ئۇچرىغاندا ، كۆرۈش تور پەردىسى بىلەن مۈڭگۈز تور پەردىسى زەخىملىنىدۇ ، ھەتتا كۆرۈش ئىقتىدارىدىن قېلىش خەۋپىنى ئېلىپ كېلىدىكەن .